مۇسۇلمانلار

جۈمە نامىزى 1

جۈمە نامىزى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا إِذَا نُودِيَ لِلصَّلَاةِ مِنْ يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَكُمْ إِنْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ. فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانْتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِنْ فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ.

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى ناماز ئۈچۈن ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە يۈگۈرۈڭلار. ئېلىم-سېتىمنى قويۇپ تۇرۇڭلار. بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار. ناماز ئادا قىلىنىپ بولغاندا دەرھال زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار، مۇرادىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»-جۈمە، 62/9-10.

جۈمە كىملەرگە پەرزدۇر؟

يۇقىرىدىكى ئايەتتىن جۈمەنىڭ ھەممە ئادەمگە پەرز بولمايدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى سودا-سېتىق قىلىنىدىغان يەرلەر مۇقىم بولسىمۇ،  مۇسۇلمانلار ھەممە يەرگە تارقىلىپ ياشايدۇ.

تارىق ئىبن شىھاب، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن مۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ:

«جۈمە نامىزى، ئەسىرلەر، ئاياللار، بالىلار ۋە كېسەللەردىن باشقا جەمىئيەتتىكى ھەر مۇسۇلمانغا پەرز بولىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد، جۈمە/1067.

بۇ سۆزنى رىۋايەت قىلغان ئەبۇ داۋۇد، تارىق ئىبن شىھابنىڭ پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنى كۆرگەنلىكىنى، لېكىن ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئاڭلىمىغانلىقىنى رىۋايەت قىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ھەدىس «مۇرسەل ھەدىس»[1]-يەنى، ساھابىنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماستىنلا بىۋاستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامدىن قىلىنغان ھەدىستۇر. بۇنداق بىر رىۋايەتكە تايىنىپ، جۇمە نامىزىنىڭ ئىنسانلارغا پەرز ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ. ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:

«جۈمە، ئەزاننى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشىگە پەرز بولىدۇ»- ئەبۇ داۋۇد، جۇمە.       

 قۇرئان كەرىدە ھىچبىر ناماز ھەققىدە بۇ ناماز، بۇنىڭدىن «تېخىمۇ ياخشى ياكى ياخشاراق» دېگەن ئىپادىلەر يوق. چۈنكى بەش ۋاقىت ناماز ھەر قانداق ئەھۋالدا قىلىنىدۇ. لېكىن، جۈمە بەزەندە شارائىتقا قارىتا قىلىنماسلىقى مۇمكىن.

 ئابدۇللا ئىبن ئابباس يامغۇرلۇق بىر كۈنى مۇئەززىنگە مۇنداق دېدى: ئەزان ئۇقۇغاندا «ئەشھەدۇئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ»دىن كېيىن «ھەييەئەلا سالات» دېمەي «نامىزىڭلارنى ئۆيۈڭلەردە قىلىڭلار» دە. ئىنسانلارنىڭ بۇنىڭدىن ھەيران قالغانلىقىنى كۆرگەن ئىبن ئابباس مۇنداق دېدى:

«بۇنى مېنىڭدىنمۇ ياخشى بىرى يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام قىلغان. جۈمە بىر ۋەزىپىدۇر. سىلەرنى مۇشەققەتكە قويۇشنى خالىمىدىم. بولمىسا لاي-پاتقاق يەردە يۈرگەن بولاتتىڭلار»- بۇخارى، جۈمە.

ئائىشە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «ئىنسانلار جۈمەگە ئۆيلىرىدىن چاڭ-توزان باسقان ۋە تەرلەپ كەتكەن ھالەتتە كېلەتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام يېنىمدا تۇرغاندا، ئۇلاردىن بىر كىشى ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن ئىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام، بۈگۈن ئۈچۈن پاكىزلانغان بولساڭلارچۇ» دېدى.

مۇئاۋىيە شامدا زەيد ئىبن ئەركامدىن «ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ زامانىدا ئىككى ھېيتنىڭ بىر كۈنگە توغرا كەلگەنلىكىنى كۆرگەنمىدىڭ؟ دەپ سورىدى. زەيىد، «ھەئە» دېدى.مۇئاۋىيە، ئۇ قانداق قىلغان ئىدى؟ دېدى. زەيىد مۇنداق دېدى: «ئۇ ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى، جۈمەنى ئىختىيارغا قويۇپ بەردى ۋە ئوقۇشنى خالىغانلار ئوقۇسۇن» دېدى.

ئەبۇ ھۇرەيرە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلدى: «بۈگۈن ئىككى ھېيت بىرگە كەلدى. خالىغانلار جۈمەنى ئوقۇمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن بىز ئوقۇيمىز»- ئەبۇداۋۇد، ئىبنى ماجە.

ئەتا ئىبن رەباھ مۇنداق دېدى: ئىبن زۇبەير جۈمە كۈنىگە توغرا كەلگەن بىر ھېيت كۈنى ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى. ئاندىن بىز جۈمە نامىزىغا كەلدۇق، ئۇ كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئايرىم- ئايرىم ئوقۇدۇق. ئىبن ئابباس بۇ چاغدا تائىفتا ئىدى. ئۇ كەلگەندە ئەھۋالنى ئۇنىڭغا دېگەن ئىدۇق. ئۇ «ئىبن زۈبەير سۈننەتكە ئۇيغۇن ئىش قىلىپتۇ» دېدى     – ئەبۇداۋۇد، جۈمە.

داۋامى بار…

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تېگىشلىك خاتالىقلار      

[1] مۇرسەل، تابىئىن ياكى تەبئىي تابىئىنلارنىڭ، ساھابىنىڭ ئىسمىنى دېمەستىن بىۋاستە پەيغەمبەردىن رىۋايەت قىلغان رىۋايىتىدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر