مۇسۇلمانلار

تالاق 3

4- تالاق نىزامىنىڭ ھېكمەتلىرى

ئا- ئەر كىشى ھەيز كۆرۈۋاتقان ئايالى بىلەن بىر تۆشەكتە بولالمىغانلىقى ئۈچۈن كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بولىدۇ. ئايال ھەيزدىن پاكىزلانغاندا ئېرىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇش ھەۋىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىقىدۇ، بىر تۆشەكتە بولسا ئۇ ھەۋىسى تۆۋەنلەيدۇ.

ئەر كىشىنىڭ ئايالىنى، كۆڭۈلسىزلىك ئىچىدە بولۇۋاتقان چېغىدا ياكى ئۇنىڭغا بولغان ئىنتىلىشى تۆۋەنلىگەن چېغىدا ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدىلا يەنى ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولۇش ھەۋىسى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان چاغدىلا تالاق قىلالايدىغانلىقى، تالاقنىڭ ئالدىدا تەبىئىي بىر توسالغۇ شەكىللەندۈرىدۇ.

ئە – تالاق قىلىنغان ئايال تالاق بىلەن بىرلىكتە ئېرى بىلەن ئەر-خوتۇن بولۇپ ياشىغان ئۆيىدە ئىددەت تۇتۇشقا باشلايدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار» دېگەن سۆزىدىكى «ئۆيلىرىدىن» ئىپادىسى ئۇ ئۆينىڭ، ئىددىتى توشقۇچە ئايالنىڭ ئۆيى ھېسابلىنىدىغانلىقىغا دالالەت قىلىدۇ.

تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توشۇپ بولغۇچە ئېرى بىلەن بىر ئۆيدە تۇرۇشى ۋە ئىددەتنى ئەرنىڭ سانىشى، بۇ ئەر-خوتۇننى بىر-بىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشقا زورلايدۇ، شۇنداقلا ئەرگە ئەھۋالنى يېڭىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ تېخىمۇ توغرا بىر قارار بېرىش پۇرسىتى، ئايالغا ئېرىنى قايىل قىلىپ، ئۇنى تالىقىدىن ياندۇرۇش پۇرسىتى بېرىدۇ. چۈنكى ئىددەت ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرىگە قىلىدىغان سۆز-ھەركەتلىرىدە بىر چەك-چېگرا يوق. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا بىر مۇناسىۋەت ئۆتتىمۇ ئەر ئايالىغا قايتقان يەنى قىلغان تالىقىدىن يانغان بولىدۇ.

ئەگەر ئايال ئۆيىدىن چىقرىلسا ياكى ئۆزى چىقسا، بۇ ئەر-خوتۇن باشقا بىرىگە دەردىنى تۆكۈپ، يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ پىتنە-پاسات تېرىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ قايتا يارىشىپ قېلىشلىرى تەسكە توختايدۇ. بۇنىڭ زىيىنى ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا:

«كىم ئاللاھنىڭ چېگرىلىرىدىن ئۆتۈپ كەتسە، چوقۇم ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ» دەپ ئۇلارنى بۇ زىيانغا ئۇچراپ كەتمەسلىك ئۈچۈن دىققەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ.

 خۇلاسە

نىكاھ بىر توختام بولۇپ، ئۇنى ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ شەرتلىرىگە رىئايە قىلغان ھالدا تۈزىدۇ. ئەسلىدە پۈتكۈل توختام ۋە كېلىشىملەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازى بولۇشۇپ، ھەر تەرەپ ئۆزىنىڭ بۇ توختامنى قوبۇل قىلغانلىقىنى قارشى تەرەپكە بىلدۈرۈشى بىلەن تۈزىلىدۇ. شەرتلىرىگە رىئايە قىلىنىپ تۈزۈلمىگەن نىكاھ توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. مەسىلەن:

بىر ئەر يولدا كېتىۋاتقان ياكى بىر جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئايالغا: «مەن سىزنى ئالدىم» دېسە، ياكى  بىر ئايال يولدا كېتىۋاتقان ياكى بىر جايدا تۇرۇۋاتقان بىر ئەرگە: «مەن سىزگە تەگدىم» دېسە، بۇ سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمايدۇ. يەنى ئۇ سۆزلەر بىلەن ئۇلار ئەر-خوتۇن بولۇپ قالمايدۇ. چۈنكى ئۇ سۆزلەر دېيىلگەندە نىكاھنىڭ شەرتلىرى تېپىلمىغان.

بۇ ئەھۋال، پۈتكۈل توختام ۋە كېلىشىملەردە مۇشۇنداقتۇر. قارشى تەرەپنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالمايلا: «مەن سىزنىڭ پالانى مېلىڭىزنى مانچە پۇلغا ئالدىم، مەن سىزنىڭ پالانى ئۆيىڭىزنى ياكى پۇستانى دۇكىنىڭزنى ئايلىقى مانچە پۇلدىن، مانچە يىللىق ئىجارىگە ئالدىم…» دېگەندەك سۆزلەرنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوقتۇر. يەنى بىر تەرەپنىڭ ئۇنداق سۆزلىرى بىلەن ھېچبىر توختام تۈزۈلمەيدۇ.

تالاقمۇ ئەنە شۇنداق بىر توختام بولۇپ، ئۇ نىكاھ مۇناسىۋىتىنى بۇزۇش ئۈچۈن تۈزۈلىدۇ. تالاق توختامىنىڭ باشقا توختاملارغا ئوخشىمايدىغان تەرىپى شۇكى، بۇ توختامنى نىكاھ توختامىنى تۈزۈشكەن ئەر ۋە ئايالنىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن ئەمەس، ئاللاھ تەئالانىڭ قوبۇل قىلىشى بىلەن يەنى ئاللاھ بەلگىلىگەن يول بويىچە تۈزىدۇ. بولمىسا ئۇنىڭ تۈزگەن تالاق توختامى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

ئاللاھ بەلگىلىگەن يول يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغىنىدەك، تالاق سۈرىسىدە تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. بىر كىشى ئايالىنى بۇ يول بويىچە ئىككى قېتىم تالاق قىلالايدۇ، ئۈچىنچى قېتىم يەنە شۇ يول بويىچە تالاق قىلسا، ئۇ ئەرنىڭ ئۇ ئايال بىلەن قايتا يارىشىشىغا يول قالمايدۇ. بەقەرە سۈرىسىنىڭ 229- ۋە 230- ئايەتلىرى بۇنىڭغا دالالەت قىلىدۇ.

يىغىپ ئېيتقاندا تالاق سۈرىسىدە ئاللاھ بەلگىلىگەن يول بويىچە قىلىنمىغان ھېچبىر تالاق كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. يەنى بىر كىشى ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە، ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىپ تۇرۇپ تالاق قىلسا، قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

دېمەك، تالاقنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئۈچ شەرتنىڭ ھەممىسىگە تولۇق رىئايە قىلىنغان بولۇشى لازىم:

1- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،

2- تالاق قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ ھەيزدىن پاكىزلىنىپ، تالاق قىلىنغۇچىلىك بولغان ئارىلىقتا ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان بولۇشى،

3- تالاق قىلماقچى بولغان ئەرنىڭ تالاققا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشى.

بۇ شەرتلەرگە رىئايە قىلىنماستىن قىلىنغان تالاقلارنىڭ ھېچبىرى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ، ھېچبىرى بىر مەنا ئىپادىلىمەيدۇ، ھەممىسى قۇرۇق گەپتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەستۇر.

ئەسكەرتىش:

يۇقىرىدا تەپسىلىي بايان قىلىنغىنىدەك ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى، ئۇنى پەقەت «ئىددىتى ئىچىدە»لا تالاق قىلالايدۇ. بولمىسا قىلغان تالىقى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ. ئايالنىڭ «ئىددىتى ئىچىدە» بولۇشى ئۈچۈن ھەيز كۆرىدىغان ئايال بولسا، ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى لازىم.

ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال ۋە ھامىلىدار ئايال ھەر دائىم «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ھەيز كۆرمەيدىغان ئاياللارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئاي ئۆتۈش بىلەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى تۇغۇش بىلەن چىقىدۇ.- (بەقەرە 2/228؛ تالاق 65/4). شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايال ھەر دائىم «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ ئىككى تۈرلۈك ئايالنىڭ ئەرلىرى (ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىش شەرتى بىلەن) بۇلارنى خالىغان چېغىدا بىر تالاق قىلالايدۇ.

بۇنىڭغا ئاساسەن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى تۆۋەندىكى شەكىلدە بولىدۇ:

1-   ھەيز كۆرىدىغان ئايال:

تالاقتىن بۇرۇنقى ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان تالاقتىن كېيىنكى بىرىنچى تالاقتىن كېيىنكى ئىككىنچى تالاقتىن كېيىنكى

ئىككىنچى

تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى تالاقتىن كېيىنكى ئۈچىنچى
ھەيز مەزگىلى پاكىزلىق مەزگىلى ھەيز مەزگىلى پاكىزلىق مەزگىلى ھەيز مەزگىلى پاكىزلىق مەزگىلى ھەيز مەزگىلى
بۇ مەزگىلدە قىلىنغان تالاق كۆچكە ئىگە ئەمەس. ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولغان كىشى مۇشۇ پاكىزلىق ئىچىدە بىر تالاق قىلالايدۇ ۋە بۇ پاكىزلىق ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ. تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان بىرىنچى ھەيز بۇ پاكىزلىق ئىچىدە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. تالاقتىن كېيىن ئېرىنىڭ ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كۆرىدىغان ئىككىنچى ھەيز بۇ پاكىزلىقنىڭ ئاخىرىغىچە ئەر تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن، ئەر-خوتۇنلۇق تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە. بۇ ھەيز باشلانغان ھامان ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئايال ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئايرىلىدۇ.

2- ھەيز كۆرمەيدىغان ئايال

تالاق قىلىنغان ئاي ئىككىنچى ئاي ئۈچىنچى ئاي تۆتىنچى ئاي
ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ ئىددەتتىن ھېسابلىنىدۇ بۇ ئاينىڭ باشلىنىشى بىلەن ئىددەت چىقىپ بولغان بولىدۇ.

3- ھامىلىدار ئايال

تالاق قىلىنغان مەزگىل تۇغقان ۋاقتى
ئايال بۇ مۇددەت داۋامىدا «ئىددىتى ئىچىدە» ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋاقىت بىلەن ئىددەت چىقىپ بولىدۇ

ئايالىنى تالاق قىلغان كىشى، ئايالىنىڭ ئىددىتى ئاخىرىلىشىپ بولغۇچە تالىقىدىن يېنىپ، ئۇنىڭ بىلەن يارىشىپ قالالايدۇ. ئىددەت ئاخىرلاشقان ھامان ئۇنىڭ بۇنداق بىر ھەققى قالمايدۇ. بۇ تەقدىردە ئەگەر ئەرنىڭ قىلغان تالىقى ئۈچىنچى قېتىملىق تالاق بولمىسا ئۇ ئايالغا ئۆيلىنىش تەكلىپى قويۇپ، ئايال قوبۇل قىلسا ۋە ۋەلىيلىرى قوشۇلسا، ئۇنىڭ بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ.

ئەگەر ئەرنىڭ قىلغان تالىقى ئۈچۈنچى قېتىملىق تالاق بولسا، ئايال مەيلى  ئىددىتىنىڭ ئىچىدە بولسۇن مەيلى ئىددىتىنى توشقۇزۇپ بولغان بولسۇن، ئۇ ئەر ئۇ ئايال بىلەن قايتا نىكاھلىنالمايدۇ. لېكىن ئايال باشقا بىر ئەرگە تېگىپ، بۇ ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن ياكى ئۆز ئىختىيارى بىلەن  بۇ ئايالنى قويۇۋەتكەن بولسا، ئىددىتى چىقىپ بولغاندىن كېيىن ئۇ كونا ئېرى بىلەن قايتا نىكاھلانسا بولىدۇ.

ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر