مۇسۇلمانلار

تالاق 2

 2- تالاقنىڭ شەرتى

ئا- تالاق قىلىنىدىغان ئايالنىڭ ھەيزدار بولماسلىقى،

ئە- ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولمىغان پاكىزلىق ئىچىدە بولۇشى،

ب- ئەرنىڭ تالاق مەيدانىغا ئادىل ئىككى گۇۋاھچى ھازىر قىلىشى.

تالاق سۈرىسىنىڭ 1- ئايىتىنىڭ بېشىدىكى «ئى پەيغەمبەر! ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنى ئىددىتى ئىچىدە تالاق قىلىڭلار» دېگەن ئىپادە ئاۋۋالقى ئىككى شەرتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى ھەيز كۆرۈۋاتقان ياكى ئېرى بىلەن بىر تۆشەكتە بولغان پاكىزلىق ئىچىدىكى ئايال «ئىددەت ئىچىدە» ھېسابلانمايدۇ.

ئۇ سۈرىنىڭ (تالاق سۈرىسىنىڭ) 2- ئايىتىدىكى «سىلەردىن ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىڭلار» دېگەن ئىپادە، تالاقنىڭ 3- شەرتىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. چۈنكى بۇ ئىپادە «تالاق قىلىنغان ئايال ئىددىتىنى توشقۇزغان چاغدا، ئۇنى چىرايلىقچە نىكاھدا تۇتۇش ياكى ئۇنىڭ بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتىش» ئەسناسىدا ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئايالنى تالاق قىلىدىغان چاغدىمۇ ئادىل ئىككى كىشىنى گۇۋاھ قىلىشنىڭ شەرتلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. ئاللاھ تەئالانىڭ، تالاق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەرنى بايان قىلىپ بولغاندىن كېيىن «شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر نەرسە ئۈچۈن بىر ئۆلچەم بەلگىلىدى» دېيىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

3- تالاقتىن كېيىنكى ئىشلار

بىر ئەر ئايالىنى تالاق قىلماقچى بولسا يۇقىرىدىكى شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا تالاق قىلىدۇ، ئاندىن بۇ ئەر-ئايال تۆۋەندىكى ھۆكۈملەرگە ئەمەل قىلىدۇ:

ئا- ئەر ئايالنىڭ ئىددىتىنى سانايدۇ،

ئە- ئەر ئايالنى ئۆيىدىن چىقىرىۋەتمەيدۇ،

ب- ئايال ئىددىتى چىقىپ بولغۇچە ئېرىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كەتمەيدۇ.

پ- ئايال ئىددىتى توغرۇلۇق ئېرىگە توغرا مەلۇمات بېرىدۇ. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا يَحِلُّ لَهُنَّ أَنْ يَكْتُمْنَ مَا خَلَقَ اللَّهُ فِي أَرْحَامِهِنَّ

«ئۇلارغا (ئاياللارغا)، ئاللاھ ئۇلارنىڭ بەچچىدانلىرىدا ياراتقان نەرسىنى يوشۇرۇشلىرى ھالال بولمايدۇ»- (بەقەرە 2/228).

 بۇ ئايەتكە ئاساسەن ئايال ھەيز كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمىدىم دېسە گۇناھكار بولىدۇ.

ت- ئايال ئىدەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يېتىپ بارغاندا، ئەر خالىسا ئۇنىڭ بىلەن «چىرايلىقچە» يارىشىپ قالىدۇ، خالىسا ئۇنىڭدىن «چىرايلىقچە» ئايرىلىپ كېتىدۇ. – (بەقەرە 2/231، تالاق 65/2).

ج- ئەرنىڭ، قىلغان تالىقىدىن ئايالغا زىيان يەتكۈزۈش ۋە ئۇنىڭ ئىددىتىنى ئۇزارتىش نىيىتى بىلەن قايتىشى توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَإِذَا طَلَّقْتُمُ النِّسَاءَ فَبَلَغْنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمْسِكُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ أَوْ سَرِّحُوهُنَّ بِمَعْرُوفٍ وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِتَعْتَدُوا وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ وَلَا تَتَّخِذُوا آَيَاتِ اللَّهِ هُزُوًا …

«ئاياللىرىڭلارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلار ئىددەت مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا يەتسە، ئۇلارنى يا چىرايلىقچە نىكاھىڭلاردا تۇتۇڭلار ياكى چىرايلىقچە قويۇۋېتىڭلار. ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەسخىرە قىلماڭلار…»-بەقەرە 2/231.

يەنى ئەر قىلغان تالىقىدىن يېنىپ ئايالى بىلەن قايتا يارىشىۋالماقچى بولسا، «چىرايلىقچە» يارىشىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ «چىرايلىقچە» ئىپادىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

وَبُعُولَتُهُنَّ أَحَقُّ بِرَدِّهِنَّ فِي ذَلِكَ إِنْ أَرَادُوا إِصْلَاحًا

«…ئەگەر ئەرلىرى ئىسلاھ قىلىشنى خالىسا، ئىددەت ئىچىدە ئۇلارنى نىكاھىغا قايتۇرۇشقا تېخىمۇ ھەقلىقتۇر…»- بەقەرە 2/228.

بۇ ئايەتتىكى «ئىسلاھ قىلىشنى خالاش» ئەرنىڭ بۇ يارىشىشتىن ئەر-خوتۇنلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئائىلىسىنى داۋاملاشتۇرۇش نىيىتىدە بولۇشىنى ئىپادىلەيدۇ.

  ئەگەر ئايال، ئېرىنىڭ يامان نىيەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، ئۇنىڭ قايتىشىنى قوبۇل قىلمىسا بولىدۇ. يامان نىيەتنى ئىسپاتلاش قىيىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئەرلەرگە مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تُمْسِكُوهُنَّ ضِرَارًا لِتَعْتَدُوا وَمَنْ يَفْعَلْ ذَلِكَ فَقَدْ ظَلَمَ نَفْسَهُ

 «ئۇلارنى نىكاھىڭلاردا، ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىپ زىيانغا ئۇچرىتىش ئۈچۈن تۇتماڭلار. بۇنداق قىلغانلار، ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ…»- بەقەرە 2/231.

داۋامى بار…

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر