مۇسۇلمانلار

جۈمە خۇتبىسى 6

 خۇتبە

   ئەممار ئىبنى ياسىر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ بىزنى جۈمە خۇتبىسىنى قىسقا ئوقۇشقا بۇيرىدى[1].

جابىر ئىبنى سەمۇرە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ:

رەسۇلۇللاھ جۈمە كۈنى خۇتبىنى قىسقا ئوقۇيتتى. قىلغان بارلىق سۆزلىرى بىر نەچچە كەلىمىدىن ئاشمايتتى»[2].

مەن رەسۇلۇللاھ بىلەن بىر نەچچە قېتىم ناماز ئۆتىدىم، رەسۇلۇللاھ نامازنىمۇ ئوتتۇرا ھال ئۆتەيتتى، خۇتبىنىمۇ شۇنداق ئوقۇيتتى، خۇتبىدە ئايەتلەر ئوقۇپ ئىنسانلارغا مەسئۇلىيەتلىرىنى ئەسلىتەتتى[3].

ئەبۇ ۋائىل مۇنداق دەيدۇ: ئەممار بىزگە خۇتبە ئوقۇدى، خۇتبىنى قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك قىلدى. مۇنبەردىن چۈشكەن چېغىدا بىز ئۇنىڭغا: ئى ئەباليەقزان! چۈشىنىشلىك ۋە قىسقا خۇتبە ئوقۇدىڭىز. كاشكى، بىر ئاز ئۇزۇنراق ئوقۇغان بولسىڭىز، دېدۇق. ئۇ: مەن رەسۇلۇللاھنىڭ «كىشىنىڭ نامىزىنىڭ ئۇزۇن، خۇتبىسىنىڭ قىسقا بولۇشى ئۇنىڭ دىننى چۈشەنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. نامازنى ئۇزۇن ئۆتەڭلار، خۇتبىنى قىسقا قىلىڭلار» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دېدى[4].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى. مۇنبەرگە چىققاندا ئەزان ئوقۇلۇپ بولغانغا قەدەر ئولتۇراتتى. مۇئەززىن ئەزان ئوقۇۋاتقاندا خۇددى ئۇنى كۆرگەندەك ھېسسىياتقا كېلەتتىم. ئەزاندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ خۇتبە ئوقۇيتتى، ئاندىن ئولتۇراتتى ۋە بۇ ئەسنادا گەپ قىلمايتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ يەنە خۇتبە ئوقۇيتتى[5].

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىنى ئۆرە تۇرۇپ ئوقۇيتتى. ئارىدا بىر ئولتۇرۇپ خۇددى شۇئان سىلەر تۇرغاندەك تۇراتتى[6].

جابىر ئىبنى سەمۇرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىككى خۇتبە ئوقۇيتتى ۋە ئىككى خۇتبە ئوتتۇرىسىدا ئولتۇراتتى. قۇرئان ئوقۇپ ئىنسانلارغا مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەسلىتىپ ئۆتەتتى[7].

 1- خۇتبە ئەسناسىدا ناماز ئۆتەش

جابىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنبەردە خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا بىر ئادەم مەسچىتكە كىردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: «ناماز ئۆتىدىڭمۇ؟» دەپ سوردى. ھېلىقى كىشى ياق دەپ جاۋاپ بەرگەنىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى ئىككى رەكەت ناماز ئۆتەشكە بۇيرىدى[8].

جۈمە كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا غەتەفان قەبىلىسىدىن سۇلەيك ئىسىملىك بىر كىشى چىقىپ كەلدى ۋە ئولتۇردى. ئۇنى كۆرگەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئورنۇڭدىن تۇر! ئىككى رەكەت ناماز ئۆتە. مۇمكىن قەدەر قىسقا بولسۇن» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەردىن كىم ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا مەسچىتكە كىرسە، ئىككى رەكەت ناماز ئۆتىسۇن ۋە مۇمكىن قەدەر قىسقا ئۆتىسۇن»[9].

2- خۇتبە ئەسناسىدا گەپ قىلماسلىق

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دېگەن: «جۈمە كۈنى ئىمام خۇتبە ئوقۇۋاتقاندا يېنىڭدىكى كىشىگە گەپ قىلما دېسەڭ بىكار (پايدىسىز) گەپ قىلغان بولىسەن»[10].

«كىم كامىل تاھارەت ئېلىپ جۈمە نامىزىغا كەلسە، خۇتبىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىسا، خۇتبە ئەسناسىدا گەپ قىلمىسا، شۇ جۈمە بىلەن ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى جۈمە ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ يەنە ئۈچ كۈنلۈك گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. كىم تاشنى سىلىۋەتسە ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ»[11].

ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ كۇفەدە جامائەتكە مۇنداق دەپ خىتاب قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ: جۈمە كۈنى كېلىش بىلەن تەڭ شەيتانلار بايراقلىرىنى لەپىلدىتىپ بازارلارنى ئايلىنىشقا باشلايدۇ. ئىنسانلارنى جۈمە نامىزىدىن توسۇش ئۈچۈن ھەرخىل باھانىلەرنى توقۇپ چىقىدۇ. پەرىشتىلەر بولسا، بالدۇر كېلىپ مەسچىتنىڭ ئىشىك تۈۋىدە ئولتۇرىدۇ. ئىمام مۇنبەرگە چىقىشتىن ئىلگىرى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى پەيتتە كەلگەنلەرنى تىزىملايدۇ. كىشى ئىمامنى كۆرۈپ خۇتبىنى ئاڭلىيالايدىغان بىر يەردە جىم ئولتۇرۇپ خۇتبىنى تىڭشىسا ۋە ئورۇنسىز ئىش قىلمىسا ئىككى ساۋاب ئالىدۇ. خۇتبىنى ئاڭلىيالمايدىغان بىر يەردە ئولتۇرۇپ خۇتبىنى ئاڭلىيالمىسا ۋە ئورۇنسىز ئىش قىلمىسا ئۇنىڭغا بىر ساۋاب بولىدۇ.

كىم ئىمامنى كۆرەلەيدىغان ۋە خۇتبىنى ئاڭلىيالايدىغان يەردە ئولتۇرۇپ، خۇتبىنى ئاڭلىماي بىكار ئىش قىلسا، بىر گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولىدۇ. كىم يېنىدىكى كىشىگە «جىم ئولتۇر!» دېسە ئورۇنسىز ئىش قىلغان بولىدۇ. بىكار ئىش قىلغان كىشى ئۆتىگەن جۈمەدىن نېسىۋىسىنى ئالالمىغان بولىدۇ. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغانىدىم[12].

 3- خۇتبە دۇئاسى

ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام خۇتبىنى مۇنداق باشلايتتى:

«ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن. بىز ئاللاھدىن ياردەم تىلەيمىز، ئاللاھدىن گۇناھلىرىمىزنى ئەپۇ قىلىشىنى تىلەيمىز. نەپىسلىرىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ئاللاھقا سېغىنىمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىنى ھېچكىم ئازدۇرۇۋېتەلمەيدۇ. ئاللاھ ئازدۇرۇۋەتكەن كىشىنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. مەن گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر، ئاللاھ ئۇنى قىيامەتنىڭ ئالدىدا خۇشخەۋەرچى ۋە ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئىتائەت قىلسا توغرا ئىش قىلغان بولىدۇ. كىم ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ ئەلچىسىگە ئاسىيلىق قىلسا، ئۆزىگىلا زىيان يەتكۈزگەن بولىدۇ. ئۇ ئاللاھقا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ»[13]

ئىبنى شىھاب بۇ دۇئاغا مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلىدۇ: «رەببىمىز ئاللاھتىن بىزنى ئۆزىگە ۋە ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئىتائەت قىلىدىغان، ئاللاھنىڭنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەيدىغان، ئاللاھنى غەزەپلەندۈرىدىغان ئىشلاردىن يىراق تۇرىدىغان كىشىلەردىن قىلىشىنى تىلەيمىز. بىزنىڭ بار بولۇشىمىزنىڭ سەۋەبى ئاللاھتۇر ۋە بىز ئاخىرىدا ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتىمىز»[14].

4- خۇتبە ئوقۇلۇۋاتقاندا ئىمامغا يېقىن ئولتۇرۇش

سەمۇرە ئىبنى جۇندۇب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «خۇتبىگە ھازىر بولۇڭلار ۋە ئىمامغا يېقىن ئولتۇرۇڭلار»[15].

[1] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1106.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1107.

[3] – مۇسلىم، جۇمۇئە 41؛ (ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1101.

[4] – مۇسلىم، سالاتۇلمۇسافىرىن 13/47 (869).

[5] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1092.

[6] – بۇخارى، جۇمۇئە 27؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 33.

[7] – مۇسلىم، جۇمۇئە، 34؛ ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1094؛ نەسەئى، جۇمۇئە 1419؛ ئىبنى ماجە، جۇمۇئە 1106.

[8] – بۇخارى، جۇمۇئە 33؛ مۇسلىم، جۇمۇئە، 55.

[9] – مۇسلىم، جۇمۇئە 60.

[10] – بۇخارى، جۇمۇئە 36؛ مۇسلىم، جۇمۇئە 11.

[11] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1050.

[12] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1051.

[13] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1097.

[14] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1098.

[15] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1108.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر