مۇسۇلمانلار

جۈمە كىملەرگە پەرز 1

 جۈمە نامىزى كىملەرگە پەرز

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا إِذَا نُودِي لِلصَّلَاةِ مِن يَوْمِ الْجُمُعَةِ فَاسْعَوْا إِلَى ذِكْرِ اللَّهِ وَذَرُوا الْبَيْعَ ذَلِكُمْ خَيْرٌ لَّكُمْ إِن كُنتُمْ تَعْلَمُونَ. فَإِذَا قُضِيَتِ الصَّلَاةُ فَانتَشِرُوا فِي الْأَرْضِ وَابْتَغُوا مِن فَضْلِ اللَّهِ وَاذْكُرُوا اللَّهَ كَثِيرًا لَّعَلَّكُمْ تُفْلِحُونَ»

«ئى مۇئمىنلار! جۈمە كۈنى جۈمە نامىزىغا ئەزان ئېيتىلغاندا، ئاللاھنىڭ زىكرىگە[1] ئالدىراپ بېرىڭلار، ئېلىم- سېتىمنى قويۇڭلار. ئەگەر بىلسەڭلار بۇ سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ناماز ئوقۇلۇپ بولغان ھامان زېمىنغا تارقىلىڭلار، ئاللاھنىڭ ئېھسانىدىن تەلەپ قىلىڭلار ۋە ئاللاھقا كۆپ زىكىر ئېيتىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار مەقسىتىڭلارغا يېتەلەيسىلەر»- جۇمۇئە 62/9-10.

بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن جۈمە نامىزىنىڭ ھەممە ئادەمگە پەرز قىلىنمىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ. چۈنكى ئايەت جۈمە نامىزىنىڭ سودا-سېتىق بولىدىغان جايلاردا ئوقۇلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىدۇ. سودا-سېتىق بازارلاردا بولىدۇ، بازالار مەركىزىي كەنتلەردە بولىدۇ. لېكىن مۇسۇلمانلارنىڭ ھەممىسى مەركىزىي كەنتتە ياشىمايدۇ. دېمەككى، مەركىزىي كەنتتىن يىراق چەت جايلاردا ياشايدىغان، يايلاقلاردا پادىچىلىق قىلىدىغان، جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىغان رايونلاردا خىزمەت ياكى ئوقۇش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ قالغان مۇسۇلمانلارنىڭ نېمە قىلسا قىلىپ جۈمە نامىزى ئۆتىلىدىغان يەرلەرگە كېلىشى، شۇنداقلا جۈمە نامىزى ئوقۇشى كېرەك ئەمەس. بۇنداق كىشىلەر ياشاۋاتقان يەرلىرىدە پېشىن نامىزىنى ئادا قىلسا بولىدۇ. بۇنى تۆۋەندىكى رىۋايەتلەرمۇ تەكىتلەيدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «جۈمە نامىزى ئەزان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھەممە ئادەمگە پەرزدۇر»[2].

دېمەك، جۈمە نامىزى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەزاننى ئاڭلىيالمىغۇدەك يىراق يەردە بولغان مۇسۇلمانلار جۈمە نامىزىغا كەلمىسىمۇ بولىدۇ.

ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ يامغۇرلۇق بىر كۈنى مۇئەززىنگە مۇنداق دېگەن: ئەزان ئېيتقان چېغىڭدا «ئەشھەدۇ ئەننە مۇھەممەدەن رەسۇلۇللاھ» دەپ بولغاندىن كېيىن «ھەييە ئەلەسسەلاھ (نامازغا كېلىڭلار)» دېمەي، «ئەسسەلاتۇ فىررىھال (نامىزىڭلارنى ئۆيلىرىڭلاردا ئوقۇڭلار)» دېگىن. ئىنسانلارنىڭ بۇ سۆزگە ھەيران قېلىشقانلىقىنى كۆرگەن ئىبنى ئابباس: «بۇ ئىشنى مەندىن ياخشى بىر كىشى[3] قىلغان. جۈمە ئۆتەش بىر ۋەزىپە. سىلەرگە قېيىنچىلىق تۇغدۇرۇشنى خالىمىدىم. ئۇنداق بولمىغاندا پاتقاقلىق ۋە تېيىلغاق يەرلەردە ماڭغان بولاتتىڭلار» دېگەن[4].

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: ئىنسانلار تۇرۇۋاتقان يەرلىرىدىن ۋە شەھەر سىرتىدىن نۆۋەتلىشىپ جۈمە نامىزى ئۆتىگىلى كېلەتتى. چاڭ-توزان ئىچىدە كېلەتتى، تەرلەيىتتى ۋە تەر تۆكۈلۈپ تۇراتتى. ئۇلاردىن بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېنىڭ يېنىمدا ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «كاشكى، بۈگۈن ئۈچۈن بىر يۇيۇنغان بولساڭلار» دېدى[5].

مۇئاۋىيە زەيد ئىبنى ئەرقەمدىن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىسىدا ئىككى ھېيتنىڭ بىر كۈنگە توغرا كەلگىنىنى كۆردۈڭمۇ؟ دەپ سورىدى. زەيد: كۆردۈم دەپ جاۋاب بەردى. مۇئاۋىيە: قانداق قىلدى؟ دەپ سورىدى، زەيد: ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى، جۈمە نامىزىنى ئىختىيارىمىزغا قويۇپ قويدى ۋە «خالىغانلار ئۆتىسۇن» دېدى، دەپ جاۋاب بەردى[6].

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن ئىككى ھېيت بىر كۈنگە توغرا كەلدى. خالىغانلار جۈمە نامىزىنى ئۆتىمىسىمۇ بولىدۇ. لېكىن بىز ئۆتەيمىز»[7].

[1] – يەنى، جۈمە خۇتبىسىنى ئاڭلاش ۋە جۈمە نامىزىنى ئوقۇشقا، دېمەكتۇر.

[2] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1067.

[3] – پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى دېمەكچى.

[4] – بۇخارى، جۇمۇئە 14.

[5] – بۇخارى، جۇمۇئە 15.

[6] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1070، نەسەئىي، ئىيد 1592، ئىبنى ماجە، سالات 1310.

[7] – ئەبۇ داۋۇد، جۇمۇئە 1073.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر