مۇسۇلمانلار

ئاللاھقا دۇرۇد كېرەكمۇ؟

سوئال: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنسا چۇقۇم دۇرۇد يوللىشىمىز كېرەكلىكى ھەدىستە بايان قېلىنغان ئىكەن، ئۇنداقتا ياراتقۇچىمىزنىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغاندا ئوخشاشلا قىلىش بىزگە مەجبۇرىيەت بولغان بىرەر ئىش بارمۇ؟

 جاۋاب: ئۇنداق بىر ھەدىس يوق. لېكىن، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا ئۇنىڭغا دۇرۇد ۋە سالام يوللىشىمىزنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق ھەدىسلەر بار. بىر نەرسىنىڭ كېرەك بولۇشى باشقا، ياخشى بولۇشى باشقىدۇر. ئالدى بىلەن بۇنى بىلىپ قالغايسىز. ياراتقۇچىمىز، باشقۇرغۇچىمىز ۋە باققۇچىمىز بولغان ئاللاھ تائالانىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا، (جەللە جەلالۇھۇ- ئاللاھ غالىبتۇر، ئاللاھ ئۇلۇغدۇر، ئاللاھ سەلتەنەتلىكتۇر) دېيىش، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا «سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەم- ئاللاھ شەنىنى ئۇلۇغ، دەرىجىسىنى ئۈستۈن قىلسۇن» دېيىش، ساھابىلەردىن بىرىنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا «رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ- ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولغاي» دېيىش، باشقا ئۆلۈپ كەتكەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا «رەھىمەھۇللاھۇ- ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغاي» دېيىش، ھاياتتا بولغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىسمى زىكىر قىلىنسا، ئۇنىڭغا مۇۋاپىق بىر دۇئا قىلىش (مەسىلەن: ئاللاھ مۇۋەپپەق قىلغاي، ئاللاھ ئاسان قىلغاي، ئاللاھ شىپالىق بەرگەي… دېگەندەك) ياخشى ئىشتۇر. بۇ دىنىمىز بىزگە ئۆگەتكەن ئومۇمىي ئەخلاق پىرىنسىپلىرىدىن بىلىنىدۇ.

 

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر