مۇسۇلمانلار

دۇرۇد-سالام شەرتمۇ؟

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

سوئال:

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرۇد-سالام يوللاش دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشى ئۈچۈن شەرتمۇ؟

جاۋاب:

دۇئا بىر ئىبادەتتۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

(وَقَالَ رَبُّكُمُ ادْعُونِي أَسْتَجِبْ لَكُمْ إِنَّ الَّذِينَ يَسْتَكْبِرُونَ عَنْ عِبَادَتِي سَيَدْخُلُونَ جَهَنَّمَ دَاخِرِينَ)

«رەببىڭلار مۇنداق دېدى:ماڭا دۇئا قىلىڭلار، ئىجابەت قىلاي. ماڭا ئىبادەت قىلىشتىن ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتىدىغانلار خارلىق ئىچىدە جەھەننەمگە كىرىدۇ»-غافىر،40/60.

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:

 «دۇئا، ئىبادەتتۇر»-ئىمام ئەھمەد رىۋايەت قىلغان.

 ئىبادەتلەرنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن ئىبادەت قىلغۇچىدا ئىخلاس ۋە توغرا نىيەتنىڭ بولۇشى شەرتتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىبادەتنىڭ ئالدى-كەينىدە ياكى ئەسناسىدا  ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ ھازىرلىشى كېرەك بولغان شەرتلەر بولىدۇ. شۇنىڭدەك، ھازىرلىشى ياخشى بولغان ئىشلار بولىدۇ. ئىبادەتتە مۇھىم بولغىنى ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلىقىنى ئېتىراپ قېلىش ۋە ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىغا ئىقرار قىلىشتۇر.

 دۇئا قىلغۇچىنىڭ ئاۋۋال ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتقاندىن كېيىن، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە دۇرۇد-سالام يوللاش مەسىلىسىگە كەلسەك، دۇئانى بۇ شەكىلدە قىلىش ياخشىدۇر. چۈنكى بۇ دۇئانىڭ ھېكمىتىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.تۆۋەندىكى ھەدىسمۇ بۇنى تەكىتەيدۇ:

فەدالە ئىبن ئۇبەيدۇللادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام  بىر كىشىنىڭ نامازدا ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتماستىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرۇد-سالام يوللىماستىن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، «بۇ كىشى ئالدىراپ كەتتى»، دېدى. ئاندىن ئۇ كىشىنى چاقىرىپ، ئۇ ۋە ئەتراپتىكىلەرگە «سىلەرنىڭ بىرىڭلار دۇئا قىلسا، ئاللاھقا ھەمدۇ-سانا ئېيتىش ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا دۇرۇد-سالام يوللاش بىلەن باشلىسۇن، ئاندىن خالىغانچە دۇئا قىلسۇن» دېدى[1].

بۇ ھەقتە باشقا رىۋايەتلەرمۇ بار.

لېكن بۇ يەردە شۇنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىمكى، دۇئانى ئاللاھ ۋە رەسۇلىغا دۇرۇد- سالاملار يوللاش بىلەن باشلاش دۇئانى ئەڭ ياخشى شەكىلدە قىلغانلىق بولىدۇ، لېكىن بۇ دۇئانىڭ ئىجابەت بولۇشىنىڭ بىر شەرتى ئەمەس. ئىنسان خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان دۇئا ۋە تىلەكلىرىنى ئاللاھقا سۇنسا بولىدۇ. ئۇنىڭغا بىر چەكلىمە قويۇلغان ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالاممۇ ئاللاھقا ھەر زامان زىكىر-تەسبىھ ئېيتىپ تۇراتتى ۋە دۇئا قىلاتتى (يېلىنىپ يالۋۇراتتى).

[1] ئەبۇ داۋۇد، دۇئا، 4- جىلد، 280- بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر