مۇسۇلمانلار

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى4

جامائەتنىڭ ئەجىلى

ھەر بىر شەخسنىڭ بەلگىلەنگەن ئەجىلى بولغاندەك، بىر جامائەتنىڭمۇ بىكىتىلگەن ئەجىلى بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ

«ھەر ئۈممەتنىڭ بىر ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۈممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى-كېيىن قىلالمايدۇ»-ئەئراف،7/34.

قُلْ لَا أَمْلِكُ لِنَفْسِي ضَرًّا وَلَا نَفْعًا إِلَّا مَا شَاءَ اللَّهُ لِكُلِّ أُمَّةٍ أَجَلٌ إِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ فَلَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ

ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئۆزۈمگىمۇ پايدا-زىيان يەتكۈزۈشكە ئىگە بولالمايمەن، لېكىن ئاللاھنىڭ خالىغىنى بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ھەر ئۈممەتنىڭ بىر ئەجىلى بار. ئەجىلى كەلگەن ئۈممەت ئۇنى قىلچە ئىلگىرى- كېيىن قىلالمايدۇ»-يۇنۇس،10/49.

يۇنۇس ئەلەيھىسالامنىڭ قەۋمىگە ئوخشاش ئەجەل كېلىشتىن بۇرۇن خاتاسىنى تۇنۇپ، تەۋبە قىلغان جامائەتلەر، قالغان مۇددەتنى تۇلۇقلىيالايدۇ. مەسىلەن: 200 يىللىق ئۆمۈر بىكىتىلگەن بىر جامائەتنىڭ ئۆمرى 150 يىلغا چۈشۈرۈلسە، ئۇلار مۇددەت توشقىچە خاتاسىنى تۇنۇپ، تەۋبە قىلسا 200 يىلنى تۇلۇقلاشقا لايىق بولىدۇ-دە، 200 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.

ذٰلِكَ بِأَنَّ اللَّهَ لَمْ يَكُ مُغَيِّرًا نِعْمَةً أَنْعَمَهَا عَلَى قَوْمٍ حَتَّى يُغَيِّرُوا مَا بِأَنْفُسِهِمْ وَأَنَّ اللَّهَ سَمِيعٌ عَلِيمٌ

«بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئاللاھ بىر قەۋمگە ئىنئام قىلغان نېمىتىنى، ئۇ قەۋم ئۆز ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە ئۆزگەرتىۋەتمەيدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- ئەنفال،8/53.

بۇ يەرگىچە شەخسنىڭ ۋە جامائەتنىڭ ئۆزىنىڭ بىكىتىلگەن ئەجىلىنى قىسقارتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى كۆردۇق. ئەمدى بىر ئىنساننىڭ باشقا بىرىنىڭ ئەجىلىنىڭ  قىسقىرىشىغا قانداق سەۋەب بولىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى كۆرىمىز.

ئەجەلنىڭ باشقىلار سەۋەبىدىن قىسقىرىشى

مۇسا ئەلەيھىسالام بىلەن خىزىر كېتىۋاتقاندا، دوستلىرى بىلەن ئويناۋاتقان بىر ئوغۇل بالىنى كۆردى ۋە خىزىر بېرىپ ئۇ بالىنى ئۆلتۈردى. مۇسا ئەلەيھىسالام دەرھال ««سەن بىر بىگۇناھ جاننى ناھەق ئۆلتۈرەمسەن؟ سەن ھەقىقەتەن يامان ئىش قىلدىڭ» دېدى»-كەھف، 18/74. خىزىر بۇنىڭ جاۋابىنى مۇنداق بايان قىلدى:

«ئۇ ئوغۇل بالىغا كەلسەك، ئاتا-ئانىسى مۇئمىن كىشىلەر ئىدى. ئۇ بالىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇلارنى ئازغۇنلۇققا ۋە كاپىرلىققا زورلىشىدىن قورقتۇق- دە، رەببىنىڭ ئۇلارغا، ئۇنىڭدىن ياخشى ۋە كۆيۈملۈك بىر بالا ئاتا قىلىشىنى ئىرادە قىلدۇق»[1]-كەھف،18/80-81.

ئۇ بالا بىكىتىلگەن ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن بولسا، مۇسا ئەلەيھىسالام خىزىرغا قارشى چىقماستى، خىزىرمۇ بۇنداق سەۋەبنى بايان قىلمايتتى.

بۇ ھەقتە، ساھابىلەردىن جابىر (ر.ز) بېشىدىن ئۆتكەن بىر ھادىسىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «بىز بىر سەپەرگە چىققانىدۇق، ئىچىمىزدىكى بىرىنىڭ بېشىغا تاش تېگىپ يېرىلىپ كەتتى. ئاندىن ئۇ ئېھتىلام بولۇپ قېلىپ، يېنىدىكى ساھابىلەردىن «مەن تەيەممۇم قىلسام رۇخسەتمۇ» دەپ سورىدى. ئۇلار ياق، «تەيەممۇم قىلساڭ بولمايدۇ، چۈنكى، سەن سۇ ئىشلىتەلەيسەن» دېدى. ئاندىن ئۇ ئادەم غۇسلى قىلىپ، ئۆلۈپ قالدى. بىز پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندىن كېيىن، بولغان ئىشنى ئۇنىڭغا خەۋەر قىلغانىدۇق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېدى:

«ئاللاھ ئۇلارنىڭمۇ جىنىنى ئالسۇن. ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپتۇ. بىلىمسىزلىكنىڭ دورىسى سوراپ ئۆگىنىشتۇر. ئۇ كىشى تەيەممۇم قىلسا ياكى يارىسىنى لاتا بىلەن تېڭىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەسىھ قىلىپ، بەدىنىڭ قالغان يېرىنى يۇغان بولسا بولىۋىرەتتى» دېدى[2].

ئادەم ئۆلتۈرۈشمۇ ئوخشاشتۇر. مەسىلەن: بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرسە قاتىلغا قىساس ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آَمَنُوا كُتِبَ عَلَيْكُمُ الْقِصَاصُ فِي الْقَتْلَى الْحُرُّ بِالْحُرِّ وَالْعَبْدُ بِالْعَبْدِ وَالْأُنْثَى بِالْأُنْثَى

« ئى مۇئمىنلار! سىلەرگە، ئۆلتۈرۈلگەنلەر ئۈچۈن قىساس ئېلىش پەرز قىلىندى: ھۆرگە ھۆر، قۇلغا قۇل، ئايالغا ئايال…»-بەقەرە،2/178.

قىساس، ئۆلتۈرگەننى ئۆلتۈرۈش، يارلاندۇرغاننى يارلاندۇرۇش، يەنى، قانداق زىيان يەتكۈزسە شۇنداق جاۋاب قايتۇرۇش دېمەكتۇر.  ئۆلگەن ئادەمنى تېرىلدۈرگىلى بولمىغاندىكىن، قاتىلغا قىساس جازاسى ئىجرا قىلىنىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَكَتَبْنَا عَلَيْهِمْ فِيهَا أَنَّ النَّفْسَ بِالنَّفْسِ وَالْعَيْنَ بِالْعَيْنِ وَالْأَنْفَ بِالْأَنْفِ وَالْأُذُنَ بِالْأُذُنِ وَالسِّنَّ بِالسِّنِّ وَالْجُرُوحَ قِصَاصٌ فَمَنْ تَصَدَّقَ بِهِ فَهُوَ كَفَّارَةٌ لَهُ وَمَنْ لَمْ يَحْكُمْ بِمَا أَنْزَلَ اللَّهُ فَأُولَئِكَ هُمُ الظَّالِمُونَ.

« بىز ئۇلارغا تەۋراتتا: «جانغا جان بىلەن، كۆزگە كۆز بىلەن، بۇرۇنغا بۇرۇن بىلەن، قۇلاققا قۇلاق بىلەن، چىشقا چىش بىلەن ۋە يارىلاندۇرۇشلار ئۆز ئوخشىشى بىلەن قىساس ئېلىنىدۇ» دەپ يازدۇق. كىم ئۇنى ئەپۇ قىلىۋەتسە، گۇناھىغا كەففارەت بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ نازىل قىلغان كىتاب بىلەن ھۆكۈم قىلمايدىكەن، ئۇنداقلار پاسىقلاردۇر»-مائىدە، 5/45.

ھاياتلىقنى بەرگۈچى ۋە ئالغۇچى ئاللاھتۇر. ئۇ بەرگەن ھاياتلىقنى قەستەن ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان كىشى ئاللاھقا قارشى جىنايەت ئىشلىگەن بولىدۇ. خۇددى بىرىنىڭ دەرىزىسىنى قەستەن چېقىۋەتكەن كىشى ئەينەكنى سېلىپ بەرسىمۇ جازادىن قۇتۇلالمىغانغا ئوخشاش، قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن كىشىمۇ قىساستىن قۇتۇلالمايدۇ. ئاللاھ بۇ جىنايەتنىڭ جازاسىنى جەھەننەم قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

وَمَنْ يَقْتُلْ مُؤْمِنًا مُتَعَمِّدًا فَجَزَاؤُهُ جَهَنَّمُ خَالِدًا فِيهَا وَغَضِبَ اللَّهُ عَلَيْهِ وَلَعَنَهُ وَأَعَدَّ لَهُ عَذَابًا عَظِيمًا.

«كىمكى بىر مۇئمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا غەزەپ قىلىدۇ، لەنەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئازاب تەييارلايدۇ»-نىسا،4/93.

ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ بىكىتىلگەن ئۆمرى تۈگىگەن بولسا، قاتىلنى جازالاشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. ھەم ئادەم ئۆلتۈرۈشنى چەكلەشنىڭمۇ بىر مەنىسى قالمىغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَلَا تَقْتُلُوا النَّفْسَ الَّتِي حَرَّمَ اللَّهُ إِلَّا بِالْحَقِّ وَمَنْ قُتِلَ مَظْلُومًا فَقَدْ جَعَلْنَا لِوَلِيِّهِ سُلْطَانًا فَلَا يُسْرِفْ فِي الْقَتْلِ إِنَّهُ كَانَ مَنْصُورًا.

«ئاللاھ ئۆلتۈرۈشنى ھارام قىلغان جاننى ناھەق ئۆلتۈرمەڭلار. بىز ناھەق ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئىگىسىگە ھوقۇق بەردۇق. لېكىن ئۇ كىشى قىساس ئېلىشتا ھەددىن ئاشمىسۇن. چۈنكى ئۇنىڭغا يېتەرلىك ياردەم قىلىنماقتىدۇر»-ئىسرا،17/33.

بۇ ئايەتلەر ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ بىكىتىلگەن ئەجىلى بىلەن ئۆلمىگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

داۋامى بار…

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار

[1] بۇ قىسسىنىڭ تەپسىلاتى ئۈچۈن كەھف سۈرىسىنىڭ 65-80- ئايىتىگە قاراڭ.

[2] ئەبۇ داۋۇد، تاھارەت، 127.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر