مۇسۇلمانلار

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى3

جازانىڭ كېلىشى

ئىنسان تەۋبىنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتسە ئازاپقا دۇچار بولىدۇ. زالىملارنى ناھەقچىلىق قىلغان ھامان جازالىماي مۆھلەت بېرىش، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارنى سىناشتىكى قانۇنىيىتىدۇر. بولمىسا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن يەر شارىدا ھېچكىم قالمىغان بولاتتى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَيَسْتَعْجِلُونَكَ بِالْعَذَابِ وَلَوْلَا أَجَلٌ مُسَمًّى لَجَاءَهُمُ الْعَذَابُ وَلَيَأْتِيَنَّهُمْ بَغْتَةً وَهُمْ لَا يَشْعُرُونَ.

«ئۇلار سەندىن باشلىرىغا كېلىشى ۋەدە قىلىنغان ئازابنىڭ تېز كېلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بەلگىلەنگەن ئەجەل بولمىسا ئىدى، ئازاب ئۇلارغا ئەلۋەتتە كەلگەن بولاتتى. ئازاب ئۇلارغا ئۇشتۇمتۇت كېلىدۇ. ئۇلار تۇيماي قالىدۇ»-ئەنكەبۇت،29/53.

وَلَوْ يُؤَاخِذُ اللَّهُ النَّاسَ بِظُلْمِهِمْ مَا تَرَكَ عَلَيْهَا مِنْ دَابَّةٍ وَلَكِنْ يُؤَخِّرُهُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى فَإِذَا جَاءَ أَجَلُهُمْ لَا يَسْتَأْخِرُونَ سَاعَةً وَلَا يَسْتَقْدِمُونَ.

«ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇلار ئۇنى قىلچىلىك ئىلگىرى- كېيىن قىلالمايدۇ»-نەھل،16/61.

لِكُلِّ أَجَلٍ كِتَابٌ. يَمْحُوا اللَّهُ مَا يَشَاءُ وَيُثْبِتُ وَعِنْدَهُ أُمُّ الْكِتَابِ

«ھەر مۇددەتنىڭ بىر كىتابى بار[1]. ئاللاھ خالىغىنىنى ئۈچۈرىدۇ، خالىغىنىنى جايىدا قويىدۇ. كىتاب ئاساسى ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىدىدۇر»-رەئد، 13/38-39.

وَمَا يُعَمَّرُ مِنْ مُعَمَّرٍ وَلَا يُنْقَصُ مِنْ عُمُرِهِ إِلَّا فِي كِتَابٍ إِنَّ ذٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ.

«ئۆمرى ئۇزارتىلغان كىشىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزارتىلىشى، ئۇنىڭ ئۆمرىدىن قىسقارتىلىشى ئەلۋەتتە بىر كىتابتا مەۋجۇتتۇر. شۈبھىسىزكى، بۇ ئاللاھقا ئاساندۇر»-فاتىر،35/11.

ئىنسانلارنىڭ ياكى بىر جامائەتنىڭ قىلمىشلىرى ئۇلارنىڭ ئەجىلىنىڭ قىسقىراپ كىتىشىگە، يەنى ئەجەلى مۇسەمماسى (بىكىتىلگەن ئەجىلى)نىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆچۈرۈلۈپ كىتىشىگە سەۋەب بولىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشىنىڭ ياكى بىر جامەئەتنىڭ بىكىتىلگەن ئەجىلى 100 يىل بولۇپ، قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئەجىلى 80 يىلغا قىسقارتىلغان بولسا، 80 يىل توشقان ھامان ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ. ئەجەل كەلگەن ۋاقىتتا ئۇلار ئۇنى توساپ قالالمايدۇ، فىرئەۋندەك «تەۋبە قىلدىم» دېيىشكە پۇرسەتمۇ چىقمايدۇ. لېكىن، 80 يىل تۇشۇشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلالىسا يۇنۇس ئەلەيھىسالام  ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنىڭ ئەجىلى كېچىكتۈرۈلگەندەك ئۇلارنىڭمۇ ئەجىلى كېچىكتۈرۈلىشى مۇمكىن.

مۇسىبەتلەرنىڭ پۈتۈلىشى

ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ فِي الْأَرْضِ وَلَا فِي أَنْفُسِكُمْ إِلَّا فِي كِتَابٍ مِنْ قَبْلِ أَنْ نَبْرَأَهَا إِنَّ ذٰلِكَ عَلَى اللَّهِ يَسِيرٌ.

« زېمىندا ۋە سىلەردە يۈز بەرگەن ھەر ھادىسە، بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن بىر كىتابقا يېزىلىدۇ. بۇ ئاللاھقا بەك ئاساندۇر»-ھەدىد، 57/22.

 بىر ھادىسنىڭ يۈز بېرىشى بىر قارارنىڭ ئجرا قىلىنغانلىقىدۇر. مەسىلەن: سوتنىڭ يېزىلغان قارارى بولماي تۇرۇپ بىر جازانىڭ ئىجرا قىلىنمىغانلىقىغا ئوخشاش، ئاللاھنىڭ يېزىلغان قارارى بولماي تۇرۇپ بىر ھادىسە مەيدانغا كەلمەيدۇ. بۇنى باشقا بىر شەكىلدە بايان قىلغان ئايەت مۇنداق:

مَا أَصَابَ مِنْ مُصِيبَةٍ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ.

  « يۈز بەرگەن ھەرقانداق ھادىسە ئاللاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن يۈز بېرىدۇ»-تەغابۇن، 64/11.

تەۋبە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەردە كەلگەن نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ ئوغلى ۋە فىرئەۋننىڭ بىشىغا كەلگەن  مۇسىبەتلەردىن، يۇنۇس ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىگە قىلىنغان ئىكراملاردىن بىر ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىتىن يېزىۋىتىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز.  يۇقىرىدىكى ئايەتتە كەلگەن: « بىز ئۇنى يارىتىشتىن بۇرۇن» ئىپادىسى، بۇ قاراشنى كۈچلەندۈرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَمَا كَانَ لِنَفْسٍ أَنْ تَمُوتَ إِلَّا بِإِذْنِ اللَّهِ كِتَابًا مُؤَجَّلًا وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الدُّنْيَا نُؤْتِهِ مِنْهَا وَمَنْ يُرِدْ ثَوَابَ الْآَخِرَةِ نُؤْتِهِ مِنْهَا وَسَنَجْزِي الشَّاكِرِينَ.

«ئاللاھنىڭ رۇخسىتىسىز ھېچكىم ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم بەلگىلەنگەن بىر ۋاقىتقا باغلىقتۇر. بىز دۇنيا مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلغانلارغا ئۇنىڭدىن بېرىمىز، ئاخىرەت نېمىتىنى ئىرادە قىلغانلارغىمۇ ئۇنىڭدىن بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز»-ئال ئىمران 3/145.

ئاللاھ تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، پۈتۈلۈپ بولغاندىن كېيىن ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى توساش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. تۆۋەندىكى ئايەت بۇنى ئىپادىلەيدۇ:

ثُمَّ أَنْزَلَ عَلَيْكُمْ مِنْ بَعْدِ الْغَمِّ أَمَنَةً نُعَاسًا يَغْشَى طَائِفَةً مِنْكُمْ وَطَائِفَةٌ قَدْ أَهَمَّتْهُمْ أَنْفُسُهُمْ يَظُنُّونَ بِاللَّهِ غَيْرَ الْحَقِّ ظَنَّ الْجَاهِلِيَّةِ يَقُولُونَ هَلْ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ مِنْ شَيْءٍ قُلْ إِنَّ الْأَمْرَ كُلَّهُ لِلَّهِ يُخْفُونَ فِي أَنْفُسِهِمْ مَا لَا يُبْدُونَ لَكَ يَقُولُونَ لَوْ كَانَ لَنَا مِنَ الْأَمْرِ شَيْءٌ مَا قُتِلْنَا هَاهُنَا قُلْ لَوْ كُنْتُمْ فِي بُيُوتِكُمْ لَبَرَزَ الَّذِينَ كُتِبَ عَلَيْهِمُ الْقَتْلُ إِلَى مَضَاجِعِهِمْ وَلِيَبْتَلِيَ اللَّهُ مَا فِي صُدُورِكُمْ وَلِيُمَحِّصَ مَا فِي قُلُوبِكُمْ وَاللَّهُ عَلِيمٌ بِذَاتِ الصُّدُورِ.

«ئۇ غەمدىن كېيىن ئاللاھ سىلەرگە شۇنداق بىر خاتىرجەملىك تۇيغۇسى چۈشۈرۈپ بەردىكى، ئىچىڭلاردىن بىر قىسىم كىشىلەرنى مۈگدەك باستى. بىر قىسىم كىشىلەر بولسا جان قايغۇسى بىلەن بولۇپ كەتتى، ئاللاھ توغرىسىدا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى گۇمانلىرىغا ئوخشاش ناتوغرا گۇمانلاردا بولدى ۋە: «بۇ ئىشتا بىزنىڭ بىر پىكرىمىز بارمۇ؟» دېيىشتى. ئېيتقىنكى: «پۈتۈن ئىش ئاللاھقا ئائىتتۇر». ئۇلار ساڭا ئوچۇق دېمىگەن نەرسىلىرىنى ئىچىدە ساقلايدۇ ۋە ئۆزئارا: «بۇ ئىشتا بىزنىڭ پىكرىمىز دىققەتكە ئېلىنسا ئىدى، بۇ يەردە ئۆلتۈرۈلمىگەن بولاتتۇق» دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: «ئەگەر ئۆيلىرىڭلاردا بولغان بولساڭلارمۇ ئۆلتۈرۈلۈشى يېزىلغان كىشىلەر چوقۇم ئۆلىدىغان يەرلىرىگە چىقاتتى. ئاللاھ دىلىڭلاردىكى سىناش ۋە قەلبىڭلاردىكى پاكلاش ئۈچۈن بۇلارنى بېشىڭلارغا كەلتۈردى. ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر»-ئال ئىمران 3/154.

داۋامى بار…

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار

[1] – مۇشرىكلار مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ خوتۇن- بالىلىرى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئېتىراز بىلدۈرەتتى، ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەۋەتمەكچى بولسا بىر پەرىشتىنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتمەمتى؟ دېيىشەتتى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانغا ئوخشىمايدىغان بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى، ئۇلارنىڭمۇ بىرەر ئىنسان ئىكەنلىكىنى، خوتۇنى ۋە بالىلىرى بولۇشنىڭ پەيغەمبەر بولۇشقا توسالغۇ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ(ئىبراھىم 14/11؛ كەھف 18/110؛ فۇسسىلەت 41/6). مۆجىزىگە كەلسەك، ئۇ مۇ پەيغەمبەرنىڭ قولىدا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىلكىدە بولۇپ، ئۇ پەقەت ئاللاھ بەلگىلىگەن زاماندىلا مەيدانغا كېلىدۇ. مۇشرىكلار تەلەپ قىلغان مۆجىزىنىڭ دەرھال كەلمىگەنلىكى ئۇنىڭ ھېچ كەلمەيدىغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر