مۇسۇلمانلار

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى2

تەۋبىنىڭ قۇبۇل قىلىنىش زامانى

تەۋبىنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن تەۋبىنىڭ ۋاقتىنى قاچۇرۇپ قويماسلىق كېرەك. شۇڭلاشقا، يۇنۇس ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئۆزىنىڭ گۇناھىنى دەل ۋاقتىدا تۇنىدى ۋە ھالاكەت كېلىشتىن بۇرۇن تەۋبە قىلىۋالدى. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

إِنَّمَا التَّوْبَةُ عَلَى اللَّهِ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السُّوءَ بِجَهَالَةٍ ثُمَّ يَتُوبُونَ مِنْ قَرِيبٍ فَأُولَئِكَ يَتُوبُ اللَّهُ عَلَيْهِمْ وَكَانَ اللَّهُ عَلِيمًا حَكِيمًا. وَلَيْسَتِ التَّوْبَةُ لِلَّذِينَ يَعْمَلُونَ السَّيِّئَاتِ حَتَّى إِذَا حَضَرَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ إِنِّي تُبْتُ الْآَنَ وَلَا الَّذِينَ يَمُوتُونَ وَهُمْ كُفَّارٌ أُولَئِكَ أَعْتَدْنَا لَهُمْ عَذَابًا أَلِيمًا.

« شۈبھىسىزكى، ئاللاھ يامانلىقنى نادانلىقتىن قىلىپ سېلىپ، ئاندىن ئۇزۇنغا قالماي تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ ئەنە شۇلارنىڭ تەۋبىسىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاللاھ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. يامانلىقلارنى قىلىپ، تاكى بېشىغا ئۆلۈم كەلگەن چاغدا: «ئەمدى تەۋبە قىلدىم» دېگۈچىلەرنىڭ ۋە كاپىر پېتى ئۆلگۈچىلەرنىڭ تەۋبىسى قوبۇل قىلىنمايدۇ. بىز ئەنە شۇلارغا ئەلەملىك ئازاب تەييارلىدۇق»-نىسا،4/17-18.

يۇنۇس ئەلەيھىسالامنى بېلىق يۇتىۋەتكەن ئىدى. لېكىن، ئۇ ئۆزىنى قاراڭغۇ بىر يەرگە كىرىپ قالدىم دەپ ئويلىغان ئىدى. ئەگەر ئۇ ئۆزىنى بېلىق يۇتىۋالغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۆلۈم كېلىپ قالغانلىقىنى ۋە بۇنداق ۋاقىتتا تەۋبە قىلغاننىڭ پايدىسى بولمايدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. لېكىن ئۇ، ئۆزىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەۋبە قىلدى، ئاللاھقا تەسبىھلەر ئېيتتى. بۇنى تۆۋەندىكى  ئايەتلەر بايان قىلىدۇ:

وَذَا النُّونِ إِذْ ذَهَبَ مُغَاضِبًا فَظَنَّ أَنْ لَنْ نَقْدِرَ عَلَيْهِ فَنَادَى فِي الظُّلُمَاتِ أَنْ لَا إِلَهَ إِلَّا أَنْتَ سُبْحَانَكَ إِنِّي كُنْتُ مِنَ الظَّالِمِينَ. فَاسْتَجَبْنَا لَهُ وَنَجَّيْنَاهُ مِنَ الْغَمِّ وَكَذٰلِكَ نُنْجِي الْمُؤْمِنِينَ.

«بىز يۇنۇسنىمۇ يېتەكچى قىلغان ئىدۇق. ئۇ غەزەپلىنىپ يۇرتىدىن ئايرىلغاندا، ئاللاھ مېنى قىيىنچىلىققا ئۇچراتمايدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى. لېكىن ئۇ قاراڭغۇلۇقلارنىڭ ئىچىدە: «سەندىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، سەن ئۇلۇغسەن، مەن زالىملاردىن بولدۇم!» دەپ نىدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى غەمدىن قۇتقۇزدۇق. بىز مۇئمىنلارنى ئەنە شۇنداق قۇتقۇزىمىز»-ئەنبىيا،21/87-88.

نۇھ ئەلەيھىسالاممۇ ئوغلىنىڭ قۇتۇلۇپ قىلىش پۇرسىتى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى تەۋبە قىلىشقا ئۈندىگەن ئىدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

وَهِيَ تَجْرِي بِهِمْ فِي مَوْجٍ كَالْجِبَالِ وَنَادَى نُوحٌ ابْنَهُ وَكَانَ فِي مَعْزِلٍ يَا بُنَيَّ ارْكَبْ مَعَنَا وَلَا تَكُنْ مَعَ الْكَافِرِينَ. قَالَ سَآَوِي إِلَى جَبَلٍ يَعْصِمُنِي مِنَ الْمَاءِ قَالَ لَا عَاصِمَ الْيَوْمَ مِنْ أَمْرِ اللَّهِ إِلَّا مَنْ رَحِمَ وَحَالَ بَيْنَهُمَا الْمَوْجُ فَكَانَ مِنَ الْمُغْرَقِينَ

« كېمە ئۇلارنى ئېلىپ تاغلاردەك دولقۇن ئىچىدە ئۈزەتتى. نۇھ بىر چەتتە تۇرغان ئوغلىغا «ئى ئوغۇلچىقىم! بىز بىلەن بىرلىكتە كېمىگە چىق، كاپىرلار بىلەن بىللە بولما!» دەپ توۋلىدى. ئۇ: «مېنى سۇدىن ساقلايدىغان بىر تاغقا چىقىۋالىمەن» دېدى. نۇھ: «بۈگۈن ئاللاھنىڭ ئەمرىدىن ساقلايدىغان ھېچ نەرسە يوق. پەقەت ئاللاھ مەرھەمەت قىلغان كىشىلەرلا قۇتۇلۇپ قالىدۇ» دېدى. بۇ ئەسنادا ئىككىسىنىڭ ئارىسىغا دولقۇن كىردى- دە، ئۇ غەرق قىلىنغۇچىلاردىن بولدى»-نۇھ، 11/42-43.

فىرئەۋنمۇ تەۋبە قىلدى، لېكىن ئۇ جان ھەلقۇمغا كېلىپ قالغاندا تەۋبە قىلغانلىقى ئۈچۈن تەۋبىسى قۇبۇل قىلىنمىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

وَجَاوَزْنَا بِبَنِي إِسْرَائِيلَ الْبَحْرَ فَأَتْبَعَهُمْ فِرْعَوْنُ وَجُنُودُهُ بَغْيًا وَعَدْوًا حَتَّى إِذَا أَدْرَكَهُ الْغَرَقُ قَالَ آَمَنْتُ أَنَّهُ لَا إِلَهَ إِلَّا الَّذِي آَمَنَتْ بِهِ بَنُو إِسْرَائِيلَ وَأَنَا مِنَ الْمُسْلِمِينَ. آَلْآَنَ وَقَدْ عَصَيْتَ قَبْلُ وَكُنْتَ مِنَ الْمُفْسِدِينَ. فَالْيَوْمَ نُنَجِّيكَ بِبَدَنِكَ لِتَكُونَ لِمَنْ خَلْفَكَ آَيَةً وَإِنَّ كَثِيرًا مِنَ النَّاسِ عَنْ آَيَاتِنَا لَغَافِلُونَ.

« بىز ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنى دېڭىزدىن ئۆتكۈزدۇق. ئۇ ئەسنادا فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرى زۇلۇم قىلىش ۋە تاجاۋۇز قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن ئىدى. ئاخىرى فىرئەۋن ئۆزىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشىنى تونۇپ يەتكەندە: «مەن ئىمان ئېيتتىم: شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى ئىمان ئېيتقان زاتتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى. ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىلدى: «ئەمدىمۇ؟ ھالبۇكى، سەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئاسىيلىق قىلغان ۋە بۇزغۇنچىلاردىن بولغان ئىدىڭ. سەن ئۆزۈڭدىن كىېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولۇشۇڭ ئۈچۈن بىز بۈگۈن جەسىتىڭنى قۇتقۇزۇپ ساھىلدا ئېگىز بىر يەرگە چىقىرىمىز». شۈبھىسىزكى، ئىنسانلارنىڭ تولىسى ئايەتلىرىمىزدىن غاپىلدۇر»-يۇنۇس، 10/90-92.

  

هَلْ يَنْظُرُونَ إِلَّا أَنْ تَأْتِيَهُمُ الْمَلَائِكَةُ أَوْ يَأْتِيَ رَبُّكَ أَوْ يَأْتِيَ بَعْضُ آَيَاتِ رَبِّكَ يَوْمَ يَأْتِي بَعْضُ آَيَاتِ رَبِّكَ لَا يَنْفَعُ نَفْسًا إِيمَانُهَا لَمْ تَكُنْ آَمَنَتْ مِنْ قَبْلُ أَوْ كَسَبَتْ فِي إِيمَانِهَا خَيْرًا قُلِ انْتَظِرُوا إِنَّا مُنْتَظِرُونَ

«ئۇلار پەرىشتىلەرنىڭ كېلىشىدىن ياكى رەببىڭنىڭ كېلىشىدىن ۋە ياكى رەببىڭنىڭ بەزى ئايەتلىرىنىڭ كېلىشىدىن باشقا ھېچنېمىگە ساقلاۋاتمايدۇ. رەببىڭنىڭ بەزى ئايەتلىرى كەلگەن كۈندە، ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغان ياكى ئىمانىدا بىر ياخشىلىق ھاسىل قىلمىغان كىشىگە ئۇ چاغدا ئېيتقان ئىمانى پايدا كەلتۈرمەيدۇ. ئېيتقىنكى: «كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتمەكتىمىز»-ئەنئام،6/158.

فىرئەۋنمۇ يۇنۇس ئەلەيھىسالامغا ئوخشاش ئۆزىنى ئەيىبلىگەن ئىدى. لېكىن، يۇنۇس ئەلەيھىسالام بۇنى ئۆلۈم كېلىشتىن ئىلگىرى قىلغان، فىرئەۋن بولسا، ئالدىدا ئۆلۈمدىن باشقا يول قالمىغان ۋاقىتتا قىلغان ئىدى. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

فَأَخَذْنَاهُ وَجُنُودَهُ فَنَبَذْنَاهُمْ فِي الْيَمِّ وَهُوَ مُلِيمٌ.

«شۇنىڭ بىلەن بىز ئۇنى ۋە قوشۇنلىرىنى جازالىدۇق، ئۇلارنى دېڭىزغا ئاتتۇق. ئۇ بۇ ئەسنادا ئۆزىگە مالامەت قىلاتتى»- زارىيات، 51/40.

ئۆزىنى ئەيىبلەش كاپىر ھالەتتە ئۆلگەن ھەر بىر روھنىڭ قىلىدىغان ئىشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:

حَتَّى إِذَا جَاءَ أَحَدَهُمُ الْمَوْتُ قَالَ رَبِّ ارْجِعُونِ. لَعَلِّي أَعْمَلُ صَالِحًا فِيمَا تَرَكْتُ كَلَّا إِنَّهَا كَلِمَةٌ هُوَ قَائِلُهَا وَمِنْ وَرَائِهِمْ بَرْزَخٌ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ.

«ئۇلار ئاللاھقا بوھتان چاپلاشنى ئۆلۈپ كەتكۈچىلىك داۋاملاشتۇرىدۇ، تاكى ئۇلارنىڭ بىرى ئۆلگەن چېغىدا مۇنداق دەيدۇ: «رەببىم! مېنى قايتۇرسىلا. ئارقامدا قالغان دۇنياغا قايتىپ ياخشى ئىش قىلارمەن». ياق! بۇ ئۇنىڭ ئېغىزىدىن چىققان قۇرۇق گەپ. ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا بىر توسما بولۇپ، ئۇ توسما ئۇلارنى ئۇلار قايتا تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر دۇنياغا قايتىشتىن توسۇپ تۇرىدۇ»-مۇئمىنۇن، 23/99-100.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ:

«ئاللاھ بەندىسىنىڭ تەۋبىسىنى جان ھەلقۇمغا كەلگەنگە قەدەر قۇبۇل قىلىدۇ»- تىرمىزى، ئىبنى ماجە ئەھمەد ئىبنى ھەنبەل رىۋايەت قىلغان.

داۋامى بار…

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر