مۇسۇلمانلار

ئەجەلنىڭ قىسقىرىشى 1

1- خاتا ئىش- ھەرىكەتلەر

ئىنسان، خاتا قىلمىشلىرى سەۋەبىدىن ئۆزى ئەجىلىنى قىسقارتىپلا قالماستىن، باشقا گۇناھسىز بىرىنىڭمۇ ئەجىلىنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن.

ئا- ئىنساننىڭ ئۆز ئەجىلىنى قىسقارتىشى

 قىلىنغان خاتالىقلارنىڭ ئەجەلنى قىسقارتىشى ھەققىدە يۇنۇس ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمى ئەڭ ياخشى مىسال بولالايدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:

وَإِنَّ يُونُسَ لَمِنَ الْمُرْسَلِينَ. إِذْ أَبَقَ إِلَى الْفُلْكِ الْمَشْحُونِ. فَسَاهَمَ فَكَانَ مِنَ الْمُدْحَضِينَ. فَالْتَقَمَهُ الْحُوتُ وَهُوَ مُلِيمٌ. فَلَوْلَا أَنَّهُ كَانَ مِنَ الْمُسَبِّحِينَ. لَلَبِثَ فِي بَطْنِهِ إِلَى يَوْمِ يُبْعَثُونَ. فَنَبَذْنَاهُ بِالْعَرَاءِ وَهُوَ سَقِيمٌ. وَأَنْبَتْنَا عَلَيْهِ شَجَرَةً مِنْ يَقْطِينٍ. وَأَرْسَلْنَاهُ إِلَى مِئَةِ أَلْفٍ أَوْ يَزِيدُونَ. فَآَمَنُوا فَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَى حِينٍ

 «يۇنۇس ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەردىندۇر. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىدىن قېچىپ (كىشىلەر بىلەن) توشقان بىر كېمىگە چىقىۋالدى. (كېمىدىكىلەر چەك چىققان ئادەمنى دېڭىزغا تاشلاپ كېمىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن) چەك تاشلاشتى، يۇنۇس (چەكتە) مەغلۇب بولغانلاردىن بولۇپ (دېڭىزغا تاشلاندى). ئۇنى چوڭ بىر بېلىق يۇتۇۋەتتى. ئۇ (قەۋمىنى تاشلاپ، پەرۋەردىگارىنىڭ ئىزنىسىز چىققانلىقى ئۈچۈن) ئەيىبلىنىشكە تېگىشلىك ئىدى. ئەگەر ئۇ تەسبىھ ئېيتقۇچىلاردىن بولمىسا ئىدى، بېلىقنىڭ قارنىدا ئەلۋەتتە قىيامەتكىچە قالاتتى. ئۇنى بىز (دېڭىز ساھىلىدىكى) بىر قۇرغاق يەرگە (بېلىقنىڭ قارنىدىن) ئاتتۇق، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كېسەل ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە (سايە تاشلاپ تۇرۇش ئۈچۈن) بىر تۈپ كاۋىنى ئۆستۈرۈپ بەردۇق. ئۇنى بىز 100 مىڭ، بەلكى (بۇنىڭدىنمۇ) كۆپ (بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق. (ئۇلار ۋەدە قىلىنغان ئازابنى كۆرگەن چاغدا) ئىمان ئېيتتى. مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى ئەجىلى يەتكەنگە قەدەر) ئۇلارنى (ھاياتتىن) بەھرىمەن قىلدۇق»-ساففات،37/139-148.

 بۇ ئىشتىن كېيىن يۇنۇس ئەلەيھىسالام قەۋمىنىڭ يىنىغا قايتىپ كەلدى. ئىلگىرى ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن قەۋمى بۇ قېتىم ئىشەندى ۋە ھالاك بولۇشتىن قۇتۇلۇپ قالدى. بۇنى تۆۋەندىكى ئايەتلەر خەۋەر بېرىدۇ:

فَلَوْلَا كَانَتْ قَرْيَةٌ آَمَنَتْ فَنَفَعَهَا إِيمَانُهَا إِلَّا قَوْمَ يُونُسَ لَمَّا آَمَنُوا كَشَفْنَا عَنْهُمْ عَذَابَ الْخِزْيِ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا وَمَتَّعْنَاهُمْ إِلَى حِينٍ.

« نېمە ئۈچۈن ئازاب كەلگەندە ئىمان ئېيتىپ، ئىمانىنىڭ پايدىسىنى كۆرگەن بىر يۇرت ئاھالىسى بولمىدى؟! لېكىن يۇنۇسنىڭ قەۋمى ئىمان ئېيتقان ئىدى، بىز ئۇلاردىن بۇ قىسقا مۇددەتلىك ھاياتتا رەسۋا قىلىدىغان ئازابنى كۆتۈرۈۋەتتۇق ۋە ئۇلارغا يەنە بىر مۇددەت ياشاش ئىمكانىيىتى بەردۇق»-يۇنۇس 10/98.

قَالَتْ رُسُلُهُمْ أَفِي اللَّهِ شَكٌّ فَاطِرِ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضِ يَدْعُوكُمْ لِيَغْفِرَ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرَكُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى.

« پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا: «ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقۇچى ئاللاھ توغرىسىدا شەك قىلامسىلەر؟ ئاللاھ سىلەرنى بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىش ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن توغرا يولغا دەۋەت قىلىدۇ» دېدى. ئۇلار: «سىلەر بىزگە ئوخشاشلا ئىنسانسىلەر، بىزنى ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئىبادەت قىلغان نەرسىدىن توسماقچى بولۇۋاتىسلەر. بىزگە روشەن دەلىل كەلتۈرۈڭلار» دېدى»-ئىبراھىم 14/10.

الر كِتَابٌ أُحْكِمَتْ آَيَاتُهُ ثُمَّ فُصِّلَتْ مِنْ لَدُنْ حَكِيمٍ خَبِيرٍ. أَلَّا تَعْبُدُوا إِلَّا اللَّهَ إِنَّنِي لَكُمْ مِنْهُ نَذِيرٌ وَبَشِيرٌ. وَأَنِ اسْتَغْفِرُوا رَبَّكُمْ ثُمَّ تُوبُوا إِلَيْهِ يُمَتِّعْكُمْ مَتَاعًا حَسَنًا إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى وَيُؤْتِ كُلَّ ذِي فَضْلٍ فَضْلَهُ وَإِنْ تَوَلَّوْا فَإِنِّي أَخَافُ عَلَيْكُمْ عَذَابَ يَوْمٍ كَبِيرٍ

«ئەلىف، لام، را. بۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئايەتلىرىنىڭ مەزمۇنى ئىخچام ۋە ئېنىق رىۋىشتە تۈزۈلگەن ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتابتۇر[1]. بۇ[2] ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: «مەن ئاللاھ تەرىپىدىن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرغۇچى ۋە خۇش خەۋەر بەرگۈچىمەن. رەببىڭلاردىن مەغپىرەت تىلەڭلار، ئاندىن ئۇنىڭغا تەۋبە قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئاللاھ سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە گۈزەل بىر شەكىلدە ياشىتىدۇ ۋە ھەر پەزىلەتلىك كىشىگە پەزىلەتلىك ئىشىنىڭ مۇكاپىتىنى بېرىدۇ. ئەگەر يۈز ئۆرۈسەڭلار، بېشىڭلارغا چوڭ كۈننىڭ ئازابى كېلىشتىن قورقىمەن»-ھۇد، 11/1-3.

إِنَّا أَرْسَلْنَا نُوحًا إِلَى قَوْمِهِ أَنْ أَنْذِرْ قَوْمَكَ مِنْ قَبْلِ أَنْ يَأْتِيَهُمْ عَذَابٌ أَلِيمٌ. قَالَ يَا قَوْمِ إِنِّي لَكُمْ نَذِيرٌ مُبِينٌ. أَنِ اعْبُدُوا اللَّهَ وَاتَّقُوهُ وَأَطِيعُونِ. يَغْفِرْ لَكُمْ مِنْ ذُنُوبِكُمْ وَيُؤَخِّرْكُمْ إِلَى أَجَلٍ مُسَمًّى إِنَّ أَجَلَ اللَّهِ إِذَا جَاءَ لَا يُؤَخَّرُ لَوْ كُنْتُمْ تَعْلَمُونَ.

«بىز نۇھنى قەۋمىگە ئەلچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، «قەۋمىڭگە ئەلەملىك ئازاب كېلىشتىن ئىلگىرى ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن» دېدۇق.  نۇھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم! مەن سىلەرگە ئەۋەتىلگەن ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن. ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار ۋە ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار ئۇ بەزى گۇناھلىرىڭلارنى مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە سىلەرنى بەلگىلەنگەن ئەجەلگىچە كېچىكتۈرىدۇ. ئاللاھ بەلگىلىگەن ئەجەل كەلسە كېچىكتۈرۈلمەيدۇ، ئەگەر بىلسەڭلار»-نۇھ، 71/1-4.

تەۋبە قىلىش، يۇنۇس ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ قەۋمىنى قۇتۇلدۇرۇپ قالغان ئىدى. ئۇنداق بولسا فىرئەۋنمۇ تەۋبە قىلغان ئىدى، نېمىشقا غەرق بولۇشتىن ۋە كاپىر ھالدا ئۆلۈشتىن قۇتۇلالمىدى؟ بۇ يەردە بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىلىشى كېرەك:

داۋامى بار…

-پروفىسور ئابدۇل ئەزىز بايىندىر

– قۇرئان نۇرى ئاستىدا تۈزىتىشكە تىگىشلىك خاتالىقلار    

[1] قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرى ئىككى تۈرلۈكتۇر: بىرى مۇھكەم ئايەتلەردۇر، بۇلار قۇرئاننىڭ ئاساسىدۇر. يەنە بىرى مۇتەشابىھ ئايەتلەردۇر، بۇلار بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ئايەتلەردۇر- (ئال ئىمران 3/7). مۇھكەم ئايەتلەر مەسىلىنىڭ ئاساسىنى ئىخچام ۋە ئېنىق بىر شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇتەشابىھ ئايەتلەر مەنا جەھەتتىن مۇھكەم ئايەتلەرگە ئوخشايدىغان، ئۇلارنى تەپسىر قىلىدىغان ئايەتلەردۇر. زۇمەر سۈرىسىنىڭ 23- ئايىتىنىڭ «ئاللاھ ئەڭ چىرايلىق سۆزنى ئايەتلىرى بىر-بىرىگە ئوخشىشىدىغان ۋە ئىككىدىن-ئىككىدىن بولغان بىر كىتاب ھالىتىدە نازىل قىلدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى بۇ ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئايەت بولسا بۇ كىتابنىڭ ئايەتلىرى ھەم ئىخچام ۋە ئېنىق رەۋىشتە ھۆكۈم ئىپادىلەيدۇ، ھەم بىر-بىرىنى تەپسىر قىلىدۇ. ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىدىغان ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدىغان ئاللاھ قۇرئاننى مۇشۇنداق نازىل قىلدى دېگەن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىككىنچى ئايەتتە «بۇ ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن» دەپ بايان قىلىدۇ. دېمەككى، قۇرئاننى ئاللاھتىن غەيرىي تەپسىر قىلغان تەقدىردە بۇ تەپسىرنى ئىنسانلار ئاللاھنىڭ ھۆكمى دەپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ، نەتىجىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت (قۇللۇق) قىلغان بولىدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى ھەر مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھكەم ئايەتنى ۋە ئۇنى تەپسىر قىلىدىغان باشقا ئايەتلەرنى بىرلىكتە مۇلاھىزە قىلىپ، چىققان نەتىجىنى ئىنسانلارغا ئەينەن يەتكۈزۈشتۇۇر. تەبلىغنىڭ مەنىسىمۇ ئەنە شۇدۇر.

[2]– قۇرئان كەرىمنىڭ ئايەتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئۆزىنىڭ بايان قىلىشى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر