مۇسۇلمانلار

ئىمام بولسا بولامدۇ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم

ئۇستاز ۋەتەندىكى ۋاقتىمدا بۇ تور بەتنى زىيارەت قىلاتتىم. كېيىن ئاچالمىغان ۋاقتىمدا تاقىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن. ئاللاھقا شۈكرى ھېلىھەم باركەن، سىلەردىن ئاللاھ رازى بولسۇن. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزلىرىدىن پات-پات سۇئال سوراپ تۇرۇشۇم مۇمكىن. بۈگۈنكى سورايدىغان سۇئالىم. بىرىنچىسى، ئادەتتە يۇتۇپ قاتارلىق تور بەتلەردىن داڭلىق قارىلارنىڭ دۇئاسىنى ئاڭلاپ ئاندىن ئامىن دېسەك، دۇئا قىلغانغا ھېساب بولامدۇ؟

ئىككىنچىسى، چەتئەللەردىكى بەزى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇش ئۇسۇلى بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىكەن. (پەقەت بەزى ئىشلار). يەنى ئەگەر مەن پەر نامازغا كىچىكىپ كەلسەم، كېيىن ئۈلگۈرەلمىگەن قىسمىنى تۇلۇقلاپ ئوقۇۋاتقان چاغدا باشقىلار كېلىپ ماڭا ئەگىشىپ ئوقۇيدىكەن، نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالىمەن. ئاۋازلىق ئوقامدىم، ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ناماز ئوقۇش بىلىملىرىگە خېلىلا ناتۇنۇشكەنمەن. بەزىدە ئۇلار سۈننەت ئوقۇۋاتساممۇ ئەگىشىپ ئوقۇيدۇ. سۇئالىم سەل چۈشىنىكسىز بولۇپ قالدى. ئىشقىلىپ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا قانداق قىلىمەن… ئۇستاز ۋاقىتلىرى يەتكەندە جاۋاب بەرسىلە.   

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

ئالدى بىلەن «ئامىن» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. «آمين-ئامىن» ئەسلى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوقۇلۇشى ئەرەبچىدىن پەرق قىلمايدۇ. بۇ سۆز (ئىجابەت قىلغىن، قوبۇل قىلغىن) دېگەن مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

دۇئا قىلىش ۋە ئامىن دېيىش بىر ئىبادەت. ھەرقانداق ئىبادەت  ۋە ئەمەللەر پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ (بارلىق ئەمەللەر نىيەتكە باغلىق)[1] دېگىنىدەك، ئىبادەتلەر نىيەتكە باغلىق بولىدۇ. نىيەتلەر، ئىخلاس بىلەن  بىرلەشكەندە ئىگىسىنى مۇۋەپپىقىيەت قازاندۇرىدۇ. ھەم بۇ ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا ئەمرى قىلغان ئىشتۇر.  بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ؛

بَلَى مَنْ أَسْلَمَ وَجْهَهُ لِلَّهِ وَهُوَ مُحْسِنٌ فَلَهُ أَجْرُهُ عِنْدَ رَبِّهِ وَلَا خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلَا هُمْ يَحْزَنُونَ

« ياق، ئۇنداق ئەمەس! كىمكى سەمىمىي ھالدا ئۆزىنى ئاللاھغا تاپشۇرۇپ ياخشى ئىش قىلىدىكەن، ئۇ رەببىنىڭ ھۇزۇرىدا مۇكاپاتىنى ئالىدۇ، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوقتۇر ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ غەمكىن بولمايدۇ»-بەقەرە،2/112.

وَمَا أُمِرُوا إِلَّا لِيَعْبُدُوا اللَّهَ مُخْلِصِينَ لَهُ الدِّينَ حُنَفَاءَ وَيُقِيمُوا الصَّلَاةَ وَيُؤْتُوا الزَّكَاةَ وَذَلِكَ دِينُ الْقَيِّمَةِ

«ھالبۇكى، ئۇلار دىننى ئاللاھقا خالىس قىلغان ۋە ھەقىقەتنىڭ ئۈستىدە مۇستەھكەم تۇرغان ھالدا ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا، نامازنى كامىل ئۆتەشكە، زاكاتنى بېرىشكە ئەمر قىلىنغان ئىدى. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر»-بەييىنە،98/5.

بىز نىيىتىمىزدە، قىلىنىۋاتقان ھەر قانداق ياخشى دۇئا ۋە تىلەكلەرنىڭ بىزگە مەنپەئەت قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا ئورتاقلىشىشنى ئارزۇ قىلىپ «ئامىن» دېسەك، ئاللاھتىن شۇ ئارزۇلىرىمىزغا بىزنى يەتكۈزۈپ  قويۇشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورىغان بولىمىز. ئاللاھ سەمىمىي دۇئا قىلغۇچىلارنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىدۇ[2]. شۇڭلاشقا، رادىيو، تېلېۋىزور ۋە باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق نەق مەيداندا تارقىتىلغان ياكى ئالدىن ئاۋازغا ئېلىپ قويۇلغان دۇئالارنى ئاڭلىغاندا سەمىمى نىيەت بىلەن ئۇنىڭغا «ئامىن» دېسەك، بىزمۇ ئوخشاش دۇئا قىلغان بولىمىز. ئاللاھ نىيەتلەرنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[3].  

ئىككىنچى سوئالىڭىزغا كەلسەك:

سىزنىڭ بۇ سۇئالىڭىزنىڭ مەزمۇنى، نەپلە ناماز ئۇقۇغان ئادەمگە پەرز نامازنى ئوقۇماقچى بولغان ئادەم ئىقتىدا قىلسا دۇرۇس بولامدۇ؟ دېگەن مەسىلىدىن ئىبارەت.  

يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك قىلىنغان ئىبادەتلەرنىڭ ئىخلاس بىلەن قىلىنىشىنىڭ لازىملىقىنى بايان قىلغان ئايەتلەرنىڭ[4] كۆپلىكى ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ «ئەمەللەر نىيەتلەرگە باغلىق»[5] دېگەن ھەدىسى پۈتكۈل ئىبادەتلەردە نىيەتنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. جۈملىدىن ناماز بىر بەدەنى ئىبادەت بولسىمۇ، ئۇنىڭدا نىيەت ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. نىيەتنىڭ ئورنى قەلب بولغاچقا قەلبىمىزدە نېمىنى نىيەت قىلساق قىلغان ئىبادىتىمىز شۇ بولىدۇ. مەسىلەن: پەرزنى نىيەت قىلىپ ئوقۇساق پەرز بولىدۇ. سۈننەتنى نىيەت قىلساق سۈننەت بولىدۇ. شۇڭلاشقا، نەپلە ناماز ئوقۇۋاتقان ئادەمگە پەرز ناماز ئوقۇغۇچى ئىقتىدا قىلسا، ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامىزىمۇ، ئىمام بولغۇچىنىڭ نامىزىمۇ دۇرۇس بولىدۇ. مەسىلەن: نامازشامنىڭ ئىككى رەكەت سۈننىتىنى ئوقۇۋاتقان ئادەمگە، نامازشامنىڭ ئۈچ رەكەت پەرزىنى ئوقۇماقچى بولغان ئادەم ئىقتىدا قىلسا ۋە پەرزنىڭ قالغان قىسمىنى ئۇ كىشى سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ يالغۇز ئوقۇۋالسا، ھەر ئىككىيلەننىڭ نامىزى دۇرۇس بولىدۇ. چۈنكى، ھەربىر ئادەمنىڭ نىيىتى ئۆزىگە خاس بولىدۇ. بىرسىنىڭ نىيىتى ھەممىسىگە ئومۇم بولمايدۇ.

بۇ ھەقتە «جابىر (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇئاز (ر.ز) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن خۇپتەننىڭ پەرزىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، مەھەللىسىگە قايتىپ جامائەتكە ئىمام بولۇپ خۇپتەن نامىزىنى ئوقۇپ بېرەتتى»-مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

بۇ ھەدىستىن نەپلە ناماز قىلغۇچىلارنىڭ پەرز ناماز قىلغۇچىلارغا ئىمام بولسا دۇرۇس بولىدىغانلىقى چىقىدۇ.

 ئەمما ئۈنلۈك ئوقۇلىدىغان نامازلاردىمۇ پەرز نامىزىنى ئوقۇغۇچى ئادەم سۈننەت نامىزىنى ئوقۇۋاتقان ئادەمگە ئىقتىدا قىلسا، ئىمام بولغۇچى ئۈنلۈك قىرائەت قىلمايدۇ. چۈنكى، ئۇ ئىمام بولۇپ قالغان ئادەم يەنىلا سۈننەت ئوقۇغۇچى ھېسابلىنىدۇ. سۈننەت نامازلاردا ئۈنلۈك قىرائەت قىلىنمايدۇ.

سىز پەرز نامازغا ئۈلگۈرەلمەي تۇلۇقلاپ ئوقۇۋاتقاندا باشقىلار سىزگە ئىقتىدا قىلىپ ئوقۇغاندىمۇ سىزنىڭ نامىزىڭىز ۋە ئىقتىدا قىلغۇچىنىڭ نامىزىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، ھەم ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز نامىزىڭلارنى تولۇقلاپ ئوقۇيسىلەر. مەسىلەن: سىز پېشىننىڭ ئىككى رەكئەت پەرزىگە يىتىشكەن بولسىڭىز، سىز ئىمام سالام بەرگەندىن كېيىن تۇرۇپ، ئىككى رەكئەتنى تۇلۇقلاپ ئوقۇۋاتقاندا، بىرى كېلىپ سىزگە ئىقتىدا قىلغان بولسا، سىز ئىككى رەكئەتنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن سالام بېرىپ نامازنى تۈگىتىسىز. سىزگە ئىقتىدا قىلغان ئادەم سىز سالام بەرگەندىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئىككى رەكئەتنى تۇلۇقلاپ ئوقۇيدۇ.

ئەسكەرتىش:

بۇ مەسىلىدە ھەرقايسى مەزھەپلەر ئارىسىدا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت. مەسىلەن: شافىئىي ۋە ھەنبەلىي مەزھىپىدىكىلەر بىز كەلتۈرگەندەك دەلىللەر بىلەن بۇنداق نامازنى دۇرۇس دەيدۇ. ھەنەفىي مەزھىپىدىكىلەر ئىمامنىڭ نىيىتى ھەممىسىگە ئورتاق بولىدۇ دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن دۇرۇس بولمايدۇ دەيدۇ. لېكىن باشقا نەقلى دەلىلى يوق بولغاچقا بۇ كۆز قاراش ئاجىز دېيىلىدۇ. سىز ياشاۋاتقان يەردە ھەنەفىدىن باشقا مەزھەپدىكىلەر كۆپ ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار شۇنداق قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىزنىڭ يۇرتلاردا ھەممىسى ھەنەفىي مەزھىپىدىكىلەر بولغاچقا ئۇنداق ئىشلار جائىز كۆرۈلمەيدۇ.

توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.

[1] بۇخارى، سەھىھ، بەدئۇل ۋەھيى 1، ئىمان 41؛ مۇسلىم، سەھىھ، ئىمارەت 155 (1907).

[2] بەقەرە، 2/186.

[3]  مائىدە 5/7.

[4]  بەقەرە 2/112، بەييىنە 98/5.

[5] بۇخارى، سەھىھ، بەدئۇل ۋەھيى 1، ئىمان 41؛ مۇسلىم، سەھىھ، ئىمارەت 155 (1907).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر