مۇسۇلمانلار

رېئال ئىسلام ئەقىدىسى

رېئال ئىسلام ئەقىدىسى
ئىسلام بىر رېئال ئەقىدىنى ئېلىپ كەلگەن دىندۇر. چۈنكى ئۇ خام خىياللارنى ئەمەس، بەلكى كائىناتتا مەۋجۇت بولغان، ئەقىللەر قوبۇل قىلالايدىغان، كۆڭۈللەر ئارام تاپىدىغان، ساغلام فىترەت قوبۇل قىلىدىغان ھەقىقەتلەرنى بايان قىلىدۇ.
ئىسلام ئەقىدىسى بىر ئىلاھقا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ، ھەمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەھيى ۋە ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، بۇ ئىلاھنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇ، ئىلاھنى ھەرگىزمۇ قەدىمقى يۇنان ئەپسانىلىرى، رىم رىۋايەتلىرى ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ ھېكايىلىرىدە تەسۋىرلەنگەندەك خىيالغا تايىنىپ تەسۋىرلىمەيدۇ. ئىسلامدىكى ئىلاھ، بۇ ئىلاھقا ھېچ ئوخشىمايدۇ.
قۇرئان كەرىم، بۇ يەككە-يېگانە ئىلاھنى ئاقىل-پەيلاسوپلار، ئاددى ئاۋاممۇ چۈشىنەلەيدىغان، ئەقىلنى قايىل قىلىدىغان گۈزەل ئىسىم-سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەيدۇ. يەنى ئۇ ئىلاھ، ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە توغرا يولغا باشلىغۇچى، ھەممىنى بىلگۈچى ۋە ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، رىزىق بەرگۈچى ۋە تەۋبىلەرنى قوبۇل قىلغۇچى، گۈزەللىك ۋە قۇۋۋەتنى، رەھمەت ۋە غەزەپنى بىرلەشتۈرگەن ياخشىلىقى چەكسىز، ئىنئامى كۆپ ئاللاھتۇر.
ئىسلام يەنە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاخىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقلار ساھىبى بولغان ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسالامغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ. بۇ پەيغەمبەر قۇرئاندا «ئې مۇھەممەد! ئېيتقىنكى، مەن پەقەت سىلەرگە ئوخشاش بىر ئىنسانمەن. ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇ…» . دېيىلگەندەك بىزگە ئوخشاش بىر ئىنسان بولۇپ، ئۇ باشقا ئىنسانلاردىن پەقەت پەيغەمبەرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان ۋەھيى ئارقىلىقلا پەرقلىنىدۇ. ئۇ ئىلاھ ئەمەس، ئىلاھنىڭ ئوغلى ياكى پەرىشتە ئەمەس. ئۇ باشقا ئىنسانلارغا ئوخشاش تاماق يەيدىغان، بازارلاردا سودا-سېتىق قىلىدىغان، جەڭلەرگە قاتنىشىدىغان، باشقىلارغا ئوخشاش، توي قىلىپ پەرزەنتلىك بولىدىغان، خۇشاللىقمۇ، خاپىلىقمۇ تارتىدىغان بىر ئىنساندۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ھاياتى، دەئۋەت پائالىيەتلىرى، ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا قىلغان ياردەملىرى، ساھابىلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى، ھېچبىر ئىنساننىڭ ئوخشىشىنى كەلتۈرۈشكە قۇدرىتى يەتمەيدىغان، ھەم ئۆزگەرمەيدىغان قۇرئان ئايەتلىرى ئۇنىڭ بىر ئىنسان ئىكەنلىكىگە كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان كەرىم، تىللاردا تىلاۋەت قىلىنىدىغان، قەلبلەردە ساقلىنىدىغان، ھۆكۈملىرىگە ئەمەل قىلىنىدىغان بىر ئىلاھى كىتابتۇر. بۇ كىتاب ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە بىلگۈچى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنساننى توغرا يولغا باشلاش ئۈچۈن نازىل بولغاچقا دائىم ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە قەلبىگە خىتاب قىلىدۇ. ئۇ خىتابلىرىدا، قىزىقتۇرۇش، قورقۇتۇش، خوش خەۋەر بېرىش ۋە ئاگاھلاندۇرۇش قاتارلىق خىتاب ئۇسۇللىرىنىڭ ھەممىنى قوللىنىش ئارقىلىق ئىنساننى جەننەت يولىغا مېڭىشقا، جەھەننەم يولىدىن يىراقلىشىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. چۈنكى، ئاللاھ ئىنساننىڭ بىرەر تۈرتكە بولمىغىچە ياخشىلىققا ئىنتىلمەيدىغىنىنى، چەكلىمە بولمىغىچە يامانلىقتىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ دۇنيا-ئاخىرەتتە بەخىت سائادەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ كىتابنى يول خەرىتىسى قىلىشىغا نازىل قىلغاندۇر.
بۇ كىتاب ئىنساننى بۇ دۇنيادا ئەمەل قىلىش بىلەن بىرلىكتە يەنە بىر دۇنيانىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ. چۈنكى، ئۇ دۇنيادا ھەر بىر ئىنسان بۇ دۇنيادا قىلغان بارلىق ياخشى، يامان ئىشلىرىدىن ھېساب بېرىپ، ئاللاھنىڭ مۇكاپاتىنى ئالىدۇ. ئاللاھنىڭ كىتابىدا بۇ ئاخىرەت دۇنياسىنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلىشى، ئىنساننى شۇ مەڭگۈلۈك ھاياتتا راھەت-پاراغەتتە ياشاشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇشتۇر.
ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىدىن ئاخىرەتتە ھېساب ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشى، ئۇنىڭ فىترىتىدىكى ئادالەتكە بولغان تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. چۈنكى، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنىڭ مۇكاپاتلانماسلىقى، بولۇپمۇ، دۇنيادا بىر ئۆمۈر ياخشىلىق ئۈچۈن جىنىنى پىدا قىلىپ، زۇلۇم ۋە ئازابتىن باشقىغا ئېرىشەلمىگەن كىشىلەر ئۈچۈن ئادالەتنىڭ تۇرغۇزۇلماسلىقى، دۇنيادا بىر ئۆمۈر يامان ئىشتىن قول ئۈزمەي يەنە راھەت-پاراغەتتە ياشىغان ئىنساننىڭ جازاسىنى تارتماسلىقى، بۇزغۇنچى بىلەن تۈزگۈچىنىڭ باراۋەر بولۇپ قىلىشى ئاللاھنىڭ ئادالىتىمۇ، ھەم ئاللاھ ئىنساندا ياراتقان توغرا فىترەتمۇ قوبۇل قىلمايدىغان ئىشتۇر.
ئاللاھ تائالا ئاخىرەتتە ھەر ئىنساننىڭ ھەققىنى ئادىللىق بىلەن بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
أًمْ حَسِبَ الَّذِينَ اجْتَرَحُوا السَّيِّئَاتِ أّن نَّجْعَلَهُمْ كَالَّذِينَ آمَنُوا وَعَمِلُوا الصَّالِحَاتِ سَوَاء مَّحْيَاهُم وَمَمَاتُهُمْ سَاء مَا يَحْكُمُونَ وَخَلَقَ اللَّهُ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ بِالْحَقِّ وَلِتُجْزَى كُلُّ نَفْسٍ بِمَا كَسَبَتْ وَهُمْ لَا يُظْلَمُونَ
«يامان ئىشلارنى قىلغانلار ئاللاھ بىزنى ھاياتتا ۋە ماماتتا ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلىدۇ دەپ ئويلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ بۇ چۈشەنچىسى نېمىدېگەن يامان! ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ھەر كىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ»-جاسىيە،45/21-22.
بۇ ئىلاھى كىتاب ئىنساننى جەننەت ۋە جەھەننەمنىڭ بارلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈشكە چاقىرىدۇ. بۇ ئىمان، روھ ۋە جىسىمدىن يارىتىلغان ئىنساننىڭ رېئال ھالىتى بىلەن ماسلىشىدۇ. چۈنكى، جەننەتنىڭ ماددى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ماددى نېئمەتلىرى جىسىمنىڭ ماددى تەلىپىنى قاندۇرسا، ئۇنىڭغا ئىمان كەلتۈرۈش، ئۇنىڭ روھىيىتىنى قاندۇرىدۇ. جەھەننەمنىڭ ماددى مەۋجۇتلىقى ۋە ئۇنىڭدىكى روھى قورقۇنچ ئىنساننىڭ جىسمى ۋە روھى تەلەپ قىلمايدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، ئاللاھ مۇبارەك كىتابىدا، ئىنساننىڭ جىسمانى ۋە روھى رېئاللىقىغا ماس ھالدا جەننەتتە لەززەتلىك تائام-شارابلار، ھەسەل، سۈت، كەۋسەر بۇلاقلار ۋە ھەرخىل مېۋىلەردىن ئىبارەت ماددى نېئمەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىش بىلەن بىرگە، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە خاتىرجەملىكتىن ئىبارەت مەنىۋى نېئمەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. يەنە شۇنىڭدەك، جەھەننەمدىكى ئوت، ھەر تۈرلۈك زەھەر، يىرىڭ ۋە زەققۇم قاتارلىق جىسمانى ئازابلار بىلەن بىرگە، ئۇنىڭدا خارلىق ۋە پەسلىكتەك روھى ئازابلارنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر