مۇسۇلمانلار

قۇرئاندا دىندارلىق 2

قۇرئاندا دىندارلىق
2- قارارسىزلار
ئۆزىنىڭ ئارزۇلىرىغا ماس ھالدا ياشاشنى خالايدىغانلار، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ھەممە نەرسىنى بېرىشىنى لېكىن ئەمىر بەرمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھقا قىلغان ئىبادەتلىرى ۋە تەلەپلىرىنىڭ قۇبۇل بولۇشىغا بىر ۋاسىتە پەيدا قىلىدۇ. ئىشلىرى ياخشى ماڭسا سۆيۈنۈپ، دىنىغا چىڭ ئېسىلىدۇ. ئىشلىرى جايىدا بولمىسا ئۈمۈتسىزلىنىپ، يولدىن چىقىدۇ. بۇلار دىنغا، توغرا بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئەگىشىدۇ. مەنپەئەتلىرى بۇزۇلغان ھامان قارارلىرىنى ئۆزگەرتىپ، مەنپەئەت كېلىدىغان باشقا ئىشىكلەرنى ئىزدەشكە باشلايدۇ. شۇڭلاشقا، بۇلارنى قارارسىزلار دېيىش توغرا بولىدۇ.
3- فىترەتكە بويسۇنغانلار
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ﷲ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاندىن سىلەرگە رىزىق بەردى. ئاندىن سىلەرنى قەبزى روھ قىلىدۇ، ئاندىن سىلەرنى تىرىلدۈرىدۇ، شېرىك كەلتۈرگەنلىرىڭلاردىن قايسىسى بۇ ئىشلارنىڭ قايسى بىرىنى قىلالايدۇ، ﷲ پاكتۇر، ئۇلارنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن ئالىيدۇر. ئىنسانلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن، قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا ئاپەت يۈزبەردى، ﷲ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن دەپ قىلمىشلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ (جازاسىنى) ئۇلارغا تېتىتتى. (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، يەر يۈزىدە سەير قىلىڭلار، ئۆتكەنكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراڭلار (ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلارنىڭ جايلىرىغا قاراڭلاركى، ئۇلارنىڭ پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولغان، اﷲ تائالا ئۇلارنىڭ دىيارلىرىنى خاراپ قىلىپ، ئۇلارنى ئىبرەت ئالغۇچىلار ئۈچۈن ئىبرەت قىلدى)، ئۇلارنىڭ تولىسى مۇشرىك ئىدى. ﷲ تەرىپىدىن كېلىدىغان، قارشى تۇرغىلى بولمايدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) كېلىشتىن ئىلگىرى توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، بۇ كۈندە ئۇلار (نىڭ بىر پىرقىسى جەننەتكە، بىر پىرقىسى جەھەننەمگە) ئايرىلىدۇ. كىمكى كاپىر بولسا (دوزاختا ئەبەدىي قېلىپ) كۇفرىنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارتىدۇ، كىملەركى ياخشى ئەمەل قىلسا، ئۆزلىرى ئۈچۈن (ئاخىرەتتە) جاي راستلايدۇ»-رۇم،30/40-44.
ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇشرىك بولۇشى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسنىڭ فىترەتكە بويسۇنمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. مۇشرىك، ئاللاھقا شېرىك قوشقان كىشى دېمەكتۇر. شېرىكلىك ئەڭ ئاز بولغاندا ئىككى نەرسە ئوتتۇرىسىدا بولىدۇ. بۇلارنىڭ بىرسى دائىم ئاللاھ بولىدۇ. لېكىن، ئىككىنچىسى ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. بۇ بەزىدە ئالاھىدە قىممەت بېرىلگەن بىر مەخلۇق، بەزىدە، رۇھانى بىر نەرسە بولىدۇ. ئاللاھقا شېرىك قىلىنغان بۇ نەرسىلەرگە، ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرى بېرىلىدۇ. ئۇلارنى ۋاسىتە قىلماستىن ئاللاھ بىلەن ھېچقانداق ئالاقە قىلغىلى بولمايدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىنىدۇ. مۇنداق بولغاندا، ئىنسان ئاللاھتىن بۇرۇن بۇ ۋاسىتىچىغا قۇل بولىدۇ. چۈنكى، ۋاسىتىچىلار يېرىم ئىنسان، يېرىم ئىلاھ ھېسابلىنىدۇ. خرىستىئانلارنىڭ 451-يىلدا كادىكۆيدە توپلانغان تۆتىنچى قېتىملىق يېغىنىدا، ئىسا ئەلەيھىسالامنىڭ «مۇكەممەل ئىلاھ ۋە كامىل ئىنسانلىققا ئىگە، ھەقىقى ئىلاھ ۋە ھەقىقى ئىنسان ئىكەنلىكىگە[1] قارار قىلغانلىقى بۇ سەۋەپتىندۇر. بۇ، ئەقىل ۋە فىترەت قۇبۇل قىلمايدىغان بىر قۇرۇق داۋادۇر. بۇ سەۋەپتىن، بۇ خىل ئېتىقادلارغا ئىشىنىدىغانلار ئەقىللىرىنى قوللانماستىن، يالغان داۋا، چۈشەنچە ۋە روھى بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنى شەرتلىرىگە كۆندۈرۈشكە تېرىشىدۇ.
ئىنسانلارنىڭ بىر قىسمى بولسا، ئۆزلىرىنى ئىلاھلاشتۇرۇپ، ئاللاھتىن بۇرۇن ئۆزلىرىگە قۇل بولىدۇ.
ئا- ئۆزلىرىگە قۇل بولغانلار
ئۆزلىرىگە قۇل بولغانلار، خاھىشلىرى بويىچە ياشاشنى خالايدىغانلار ئىدى. ئۇلار، ئالدىغا ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنىڭ دەئۋىتى بىلەن چىقسا ناھايتتى بىئارام بولىدۇ. چۈنكى، ئاللاھنىڭ ھەممە نەرسىنى بېرىشىنى لېكىن ئەمىر بەرمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«شۈبھىسىزكى،ﷲنى ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلار، اﷲ بىلەن ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئارىسىنى (ﷲقا ئىشىنىپ پەيغەمبەرلىرىگە ئىشەنمەيمىز دېيىش بىلەن) ئاجرىتىۋەتمەكچى بولغانلار، (پەيغەمبەرلەرنىڭ) بەزىسىگە ئىشىنىمىز، بەزىسىگە ئىشەنمەيمىز دېگۈچىلەر ـ ئۇنىڭ (يەنى ئىمان بىلەن كۇفرىنىڭ) ئارىسىدا (ئوتتۇرا) يول تۇتماقچى بولغانلار. ئەنە شۇلار (ئىماننى دەۋا قىلغان تەقدىردىمۇ) راستىنلا كاپىرلاردۇر، كاپىرلارغا خورلىغۇچى ئازاب تەييارلىدۇق»- نىسا،4/150-151.
ئاللاھنىڭ ئەلچىسىنى قۇبۇل قىلمايدىغان بىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت مۇنداق بولغان ئىدى:
مەن ئاللاھقا چەكسىز ئىشىنىمەن.
ئاللاھقا ھەممە كىشى ئىشىنىدۇ، بۇنىڭدىن ھەرقانداق ئىنسان قىچىپ قۇتۇلالمايدۇ.
 مەن ھەر ۋاقىت ئاللاھىمغا ئىلتىجا قىلىپ، ئۇنىڭ ياردىمىنى تىلەيمەن. مۇشۇنداق قىلسام ئۆزەمنى ناھايتتى بەخىتلىك ھېس قىلىمەن.
بۇنى ھەممە ئادەم قىلىدۇ. قىيىن بولغىنى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىگە يەنى ئەلچىسىنىڭ دەئۋىتىگە ئۇيغۇن ئىش قىلىش. سىز ئەلچىگە بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا خاھىشىڭىز بويىچە ياشاشنى خالايسىز، شۇنداقمۇ؟
ئەلۋەتتە، ھايات مىنىڭ بارلىقىم، بۇنىڭغا كىم ئارلىشالايدۇ؟.
ئۇ ھاياتنى بەرگەن ئاللاھ ئارلىشالمامدۇ؟
بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى تۈرلەرگە بۆلۈپ، بەزىلىرىنى قۇبۇل قىلىدۇ، بەزىلىرىنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنى ئىلاھسىز ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىككىگە بۆلۈپ چۈشەندۈرىمىز.
ئۆزىگە قۇل بولغانلارنىڭ بىر قىسمىغا ئىلاھسىزلار يەنى ئاتىئىزمچىلار دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىر قىسمى يولباشچىلار، بىر قىسمى بولسا، ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرىدۇر. يولباشچىلار، فىترەتكە بويسۇنۇشنىڭ ئورنىغا، فىترەتنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرۇشقا تېرىشىپ، پىكىر ۋە پىرىنسىپلار ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئېتىبارىنى يۇقىتىپ قويۇشتىن قورقۇپ، ئاتىئىزمغا ئېسىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئورتاق نىشانى، ئۆزىنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىگە لايىق بىر دۇنيا قۇرۇش ياكى شۇنداق بىر دۇنيادا ياشاشتۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟»- جاسىيە،45/23.
بۇلار ئۆزلىرىدىن ھەۋەسلىنىدىغان، ئۆزىنى كائىناتنىڭ ئاساسى ھېسابلايدىغان ۋە ئۆزىنىڭ توغرا ھېسابلىغانلىرىنى ئالەمشۇمۇل ھېسابلايدىغان، دۇنياسى تار، ھەل قىلالمىغان قىيىنچىلىقلار سەۋەبىدىن ئەنسىز ۋە ئوسال ئىنسانلاردۇر. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
« نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ سەن ئۇ ئادەمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار ئەنئامغا ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر»-فۇرقان،25/43-44.
تەختىدىن چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ، ئاتىئىزم يولىدا ماڭغانلارنىڭ ئىشى تېخىمۇ تەسلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ئالدىغا قانداقلا دەلىل بىلەن چىقىلسا، ئۇلارنىڭ ئېتىبارسىزلىقى ۋە ئوساللىقى شۇنچە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ئەمەلىيەت، بۇلاردىن بىرى بولغان فىرئەۋن، مۇسا (ئە.س)نىڭ ئاللاھنىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىدە شۈبھىلەنمىسىمۇ ئۇنى قۇبۇل قىلمىغان ئىدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
«ھەقىقەتنى ئوچۇق كۆرسىتىدىغان مۆجىزىلىرىمىز ئۇلارغا كەلگەندە، ئۇلار: «بۇ ئوچۇق- ئاشكارا سېھىردۇر» دېيىشتى. ئۇلار ئىچىدە ئۇ مۆجىزىلىرىمىزگە قەتئىي ئىشىنىپ تۇرۇپ، زالىملىقىدىن ۋە ئۆزلىرىنى چوڭ تۇتقانلىقىدىن ئۇلارنى ئىنكار قىلدى. قارىغىنا، ئۇ بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى»-نەمل،27/13-14.
فىرئەۋننىڭ ئىلاھنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلاردىن ئىكەنلىكىنى بۇ ئايەتلەردىن بىلەلەيمىز:
«مۇسا ئېيتتى: «ئى فىرئەۋن! مەن ھەقىقەتەن ئالەملەرنىڭ رەببى تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىمەن. ئاللاھ نامىدىن پەقەت ھەقنىلا سۆزلىشىم كېرەك. شۈبھىسىزكى، مەن سىلەرگە رەببىڭلاردىن روشەن دەلىل ئېلىپ كەلدىم. ئىسرائىلنىڭ بالىلىرىنى مەن بىلەن كەتكىلى قويغىن»-ئەئراف، 7/104-105.
«فىرئەۋن: «ئالەملەرنىڭ رەببى دېگەن نېمە؟» دېدى. مۇسا: «ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر ھەقىقىي ئىشىنىدىغان بولساڭلار» دېدى. فىرئەۋن چۆرىسىدىكىلەرگە: «ئاڭلاۋاتامسىلەر؟» دېدى.
مۇسا: «سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلاردۇر، بۇرۇنقى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭمۇ رەببىدۇر» دېدى.فىرئەۋن: «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە ئەۋەتىلگەن بۇ پەيغەمبىرىڭلار جىن چاپلىشىۋالغان ئادەمدۇر» دېدى.
مۇسا: «مەشرىقنىڭ، مەغرىبنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ رەببىدۇر. ئەگەر ئەقلىڭلارنى ئىشلىتىدىغان بولساڭلار» دېدى.
فىرئەۋن: «ئەگەر مەندىن باشقىسىنى ئىلاھ قىلىۋالىدىغان بولساڭ، سېنى چوقۇم زىندانغا تاشلانغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن قىلىۋېتىمەن» دېدى[2]»-شۇئەرا،26/23-29.
فىرئەۋن ئاۋۋال ئەقىللىق، سەبىرچان، بىلىملىك ۋە كۈچلۈك قىياپەتكە كىرىۋىلىپ مۇسا (ئە.س)غا جاۋاب بېرىشقا تېرىشتى. مۇۋەپپىقىيەت قازىنالماي ئوساللىشىپ، تېخىمۇ ئېغىر قارشىلىق كۆرسەتتى. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«بىز فىرئەۋنگە ئايەتلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى كۆرسەتتۇق. لېكىن ئۇ يالغان دەپ قوبۇل قىلمىدى.
فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «ئى مۇسا! سەن سېھرىڭ بىلەن بىزنى يۇرتىمىزدىن چىقىرىۋەتكىلى كەلدىڭمۇ؟
 بىزمۇ ساڭا سېنىڭكىگە ئوخشاش سېھىر كۆرسىتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بىلەن ئۆزۈڭنىڭ ئارىسىدا بىر ئۇچرىشىش ۋاقتى بەلگىلە. ئۇنىڭغا ھېچ قايسىمىز خىلاپلىق قىلمايلى. ئۇچرىشىدىغان يېرىمىزمۇ ئۇيغۇن يەر بولسۇن».
مۇسا: «سىلەر بىلەن ئۇچرىشىش ۋاقتىمىز بايرام كۈنى بولسۇن، خەلق چاشگاھ ۋاقتىدا يىغىلسۇن» دېدى»- تاھا، 20/56-59.
«فىرئەۋن: «بارلىق ئۇستا سېھىرگەرلەرنى يېنىمغا كەلتۈرۈڭلار» دېدى»-يۇنۇس،10/79.
«مۇسا ئۇلارغا: «تاشلىماقچى بولغان نەرسەڭلەرنى تاشلاڭلار» دېدى.
ئۇلار ئارغامچىلىرىنى، ھاسىلىرىنى تاشلىدى ۋە: «فىرئەۋننىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەمكى، بىز چوقۇم غالىب كېلىمىز» دېيىشتى»-شۇئارا،26/43-44.
« مۇسا: «ياق، ئاۋۋال سىلەر تاشلاڭلار» دېدى. ئۇلار تاشلىغان ئىدى، ئۇلارنىڭ ئارغامچىلىرى ۋە ھاسىلىرى، ئۇلارنىڭ سېھىرلىرى تەسىرىدىن بىردىنلا مۇساغا مېڭىۋاتقاندەك كۆرۈندى»-تاھا، 20/66.
« ئاندىن مۇسا ھاسىسىنى تاشلىدى. ھاسا ئۇلارنىڭ ئويدۇرغان نەرسىلىرىنى بىردىنلا يالماپ يۇتۇۋەتتى»-شۇئارا 26/45.
« شۇنىڭ بىلەن ھەقىقەت ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى بەربات بولدى. فىرئەۋن ۋە ئادەملىرى شۇ يەردە مەغلۇپ بولدى ۋە كىچىكلىگەن ھالدا قايتتى[3]»-ئەئراف 7/118-119.
« شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەرلەر ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالالماي سەجدىگە باردى ۋە مۇنداق دېدى: « ئالەملەرنىڭ رەببىگە ئىمان ئېيتتۇق، مۇسا ۋە ھارۇننىڭ رەببىگە!». فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مەن سىلەرگە رۇخسەت قىلماستىن ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتتىڭلار. دېمەككى ئۇ سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلاردۇر. يېقىندا كۆرگۈلۈكىڭلارنى كۆرىسىلەر. قوللىرىڭلارنى ۋە پۇتلىرىڭلارنى چوقۇم چاپراس شەكىلدە كەستۈرىمەن. ئاندىن كېيىن ھەممىڭلارنى چوقۇم دارغا ئاستۇرىمەن»-شۇئارا 26/46-49.
« سېھىرگەرلەر مۇنداق دېدى: «بىز سېنى ھەرگىزمۇ بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەردىن ۋە بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ئۈستۈن كۆرمەيمىز. قانداق ھۆكۈم قىلساڭ قىل، سەن پەقەت بۇ دۇنيادىلا ھۆكۈم قىلىسەن.
بىز رەببىمىزگە ئىمان ئېيتتۇق. ئۇنىڭ خاتالىقلىرىمىزنى، بولۇپمۇ سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ بىلەن سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزنى مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاللاھنىڭ مۇكاپاتى ياخشىدۇر، ئازابى ئەبەدىيدۇر»-تاھا،20/72-73.
«فىرئەۋن مۇنداق دېدى: «مېنى قويۇۋېتىڭلار مۇسانى ئۆلتۈرەي. مۇسا رەببىگە دۇئا قىلسۇن. مەن ئۇنىڭ دىنىڭلارنى ئۆز گەرتىۋېتىشىدىن ياكى مەملىكەتتە بۇزغۇنچىلىق چىقىرىشىدىن قورقىمەن. مۇسا مۇنداق دېدى: «مەن ھېساب كۈنىگە ئىشەنمەيدىغان ھەر مۇتەكەببىردىن، مېنىڭمۇ رەببىم سىلەرنىڭمۇ رەببىڭلار بولغان ئاللاھقا سېغىندىم»-مۇئمىن 40/26-27.
بۇلار ئاللاھنىڭ بارلىقىنى بىلىدۇ. لېكىن، ئوتتۇرىغا چىقىرىشنى خالىمايدۇ. غەلبە قىلىشتىن ئۈمىدلىرى يۇقىغان ۋاقىتتا يۇشۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى قالمىغاندا ئاندىن ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.
«ئاخىرى فىرئەۋن ئۆزىنىڭ غەرق بولۇپ كېتىشىنى تونۇپ يەتكەندە: «مەن ئىمان ئېيتتىم: شۈبھىسىزكى، ئىسرائىلنىڭ بالىلىرى ئىمان ئېيتقان زاتتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. مەن مۇسۇلمانلاردىنمەن» دېدى»-يۇنۇس،10/90.
بۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغانلارمۇ بۇلارغا ئوخشاش بىر سەپتە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«فىرئەۋن قەۋمىنى بۇ شەكىلدە گوللىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار فىرئەۋنگە ئىتائەت قىلدى. چۈنكى ئۇلار ھەقىقەتەن فاسىق قەۋم ئىدى»-زۇخرۇف،43/54.
ئۆزىگە قۇل بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنى بىلىدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئاتىئىزمچىلار كۆرۈنۈشتە پەرقلىق بولسىمۇ لېكىن، ئەسلىدە ئۇلارمۇ بۇ تۈردىكىلەر بىلەن ئوخشاش. ئۆزىگە قۇل بولغانلار ئىبلىسنىڭ قول ئاستىدا بولىدۇ. ئاللاھ، ئادەم (ئە.س)غا سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغاندا، ئىبلىس ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئۆزىنىڭ شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كۆرمىگەنلىكى ئۈچۈن سەجدىدىن باش تارتقان ئىدى. بۇ ھەقتىكى ئايەتلەر مۇنداق:
«رەببىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە مۇنداق دېگەن ئىدى: «مەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ئىنسان يارىتىمەن. مەن ئۇنىڭغا شەكىل بېرىپ، ئىچىگە روھىمدىن پۈۋلىگەن چېغىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار». شۇنىڭ بىلەن پەرىشىتىلەرنىڭ ھەممىسى بىردەك سەجدە قىلدى. ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولۇشتىن باش تارتتى. ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ قاتارىدا بولمىدىڭ؟» دېدى. ئىبلىس: «سەن سېسىق قارا پاتقاقتىن شەكىللەنگەن قۇرۇق لايدىن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىش ماڭا لايىق بولمايدۇ» دېدى. ئاللاھ ئېيتتى: «ئۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەت! شۇ ئاندىن ئېتىبارەن قوغلاندىڭ! ساڭا جازا ۋە مۇكاپات كۈنىگە قەدەر لەنەت ياغىدۇ»-ھىجر 15/28-34.
« ئۆز ۋاقتىدا بىز پەرىشتىلەرگە: «ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېگەن ئىدۇق. ئۇلار دەرھال سەجدە قىلدى، ئىبلىس مۇستەسنا. ئۇ باش تارتتى، ئۆزىنى چوڭ تۇتتى ۋە كاپىرلاردىن بولدى»-بەقەرە 2/34.
ئىبلىس، ئادەمگە ئەمەس، ئاللاھقا قارشى كىبىرلىك قىلغان ئىدى. چۈنكى، ئۇنىڭ قۇبۇل قىلمىغىنى ئاللاھنىڭ ئەمرى ئىدى. بۇ سەۋەبتىن ئاللاھ ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
«ئاللاھ: «ئۇ يەردىن چۈشۈپ كەت! سېنىڭ ئۇ يەردە چوڭچىلىق قىلىدىغان ھەققىڭ يوق. چىق، سەن چوقۇم خار بولغۇچىلاردىنسەن» دېدى»-ئەئراف 7/13.
ئىبلىس ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ۋە بارلىقىنى ئىنكار قىلمايتتى. ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى:
«شۈبھىسىزكى، مەن سىلەر كۆرمەيۋاتقاننى كۆرۈۋاتىمەن، مەن ئاللاھتىن قورقىمەن، ئاللاھنىڭ جازالىشى قاتتىقتۇر»-ئەنفال 8/48.
ئىبلىس ئاخىرەتكىمۇ ئىشىنەتتى. چۈنكى، قوغلانغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى:
« ئىبلىس: «رەببىم! ئۇنداقتا ئىنسانلار يېڭىدىن تىرىدۈرۈلىدىغان كۈنگە قەدەر ماڭا مۆھلەت بەرگىن» دېدى»-ھىجر 15/36.
ئىبلىسنىڭ كاپىرلىقى، ئاللاھقا شەرت قۇيۇش بىلەن باشلاندى. چۈنكى ئاللاھقا شەرت قۇيۇش ئۆزىنى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇش دېمەكتۇر. بۇمۇ ئۆزىنى ئىلاھلاشتۇرۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. كىبىرلىكنىڭ ئەڭ يامىنى مانا بۇدۇر.
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
    
  
                  


[1]– كاتولىك چېركاۋى دىن ۋە ئەخلاق پرىنسىپلىرى، 467- پاراگراف.

[2]– يەنى، ساڭا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىمەن.

[3]– يەنى فىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى شەھەرگە خار بولغان ھالدا قايتتى ياكى غۇرۇرى ئاياغ ئاستى قىلىنغان ۋە ئىززەت-ئابرۇيى تۆكۈلگەن ھالدا مۇسابىقىدىن چېكىندى. چۈنكى ئۇلار شۇنچە دەبدەبە بىلەن سورۇنغا كېلىپ يېڭىلدى ۋە چالمىلىرى سۇغا چىلاشتى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر