مۇسۇلمانلار

بارائەت كېچىسى تۈنەمدۇق

بارائەت كېچىسى

 بۇ 8- ئاي (شەئبان)نىڭ 15- كېچىسى. بۇ كېچىنىڭ پەزىلىتى توغرىسىدا كۆپ ھەدىسلەر نەقىل قىلىنىدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى زەئىپ بولۇپ (دەلىل بولالىغۇدەك كۈچتە ئەمەس)، بۇ ھەقتە بىرمۇ سەھىھ ھەدىس يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزۈش ۋە يىغىلىپ قۇتلاش بىدئەتتۇر. شۇنىڭدەك، بۇ كېچىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى كۈنلەرنى بارائەت كۈنلىرى دەپ ئاتاش، ئۇ كۈنلەردە روھلار خۇش بولسۇن دەپ ياغ پۇرىتىش، بۇ كۈنلەر كىرگەندە «بۇ بارائەت، ئۆتكەن يىلقى بارائەتىن بۇ بارائەتكىچە بولغان ئارىلىقتا ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ يېڭى بارائىتى» دەپ ئېتىقاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاش، قەبرىسىنى مەخسۇس ھالدا زىيارەت قىلىش  ۋە ھاكازالارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، ھارامدۇر.

ئەھۋال مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق مۇسۇلمانلار بۇ بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى قىلماقتا. جۈملىدىن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار قىلىپ كەلگەن بىدئەتلەر تۆۋەندىكىچە:

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 14- ﻛﯜﻧﻰﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ، 15- ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﯞﻩ 15- ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﻪ «ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ «ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎ–ﺑﻮﯞﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ، ﺋﻪﯞﻟﯩﻴﺎ-ماﺷﺎﻳﯩﺨﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺭﻭﮬﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﭖ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ. ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﺍﺗﺴﺎﻕ ﺋﯘ ﺭﻭﮬﻼﺭ ﺑﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﯘﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ» ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﺗﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﺎﻍ ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﯩﺪﯗ. ﭘﯘﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ، ﭘﻮﺷﻜﺎﻝ ﯞﻩ ﭼﻪﻟﭙﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ.

ئاندىن ئۇ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ. ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ «ﻗﺎﺭﯨﻴﻼﺭ»ﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮﯨﺴﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﻳﻤﺎﻕ… ﻻﺭ «ﻗﺎﺭﺍﺧﯘﻧﯘﻡ»ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﭖ ﺩﯗﺋﺎﺳﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ. ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺑﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺎ ﺧﺎﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺩﯨﻤﯘ ﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯗ.

ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺭﺍﺋﻪﺕ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺑﺎﻥ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 15 – ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﯓ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ جامائەت ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ–جامەلەرگە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯗﺋﺎ–ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭﻩﻛﺌﻪﺕ ﻧﺎﻣﺎﺯ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ.

يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك بۇلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر، ھارامدۇر.

 

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر