باش بەت > پەتىۋالار > ناماز  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
سوئال:
بەزىلەر نامازنى ئەستايىدىل ئۆتەيدۇ: رۇكۇ-سەجدىلىرىنى ئۆلچەملىك قىلىدۇ، قىرائەتنى ياخشى قىلىدۇ، ئەمما خۇشۇئ يوق. بۇنداق نامازخاننىڭ ئۆتىگەن نامىزى مەقبۇل بولامدۇ؟
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
        جاۋاب:
بىر مۇسۇلماننىڭ، نامىزىنى «ئۆلچەملىك» ئوقۇغان قېرىنداشلىرىنىڭ نامازلىرىنىڭ ھۇزۇرى ئىلاھىيدا مەقبۇل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشى ۋە دۇئاسىدا تىلىشى لازىم. «ئۇنىڭ نامىزىدا شۇ بار، ئۇ يوق» دېگەندەك سۆزلەر ئەخلاقسىزلىققا دالالەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇشۇئ دېگەن بەندە بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدىكى سىر! بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ! شۇڭا ھېچكىم «شۇنىڭ نامىزىدا خۇشۇئ يوق» دەپ كەسكىن ئېيتالمايدۇ.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ نامىزىڭىزنى خۇشۇئ بىلەن ئوقۇشقا تىرىشقايسىز!

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ