مۇسۇلمانلار

جىنايەت ۋە جازاسى1

جىنايەت ۋە جازاسى
 ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«اللَّهُ الَّذِي خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَأَنْزَلَ مِنَ السَّمَاءِ مَاءً فَأَخْرَجَ بِهِ مِنَ الثَّمَرَاتِ رِزْقًا لَكُمْ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْفُلْكَ لِتَجْرِيَ فِي الْبَحْرِ بِأَمْرِهِ وَسَخَّرَ لَكُمُ الْأَنْهَارَ. وَسَخَّرَ لَكُمُ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ دَائِبَيْنِ وَسَخَّرَ لَكُمُ اللَّيْلَ وَالنَّهَارَ. وَآتَاكُمْ مِنْ كُلِّ مَا سَأَلْتُمُوهُ وَإِنْ تَعُدُّوا نِعْمَتَ اللَّهِ لَا تُحْصُوهَا إِنَّ الْإِنْسَانَ لَظَلُومٌ كَفَّارٌ»
«ئاللاھ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، سىلەرگە رىزىق بولسۇن دەپ ئۇ يامغۇر ئارقىلىق تۈرلۈك- تۈرلۈك مېۋە ۋە مەھسۇلاتلارنى چىقاردى، ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا ئېقىپ يۈرىدىغان كېمىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۆستەڭلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى، تەرتىپلىك بىر شەكىلدە ئايلىنىپ تۇرىدىغان كۈننى ۋە ئاينى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردى ۋە سىلەرگە سىلەر ئېھتىياجلىق بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. ئەگەر ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىنى سانىغىلى تۇرساڭلار، ئۇلارنى ساناپ بولالمايسىلەر. شۈبھىسىزكى، ئىنسان ھەقىقەتەن زالىمدۇر، تۇزكوردۇر»- ئىبراھىم 14/32-34.
بۇ ئايەتلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئاتا قىلغان ئەڭ بۈيۈك نېمىتىنى بايان قىلىدۇ. ئۇ نېمەت ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن كېرەك بولغان بارلىق لازىمەتلەرنى يارىتىپ خىزمىتىگە بويسۇندۇرۇپ بېرىشىدۇر. ئاللاھ تائالانىڭ بۇ بويسۇندۇرۇشى يارىتىش قانۇنلىرىغا ۋە بار قىلىش نىزاملىرىغا ماس ھالدا داۋاملىشىدۇ. ئىنسان ئاللاھ تائالانىڭ ئەمرى بويىچە مەزكۇر قانۇن ۋە نىزاملارغا ئەمەل قىلسا، ھاياتى تەبىئىي بىر شەكىلدە داۋاملىشىدۇ، شۇنداقلا دۇنيادا بەخت-سائادەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەت بۇنىڭ ئەكسىچە. ئىنسان ئوغلىنىڭ يامانلىق قىلىش، ھەددىدىن ئېشىش ۋە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جانلىقلارنىڭ ھايات مەنبەسى بولغان سۇ ۋە ھاۋا بۇلغاندى، ئىقلىم ئۆزگەردى، تەبىئەت ئۆزىنىڭ تەبىئىي ھالىتىنى يوقاتتى.
ئىنسانىيەتنىڭ بۇ زۇلۇملىرىنى سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى) جازاسىز قويمىدى. ئىنسانىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋە كېلىۋاتقان تۈرلۈك-تۈرلۈك بالالار، خىلمۇخىل يۇقۇملۇق ۋابالار، ئىسمى ھېچ تۇيۇلمىغان يېڭىدىن-يېڭى كېسەللىكلەر، يەر تەۋرەش، سەل ۋە تسۇنامى ئاپەتلىرى، زىرائەتلەرنىڭ پىتلاپ، مېۋىلەرنىڭ قۇرتلاپ كېتىشى… قاتارلىقلار بۇ جازانىڭ بىر قىسمىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُمْ بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ»
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى تەۋبە قىلسۇن، دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر