مۇسۇلمانلار
دىن فىترەتتۇر. 1

دىن فىترەتتۇر.

دىن فىترەتتۇر. 2دىن فىترەتتۇر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفًا فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ﴾
«سەن بۇ توغرا دىنغا- ئاللاھنىڭ فىترىتىگە- يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- رۇم 30/30.
يەنى، «سەن بۇ توغرا دىنغا يۈزلەنگىن، ئوڭ-سولغا بۇرۇلمىغىن ۋە ئۇ دىندا مۇستەھكەم تۇرغىن، ئاللاھ تائالا مەخلۇقاتلارنى ياراتقاندا شەكىللەنگەن تەبىئىي ھالەتنى ساقلىغىن، ئۇنىڭغا رىئايە قىلغىن، ئۇنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندىغىن. ئۇنىڭ بىلەن ماسلاشقىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلمىغىن ، ئۇنىڭغا چېقىلمىغىن. ئاللاھ ئىنسانلارنىمۇ شۇ ھالەت بىلەن ياراتقان. ئۇ ھالەتنىڭ ئورنىغا باشقا بىر ھالەتنى ئالماشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ھاياتنىڭ داۋاملىشىشى ئۇ ھالەتنىڭ ئۆز پېتى قېلىشىغا باغلىق. ئۇ ھالەت بۇزۇلسا تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلىدۇ ۋە ھايات قىيىنلىشىدۇ.
ئەنە شۇ فىترەت دەپ تەرىپلەنگەن دىن ھاياتنىڭ ئۆز يولىدا داۋاملىشىشنى، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى كاپالەت ئاستىغا ئالىدىغان يەككە-يېگانە توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بۇنى بىلمەيدۇ، شۇڭا ئۇلار مەزكۇر تەبىئىي ھالەتنىڭ تەلەپلىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ ۋە چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سالمايدۇ، بەلكىدە نەپسى خاھىشلىرى ياكى شەيتان ۋەسۋەسىلىرى بويىچە ياشايدۇ، شۇنىڭ بىلەن كائىناتتا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كېلىدۇ ۋە جانلىقلارنىڭ ياشاش يوللىرى تارلىشىدۇ».
ئاللاھ تائالا بۇ ئايەتتە ئۆزىنىڭ دىنىنى «فىترەت» دەپ تەرىپلەيدۇ. «فىترەت» «ياراتتى» دېگەن مەنىدىكى فەتەرە (فَطَرَ) پېئىلىدىن[1] ئېلىنغان ھالەتلىك مەسدەر (ھەرىكەتنىڭ ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان مەسدەر) بولۇپ، مەنىسى «يارىتىش پېئىلى ئەمەلىيلەشكەندە يارىتىلغۇچىدا شەكىللەنگەن ھالەت» دېگەن بولىدۇ. بۇنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە:
ئاللاھ تائالا ئۆز كىتابى قۇرئاندا بايان قىلغان ھەقىقەتلەرنى فىترەتكىمۇ قويغان. بۇ سەۋەبتىن فىترەت بىلەن قۇرئان ئۇ ھەقىقەتلەرنىڭ ئىككى مەنبەسىدۇر: بىرى ئاللاھنىڭ نازىل قىلغان كىتابى، يەنە بىرى ياراتقان كىتابى. نازىل قىلغان كىتابىدىكى ھەر پارچە بىر ئايەتتۇر، خۇددى بۇنىڭغا ئوخشاش ياراتقان كىتابىدىكى ھەر نەرسىمۇ بىر ئايەتتۇر. نازىل قىلغان كىتابىنڭ ئەمىرلىرىگە بويسۇنۇش، نەھىيلىرىدىن يېنىش، ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈش، نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سېلىش ۋە قىسسەلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش دىندارلىقتۇر.
شۇنىڭدەك، ياراتقان كىتابىنىڭ سىر ۋە ھېكمەتلىرىگە بويسۇنۇش، خىلاپلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، چاقىرىقلىرىغا قۇلاق سېلىش، تەلەپلىرىگە ماسلىشىش ۋە مەنزىرىلىرىدىن ئىبرەت ئېلىش دىندارلىقتۇر. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ غايىسى بىردۇر، ئۇ بولسىمۇ ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتىدۇر. ئاللاھ تائالا ياراتقان كىتابى بولغان پۈتۈن مەخلۇقاتنى ئىنساننىڭ بەختى ئۈچۈن ياراتقاندەك نازىل قىلغان كىتابى بولغان قۇرئاننىمۇ ئىنساننىڭ بەختى ئۈچۈن نازىل قىلغان.
پۈتۈن مەخلۇقات فىترەتكە بويسۇنىدۇ: ئۆزىگە بەلگىلەنگەن دائىرە ئىچىدە ياشايدۇ، باشقىسىنىڭ ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلمايدۇ ۋە ھەقلىرىگە چېقىلمايدۇ. فىترەتكە خىلاپلىق قىلغانلار زىيانغا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ھالاك بولىدۇ. بۇنى ھەر ئەقىل ئىگىسى بىلىدۇ.
ئىنسانغا كەلسەك، ئۇنىڭ فىترەتنىڭ چاقىرىقلىرىنى قوبۇل قىلىشى ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ: بىرى مەجبۇرىي، يەنە بىرى ئىختىيارىي. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئۇنى ئىمتىھان قىلىش ئۈچۈن ياراتقان، شۇڭا ئۇنىڭغا فىترەتنىڭ بەزى دەۋەتلىرىنى قوبۇل قىلىش قىلماسلىقتا ئىختىيار بەرگەن, لېكىن ئۇنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەختىنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ياشىشىغا باغلىق قىلغان. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿فَإِمَّا يَأْتِيَنَّكُم مِّنِّي هُدًى فَمَن تَبِعَ هُدَايَ فَلاَ خَوْفٌ عَلَيْهِمْ وَلاَ هُمْ يَحْزَنُونَ﴾
«بىلىڭلاركى، مەندىن سىلەرگە بىر ھىدايەت كېلىپ كىم ھىدايىتىمگە ئەگەشسە، ئۇلارغا ھېچ قورقۇنچ يوق ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ قايغۇرمايدۇ»- بەقەرە 2/38.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى فىترەتنىڭ ئۆزلىرى بويسۇنۇشقا مەجبۇر بولغان چاقىرىقلىرىغا بويسۇنىدۇ: يەيدۇ، ئىچىدۇ، داۋالىنىدۇ ۋە كىيىنىدۇ…
ئەمما نۆۋەت فىترەتنىڭ ئىختىيارىي بويسۇنىدىغان قىسمىغا كەلسە، بەزىلىرى ھەممىسىنى قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. بەزىلىرى قىسمەن قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ. مەسىلەن: جەمئىيەتلەردە شۇنداق ئىنسانلار باركى، يالغان ئېيتمايدۇ، مەست قىلغۇچى نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلمايدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ھەتتا بەزىلەر ياخشى ئىشلارنى قىلىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا كائىناتتا فىترەتكە بويسۇنمايدىغان ياكى قۇرئانغا ئەمەل قىلمايدىغان ھېچكىم يوق. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَفَغَيْرَ دِينِ اللّهِ يَبْغُونَ وَلَهُ أَسْلَمَ مَن فِي السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ طَوْعًا وَكَرْهًا وَإِلَيْهِ يُرْجَعُونَ﴾
«ئۇلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن باشقا بىر دىن ئىزدەۋاتامدۇ؟ ھالبۇكى، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى كىشىلەر خالىسۇن-خالىمىسۇن ئاللاھقا تەسلىم بولغان ۋە ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتۇرۇلىدىغان تۇرسا!»- ئال ئىمران 3/83.
لېكىن بۇ بويسۇنۇش ئىككىلى دۇنيادا بەختلىك بولۇش ئۈچۈن يەتمەيدۇ. ئۇنداقتا باشتىكى ئايەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «دىنغا يۈزلىنىش»، «فىترەتكە بويسۇنۇش» باشقا نەرسىدۇر، ئۇ بولسىمۇ ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش نىيىتى بىلەن قۇرئان كەرىمنىڭ ھەممە ئايىتىگە ئەمەل قىلىشتۇر ياكى ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە بوۇسۇنۇش نىيىتى بىلەن فىترەتكە تولۇق ماسلىشىشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ ادْخُلُواْ فِي السِّلْمِ كَآفَّةً وَلاَ تَتَّبِعُواْ خُطُوَاتِ الشَّيْطَانِ إِنَّهُ لَكُمْ عَدُوٌّ مُّبِينٌ﴾
«ئى مۇئمىنلار! تىنچلىققا تولۇق كىرىڭلار، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. چۈنكى شەيتان سىلەرنىڭ ئاشكارا دۈشمىنىڭلاردۇر»- بەقەرە 2/208.
بۇ ئايەتتە «تىنچلىق» دەپ تەرجىمە قىلىنغان كەلىمە سىلم «السلم» بولۇپ، ئەسلىدە ئىككى تۈرلۈك مەنا ئىپادىلەيدۇ: بىرى ئىسلام، يەنە بىرى سۈلھى (يارىشىش، كېلىشىش، ئەپلىشىش). بۇ فىترەت بىلەن دىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ئورتاق كەلىمىدۇر. بىرىنچى مەنىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:
 «ئى مۇئمىنلار! ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئىسلامنىڭ پۈتۈن ئەھكاملىرىنى قوبۇل قىلىڭلار ۋە ئىجرا قىلىڭلار، بەزىسىنى قوبۇل قىلىش ۋە بەزىسىنى رەت قىلىش ئارقىلىق شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەڭلار». بۇ مەنا قۇرئانغا تولۇق ئېسىلىش ۋە تولۇق بويسۇنۇش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
«سىلم» كەلىمىسىنىڭ ئىككىنچى مەنىسىگە ئاساسەن ئايەتنىڭ تەپسىرى مۇنداق بولىدۇ:
«ئى مۇئمىنلار! سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرىڭلار، يەنى ئاللاھ بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، كائىنات بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ھايۋانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئىنسانلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار، ئۆزۈڭلار بىلەن سۈلھى ئىچىدە بولۇڭلار». بۇ مەنا فىترەتنىڭ پۈتكۈل چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىش ۋە بارلىق تەلەپلىرىنى قوبۇل قىلىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ئايەتتە ئۆتكەن بۇ «سىلم» كەلىمىسى قايسى مەنىنى ئىپادىلىسە ئىپادىلىسۇن نەتىجە ئۆرگەرمەيدۇ. چۈنكى ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن كىشى سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن بولىدۇ، سۈلھىنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن كىشى ئىسلامنىڭ ھەممىسىگە كىرگەن بولىدۇ.
ئاللاھ تائالانىڭ يارىتىشتا، باشقۇرۇشتا، بېقىشتا ۋە ئىبادەتكە لايىق بولۇشتا يالغۇز ئىكەنلىكى، ھەر ئىنساننىڭ بىرەر ئاجىز مەخلۇق ۋە ھەر جەھەتتىن ئاللاھقا موھتاج ئىكەنلىكى، ئىنسانلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى ۋەزىپىسى ۋە بىر-بىرىگە بولغان ھەقلىرى، كائىناتتىكى ھەر جانلىقنىڭ ئۆزىگە خاس شەكىلدە ياشاش، يەرلىشىش ۋە مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقى، تەبىئەتتىكى ھەر نەرسىنىڭ ئۆز تەبىئىيلىكىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققى بارلىقى قاتارلىقلارنى فىترەت تونۇيدۇ، قۇرئان زىكىر قىلىدۇ. ئەنە شۇ فىترەت، ئەنە شۇ قۇرئان دىندۇر. ئۇ فىترەتكە تولۇق رىئايە قىلىش، ئۇ قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلىش دىندارلىقتۇر.
بۇنىڭغا ئاساسەن فىترەتكە تولۇق رىئايە قىلغان كىشى قۇرئانغا تولۇق ئەمەل قىلغان كىشىدۇر. ئۇنداق كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تەۋھىد ۋە ئىبادەت، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دوستلۇق ۋە ئادالەت، ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سۆيگۈ ۋە مەرھەمەت، تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ياشىتىش ۋە گۈللىتىش بولىدۇ، شۇنداقلا مۇكاپاتلىنىشقا تېگىشلىك بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَنْ عَمِلَ صَالِحاً مِّن ذَكَرٍ أَوْ أُنثَى وَهُوَ مُؤْمِنٌ فَلَنُحْيِيَنَّهُ حَيَاةً طَيِّبَةً وَلَنَجْزِيَنَّهُمْ أَجْرَهُم بِأَحْسَنِ مَا كَانُواْ يَعْمَلُونَ﴾
«ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن كىم مۇئمىن بولغان ھالدا ياخشى ئىش قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارنى ئەمەللىرىنىڭ ئەڭ ياخشىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ مۇكاپاتلايمىز»- نەھل 16/97.
فىترەتكە خلاپلىق قىلغان كىشى قۇرئانغا ئەمەل قىلمىغان كىشىدۇر. ئۇنداق كىشىنىڭ ئاللاھ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى شېرىك ۋە ئاسىيلىق، ئىنسانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زۇلۇم ۋە دۈشمەنلىك، ھايۋانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى تاجاۋۇز ۋە ۋەھشىيلىك، تەبىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يوقىتىش ۋە بۇزۇش بولىدۇ، شۇنداقلا جازالىنىشقا تېگىشلىك بولىدۇ. فىترەتكە بولغان مۇخالىپىتى قىسمەن بولغانلارنىڭ جازاسى قىلمىشىغا قارىتا بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿ظَهَرَ الْفَسَادُ فِي الْبَرِّ وَالْبَحْرِ بِمَا كَسَبَتْ أَيْدِي النَّاسِ لِيُذِيقَهُم بَعْضَ الَّذِي عَمِلُوا لَعَلَّهُمْ يَرْجِعُونَ﴾
«ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن قۇرۇقلۇقتا ۋە دېڭىزدا بۇزۇقلۇق مەيدانغا كەلدى. بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارغا بەزى قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تېتىتىشى ئۈچۈن بولدى. ئاللاھ ئۇلارنى قايتسۇن دەپ مۇشۇنداق قىلدى»- رۇم 30/41.
﴿وَمَا أَصَابَكُم مِّن مُّصِيبَةٍ فَبِمَا كَسَبَتْ أَيْدِيكُمْ وَيَعْفُو عَن كَثِيرٍ
«سىلەرگە قانداق مۇسىبەت يەتسە ئۆز قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يېتىدۇ. ئاللاھ تولىسىنى ئەپۇ قىلىدۇ»- شۇرا 42/30.
يىغىپ ئېيتقاندا فىترەت ۋە قۇرئان ئىنسانىيەتنى ھەقكە دەۋەت قىلىدۇ. مۇسۇلمان بۇ دەۋەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇ ھەقنى قوبۇل قىلغان ۋە ھاياتىنى ئۇنىڭغا توغرىلىغان كىشىدۇر. مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ بۇ ھەقتە يېتەرلىك دەرىجىدە مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى ۋە ئۇنىڭغا قارىتا ياشىشى لازىم، بولمىسا ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلىق دەۋاسى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ.

[1]ئەنئام 6/79، ئىسرا 17/51، زۇخرۇف 43/27، ئايەتلەردىكى فەتەرە كەلىمىسىنىڭ مەنىلىرى بۇنى كۆرسىتىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر