مۇسۇلمانلار

مۇھىتنى بۇلغاش زۇلۇمدۇر

مۇھىتنى بۇلغاش زۇلۇمدۇر!
ئىنساننىڭ، ھەتتا پۈتۈن جانلىقلارنىڭ ھاياتىنى تەبىئىي ھالدا داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن مۇھىتنىڭ قوغدىلىشى لازىم. تاماكا چېكىش، زاۋۇت-فابرىكىلارنىڭ زەھەرلىك گاز ۋە تۈتۈنلىرىنى ھاۋاغا قويۇپ بېرىش، مەينەت سۇلىرىنى قالايمىقان ئېقىتىۋېتىش ئارقىلىق ھاۋانىڭ بۇلغىنىشا، سۇنىڭ بۇزۇلۇشىغا، ئىقلىمنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشىگە ۋە يېشىللىقنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەبچى بولۇش مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، شەھەردە، ئادەملەر زىچ ئورۇنلاشقان جايلاردا ۋە قەۋەتلىك بىنالاردا گۈلدۈر-گۇپپاڭ قىلىش، توي-تۆكۈنلەردە كېچىنىڭ بىر مەھەلىگىچە داقا-دۇمباق چېلىش، ۋارقىراپ–جارقىراش، ئىنسان توشۇۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىدە ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىش، يوللاردا ماشىنىنىڭ مىكروفونىنى يۇقىرى ئېچىپ قويۇپ بىر نەرسە ئاڭلاش، ناخشا توۋىلاپ مېڭىش، ئىنسانلار مېڭىۋاتقان يوللاردا ماشىنا، موتوسىكلىت ۋەھاكازالارنى تېز سۈرئەت بىلەن ھەيدەش، ئۇلارنىڭ لاباسىنى ئېھتىياجدىن ئارتۇق بېسىش قاتارلىقلار مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، يېزىلاردا توخۇ-ئۆردەك، قوزا-ئوغلاق ۋە باشقا مال-ۋارانلارنى باشقىلارنىڭ باغ ۋە ئېكىنزارلىقلىرىغا كىرەلەيدىغان شەكىلدە قويۇپ بېرىش، ئېكىنزارلىقلاردا مېڭىپ مايسا ۋە زىرائەتلەرگە دەسسەش، ئومۇمىي يول ۋە كوچا-كويلارغا كىشىلەرنىڭ پايدىلىنىشىغا توسالغۇ بولىدىغان شەكىلدە جىرىم تىكىش ۋە دەرەخ يەتكۈزۈش، باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىغا سۇ قويۇپ بېرىش ياكى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىنى سۇغىرىشىغا توسالغۇ بولۇش، ئېرىق-ئۆستەڭلەرگە توسما سېلىش ئۈچۈن يولنى ياكى باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىنى كولاپ قويۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
شۇنىڭدەك، يول ۋە كوچا-كويلارغا، سۇ بويلىرىغا، دەل-دەرەخلەرنىڭ تۈۋىلىرىگە تەرەت سۇندۇرۇپ قويۇش، تۈكۈرۈش، مىشقىرىش، قالايمىقان نەرسە ۋە ئەخلەت-چاۋارلارنى تاشلاش… قاتارلىق ئىشلارنى قىلىش مۇھىتنى بۇلغىغانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر