مۇسۇلمانلار

تويدا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم

«توي»دا كۆرگەن-بىلگەنلىرىم، ئاخىرقى نۇقتا ۋە توغرىسى
دادام مەسچىتنىڭ ئىمامى ئىدى، شۇڭا جامائەتنىڭ توي-تۆكۈن ئىشلىرىغا تولۇق قاتنىشاتتى، كىچىكلىكىمدە تولا چاغدا مېنى بارغان يەرلىرىگە بىللە ئىلىپ باراتتى، مەن بۇ سايىدا توينىڭ جامائەت ئارىسىدىكى باشلانغۇچى بولغان «بارىكاللا قىلىش»، «سۆز سالدۇرۇش» ۋە «توي» قاتارلىق مۇراسىملىرىغا قاتنىشاتتىم. بارا-بارا «بارىكاللا قىلىش» «چاي ئىچۈرۈش»، «گۈل قويۇش» دېگەندەك ئىسىملار بىلەنمۇ ئاتىلىدىغان بولدى، «سۆز سالدۇرۇش» ئەمەلدىن قالدى، توي مۇراسىمى ئەينەن داۋاملاشتى.
بۇ ئىشلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەلۇم شەكلى بار ئىدى، «بارىكاللا»غا مەسچىتنىڭ ئىمامى، بەزى يۇرت ئاقساقاللىرى، ئىككى تەرەپنىڭ يېقىنلىرىدىن تەركىب تاپقان بەزى ئەر-ئاياللار قاتنىشاتتى. «سۆز سالدۇرۇش»قا تېخىمۇ كۆپ كىشى قاتنىشاتتى، مۇنداقچە ئېيتقاندا بۇ «كىچىك توي» ئىدى. «توي»غا پۈتۈن ئەل-جامائەت، ئىككى تەرەپنىڭ يېقىن-يورۇقلىرى، ھەتتا باشقا جايلاردىكى يېقىنلىرى بولۇپ توي ئىگىلىرىنىڭ پۈتكۈل تونۇش-بىلىشلىرى دەۋەت بىلەن يىغىلاتتى، بەزى تويلاردا ناغرا-سۇناي چېلىناتتى،  ئۆزىنى تۇتالمىغان بەزى شوخ باللا ۋە بەزى «قېرى يىگىت»لەر ئويناپ تاشلايتتى، بۇنى ھېچكىم ئەيىبلىمەيتتى. مېھمانلار ئاساسەن يىغىلىپ بولغاندا ئىككى-ئۈچ كىشى بىر يەرگە كېلىپ «ئادەمگەرچىلىكنى قىلىۋېتەيلى» دېيىشىپ توي سورۇنىدىن مۇۋاپىق بىر يەرگە بىر داستىخان سالاتتى، شۇنىڭ بىلەن ھەر مېھمان ئاتىغىغىنى داستىخانغا قوياتتى. بىر كىشى دەپتەر-قەلەم تۇتۇپ تىزىملايتتى، 5 موچەن، بىر كوي، ئىككى كوي، 5 كوي،… يېزىلاردا بىرقانچە دانە تۇخۇم، بىر-ئىككى كىلو قوناق قويىدىغانلارمۇ بولاتتى. بۇ مەن تۇغۇلغان يېزىدا كۆرگەنلىرىم.
كېيىن چوڭ بولۇپ ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىم باشلاندى، خوتەن شەھەر ۋە قاراقاش ناھىيە مەركىزىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا بىرقانچە تويغا بىۋاسىتە قاتناشتىم، بەزى ساۋاقداشلىرىمدىن بۇ ھەقتە كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلىدىم. ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. لېكىن قاراقاشنىڭ تويى پەرقلىق ئىكەن: مېھمانلار يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەدىيەلىرىنى قويىدىكەن، ئاندىن ھەدىيەلىرىنىڭ مىقدارىغا ياكى قىممىتىگە قاراپ كۈتۈلىدىكەن. مەسىلەن: 100 كوي قويغان كىشى ئائىلىسى بىلەن بىر يەردە ئولتۇرغۇزۇلۇپ ئالدىغا چوڭ بىر لېگەندە بىر پۇت گۆش بېسىلغان پولۇ قويۇلسا، 10 كوي قويغان كىشى ئۇنىڭ يېنىدا ئۆز ئائىلىسى بىلەن ئولتۇرغۇزۇلۇپ ئاددىي بىر لېگەندە كىچىككىنە بىر پارچە گۆش بېسىلغان پولۇ قويۇلىدىكەن. مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بۇ شەكىلدە ئۇزىتىلىدىكەن. شۇ چاغلاردا مەن قاراقاشتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا بەزى قاراشلىق ساۋاقداشلىرىمدىن «قاراقاشتا ھۆكۈم سۈردى ئۇزۇن مۇددەت كاساپەت توى: پۇلى بارغا زىياپەت توي، پۇلى يوققا ھاقارەت توي» دەپ باشلىنىدىغان بىر شېئىرنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئۇلاردىن ئاڭلىشىمچە بۇ شېئىرنى قاراقاشلىق بىر دىنى ئالىم ئەنە شۇ يامان ئادەتنى قامچىلاپ يازغان ئىكەن.
خوتەن شەھەردە تويدا ناغرا-سۇناي چالىدىكەن، ھەر مېھمان ئاتىغىنىنى بىر پەتنۇستا قويۇپ توي ئىگىسىنىڭ ئالدىدا قويىدىكەن ياكى ئۇيغۇن پەيتتە يانچۇقىغا سېلىپ قويىدىكەن، مېھمانلار ھەدىيەلىرىگە قاراپ كۈتۈلمەيدىكەن، ھەتتا يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرمۇ خالىسا تويغا قاتناشسا ھەدىيە بەرگەن مېھمانلار بىلەن ئوخشاش ھالدا كۈتۈلىدىكەن. توينىڭ بۇ شەكلى ھېچبىر ئايەتكە ياكى ھېچبىر ھەدىسكە خىلاپ كەلمىگەنلىكى، ئەكسىچە بۇنى تەكىتلەيدىغان ئايەت-ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ زامانلاردىكى ئۆلىمالاردىن ھېچبىرى بۇ ھەقتە سەلبىي پىكىر بايان قىلمىغان.  
مانا بۇلار مەن يۇرتۇمدا چاغدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىم.
يۇرتۇمدىن ئايرىلغىنىمىدن كېيىن مەن ياشاۋاتقان شەھەرگە كەلگەن ھەمشەھەرلەردىن بۇ ھەقتە كۆپ نەرسە ئاڭلىدىم. ئىشەنچلىك خەۋەرلەرگە قارىغاندا ئادەتلەر ئۆزگەرتىلىپتۇ، ئەنئەنىلەر يوقىتىلىپتۇ، تەۋەررۈكلەر ئاياغ ئاستى قىلىنىپتۇ. بۇلارنىڭ تولىسى ئۆز قولىمىز بىلەن، ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى مۇقەددەس دىنىمىز ئىسلام نامى بىلەن بولۇپتۇ. ئۇلاردىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ خۇلاسىسى تۆۋەندىكىچە:
دىيارىمىزدا يېقىنقى يىللاردا ئۆزى دىنى ئالىم ئەمەس، لېكىن دىنى ئالىم قىياپىتىگە كىرىۋالغان «بەزىلەر» مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرگە پەرۋا قىلماي «ئىسلامچە توي» دەپ بىر توي شەكلى پەيدا قىلىشقان.
ئۇلار بۇ «ئىسلامچە توي»دا مېھمانلارنىڭ قىز-يىگىتكە ھەدىيە بېرىشىنى «ھارام» دەپ ئېلان قىلغان، لېكىن توينىڭ ھەددىدىن زىيادە ھەشەمەتلىك بولۇشىغا قارشى چىقمىغان، بەلكى بۇنى تەشۋىق قىلغان. نەتىجىدە توي ئىگىسى كۆپ چىقىم تارتقان، ھەتتا قەرزگە كىرگەن.
شۇنىڭدەك، ئۇلار بۇ «ئىسلامچە توي»دا مۇئەييەن چەك-چېگرا ئىچىدە، مەلۇم شەرتلەرگە رىئايە قىلغان ھالدا ناخشا ئېيتىش، مۇزىكا چېلىش ۋە ئويناشنىمۇ «ھارام» دېيىشكەن، كەلگەن مېھمانلار سالام-سەھەتتىن كېيىن جىمجىتلىق ئىچىدە ئولتۇرۇشقان، ئارىدىن بىرەر كىشى ئۈنئالغۇدا بولسىمۇ توينىڭ تەبىئىتىگە ماس ھالدا بىرەر ناخشا ياكى بىرەر مۇزىكا چالغان ھامان تېخى تۈنۈگۈن «ئوڭ-تەتۈر دەسسەپ يۈرگەن» «مۇجاھىد»لار «ھۆتەمەڭ ھەزتەم بار، ئوسۇماڭ خەلپەم بار» دەپ ئۇ كىشىنى «تەھتىساراغا تىقىۋېتىپ»، «تەبلىغ قىلايلى، قېنى ئۆلىمالىرىمىزدىن بىرى تەبلىغ قىلىپ بەرسۇن» دەپ مەزكۇر «داموللا»لاردىن بىرىنى «تەبلىغ قىلىشقا تەكلىپ» قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىر «زاتى مۆھتەرەم» «تاغدىن، باغدىن، ھاۋادىن، سۇدىن» گەپ قىلىپ توي مېھمانلىرىنى ماتەم ئىشتىراكچىلىرىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. بۇ ئىش بارا-بارا جەمئىيەتتە «تويدا تەبلىغ قىلىش» «مودا»سىنى پەيدا قىلغان. ئاۋام خەلق «دىندىن چىقىپ كەتمەسلىك ئۈچۈن» بۇ مودىغا ماسلاشقان. نەتىجىدە توينىڭ ئەسلى تەبىئىتى ئۆزگەرتىلگەن.
بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان غەيرىي نورماللىقلار شۇنداق بىر «قارا بوران»نىڭ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغانكى، تويدا ئوينىماسلىق «سىياسىي جىنايەت» ھېسابلانغان، ئاندىن كېيىن تويدا ئويناش چېكىدىن ئاشقان ھالدا باشلىنىپ كەتكەن، شۇنداقلا ئىلگىرى تويدا دىنىمىز يول قويغان ئويۇنغا رازى بولمىغانلار ئەمدىلىكتە تويدا دىنىمىز قەتئىي چەكلىگەن شەكىلدىكى ئويۇنلارنى ئويناشقا مەجبۇر بولغان.
دىيارىمىزدا «توي»دا ئاخىرقى نۇقتا ئەنە شۇنىڭدىن ئىبارەت.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدىكى توي شەكلىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ بېرىدىغان رىۋايەتلەرنىڭ بەزىسى تۆۋەندىكىچە:
ئائىشە (رە.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، بىر ئايالنى ئەنسارلاردىن بىر كىشىگە ياتلىق قىلغان ئىدۇق، رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «ئى ئائىشە! ئويۇنۇڭلار يوقمۇ؟ چۈنكى ئەنسارلار ئويناشنى ياخشى كۆرىدۇ» دېدى[1].
مۇھەممەد ئىبىن ھاتىب ئەلجۇمەھى (رە.ئە)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «نىكاھدا ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرق داپ ۋە ئاۋازدۇر»[2].
بۇ ھەدسىتىكى ئاۋاز ناخشا، غەزەل، شېئىر-قوشاق قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ.
ئەمر ئىبىن سەئد (رە.ئە) مۇنداق دەيدۇ: بىر توي ئەسناسىدا قۇرەزە ئىبىن كەئب ۋە ئەبۇ مەسئۇد ئەلئەنسارىنىڭ يېنىغا كىردىم، بىرقانچە قىز ناخشا ئېيتىۋاتاتتى، چىداپ تۇرالماي: «سىلەر رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ ئىككى ساھابىسى ۋە بەدىر ئەھلىدىن تۇرۇقلۇق يېنىڭلاردا مۇشۇنداق ئىش قىلىنسا بولامدۇ!؟» دەپ تاشلىدىم، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: «خالىساڭ ئولتۇرۇپ بىز بىلەن ئاڭلىغىن، خالىساڭ كەتكىن، بىزگە تويدا ئويناشقا رۇخسەت بېرىلدى» دېدى[3].
دىنىمىزنىڭ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملىرى ۋە بۇ رىۋايەتلەر دالالەت قىلىدۇكى:
1- نىكاھنى تويغا ھازىر بولغان بولمىغان پۈتۈن ئەل-يۇرتقا ئېلان قىلىش ئۈچۈن ناغرا-سۇناي ۋە داقا-دۇمباق چېلىشقا بولىدۇ، ھەتتا ياخشى بولىدۇ.   
2- دىنى تەۋەررۈكلەرگە تەنە قىلمايدىغان، مىللىي ئادەتلەرنى كەمسىتمەيدىغان ۋە شەرئىي قائىدىلەرگە زىت كەلمەيدىغان ناخشا، قوشاق، شېئىر، غەزەل،…لەرنى ئېيتىشقا، ئۇلارغا تەڭكەش قىلىپ مۇزىكا چېلىشقا، شۇنداقلا ئەخلاقسىزلىققا چاقىرمايدىغان، ھاياسىزلىققا ئۈندىمەيدىغان، شەھۋانىيەتنى ئىپادىلىمەيدىغان، ئەر-ئاياللار ئارىلىشىپ ئوينىمايدىغان ۋە ئۇلارنىڭ فىترىتىگە زىت كەلمەيدىغان ئويۇنلارنى ئويناشقا ۋە كۆرۈشكە بولىدۇ.
3- تويدا ھەر ئىشتا ئىسراپتىن ساقلىنىش، دىنىمىزدا چەكلەنگەن يېمەك-ئىچمەكلەردىن يىراق تۇرۇش، كېلىننىڭ ۋە كۈيئوغۇلنىڭ توي كىيىملىرى بۇ كىتابنىڭ «كىيىم-كېچەك» بۆلۈمىدىكى شەرتلەرگە ئۇيغۇن بولۇش، غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئادەتلىرىنى دورىماسلىق قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

[1]  بۇخارى، سەھىھ، نىكاھ 63.
[2] تىرمىزى، سۇنەن، 6 (1088)؛ نەسائى، سۇنەن، نىكاھ 72 (6، 127، 128؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، نىكاھ 20 (1896)؛ ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 24/189.
[3] نەسائى، سۇنەن، نىكاھ 80 (3383).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر