مۇسۇلمانلار

مەسچىت-تېئوكراتىيە

مەسچىت ۋە تېئوكراتىيە
102- ئىسلامدا راھىبلار سىنىپى مەۋجۇت ئەمەس. مەسچىتلەرمۇ چېركاۋلاردەك تەشكىللەنگەن دىنى تەشكىلات ئورنى ئەمەس. ھەتتا، بۇرۇن مەسچىتلەردە ۋەزىپىگە قويۇلغان ئىمام ۋە مۇئەززىنلەرمۇ يوق ئىدى. جامائەتنىڭ ئىچىدىن بىرى ئەزان ئوقۇيتتى ۋە ئىمام بولۇشقا لايىق بىرى ئىمام بولاتتى.  مەسچىتلەرنى تەرتىپلىك ھالدا ئېچىپ-تاقاش، ئەزاننى ۋاقتىدا ئوقۇش، مەسچىتتىكى نەرسە-كېرەكلەرنى يۈتۈپ كېتىشتىن قوغداش…قاتارلىق ئېھتىياچلار مەسچىتلەرگە خىزمەت ھەيئىتى قۇرۇشقا سەۋەب بولماقتا.
جۈمە نامىزىدىكى ئەھۋالمۇ باشقا نامازلاردىن پەرقلەنمەيتتى. لېكىن، جۈمە كۈنى نامازغا كەلگەن ئادەم كۆپ بولىدىغانلىقى ۋە جۈمە خۇتبىسىگە ھەممە ئادەم دېققەت قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بىرەر تالاش-تارتىش، ئۇرۇش-جىدەلنىڭ چىقىشىنى ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەنەفى مەزھىبى، شۇ يەرلىك خەلقنىڭ مۆتىۋىرى ياكى ئۇ بەلگىلىگەن بىر كىشىنىڭ جۈمە نامىزىغا ئىمام بولۇشىنى شەرت قىلدى. بۇنداق قىلغاندا، ھەرخىل پىتنىلەرنىڭ چىقىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ[1].
103- بىر كىشىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قارارىغا باغلىق بولىدۇ. شۇڭلاشقا مەسچىت ياكى بىر دىنى ئورگاننىڭ ئىمزا قويۇپ بېرىشىگە كېرەك يوق. دىنغا بەيئەت قىلىش مۇراسىمى دېگەندەك بىر مۇراسىم ئۆتكۈزۈشنىڭمۇ ھېچقانداق مەنىسى يوق. چۈنكى، ئىسلامدا دىنى ئالىملار ياكى باشقا بىر كىشىلەرنىڭ ئاللاھ نامىدا ئىش قىلىشى قۇبۇل قىلىنمايدۇ. ھېچقاچان، ئاللاھ مۇسۇلمان بولۇشنى مۇنداق بىر قائىدىگە باغلاپ قويمىغان. شۇڭلاشقا، بۇ ئىشقا ھېچكىمنىڭ ئارلىشىش ھەققى يوق. چۈنكى، دىننىڭ جەۋھىرى ئىمان، ئىماننىڭ ئاساسى دىل بىلەن تەستىقلاش. دىل ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىن ئىبارەت. ئىنسان بۇ يەر(ئىچكى دۇنيا)دە چەكسىز ئەركىن بولغانلىقى ئۈچۈن ھېچكىمنى بىر ئېتىقادنى قوبۇل قىلش ياكى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«دىندا ھېچ زورلاش يوق. توغرا بىلەن خاتا ئېنىق ئايرىلدى. كىمكى تاغۇتنى ئىنكار قىلىپ ئاللاھقا ئىشىنىدىكەن، ئۇ ھەرگىزمۇ سۇنۇپ كەتمەيدىغان مۇستەھكەم تۇتقىنى تۇتقان بولىدۇ. ئاللاھ ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»- بەقەرە2/256.
ئىسلامدا، دىنى ئالىملار روھانى لىدىر ئەمەس، بەلكى، پەقەت ئىنسانلارغا دىن ھەققىدە يول باشلايدىغان ۋە ئۇلارغا ئۈلگە بولىدىغان ئىنسانلار دەپ ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىغا ھۆكۈمران بولۇش ھەققى يوق. چۈنكى، ئىسلامدا خرىستىئان چېركاۋلىرىدەك دىنى ئالىملار ھۆكۈمران بولىدىغان دىنى تەشكىلات بولمايدۇ. بۇنداق بىر دىننىڭ تېئوكراتىيىنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
              


[1]-شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت، مىسىر باسمىسى 1-جىلد324-بەت، 2- جىلد، 24-بەت.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر