مۇسۇلمانلار

تويدا پۇل قويۇشقا بولامدۇ

سوئال:
تويدا توي قىلغان قىز-يىگىتكە يېقىن-يورۇقلىرى پۇل قويسا بولمامدۇ؟ بۇ ئىش راستتىنلا ھاراممۇ؟ بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇنداق ئادەت بار ئىدى. يېقىندا بۇ ئىشنى «ھارام» دېگۈچىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بەرسىڭىز، ئاللاھ رازى بولغاي.
جاۋاب:
توي قىلغان قىز-يىگىتكە يېقىن-يورۇق، دوست-بۇرادەر ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆزلىرىنىڭ ماددىي ئىمكانىيىتىگە قاراپ كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن بىر مىقدار نەق پۇل ياكى بىرەر ماددىي بۇيۇم سوۋغات قىلسا ياخشى بولىدۇ. چۈنكى توي قىلىش ياخشى ئىشتۇر، دىنىمىز ياخشى ئىشقا ياردەملىشىشكە ئەمىر قىلىدۇ. قېرىنداشقا ياردەم قىلىشقا تەشۋىق قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَتَعَاوَنُواْ عَلَى الْبرِّ وَالتَّقْوَى﴾
«ياخشىلىققا ۋە تەقۋالىققا ياردەملىشىڭلار»- مائىدە 5/2.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«كىمكى ئۆز قېرىندىشىغا يار-يۆلەك بولىدىكەن، ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا يار-يۆلەك بولىدۇ»[1].
بۇ ئىشنى ھارام دېگۈچىلەرگە مەلۇم بولغايكى، ئاللاھ تائالا ھالال ياكى ھارام قىلىش ھوقۇقىنى ھېچكىمگە بەرمىگەن. دەلىلگە ئاساسلانماستىن «ماۋۇ ھالال، ئاۋۇ ھارام» دېگۈچىلەر ئاللاھقا يالغان چاپلىغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَا تَقُولُوا لِمَا تَصِفُ أَلْسِنَتُكُمُ الْكَذِبَ هَذَا حَلَالٌ وَهَذَا حَرَامٌ لِتَفْتَرُوا عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ إِنَّ الَّذِينَ يَفْتَرُونَ عَلَى اللَّهِ الْكَذِبَ لَا يُفْلِحُونَ﴾
«تىللىرىڭلار توقۇغان يالغانغا ئاساسلىنىپ: ‹ئۇ ھالال، بۇ ھارام› دېمەڭلار. بولمىسا ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغان بولىسىلەر. ئاللاھقا يالغاننى چاپلىغانلار ھەرگىزمۇ مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- نەھل 16/116.

[1] مۇسلىم، سەھىھ، زىكىر، دۇئا، تەۋبە ۋە ئىستىغفار، 11، 38 – (2699)؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، ئەدەب، 4946؛ تىرمىزى، سۇنەن، ھۇدۇد 1425، ئەبۋابۇل بىررى ۋەسسىلە 1930، ئەبۋابۇل قىرائات 2945؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، ئىفتىتاھۇل كىتاب، 17/ 225.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر