مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا ئىبادەت ئۈچىنچى قىسىم

ئىنسان نىمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟

ئىنسان ئۆزىنىڭ باشقا بىرى تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇق ئىكەنلىكىنى ۋە باشقا بىر زاتنىڭ ئىدارىسى ئاستىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەن ۋاقىتتىن باشلاپ، ئۆزىگە«مەن نىمە ئۈچۈن يارىتىلدىم؟ نىمە ئۈچۈن باشقا مەخلۇقلارغا ئوخشىمايمەن؟ مىنىڭ زېمىندىكى ۋەزىپەم نىمە؟» دېگەن سۇئاللارنى قويۇپ بېقىشى كېرەك.
ھەر قانداق ھۈنەرۋەن ئۆزىنىڭ بىر نەرسىنى نىمە ئۈچۈن مەلۇم بىر شەكىلدە ياسىغانلىقىنىڭ سىرىنى ئوبدان بىلگەندەك، مۇئمىن كىشىمۇ ئويلانماستىنلا بۇ سۇئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىشنى ئوبدان بىلىدۇ.
ئاللاھ، ئىنساننىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئۇنى باشقۇرۇپ تۇرغۇچىدۇر. ئەگەر بىز ئاللاھتىن:« ئى ئاللاھ، سەن ئىنساننى نىمە ئۈچۈن ياراتتىڭ؟ سەن ئۇنى پەقەت يېمەك-ئىچمەك، ئۇيۇن-تاماشا ئۈچۈنلا ياراتتىڭمۇ؟ سەن ئىنساننى زېمىندىكى نەرسىلەردىن پايدىلىنىپ، ياشاپ بولغاندىن كېيىن يەنە تۇپراق ھالىتىگە قايتىپ كېتىشى ئۈچۈن ياراتتىڭمۇ؟ مۇبادا شۇنداق بولسا، سەن ئىنسانغا بەرگەن كۈچ-قۇۋۋەت، ئەقىل-ئىدراك ۋە ئىقتىدارلارنىڭ نىمە رولى بار؟» دەپ سورىساق، ئۇ بىزگە ئەلۋەتتە قۇرئان كەرىمدە بايان قىلغاندەك ئۆزىنىڭ ئىنساننى زېمىندا «خەلىپە» قىلىش ئۈچۈن ياراتقانلىقىنى دەيدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئۆز ۋاقتىدا رەببىڭ پەرىشتىلەرگە: «مەن زېمىندا بىر خەلىفە قىلىمەن»[1] دېگەن ئىدى، پەرىشتىلەر: «ئۇ يەردە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ۋە قان تۈكىدىغان كىشىنى خەلىپە قىلامسەن؟ ھالبۇكى بىز سېنى، ھەمد ئېيتىپ ئۇلۇغلاۋاتىمىز ۋە سېنى پاك دەپ تونۇۋاتىمىز» دېدى. ئاللاھ: «مەن سىلەر بىلمەيدىغاننى بىلىمەن» دېدى»-بەقەرە2/30.
بۇ خەلىپىلىكنىڭ تۇنجى شەرتى ۋە مەجبۇرىيىتى، ئىنساننىڭ ئاللاھنى ھەقىقى رەۋىشتە بىلىشى ۋە ئۇنىڭغا چىن ئىخلاس بىلەن ئىبادەت قىلىشىدىن ئىبارەت. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«ئاللاھ يەتتە ئاسماننى ياراتتى. زېمىندىنمۇ ئۇ يەتتە ئاسماننىڭ ئوخشىشىنى ياراتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەمر چۈشۈپ تۇرىدۇ. بۇ، ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىگە قادىر ئىكەنلىكىنى ۋە ئاللاھنىڭ ھەر نەرسىنى ئىلمى بىلەن قورشاپ تۇرغانلىقىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر» تالاق 65/12.
«مەن جىن ۋە ئىنسانلارنى ماڭا ئىبادەت قىلىشلىرى ئۈچۈنلا ياراتتىم. مەن ئۇلاردىن رىزىق تىلىمەيمەن، ئۇلارنىڭ ماڭا تائام بېرىشىنىمۇ تىلىمەيمەن. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ رىزىق بەرگۈچىدۇر ۋە كۈچ – قۇدرەت ئىگىسىدۇر»-زارىيات 60/56-58.
بىر ھەدىس قۇددىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: « ئى بەندىلىرىم! مەن سىلەرنى يالغۇز بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۈلپەتلىشىشكە ياكى كۆپ ھەمرا تېپىشقا ياراتمىدىم. ياكى بىرەر ئىشقا ئاجىز كېلىپ قالغانلىقىم ئۈچۈن ياكى بىرەر پايدا-مەنپەئەت ئېلىش ياكى زىيان-زەخمەتتىن قوغدىنىش ئۈچۈن ياراتمىدىم. پەقەت مەن سىلەرنى ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار، مېنى كۆپ ئەسلەپ تۇرۇشۇڭلار ۋە ماڭا ئەتىگەن-ئاخشام زىكىر-تەسبىھ ئېيتىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتىم».
بۇ ئالەم ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزگەن ئىنسان، ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ۋە ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ، مەسىلەن: سۇنىڭ يەر ئۈچۈن، يەرنىڭ ئۆسۈملۈكلەر ئۈچۈن، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھايۋانلار ئۈچۈن، ھايۋانلارنىڭ ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنداقتا ئىنسان نىمە ئۈچۈن يارىتىلدى؟ بۇ يەردىكى ئەڭ ھالقىلىق سۇئالىمىز بۇ.
ئىنساندىكى ساپ تەبىئەت ۋە ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بېرىدىغان جاۋابى شۇكى، ئىنسان پەقەت ئاللاھنى تۇنۇش ۋە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئۇستىمىزدىكى ھەققىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىنسان زېمىندا بۇنىڭدىن باشقا بىر مەقسەت ئۈچۈن يارىتىلمىغان. چۈنكى، كۆز ئالدىمىزدا كۆرۈپ تۇرغىنىمىزدەك، كائىناتتىكى ھەممە نەرسە ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تۇرسا، قانداقمۇ ئىنسان ئۇ نەرسىلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا يارىتىلغان بولسۇن؟
شۇڭلاشقا، ئىنساننىڭ قۇياش، ئاي، يۇلتۇز، تاغ-دەريا، ھايۋانات، دەل-دەرەخلەر ۋە شۇلارغا ئوخشايدىغان شەيئىلەردىن تەشكىللەنگەن تەبىئەتكە ۋە تەبىئەت ھادىسىلىرىگە چۇقۇنۇشى، ئىبادەت قىلىشى نورمال تەرتىپنى قالايمىقان قىلغانلىق ۋە ئىنساننى تەتۈر يۆنىلىشكە باشلىغانلىقتۇر.
دېمەك، ئىنسان ساپ تەبىئىتىنىڭ ھۆكمى ۋە ئالەمنىڭ مەنتىقىسىگە ئاساسلانغاندا، ئاللاھ ئۈچۈن يارىتىلغان. ئىنسان تاش، ھايۋان، دەل-دەرەخ، قۇياش ياكى ئايلارغا چۇقۇنۇش ئۈچۈن ئەمەس، يەك-يېگانە ئاللاھقىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن يارىتىلغان. ئاللاھتىن باشقىسىغا قىلىنغان ھەر قانداق ئىبادەت، ئىنساننىڭ دۈشمىنى شەيتاننىڭ ئالدىشىدىندۇر.    
   

 


[1]خەلىفە دېگەن كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئورۇنباسار، ئىز باسار، ھۆكۈمران دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ. ئەنئام 6/165، 133؛ ئەئراف 7/129؛ يۇنۇس 10/14، 73؛ ھۇد 11/57؛ نۇر 24/55؛ فاتىر 35/39؛ ساد 38/26. بۇ ئايەتتە مەنىسى بېشى ئادەم بىلەن باشلانغان، ئۆلۈش ۋە تۇغۇلۇش بىلەن بىر-بىرىنىڭ ئورنىنى ئىگىلەپ تۇرىدىغان، ئىلىم- مەرىپەت، كەشىپ-ئىجادىيەت ۋە ھۈنەر-سانائەتتە رىقابەتلىشىپ بىر-بىرىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان، بۇ ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرىدىغان ۋە مەدەنىيەت ئىجاد قىلىدىغان، نەتىجىدە ھەر بىرى بىردىن ئورۇنباسار بولىدىغان بىر مەخلۇق پەيدا قىلىمەن، دېگەن بولىدۇ.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر