مۇسۇلمانلار

ئىسلامدا ئىبادەت ئىككىنچى قىسىم

مەنزىلىم قەيەر
ئىككىنچى سۇئال بولسا، قايتىدىغان مەنزىل قەيەر؟ ماتېرىيالىزمچىلار بۇ سۇئالغا جاۋاب بېرىشتە ئىنساننى ئەقىلسىز ھايۋاننىڭ مەرتىبىسىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ. ئۇلار:« ئىنسان ھاياتى دۇنيادىكى سەپىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يوق بولىدۇ. زېمىن باشقا مىليونلىغان مەخلۇقلارنى يۇتۇپ كەتكەندەك، ئىنساننىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ ۋە ئىنسان ئەسلىدىكى تۇپراق ھالىتىگە قايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شامال ئۇنى ئۇچۇرۇپ يۈرۈيدۇ» دەيدۇ.
مانا بۇ ماتېرىيالىزمچىلارنىڭ «ئىنسان بالىياتقۇدىن ئۇدۇللا گۆرگە ماڭىدۇ» دېگەن نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، «ئىنسان ۋە ھاياتلىققا» بەرگەن چۈشەنچىسىدىن ئىبارەت. دېمەك، بۇلارنىڭ قارىشىچە بولغاندا، ياخشىلارغا مۇكاپات بېرىلىپ، يامانلار جازالىنىپ، ھايات مەڭگۈلۈك داۋام قىلىدىغان ئىككىنچى بىر ئالەم مەۋجۇت ئەمەس. بۇ نەزەرىيىگە ئاساسلانغاندا، ھاياتى دۇنيادا بىر ئۆمۈر ياخشىلىق قىلغان، ئۆزىنىڭ راھەت-پاراغىتىنىڭ ئورنىغا ئىنسانلار ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن، ھەق-ئادالەت يولىدا ئۆزىنى قۇربان قىلغانلار بىلەن ھاياتى دۇنيادا بىر ئۆمۈر يامانلىق قىلغان، ئۆزىنىڭ ھاۋايى-ھەۋەسلىرى ئۈچۈن ئىنسانلارنى قۇربان قىلغانلار ۋە ئۇلارغا ئېغىر زىيان-زەخمەت يەتكۈزگەن ئىنسانلار ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ.
ئۇنداقتا، ئىنسان نىمە ئۈچۈن كائىناتتىكى باشقا مەجۇداتلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ؟ نىمە ئۈچۈن بارلىق مەۋجۇدات ئىنسانغا بويسۇندۇرۇپ بېرىلدى؟ نىمە ئۈچۈن باشقا مەخلۇقلارغا بېرىلمىگەن ئەقلى ئىقتىدار، روھى كۈچ-قۇۋۋەت ئىنسانغا بېرىلدى؟ ئىنسان ھاياتى دۇنيادا مەلۇم مۇددەت ياشىغاندىن كېيىن «يوق» بولۇپ كېتىدىغان بولسا، ئىنساننىڭ روھىيىتىدە مەڭگۈلۈككە ئىنتىلىش ئىستىكىنىڭ پەيدا بولۇشىدىكى سىر نىمە؟.
مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ قەيەرگە بارىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ دۇنيا ئۈچۈن يارىتىلمىغانلىقىنى، بەلكى بۇ دۇنيا ئۇلار ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.
مۇئمىنلەر ئۆزلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك بىر ھاياتلىق ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى بىلگەچكە، دۇنيادا ئاخىرەت ئۈچۈن تەييارلىق قىلىدۇ ۋە شۇ كۈندە ئەسقاتىدىغان ھازىرلىقلارنى تەييارلايدۇ. پەقەت تەقۋادار، سالىھلارلا كىرەلەيدىغان جەننەتكە كىرىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن روھىيىتىنى مۇكەممەل دەرىجىدە پاكلايدۇ. بۇ جەننەتلەرگە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا:
«سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر(گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قىلىڭلار» دەيدۇ. (زۇمەر39/ 73).
ئاللاھ بۇ ئالەمنى ئەڭ گۈزەل شەكىلدە ياراتتى ۋە ئۇنىڭدا ھەممە نەرسىنى ئىنچىكە ھېساب بىلەن تەڭپۇڭ قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. مۇشۇنداق ئادىل سېستىمىنى ياراتقان ئاللاھنىڭ زېمىنىدا ياشاۋاتقان بىر ئىنساننىڭ، ئۇ ئاللاھتىن باشقا باشپاناھى بولمىغان ئاجىز مەزلۇم ئۈچۈن ۋە ئاھانەت ۋە ئەزىيەتلەرگە ئۇچرىغان ياخشى ئىنسانلار ئۈچۈن زالىم، ئوغرى-قاراقچى، قاتىل، جىنايەتچىلەردىن قىساس ئىلىنماي تۇرۇپ، ئىلاھى ئادىل تارازىدا تارتىلماي تۇرۇپ بۇ ھاياتنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىشى ئىنتايىن نادانلىق. بۇ ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ئاللاھ بۇنداق ئادالەتسىزلىكتىن پاكتۇر. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە بۇ ھەقىقەتنى نىمىدېگەن گۈزەل بايان قىلغان-ھە؟ ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:
«سىلەر، ئاللاھ بىزنى بىكار ياراتتى، ئاللاھ بىزنى ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈپ ھېساب ئالمايدۇ دەپ ئويلىدىڭلار، شۇنداق ئەمەسمۇ؟».ئاللاھ ئۇلۇغدۇر. ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر، شەكسىز باردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر. ئۇ ئۇلۇغ ئەرشنىڭ رەببىدۇر»-مۇئمىنۇن23/115-116.
«ئىنسان ئۆزىنىڭ بىكار قويۇۋېتىلىدىغانلىقىنى ئويلامدۇ؟»-قىيامەت75/36.
«ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق بىلەن ياراتتى. ھەر كىمگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ۋە مۇكاپاتى بېرىلىدۇ، ھېچكىمگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ. ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟»-جاسىيە45/22-23.
«بىز ئاسماننى، زېمىنى ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق. ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش كافىرلارنىڭ گۇمانىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۇ كافىرلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇ كافىرلار دوزاخقا كىرىدۇ.ياكى بىز ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار بىلەن ئوخشاش كۆرەمدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى گۇناھكارلار بىلەن ئوخشاش كۆرەمدۇق؟»-ساد 38/27-28.
«بىز ئاسماننى، زېمىننى ۋە بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنى ئويناش ئۈچۈن ياراتمىدۇق.بىز ئۇ ئىككىسىنى پەقەت ھەق بىلەن ياراتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ.ياخشى-ياماننى ئايرىش كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقتىدۇر»دۇخان 44/38-40.
   

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر