مۇسۇلمانلار

سەيلە-ساياھەت

سەيلە-ساياھەت
1- سەپەر
«سەپەر» دېگەن سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە بولۇپ مەنىسى «مەلۇم بىر ئىش ياكى زىيارەت ئۈچۈن بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىش» دېگەن بولىدۇ. دىنىمىز ئىسلام بىرقانچە تۈرلۈك مەقسەت بىلەن سەپەر قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
ئا- مەدەنىي ئاڭغا ئىگە بولۇش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَفَلَمْ يَسِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَتَكُونَ لَهُمْ قُلُوبٌ يَعْقِلُونَ بِهَا أَوْ آذَانٌ يَسْمَعُونَ بِهَا فَإِنَّهَا لَا تَعْمَى الْأَبْصَارُ وَلَكِن تَعْمَى الْقُلُوبُ الَّتِي فِي الصُّدُورِ
«مۇشرىكلار زېمىندا سەير قىلمىدىمۇ؟ ئەگەر ئۇلار سەير قىلسا، چۈشىنىدىغان قەلبلىرى ياكى ئاڭلايدىغان قۇلاقلىرى بولاتتى. ئەمەلىيەت شۇكى، كۆزلەر كور بولمايدۇ، لېكىن سىينىلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ»- ھەج 22/46.
ئە- بىلىم ۋە تەتقىقات مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ سِيرُوا فِي الْأَرْضِ فَانظُرُوا كَيْفَ بَدَأَ الْخَلْقَ ثُمَّ اللَّهُ يُنشِئُ النَّشْأَةَ الْآخِرَةَ إِنَّ اللَّهَ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ﴾
«ئېيتقىنكى: ‹يەر يۈزىدە سەير قىلىپ، ئاللاھنىڭ يارىتىش ئىشىنى قانداق باشلىغانلىقىنى كۆزىتىڭلار! ئاللاھ كەلگۈسىدە بۇ يارىتىش ئىشىنى يەنە بىر قېتىم تەكرارلايدۇ. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر.»- ئەنكەبۇت 29/20.
ب- دىنلەر تارىخىنى ئۆگىنىش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَلَقَدْ بَعَثْنَا فِي كُلِّ أُمَّةٍ رَّسُولاً أَنِ اعْبُدُواْ اللّهَ وَاجْتَنِبُواْ الطَّاغُوتَ فَمِنْهُم مَّنْ هَدَى اللّهُ وَمِنْهُم مَّنْ حَقَّتْ عَلَيْهِ الضَّلالَةُ فَسِيرُواْ فِي الأَرْضِ فَانظُرُواْ كَيْفَ كَانَ عَاقِبَةُ الْمُكَذِّبِينَ﴾
«شۈبھىسىزكى، بىز ھەر ئۈممەتكە بىر ئەلچى ئەۋەتتۇق. ئۇ ئەلچى ئۇلارغا: ‹ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار، تاغۇتتىن نېرى تۇرۇڭلار› دېدى. ئاندىن ئۇلارنىڭ بەزىسى ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە ئېرىشتى، بەزىسى ئازغۇنلۇققا لايىق بولدى. يەر يۈزىدە سەير قىلىپ راستنى يالغان دېگۈچىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزىتىڭلار»- نەھل 16/36.
پ- ئىبادەت قىلىش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش:
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّةَ مُبَارَكًا وَهُدًى لِلْعَالَمِينَ. فِيهِ آيَاتٌ بَيِّنَاتٌ مَقَامُ إِبْرَاهِيمَ وَمَنْ دَخَلَهُ كَانَ آمِنًا وَلِلَّهِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْهِ سَبِيلًا وَمَنْ كَفَرَ فَإِنَّ اللَّهَ غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ﴾
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە ئوچۇق ئالامەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. بەيتۇللاھقا بېرىشقا يول تاپالىغانلارنىڭ ھەج قىلىشى ئاللاھنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى بىر ھەققىدۇر. كىم كاپىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»– ئال ئىمران 3/96-97.
يۇقىرىدىكى ئايەتلەردە مەزكۇر سەپەرلەرنى قىلىدىغانلارنىڭ جىنسىيىتى (ئەر-ئاياللىقى) بايان قىلىنمىغان. دېمەك، ئۇ سەپەرلەرنى قىلىش ئۈچۈن ئىنسان بولۇش يېتەرلىكتۇر.
ت- تىجارەت قىلىش مەقسىتى بىلەن سەپەر قىلىش
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿لِلْفُقَرَاء الَّذِينَ أُحصِرُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ لاَ يَسْتَطِيعُونَ ضَرْباً فِي الأَرْضِ يَحْسَبُهُمُ الْجَاهِلُ أَغْنِيَاء مِنَ التَّعَفُّفِ﴾
خەير-ئېھسانلىرىڭلارنى، ئۆزلىرىنى ئاللاھ يولىغا ئاتىغان، بۇ سەۋەبتىن رىزىق ئىزدەپ زېمىندا سەپەر قىلىشقا پۇرسەت تاپالمايدىغان، تىلەمچىلىك قىلمىغانلىقلىرى ئۈچۈن تونۇمىغانلار باي دەپ ئويلايدىغان پېقىرلەرگە بېرىڭلار»- بەقەرە 2/273.
﴿وَآخَرُونَ يَضْرِبُونَ فِي الْأَرْضِ يَبْتَغُونَ مِن فَضْلِ اللَّهِ﴾
«ئاللاھنىڭ پەزلىدىن تىلەپ زېمىندا سەپەر قىلىدىغان باشقا كىشىلەر»- مۇززەممىل 73/20.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر