مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى3

سېكولارىزم
6- سېكولارىزم فىرانسىيەدە پەيدا بولغان. فىرانسۇز تىلىدا دىنى ئورگانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن مۇستەقىل بولغان دىنى قۇرۇلمىغا ((laicياكى (laique) سېكولارىزم دېيىلىدۇ[1]. بۇ دۆلەتتە دىنى ئورگان دېسە كاتولىك چېركاۋى ئەقىلگە كېلىدۇ. شۇڭلاشقا سېكولارىزم كۈرىشى خرىستىئانلارغا قارشى ئەمەس، چېركاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرىكەت.
7- چېركاۋ، ئاللاھنىڭ نامىغا ئىش قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ پادىشاھنى، ھۆكۈمەتلەرنى ۋە ۋالىلارنى بەلگىلەشتە، ئۇلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەشتە ئۆزلىرىنى تامامەن ھوقۇقلۇق دەپ قارايتتى[2]. ئۇلار ھازىرمۇ، ئۆزى تاللىغان ئىنسانلارغا قەسەم قىلدۇرۇش ئارقىلىق بۇ نوپۇزىنى ئاز بولسىمۇ داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. فىرانسىيە تارىخى، چېركاۋغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەر بىلەن توشۇپ كەتكەن. فىرانسىيەدە چېركاۋنىڭ دۆلەت ئۈستىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى يىقىتىش ھەرىكەتلىرى XIV ئەسىردە باشلانغان[3].
8- سېكولارىزم كۈرىشىنىڭ دىنغا قارشى ئېلىپ بېرىلمىغانلىقىنىڭ ئەڭ يارقىن بەلگىسى، فرانسىيەدىكى ئاساسى قانۇن تۈزۈش مەجلىس ئەزالىرى تەرىپىدىن تەييارلىنىپ، 1789-يىل ئاۋغۇستتا قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ۋە پۇقرالار ھوقۇقى باياننامىسىنىڭ 10 ۋە 11- ماددىلىرىدۇر. بۇ ماددىلار تۆۋەندىكىچە:
10- ماددا: ھەر قانداق ئىنسان ئېتىقادى ۋە كۆزقارىشى سەۋەبلىك چەتكە قېقىلمايدۇ. يېتەركى، بۇ ئېتىقاد ۋە كۆزقاراشلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى قانۇن تەرىپىدىن كاپالەت ئاستىغا ئېلىنغان جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزمسۇن.         
11- ماددا: ئىنساننىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى ۋە كۆزقارىشىنى باشقىلارغا ئەركىن ھالدا يەتكۈزۈشى ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ھەقلىرىدىن بىرى. ھەر بىر پۇقرا ئەركىن ھالدا سۆزلىيەلەيدۇ، يازالايدۇ ۋە بۇلارنى بېسىپ تارقىتالايدۇ، بۇ ئەركىنلىكنى خاتا يولغا قوللانسا پەقەت قانۇندا كۆرسىتىلگەن بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.
9- بۇ باياننامە 1791- يىلى فىرانسىيە ئاساسى قانۇنىنىڭ باشلانما قىسمى بولغان[4]. بۇ ئاساسى قانۇن كاتولىك چېركاۋىنىڭ ئىمتىيازلىرىنى يوق قىلىپ تاشلاشنى، پروتىستانتلار، يەھۇدىيلار ۋە دىنسىزلارنىڭ ھەقلىرىنى، بولۇپمۇ دىن ۋە پىكىر ئەركىنلىكى نامى بىلەنپۈتۈن دىنلارنى ئوخشاش كۆرۈشنى نىشان قىلغان[5]. چۈنكى چېركاۋ باشقا دىن مەنسۇبىغا ياشاش ھەققى بەرمەيتتى.
باياننامىنىڭ بېشىدا ئىنسان ھەق ۋە ئەركىنلىكىنىڭ ئەھمىيىتى مۇنداق ئىپادىلەنگەن:
«فىرانسىيە مىللىي قۇرۇلتىيى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ بىلىنمەسلىكى، ئۇنتۇلۇشى ۋە ئاياغ ئاستى قىلىنىشىنى خەلقنىڭ بەختسىزلىككە ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ چىرىكلىشىشىگە بىردىنبىر سەۋەب كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئىنساننىڭ تەبىئىي، زۆرۈرى ۋە مۇقەددەس ھەقلىرىنى رەسمىي بىر باياننامە بىلەن ئېلان قىلىشنى قارار قىلدى».
10-بۇ يەردە ئەركىنلىك ئىزاھلاندى ۋە ئۇنىڭ ھەددىدىن زىيادە چەكلىمىگە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن قانۇن بىلەن باياننامىگە ماددە قويۇلدى. مۇناسىۋەتلىك ماددىلار تۆۋەندىكىچە:
4- ماددا، ئەركىنلىك باشقىلارغا زىيان يەتكۈزمەيدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلىش دېمەكتۇر. ئۇنداقتا ھەر ئىنساننىڭ تەبىئىي ھەقلىرىنى ئىشلىتىشى پەقەت جەمئىيەتنىڭ باشقا ئەزالىرىغا بېرىلگەن ئوخشاش ھەقلەر بىلەن چەكلىنىدۇ. بۇ چەكلىمىلەر پەقەت قانۇن ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.
5- ماددا، قانۇن پەقەت ئومۇمغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى چەكلەيدۇ. قانۇن تەرىپىدىن چەكلەنمىگەن ھېچبىر ئىشقا توسقۇنلۇق قىلىنمايدۇ ۋە ھېچكىم قانۇن يولغا قويمىغان بىر ئىشنى قىلىشقا مەجبۇرلانمايدۇ. 
 11- تۈركىيەدىكى رەسمىي ھۆججەتلەردىمۇ سېكولارىزم دىنغا قارشى ئەمەس دېيىلگەن. ئاساسىي قانۇننىڭ 2- ماددىسى مۇنداق:
«تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، ئومۇمنىڭ خاتىرجەملىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقى ۋە ئادالەت تۇيغۇسى ئىچىدە ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەتلەش، ئاتاتۈرك مىللەتچىلىكىگە باغلىق بولۇش، باشتا بەلگىلەنگەن پىرىنسىپلارغا ئاساسلانغان دېموكراتىك، سېكولار ۋە سوتسىيال بىر ھوقۇق دۆلىتىدۇر».
12- دېمەك، سېكولارىزم تۈرك دۆلىتىنىڭ بىر ئالاھىدىلىكىدۇر. دۆلەتنىڭ باشقا ئالاھىدىلىكى بولسا ئىنسانىي ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىدۇر.
ئاساسىي قانۇننىڭ 24- ماددىسى ھەر پۇقراغا پىكىر ۋە دىنى ئېتىقاد ئەركىنلىكى بەرگەن. يەنى ئاساسىي قانۇن سېكولارىزمنىڭ دۆلەتنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى ئىكەنلىكىنى، پۇقرالارنىڭ دىندار بولالايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلغان.
13- ئاساسىي قانۇننىڭ 26- ماددىسى پىكىرلەرنى بايان قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكى بەرگەن. بۇ ماددىنىڭ باشلىنىش جۈملىسى مۇنداق:
«ھەر كىشى چۈشەنچە ۋە پىكىرلىرىنى سۆز، يېزىق، رەسىم ۋە باشقا يوللار بىلەن يالغۇز ياكى ئىجتىمائىي ھالدا ئىزھار قىلىش ۋە تارقىتىش ھوقۇقىغا ئىگە…».
ئاساسىي قانۇننىڭ مۇنداق بولۇشى تەبىئىيدۇر. ئەمەلىيەتتىمۇ ئىنسان ۋە پۇقرا ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ 16- ماددىسى مۇنداقتۇر:
«ھەقلىرى كاپالەت ئاستىغا ئېلىنمىغان، ئاپپاراتلىرى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن جەمئىيەتلەرنىڭ ئاساسى قانۇنى بولمىغان بولىدۇ».
14- 1948- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسىدە پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىكى مەسىلىسىنى قارارلاشتۇردى. شۇنداقلا بۇ ماددا دىننى ئىجتىمائىي ساھەدىن يا ھوقۇقى ساھەدىن ۋە ياكى باشقا بىر ساھەدىن يىراقلاشتۇرمايدۇ. ئەمەلىيەتتىمۇ مۇنداق ئىشنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. دىندار كىشى دىننىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، باشقا بىرىنىڭ ئەمرىنى ئىجرا قىلمايدۇ. ئەگەر ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرلانسا ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا قارشى چىقىدۇ. بۇ، ئىنسان ۋە پۇقرا ھەقلىرى باياننامىسىنىڭ مۇقەددىمىسىدە بەلگىلەنگەندەك «خەلقنىڭ بەختسىزلىكى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ چىرىكلىشىشىگە…» سەۋەبچى بولىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى ئومۇمىي باياننامىسىنىڭ 18- ماددىسى مۇنداق:
«ھەر ئادەم پىكىر ۋە دىن ئەركىنلىكىگە ئىگە. بۇ ھەر ئادەم ئۈچۈن يالغۇز ياكى ئىجتىمائىي ھالدا، ئاممىۋى بولسۇن، خۇسۇسىي بولسۇن ئۆگىنىش، ئىجرا قىلىش ۋە دىنى مەجبۇرىيەتلەرنى ئورۇنداش ئارقىلىق ئېتىقادىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئەركىنلىكىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ[6].
15- ئاساسىي قانۇننىڭ بېشىدا، «…سېكولارىزم پىرىنسىپىنىڭ تەقەززاسى بىلەن دىنى ھېس-تۇيغۇلارنىڭ دۆلەت ئىشلىرىغا ۋە سىياسەتكە قەتئىي ئارلاشتۇرۇلمايدىغانلىقى…» ئىپادىلەنگەن. دېمەك، پۇقرالارغا خىزمەت ئېلىپ بارغاندا ئۇلارنىڭ دىنى ئېتىقادلىرىغا قارىتا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ.
16- بۇ ئەسلىدە ئىسلامدا بار. بىز بۇ ھەقتە شەنىگە ھېچ داغ تەگمىگەن بىر دىننىڭ مەنسۇبىمىز. دىنىمىز ئىنسانلار بىلەن مۇناسىۋەتلەردە ئۇلارنىڭ دىنلىرىدىن كېلىپ چىققان بىر ئايرىمچىلىققا رۇخسەت قىلمايدۇ.
17- پۈتۈن بۇ ئەھۋاللارغا قارىغاندا سېكولارىزم دىنغا قارشى ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ دىنى قۇرۇلمىلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا كىرىشىگە قارشىدۇر.
ئىسلامدا دۆلەتنى ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدىغان بىر دىنى قۇرۇلما مەۋجۇت ئەمەس. فىرانسىيەدە چېركاۋغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن سېكولارىزم كۈرىشى بىر قانچە ئەسىر داۋاملاشقان ۋە كۆپلىگەن قانلىق ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان. لېكىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سېكولارىزمنى قوبۇل قىلغاندا ھېچقانداق دىنى ئورگاننىڭ ئىنكاسىنى ئالمىغان. چۈنكى ئىسلامدا ھەم دۆلەتنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدىغان بىر دىنى ئورگان يوقتۇر، ھەم يۇقىرىدا سېكولارىزمغا بېرىلگەن چۈشەنچىلەرنىڭ ئىسلامغا قارشى بىر تەرىپى يوقتۇر. شۇنىڭدەك، ئىسلامدا راھىبلار سىنىپى (دىنى ئەربابلار) يوق. چۈنكى ھېچكىم بۇ دىننى ئىنسانلار ئۈستىدە نوپۇز تىكلەشكە ۋاسىتە قىلالمايدۇ. مەسچىتلەرمۇ چېركاۋدەك بىر مۇئەسسەسە ئەمەستۇر[7].
   ئىسلام ئېتىقادلارغا بېسىم قىلىشنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ قارارىغا باغلىق. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر دىنى ئورگاننىڭ تەستىقلىشى تەلەپ قىلىنمايدۇ. چوقۇندۇرۇش (خىرىستىيانلاردا گۇناھ يۇيۇش ياكى بىراۋنى بەيئەت قىلدۇرۇش) مۇراسىمىدەك بىر مۇراسىم قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى يوق. چۈنكى ئىسلامدا دىنى زاتلار ياكى باشقا كىشىلەر ئاللاھ نامىغا ئىش قىلالمايدۇ. ئاللاھ مۇسۇلمان بولۇشنى ھېچكىم ئارىلىشالمايدىغان بىر پىرىنسىپقا باغلىغان. چۈنكى دىننىڭ جەۋھىرى ئىماندۇر. ئىماننىڭ ئاساسى بولسا ئۇنى دىل بىلەن تەستىقلاشتۇر. دىلدىكى تەستىقنى پەقەت شۇ دىلنىڭ ئىگىسى ۋە ئاللاھلا بىلىدۇ. بۇ ئىنساننىڭ ئەڭ ئەركىن بولغان يېرىدۇر. شۇڭلاشقا ھېچكىمنى بىر ئېتىقادنى قوبۇل قىلىشقا ياكى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ.
18- چېركاۋغا ئوخشاش بىر تەشكىلاتى بولمىغان، دىنى زاتلارنى بىر روھانىي يېتەكچى ئەمەس، پەقەت دىنى ساھەدە ئومۇمغا يول كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇلارغا ئۈلگە بولىدىغان كىشىلەر دەپ قارايدىغان ۋە ئىشىكىنى تېئوكراتىيەگە پۈتۈنلەي تاقىۋالغان بىر دىن كەڭ تارقالغان يەردە سېكولارىزم قايسى مەنىنى ئىپادىلەيدۇ؟
چاتاق دەل مۇشۇ نۇقتىدا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. بۇ يەردە سېكولارىزمنى ئىسلامنىڭ بەدىلى ھېسابلايدىغان ۋە ئۇنى دىنغا مۇخالىپ دەپ قوبۇل قىلىدىغانلار ئوتتۇرىغا چىقماقتا.
19- تۈركىيەدە كۆپ ساندا ئاتېئىزمچى[8]، يەنى ھېچقانداق دىننى قوبۇل قىلمايدىغان ئىنسانلار باردۇر. بەزىلەر دىندىن يىراق تۇرىدۇ، دىندىن ياقتۇرغانلىرىنى ئالىدۇ، ياقتۇرمىغانلىرىنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدۇ. بۇلارنىڭ تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك.
ئاتىئېزىمچىلار دىنى تۈس ئالغان ھەر ئىشنى سېكولارىزىمغا قارشى دەپ قارىسا، دىندىن يىراق تۇرىدىغانلار ئۆزلىرى ياقتۇرمىغان ھەر دىنى ئىشنى سېكولارىزمغا قارشى دەپ قاراپ، ئۇنى يوقىتىشقا تىرىشماقتا . ئۇلار سېكولارىزمنى دىنى ئورگاننىڭ ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت بولۇشتىن چىقىرىپ، بىۋاسىتە دىنغا قارشى ھەرىكەتكە ئايلاندۇردى. ئۇلار ئاللاھنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەمۇرىي ساھە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمىرلىرىنى تەتبىقلاشقا بولمايدۇ دەپ قارايدۇ ۋە بۇ ساھەلەردە ئۆزلىرىنى ھاكىم ھېسابلايدۇ. ئۇلار بۇنى ئۇچۇق-ئاشكارا سۆزلىمەيدۇ، لېكىن سۆز-ھەرىكەت ۋە ئەمەللىرىدە بۇنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ دىنغا قارشى قارار ۋە ئىجرائاتلىرىغا قىلىنغان ئېتىرازنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭچە، ئۇلارنىڭ كۆزقاراشلىرىغا خىلاپ كەلگەن دىنى ئەمىر ۋە پائالىيەتلەر يا ئۆزگەرتىلىشى يا توختىلىشى كېرەك. ئۇلار ئۆز پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىگە ماس كەلمىگەن دىنغا ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئىسلام دىنى ھەققىدە قۇرئان، ھەدىس ۋە دىن ئالىملىرىنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاساس دەپ قارايدۇ. يەنى ئىنسانلار پەقەت ئۇلار رۇخسەت قىلغان دائىرە ئىچىدە دىندار بولالايدۇ.
20-دىللارغا ھەپسە قىلىنماقچى بولغان دىن ئىسلام بولغاچقا ئۇنىڭغا قارشى كۈرەش قىلىش ناھايىتى قىيىن بولماقتا. چۈنكى ئىسلامغا قارشى چىقىشئالەمشۇمۇل تەۋەررۈكلەرگە قارشى چىققانلىتۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئىسلام تەشەببۇس قىلغان نەرسىلەر ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە ئىجتىمائىي ھايات بىلەن، يەنى پۈتكۈل ئالەمشۇمۇلتەۋەررۈكلەر بىلەن تولۇق ماسلىشىدۇ. چۈنكى بۇ دىن ئۇ تەۋەررۈكلەرنى قويغان ئاللاھنىڭ دىنىدۇر. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ:
{فَأَقِمْ وَجْهَكَ لِلدِّينِ حَنِيفاً فِطْرَةَ اللَّهِ الَّتِي فَطَرَ النَّاسَ عَلَيْهَا لَا تَبْدِيلَ لِخَلْقِ اللَّهِ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لَا يَعْلَمُونَ}
«سەن بۇ توغرا دىنغا- ئاللاھنىڭ فىترىتىگە- يۈزلەنگىن. ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇ فىترەت بويىچە ياراتقان. ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ھېچ ئۆزگىرىش بولمايدۇ. ئەنە شۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- رۇم 30/30.
21-شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار سېكولارىزمنىڭ مەنىسى، ئىنسان ھەقلىرى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بىلەن بەلگىلەنگەن ھەقلەر، ئالەمشۇمۇل تەۋەررۈكلەردىن سۆز ئېچىلسا دۆلەتنىڭ ئالاھىدە شەرتلىرىنى باھانە قىلىپقوبۇل قىلمايدۇ.ئەسلىدە سېكولارىزم دۆلەتنىڭ ئالاھىدىلىكى تۇرۇقلۇق، ئۇلار ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى قىلىپ تۇنۇشتۇرىدۇ ۋە: «مەن سېكولارىزمچى، سەن ئەمەس» دېگەندەك گەپلەرنى قىلىدۇ، شۇنداقلا ئىنسانلارنى «سېكولارىزمچى ۋە سېكولارىزمچى ئەمەسلەر» دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ. ئۇلار ئىچىدە بىئاراملىق ھېس قىلىدۇ، شۇڭلاشقا ۋىجدانلىرىنى راھەتلىتىش ئۈچۈن پات-پات قىلمىشلىرىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىدىغانلارمۇ چىقىدۇ. پۈتۈن بىئارامچىلىق ۋە خاتىرجەمسىزلىكلەرنىڭ ئاساسى ئەنە شۇ خاتا چۈشەنچە ۋە ھەرىكەتلەردۇر. ئۇلار بىلەن قىلىنىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈرەش ئۇلارغا زېرىكمەي-تېرىكمەي ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرۈشتۇر. چۈنكى ئالەمشۇمۇل تەۋەررۈكلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش بېشىدىلا مەغلۇپ بولۇشقا مەھكۇمدۇر. ئەگەر ئۇ تەۋەررۈكلەرنىڭ سەمىمىي ھامىيلىرى بولسىلا قىسقا ۋاقىتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.

[1]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، سېكولارىزم ماددىسى.

[2]– تۈمەر كۈچۈك، يۇقىرىدا ئۆتكەن ئەسەر، 256.

[3]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، سېكولارىزم ماددىسى.

[4]– بۈيۈك لارۇس ئېنسىكلوپېدىيەسى، ئىنسان ماددىسى.

[5]– م. سەئىد خەتىب ئوغلۇ، ئىسلامى تەتقىقات ژورنىلى، 3- جىلد، ئەنقەرە 1989، 3- سان، 102- بەت.

[6]– بۈيۈك لارۇس، ئىنسان ماددىسى، ئىستانبۇل، 1986.

[7]-شەيخۇل ئىسلاملىقنى بىر دىنى قۇرۇلما دەيدىغانلار بولۇشى مۇمكىن، لېكىن شەيخۇل ئىسلاملىق چېركاۋدەك بىر دىنى ئورگان ئەمەستۇر. بۇنىڭ قۇرئان ياكى سۈننەتكە ئاساسلانغان بىر تەرىپى يوقتۇر. ئۇ ئېھتىياج چۈشكەنلىكى ئۈچۈن  قۇرۇلغان ئىلمى ۋە ھوقۇقى بىر قۇرۇلمىدۇر. شەيخۇل ئىسلام سىياسىي كۈچكە باغلىق ئىدى. ۋەزىپىگە چىقىشى ۋە ۋەزىپدىن چۈشۈشى سىياسىي كۈچنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولاتتى. ئۇنىڭ بىر قانۇن بىلەن مەۋجۇدىيىتىنى يوقتىشىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. لېكىن دۆلەتلەر مىڭلارچە قانۇن چىقارسىمۇ چېركاۋنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى يوقتالمايدۇ. 

[8]– ئاتېئىزمچى كىتابنىڭ «كىرىش سۆز»ىدە ئىزاھلاندى.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر