مۇسۇلمانلار

دىن-دۆلەت مۇناسىۋىتى1

دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى
سېكولارىزم ۋە تېئوكراتىيە
 
 
 
دوتسېنت دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر
ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى
1999- يىلى
 
 
كېرىش سۆز
ئىلكىمىزدىكى ھەر نەرسىنى بىزگە ئاتا قىلغان ئاللاھقا ھەمدۇسانالار بولسۇن! ھېچكىم ئۇنىڭ بەرگىنىدىن ئارتۇقىغا ئېرىشەلمەيدۇ. «ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر» (بەقەرە 2/255). بۇنىڭغا ھەممە ئىنسان ئىشىنىدۇ ۋە بۇنى بىر شەكىلدە ئىپادىلەيدۇ.
بۇتپەرەسلەرمۇ ئاللاھقا ئىشىنىدۇ. ئۇلار بۇتلارغا ئۆزلىرى ئاللاھقا يېقىن دەپ ئېتىقاد قىلغان بىر قىسىم روھانىي (راھىب كالان)لارنىڭ سىموۋۇلى دەپ ئىشىنىپ، ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرسۇن دەپ چوقۇنىدۇ. ئەمما بۇ ئېتىقاد قۇرۇق خىيال ۋە ئەپسانىلەرگە تايانغانلىقى ئۈچۈن ساغلام ئەقىل ھۆكۈملىرىگە زىت كېلىدۇ، چۈنكى بۇ ئېتىقادنى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل يوق. دېمەك بۇ ئېتىقاد ئۇچۇق- ئاشكارا شېرىكتۇر.
كۈنىمىزدە خۇادىسىزلار دەپ ئاتالغان ئاتېئىزمچىلارمۇ ئەسلىدە ئاللاھقا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاللاھنى تەبىئەت ياكى كۆك تەڭرى ۋە ياكى باشقا بىر نەرسە دەپ ئاتىشى ئۇلارنىڭ ئۇ ئىشەنچىسىنىڭ يوقلىقىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان ۋە كائىناتنىڭ يەككە-يېگانە ھاكىمى بولغان ئاللاھنى ئىنكار قىلىش مۇمكىن ئەمەس. ئۇنداقتا ئاللاھنى ئىنكار قىلغان كىشى خۇددى ئاتىسىنى ئىنكار قىلغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇ كىشى قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئاتىسىنى ئىزدىگەندەك، ئۇمۇ قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىدۇ. ئەسلىدە ئۇلار ئاللاھنىڭ ئۆزلىرىگە ھەممە نەرسىنى بېرىشىنى، لېكىن ھېچبىر ئەمىر-پەرمان بەرمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىدۇ.  
بەزى ئىنسانلار بولسا ئاللاھنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىنى قوبۇل قىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە تۈرلەرگە ئايرىپ، ئۆزلىرىنىڭ خاھىشىغا ئۇيغۇن كەلگەننى قوبۇل قىلىدۇ، كەلمىگەننى رەت قىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھالى قۇرئاندا تەسۋىرلەنگەن قوغلاندى شەيتاننىڭ ھالىغا ئوخشايدۇ. شەيتاننىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قىلىشى ئاللاھنىڭ بىر بۇيرۇقىنى خاھىشىغا ئۇيغۇن كۆرمەي باش تارتقانلىقى بىلەن باشلانغان. بولمىسا ئۇ ئاللاھقا، قىيامەت كۈنىگە ۋە ئىمان كەلتۈرۈشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىمان كەلتۈرەتتى.
ئېتىقاد شەخسىي بولسۇن، ئىجتىمائىي بولسۇن ئىنساننىڭ پۈتكۈل ھايات ساھەسىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، يەنى ئىنسان  بىر ئېتىقاددا  تۇرالماي يېڭى ئېتىقادلارنى قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. ئەمما ئېتىقادى ئۆزگەرگەنلىكتىن ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ، باشقا بىر جەمئىيەتكە چىقىپ كېتەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق جەمئىيەت ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكى ئىنسانلار بىلەن ياشاشنى قوبۇل قىلىشقا تەييار بولۇشى كېرەك.
قاتناش ۋە ئالاقە-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلغان ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ تۇغۇلۇپ-ئۆسكەن جەمئىيىتىنى تاشلاپ، باشقا يەرلەرگە كۆچۈۋاتقان زاماندا، بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقاددا بولمىغان ئىنسانلار بىلەن بىر جەمئىيەتتە بىرلىكتە ياشاش قاچقىلى بولمايدىغان بىر زۆرۈرىيەت بولۇپ قالدى، چۈنكى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ باشقا يەرلەرگە بارغانلار ئۇ يەرلەرگە ئۆز ئېتىقادلىرىنىمۇ بىللە ئېلىپ بارىدۇ.
مەنتىققە ئۇيغۇن تەپەككۇر قىلغان ھەر ئىنسان ھېچكىمنى ئۆزىنىڭ ئېتىقادىغا مەجبۇرلىيالمايدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ، لېكىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى مەنتىققە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلمايدۇ، بۇ سەۋەبتىن پەرقلىق ئېتىقادلار ئوتتۇرىغا نۇرغۇن مۈشكۈلاتنىڭ پەيدا بولۇشىغا يول ئاچىدۇ.
جەمئىيەتكە توغرا پىكىر ھاكىم بولۇشى كېرەك. بۇ ھەقتە توغرا كۆز قاراش بولسا، ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشىشىغا ئىمكان بېرىشتىن ئىبارەت.ئەپسۇسكى، نوپۇزلۇق ۋە ھوقۇقدار كىشىلەر توغرىلارنىڭ ئەمەس، كۈچنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىغا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. بۇ بولسا زۇلۇم ۋە ناھەقچىلىقلارغا يول ئاچىدۇ. 
توغرىلارنىڭ ئورنىغا كۈچنىڭ ھۆكۈمران بولۇشىنى خالىغانلار ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ ئۆزلىرىگە قۇل بولۇشىنى ئارزۇ قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىسى بۇ توغرىدا ماددىي كۈچىنى، بەزىسى دۆلەت كۈچىنى، بەزىسى بولسا دىننى قوللىنىدۇ. بۇ سەۋەبتىن ئەركىنلىك مەسىلىسى تارىخ بويىچە ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىسى بولۇپ كەلگەن. ئەركىنلىك كۈرىشىگە ئاتلانغان قانچىلىغان ئىنسانلارنىڭ نوپۇزلۇق بىر ئورۇنغا ئىگە بولغاندىن كېيىن ئۆزىدىن باشقىلارغا ئەركىنلىك بەرمىگەنلىكى كۆپ يۈز بەرگەن بىر رېئاللىقتۇر.
ئىلاھى دىنلار ئېتىقادلارغا بېسىم قىلىشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ھەر زامان بۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئۇلار ئىنساننى ئىنسانغا قۇل بولۇشتىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋە ئاللاھتىن باشقىسىغا قۇل بولماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئورتاق نىشانى ئىنسانلارنىڭ ئاللاھتىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىقىدىن ئىبارەت. «ئىبادەت» لۇغەتتە شەرتسىز بويسۇنۇش دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئاللاھدىن باشقىسىغا ئىبادەت قىلماسلىق، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە شەرتسىز بويسۇنماسلىق دېمەكتۇر. ئەمما دىننى بىر زورلۇق ۋاسىتىسى سۈپىتىدە قوللانماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن ئۇنى پەيغەمبەرلەر كۆرسەتكەن سىزىقتىن چىقىرىپ تونىغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
ئۇلار دىننى خۇسۇسىيلىقتىن چىقىرىپ، كوللېكتىپلىققا ئايلاندۇرغان. ئىنسانلارنى دىنغا قوبۇل قىلىش ۋە دىندىن چىقىرىش ئىشلىرىنى مۇراسىمغا باغلاپ، ئۇلارنى ئېتىقادلىرىدا ئۆز كونتروللۇقىغا كىرگۈزۈۋالغان. ئۇلار يەنە بىر تەرەپتىن بۇ قۇرۇلما سايىسىدە دۆلەتكە ھاكىم بولۇش ۋە دۆلەتنى ئاللاھ نامىدا ئىدارە قىلىش ئىمكانىغا ئېرىشكەن. باشقۇرۇشقا ئاللاھ نامىنى بېرىپ، دۆلەتنىڭ پۈتۈن نېمەتلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، ئەمما ئۇلار ئۆزلىرى چىقارغان ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي كرىزىسلاردىن، قىلغان بېسىم ۋە زۇلۇملاردىن ئاللاھنى جاۋابكار قىلىدۇ. ھېچكىم ئاللاھتىن ھېساب سورىيالمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى مەسئۇلىيەتتىن قۇتقۇزغان. مانا بۇ تېئوكراتىيەدۇر[1]. بۇ خىل  تەشكىللىنىش خىرىستىيانلاردا بار. تېيوكراتىيە دۆلەتنى چېركاۋنىڭ ئەمرىگە كىرگۈزۈشنىڭ يەنە بىرخىل ئاتىلىشىدۇر. بۇنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغان بىر تەرىپى يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن تېئوكراتىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ھەقلىق كۈرەشتۇر. سېكولارىزم[2] بۇ كۈرەشنىڭ ئىسمى بولغان.
تېئوكراتىيەگە ئىسيان قىلىشنىڭ سىموۋۇلى بولغان سېكولارىزم زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئېتىقادلارغا بېسىم قىلىش ۋاسىتىسىگە ئايلانغان. ئىنسانلارنى ئۆزلىرىگە قۇل قىلىش تەمەسىدە بولغانلار ھازىر يا دىننى يا سېكولارىزمنى سۇيىئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئەركىنلىكنى يوق قىلىشقا تېرىشىۋاتىدۇ.
مۇسۇلمانلىقتا چېركاۋغا ئوخشاش بىر دىنى قۇرۇلمىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى قۇرئاننىڭ بارلىقى بۇنىڭغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولىدۇ. قۇرئان دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىدىيەۋى پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.ھېسسىياتچانلىق قىلمىغان ھەر كىشى ئۇلارنى قوبۇل قىلىدۇ. بىز بۇ ئەمگەك بىلەن قۇرئان نۇرى ئاستىدا دىن ۋە دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكىنى تەتقىق قىلدۇق. چۈنكى قۇرئان ئاللاھنىڭ ھېچ بۇزۇلماي ۋە ئۆزگەرمەي بىزگە يېتىپ كەلگەن ئاخىرقى كىتابىدۇر. بۇ كىتابتا تېيوكراتىيە ۋە سېكولارىزم تېمىسىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتتۇق ۋە ئۇ مەسىلىنى مۇقەددەس كىتابلارغا ۋە قۇرئانغا قارىتا چۈشەندۈرۈشكە تېرىشتۇق.
ئاساسلىق غايىمىز مەسىلىنى مۇبالىغە قىلماستىن ئېچىپ بېرىش ۋە ئىنسانلار ئۈستىگە ھۆكۈمران بولۇش ئۈچۈن دىننى ۋە سېكولارىزمنى سۇيىئىستېمال قىلغانلارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئىخچام ۋە جانلىق شەكىلدە ئېچىپ تاشلاشتۇر.
بۇ يەردە توغرىلارنى كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلدۇق. ئەسلىدە ھەممەيلەن ئۇ توغرىلارنى ئاساسىي جەھەتتىن بىلىدۇ، لېكىن ئۇلارنى ئىجرا قىلىش ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتىگە ماس كەلمەيدۇ. بۇنى ھەممىمىز ياخشى بىلىمىز. ئەگەر بىز ئىنساب بىلەن ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىلەرگە پايدا يەتكۈزەلىگەن بولساق ئۆزىمىزنى غەلىبە قىلغانلاردىن ھېسابلايمىز. ئەمما بۇنداق ئىنسانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھتىندۇر.           
 

[1]– سىياسى ھاكىمىيەت روھانىيلارنىڭ قولىدا بولغان ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى.

[2]– دىن بىلەن سىياسەتنى ئايرىش.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر