مۇسۇلمانلار

سەرف ھەققىدە تەھلىل

ج-«سەرف»ھەققىدە تەھلىل:
مەزھەپلەرنىڭ سەرف، يەنى دىنارنى دىنارغا، دىرھەمنى دىرھەمگە ۋە دىرھەمنى دىنارغا سېتىش توغرىسىدىكى شەرتلىرى، ئۇلارنىڭ جازانىخورلۇق توغرىسىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىز يۇقىرىدا كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن مەزھەپلەر جازانىخورلۇقنى ئېلىم-سېتىمنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلايدۇ، بۇنىڭغا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈش سودىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلىرىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. بۇ كىتابنىڭ جازانىخورلۇق بۆلۈمىدە بۇ كۆزقاراشلار تەنقىد قىلىندى، شۇنداقلا جازانىخورلۇق بىلەن ئېلىم-سېتىمنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئىككى مۇئامىلە ئىكەنلىكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) قويغان چەكلىمىلەرنىڭ ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاسىتىدا جازانىخورلۇق قىلىش يولىنى تاقاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چۈنكى ئۆسۈم يەيدىغانلار بۇرۇندىن تارتىپ «ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر» دەيدۇ[1]. «ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان»لىقى ئۈچۈن ئۇ چۈشەنچىدە بولغانلار ئېلىم-سېتىم يولىنى ئىشلىتىپ جازانىخورلۇق چەكلىمىسىدىن ئۆتەلەيدۇ. بىز ئۇ بۆلۈمدە «بەيئى بىلۋەفا»، «بەيئى بىلئىستىغلال»، «مۇئامەلەئى شەرئىييە» قاتارلىق مۇئامىلە تۈرلىرى بىلەن جازانىخورلۇق چەكلىمىسىدىن ئېشىپ ئۆتۈلگەنلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق. ئەگەر مەزكۇر ھەدىسلەرگە بۇ كۆز بىلەن قارالسا ئىدى، ئۇ يوللارغا ھېچكىم كىرەلمىگەن بولاتتى. بولمىسا ئاللاھ تائالا ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنى قەتئىي ئايرىغان، شۇنداقلا ئېلىم-سېتىمنى ھالال ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان تۇرۇقلۇق رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئېلىم-سېتىمنىڭ بىر قىسمىنى جازانىخورلۇقنىڭ دائىرىسىگە كىرگۈزەلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇ (ئە.س) قەرز ئۆسۈمىدىن باشقا ئۆسۈم يوق دېگەن. ئۇنىڭ تۆۋەندىكى سۆزلىرىنى تەكرار كۆرۈپ ئۆتەيلى:
«قولدىن قولغا (نەق) بولغان سودىدا ئۆسۈم يوق»[2].
«ئۆسۈم پەقەت قەرزدە بولىدۇ»[3].
«دىققەت، ئۆسۈم نېسىدە بولىدۇ»[4].
مەزھەپلەرنىڭ ئالتە تۈرلۈك مالنىڭ ئېلىم-سېتمىنى رەتكە سالىدىغان ھەدىسلەرگە قاراپ جازانىخورلۇقنى ئېلىم-سېتىمنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىشى، ئۇلارنىڭ سەرف بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۈجمەل شەرتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە يول ئاچقان. ئىمام مالىك بۇ سەۋەبتىن سەرراپنىڭ ئالغان دىنارلارنى تارتىپ ساندۇقىغا قويغاندىن كېيىن، ساتقۇچىغا دىرھەملەرنى بېرىشىنى توغرا كۆرمىگەن[5]. شافىئىيلار قەرز ئالماشتۇرۇشنى جائىز كۆرمىگەن[6]. ھەتتا ھەنبەلىيلەر پەرقلىق پۇل تۈرلىرى بىلەن بولغان قەرزلەرنى ئالماشتۇرۇشنى جايىز كۆرمىگەن[7]. زاھىرىي مەزھىپىنىڭ: «دىنار قەرزنى دىرھەم بىلەن، دىرھەم قەرزنى دىنار بىلەن تۆلەش جازانىخورلۇقتۇر» دېيىشى بۇ خىل قاراشنىڭ نەتىجىسىدۇر. بولمىسا بۇ مۇئامىلىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزگە يول ئاچمايدىغانلىقى ئېنىق.
ئۆسۈم ئېلىم-سېتىمدىن قولغا كەلگەن پايدا ئەمەس، بەلكى قەرزنىڭ كىرىمىدۇر. بىر ئايدىن كېيىن 110 لىرا ئېلىش شەرتى بىلەن 100 لىرا بېرىش سودا ئەمەستۇر. چۈنكى سودىدا بەدەللەر ئازدۇر-كۆپتۇر پەرقلىق بولىدۇ. مەسىلەن: 100 لىرا بېرىپ بىر نان سېتىۋېلىنسا، ئىككى بەدەلدىن بىرى 100 لىرا، يەنە بىر ناندۇر. ئوتتۇرىدىكى پەرق سەۋەبىدىن بىرى يەنە بىرىنىڭ مېلىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مېلىنى بېرىشكە رازى بولىدۇ. ئەمما جازانىخورلۇقتا بېرىلگەن 100 لىرانىڭ ئورنىغا يەنە 100 لىرا ۋە ئارتۇقچە بىر نەرسە ئېلىنىدۇ. ئۆسۈم بۇ ئارتۇق نەرسىنىڭ ئىسمىدۇر.
تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن «ئېلىم-سېتىم ۋە جازانىخورلۇق» بۆلۈمىنىڭ «ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈملۈك قەرز» قىسمىغا قاراڭ.
2-فەلس سودىسى
فەلس (كۆپلۈكى فۇلۇس)-ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا مېتاللاردىن بېسىلغان پۇلدۇر. ئۇ ئەسلى قىممىتىدىن يۇقىرى بىر قىممەت بىلەن بازارغا سېلىنىش ئېتىبارى بىلەن قەغەز پۇلغا ئوخشايدۇ. فەلس سودىسىنى رەتكە سالىدىغان ئايەت ياكى ھەدىس يوق. فەلس بىلەن مۇناسىۋەتلىك قائىدە-پىرىنسىپلار فەقىھلەرنىڭ كۆزقاراش ۋە چۈشەنچىلىرىدىن ئىبارەت.
شافىئىي ۋە زاھىرىي مەزھەپلىرى فەلس سودىسىنى بىر پىرىنسىپقا باغلىمايدۇ. ھەنەفىي، مالىكىي ۋە ھەنبەلىيلەر فەلسنى نېسى سېتىشنى جازانىخورلۇق ھېسابلايدۇ. بەزى فەقىھلەر بولسا فەلس سودىسىنى ئالتۇن ۋە كۈمۈش سودىسىنىڭ پىرىنسىپلىرى بىلەن ئوخشاش پىرىنسىپلارغا باغلايدۇ.
ئا-فەلس سودىسىنى پىرىنسىپقا باغلىمايدىغانلار
شافىئىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدا فەلسكە فەلس ئالغاندا بەدەللەردىن بىرى يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولسا بولىدۇ. بەدەللەرنىڭ بىرى نەق، يەنە بىرى نېسى بولۇشىغىمۇ بىر توسالغۇ يوق[8]. چۈنكى شافىئىيلار بېكىتكەن ئۆسۈم ئىللەتلىرىدىن ھېچبىرى فەلسلەردە تېپىلمايدۇ. فەلسلەر ئالتۇندىنمۇ بېسىلمىغان، كۈمۈشتىنمۇ بېسىلمىغان، ئۇلار يېمەكلىكمۇ ئەمەس. بىر ئايدىن كېيىن 110 فەلس ئېلىش شەرتى بىلەن نەق 100 فەلس سېتىشقا بولىدۇ.
زاھىرىي مەزھىپىمۇ فەلسلەرنىڭ ھەر تۈرلۈك سېتىلىشىنى جائىز كۆرىدۇ. چۈنكى زاھىرىيلار سېتىشتىن مەيدانغا كەلگەن ئۆسۈمنى پەقەت ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان ئالتە نەرسە بىلەنلا چەكلىك دەپ قارايدۇ[9].
ب- فەلس نېسى سېتىشنى جازانىخورلۇق دەيدىغانلار
ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ قارىشىچە فەلسنى فەلسكە نېسى سېتىش جازانىخورلۇق (رىبەننەسىئە) بولىدۇ. چۈنكى ئالماشتۇرۇلغان نەرسىلەر ئەينى جىنستىندۇر[10].
مالىكىي مەزھىپىڭ قارىشىچە بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە نېسى سېتىش جايىز ئەمەس. چۈنكى مالىكىيلار ھەر تۈرلۈك نەرسىنى ئۆز جىنستىن بولغان نەرسە بىلەن بىرگە ئىككىنى ئالماشتۇرۇش جازانىخورلۇق (رىبەننەسىئە) ھېسابلىنىدۇ[11].
ج-فەلسنى دىنار ۋە دىرھەم بىلەن ئوخشاش كۆرىدىغانلار
تابىئىنلاردىن[12] يەزىد ئىبىن ئەبى ھەبىب (53-128 ھ./673-746 م)، ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئەبى جەئفەر (ۋاپاتى: 99 ھ/718 م)، يەھيا ئىبىن سەئىد (ۋاپاتى: 144 ھ./461 م) ۋە رەبىئە (ۋاپاتى: 136 ھ/753 م) قاتارلىقلارنىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا پۇل سۈپىتىدە ئىستېمال قىلىنىدىغان نەرسىلەرنى دىنار ۋە كۈمۈشكە ئوخشاش ھېسابلىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
لەيس ئىبىن سەئد (94-175 ھ/713-791 م)، يەھيا ئىبىن سەئىد ۋە ربىئەلەرنىڭ قارىشىدا «فەلسىنى فەلسكە تېگىشكەندە ئارتۇقلۇق ياكى كېچىكتۈرۈش مەكروھتۇر. چۈنكى فەلس دىنار ۋە دىرھەملەردەك بېسىلغان پۇل بولغان»[13].
ئىمام مالىكنىڭ قارىشىدا، فەلسلەرنى تېگىشىش كۆز چېنى، تارتىش ۋە كەمچەنلەش قاتارلىقلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن بولمايدۇ. بۇ شەكىلدە ئوخشىشى ئوخشىشىغا نەقمۇ بولمايدۇ، نېسىمۇ بولمايدۇ. نەق بولسۇن، نېسى بولسۇن بىر فەلسكە ئىككى فەلس ئېلىش جايىز بولمايدۇ. فەلسلەرنىڭ سان بىلەن مۇئامىلە كۆرۈشى، دىنار ۋە دىرھەملەرنىڭ تارتىش بىلەن مۇئامىلە كۆرۈشىگە ئوخشايدۇ. فەلسلەر تارتىپ سېتىلسا ئاز بولسىمۇ ئىككى تەرەپنىڭ زىيان تارتىش ئېھتىمالى بولىدۇ[14].
ئەبۇ ھەنىفە (ۋاپاتى: 150 ھ/767 م) ۋە ئەبۇ يۈسۈف (ۋاپاتى: 183 ھ/799 م)لەرنىڭ قارىشىدا، مۇئەييەن بىر فەلسكە مۇئەييەن ئىككى فەلس ئېلىشقا بولىدۇ. بۇلاردا رىبەلفەدل (ئارتۇقلۇق ئۆسۈمى) مەيدانغا كەلمەيدۇ، چۈنكى بۇلار تارتىش بىلەن ياكى كەمچەنلەش بىلەن مۇئامىلە كۆرمەيدۇ. ئىمام مۇھەممەد (ۋاپاتى: 189 ھ/805 م) بۇنى جازانىخورلۇق ھېسابلايدۇ[15]. فەلس پۇل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە مۇئەييەن ئىپادىسى ئىشلىتىلگەن. نەق بولۇش شەرتى بىلەن سان بىلەن مۇئامىلە كۆرىدىغان ماللاردىن بىر دانىسىنى ئىككى دانىسىگە تېگىشىشنى جازانىخورلۇق ھېسابلىمايدىغان ئىمام مۇھەممەدنىڭ بىر فەلسكە ئىككى فەلس ئېلىشنى جازانىخورلۇق ھېسابلىشىنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ مۇئەييەن دېگەن ئىپادىدە ساقلانغان.
ئىمام مۇھەممەدنىڭ كۆزقارىشى بىزگە مۇنۇ شەكىلدە يەتكەن:
«فەلسلەر پۇل بولۇپ، خۇددى دىنار ۋە دىرھەملەردەك ئۆز جىنسىغا ئارتۇق سېتىشقا بولمايدۇ. ئۇلار بىلەن ماللارغا قىممەت بەلگىلىنىشى ئۇلارنىڭ پۇل ئىكەنلىكى كۆرسىتىدۇ. ماللارنىڭ قىممىتى دىنار ۋە دىرھەملەر بىلەن قانداق بەلگىلەنسە،  فەلسلەر بىلەنمۇ شۇنداق بەلگىلىنىدۇ. ئۇنداقتا فەلسلەرمۇ پۇل بولۇپ، باشقا جىنسكە (باش تۈردىكى نەرسىگە) قارشى پۇل ھىسابلانغاندەك، ئۆز جىنسلىرىگە قارشىمۇ پۇل ھېسابلىنىدۇ.
فەلس سودىدا تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدۇ. ئۇنىڭ مۇئەييەنلەشمەسلىكى دىنار ۋە دىرھەملەرنىڭ سودىدا تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەسلىكىگە ئوخشايدۇ. بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە ساتقاندىمۇ ئەھۋال ئوخشاشتۇر. بەدەللەر تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن مۇئەييەن بولمىغان فەلسلەر تېگشتۈرۈلگەن بولىدۇكى، بۇ جايىز ئەمەستۇر. بۇلارنىڭ بىرى يەنە بىرىنىڭ بەدىلى بولىدۇ ۋە ئىككىنچى فەلس بەدەلسىز قالىدۇ. بۇ بولسا جازانىخورلۇقتۇر[16].
دىنار ۋە دىرھەمنىڭ تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەسلىكى قولدىكى دىنار ياكى دىرھەمنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ مالنى بۇ دىنارغا ياكى بۇ دىرھەمگە ئالدىم دېگەندىن كېيىن ساتقۇچىغا ئوخشاش سۈپەتتىكى باشقا دىنارنى ياكى باشقا دىرھەمنى بەرگىلى بولۇشىدۇر. سودىدا سېتىۋالغۇچى ساتقۇچىغا باشقا پۇل بەرسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ساتقۇچى سېتىۋالغۇچىغا سېتىشقا پۈتۈشكەن مالدىن باشقىسىنى بەرسە بولمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن مال تەيىنلەش بىلەن مۇئەيينلىشىدۇ، پۇل تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدۇ[17].
ئىمام مۇھەممەدنىڭ بۇ كۆزقارىشى قارىماققا ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقارىشىغا زىتتەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى بۇ مەزھەپتە ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى (سەۋەبى) مىقدار ۋە جىنىستۇر. مىقدار- كەيل ۋە ۋەزىندۇر. ئالماشتۇرۇلغان ماللار ئوخشاش جىنس بولۇپ، ھەر ئىككىسى كەيلىي (مۇئامىلىسى كەمچەنلەپ قىلىنىدىغان) ياكى ۋەزنىي (مۇئامىلىسى تارتىپ قىلىنىدىغان) بولسا ئالماشتۇرۇش نەق بولغان تەقدىردىمۇ بەدەللەرنىڭ ئوخشاش مىقداردا بولۇشى كېرەك. بۇ مەسىلە توغرىسىدا يۇقىرىدا توختالدۇق. ئالماشتۇرۇلغان فەلسلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا جىنس بىرلىكى بار، لېكىن بۇلار ساناش بىلەن مۇئامىلە كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بۇلاردا ئۆسۈمگە سەۋەب بولىدىغان ئىككىنچى ئىللەت يوق. بۇنىڭغا ئىمام مۇھەممەدنىڭ بىر ئېتىرازى يوق، لېكىن ئۇ بۇ مەسىلىدە، فەلسلەرنىڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئېتىبارغا ئالغان. ئەبۇ ھەنىفە بىلەن ئەبۇ يۈسۈف بولسا، 1 فلسنى 2 فەلسكە تېگىشىشنى جايىز كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇلار فەلسلەرنڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى بۇ مۇئامىلىنىڭ جايىز بولۇشى ئۈچۈن ئېتىبارغا ئالمىغان. ئەگەر ئۇلارمۇ فەلسلەرنىڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى ئېتىبارغا ئالغان بولسا، ئىمام مۇھەممەدكە ئوخشاش كۆزقاراشتا بولغان بولاتتى. بۇ كۆزقاراشنى ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى جاۋابلىرىدىن چۈشىنىۋېلىشقا بولىدۇ:
«بىزنىڭچە ئېلىپ-سېتىلىش ئالدىدا تۇرغان فەلسلەرنىڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئۈچۈن سودىدىن بۇرۇن ئەمەلدىن قالغان بولۇپ، ئۇلار ئەدەدىي (سان بىلەن مۇئامىلە كۆرىدىغان) مالغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن باشقا ئەدەدىي ماللارغا ئوخشاش بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە سېتىشقا بولىدۇ. لېكىن ئۇلار باشقا ماللارنىڭ ياكى ئوخشاش ئۆز جىنسلىرىنىڭ ئالدىدا پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. ئۇلارنى قىسقىغىنا بىر ۋاقىت ئۈچۈن پۇل ھېسابلىماسلىق سودا كېلىشىمىنى توغرىلاش زۆرۈرىيىتىدىن بولغان. چۈنكى ئۇنى ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى بۇ سودىنى توغرا بولسۇن دەپ قىلغان. سودا باشقا شەكىلدە توغرا بولمايدۇ»[18]. يەنى تېگىشىش ئەسناسىدا فەلسلەر پۇل ھېسابلانسا بىر فەلس بېرىپ ئىككى فەلس ئېلىش جايىز بولمايدۇ.
ئىمام مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ:
«پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى ھەممە كىشىنىڭ قوبۇل قېلىشى بىلەن ھاسىل بولىدۇ. ئىككى كىشىنىڭ كېلىشىمى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرمايدۇ»[19].
«ئىختىيار»[20] دا بۇ مەسىلە مۇنداق چۈشەندۈرۈلىدۇ:
«ئىمام مۇھەممەد مۇنداق دەيدۇ: بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە سېتىش دۇرۇس ئەمەس. چۈنكى ئۇلار پۇلدۇر، ئۇلار ھازىر دىنار ۋە دىرھەمگە ئوخشاش بولۇپ كەتتى. ئۇلارنى نېسى سېتىشمۇ دۇرۇس ئەمەس. ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئەبۇ يۈسۈفنىڭ قارىشىدا، ئۇلارنىڭ پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى پۇل ھېسابلاش بىلەن ھاسىل بولغان، بۇ ئالاھىدىلىك پۇل ھېسابلىماسلىق بىلەن يوق بولىدۇ. ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى بۇ ئالاھىدىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا كېلىشكەن، چۈنكى بۇ ئىشتا ئۇلارنى ھېچكىم باشقۇرمايدۇ… دىنار ۋە دەرھەملەر ئۇنداق ئەمەس، چۈنكى ئۇلار پۇل سۈپىتىدە يارىتىلغان[21].
پۇل تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمىگەنلىكتىن بىر مال نەق ئېلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭغا تۆلىنىدىغان پۇل سودا قىلىشقان ۋاقىتتىن باشلاپ تۆلىگەن ۋاقىتقىچە سېتىۋالغۇچىنىڭ زىممىسىدە قەرز بولىدۇ. زىممىدىكى قەرز ئوخشىشى بىلەن تۆلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن 500 لىرا قەرز ئالغان كىشى ئوخشاش جىنستىكى پۇلدىن ئۇنىڭغا تەڭ كېلىدىغان باشقا بىر پۇل تۆلەپ قەرزدىن قۇتۇلالايدۇ. بۇ سەۋەبتىن قولىدىكى مىڭ لىراغا بىر توننا شېكەر سېتىۋالغان كىشى پۇلنى تۆلەش ئۈچۈن ساتقۇچىغا تەڭلىگەن چاغدا شامال پۇلنى ئۇچۇرۇپ دېڭىزغا چۈشۈرۈۋەتسە سودا كېلىشىمى بىكار بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ، پۇل زىممىسىگە قەرز بولۇپ ئۆتكەنلىكى ئۈچۈن باشقا بىر مىڭ لىرا بىلەن شېكەرنىڭ بەدىلىنى تۆلىشى كېرەك. پۇلنىڭ دېڭىزغا ئۇچۇپ كېتىشى سودىنى بۇزۇشقا سەۋەب بولمايدۇ.بۇ سەۋەبتىن كېلىشىم ئەسناسىدا خېرىدارنىڭ يېنىدا پۇل بولمىسىمۇ بولىدۇ. پۇلنىڭ ھالاك بولۇپ كېتىشى بىلەنمۇ كېلىشىم باتىل (بىكار) بولمايدۇ[22]. لېكىن شېكەرنى تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى يامغۇر يېغىپ شېكەرنى نابۇت قىلىۋەتسە ئېلىش-بېرىش باتىل بولىدۇ. بۇندىن كېيىن خېرىدارنى ئۇ شېكەرنىڭ ئورنىغا باشقا شېكەر ئېلىشقا مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ، ساتقۇچىنىمۇ باشقا شېكەر بېرىشكە مەجبۇرلىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى شېكەر مۇئەييەنلەشكەن بىر قەرزدۇر.
ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئەبۇ يۈسۈفنىڭ «مۇئەييەن بىر فەلسىنى مۇئەييەن ئىككى فەلسكە تېگىشىش جايىزدۇر»[23] دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى مۇنداق: تەرەپلەر تېگىشمەكچى بولغان فەلسلەرنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ. ھېچبىرى ئۇلارنىڭ ئورنىغا باشقا فەلس بېرەلمەيدۇ. ئۇلاردىن بىرى يوقاپ كەتسە سودا باتىل بولىدۇ. بۇ خۇددى بىر ئىۋرىق بېرىپ ئىككى ئىۋرىق ئالغانغا ئوخشايدۇ. تەرەپلەردىن ھېچبىرى كۆرسەتكەن ئىۋرىقىدىن باشقىسىنى بېرىش ھەققىگە ئىگە بولمايدۇ. چۈنكى بۇلار مالدۇر، تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ. ئۇلاردىن ھەر بىرى ئەينى ۋاقىتتا يەنە بىرىنىڭ بەدىلىدۇر. بۇ مۇئامىلە نۇقتىسىدىن فەلسلەر پۇل ئەمەس، تىجارىي مال ھېسابلىنىدۇ.
فەلسلەر بۇ مۇئامىلىدە پۇل ھېسابلانسا مۇئەييەنلەشكەن فەلسنىڭ ئورنىغا باشقا فەلس بېرىش ھەققى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. چۈنكى پۇل مۇئەييەنلەشمەيدۇ. مۇئەييەنلىشىشى يەنى بەلگىلىنىشى مۇھىم بولمىغان پۇللار سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن ۋاقىتىدىن باشلاپ تۆلەش ۋاقتىغىچە زىممىدە قەرز بولىدۇ. شۇڭلاشقا فەلسلەردىن بىرى يوقاپ كەتسە سودا بۇزۇلمايدۇ. ئۇ تەقدىردە بېرىلگەن بىر فەلس ئېلىنغان بىر فەلسنىڭ بەدىلى بولىدۇ، ئىككىنچى فەلس بەدەلسىز قالىدۇ. بۇ سودىدا مۇئەييەنلەشكەن بەدەلسىز ئارتۇقلۇق بولغانلىقى ئۈچۈن ھەنەفىي مەزھىپىدە ئۆسۈم بولىدۇ[24].
ئىمام مۇھەممەدنىڭ قارىشىدا فەلسلەر بازاردا ئايلىنىۋاتقان زاماندا دىنار ۋە دىرھەمدەك پۇلدۇر. مەيلى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشتۈرۈلسۇن، مەيلى باشقا جىنس بىلەن تېگىشتۈرۈلسۇن، سودىدا مۇئەييەنلەشمەيدۇ.
«ئەسل» ناملىق كىتابتا ئەبۇ ھەنىفە ۋە ئەبۇ يۈسۈفتىن كەلگەن رىۋايەت مۇنداقتۇر:
«فەلسلەر بىر تەرەپتىن پۇل، بىر تەرەپتىن مالدۇر. سودىگەرلەرنىڭ ئادىتىگە قارىتا بەزى ماللارنىڭ بەدىلى ئۇنىڭ بىلەن تۆلىنىشى مۇمكىن، لېكىن بەزى ماللارنىڭ بەدىلى ئۇنىڭ بىلەن تۆلەنمەيدۇ[25].
د-ئالتۇنغا ياكى كۈمۈشكە فەلس ئېلىش
مەزھەپلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1-ھەنەفىي، شافىئىي، ھەنبەلىي ۋە زاھىرىي مەزھەپلىرى
بۇ مەزھەپلەر پەرقلىق سەۋەبلەر بىلەن فەلسكە نېسى ئالتۇن- كۈمۈش ئېلىشنى جايىز كۆرىدۇ.
ھەنەفىي مەزھىپىدە فەلسكە نەق بولسۇن، نېسى بولسۇن دىنار ۋە دىرھەم، ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئېلىش جايىز بولىدۇ[26]. چۈنكى بۇ ئىككى ماددىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۆسۈم ئىللەتلىرىدىن ھېچبىرى يوق. ئۇلارنىڭ ھەم جىنسى ھەم ئۆلچەم بىرلىكى پەرقلىقتۇر[27]. بۇ ھەقتە ئىمام مۇھەممەدنىڭ بىر ئېتىرازى يوق. ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ كۈچلۈك قارىشىمۇ خۇددى ھەنەفىي مەزھىبىنىڭكىگە ئوخشايدۇ[28].
«فەتھۇلقەدىر»دە تاھاۋىنىڭ شەرھىسىدە مۇنداق دېيىلگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ: «بىر كىشى ئەگەر 100 فەلسنى بىر دىرھەمگە سېتىۋالسا، سېتىۋالغۇچى فەلسنى ياكى ساتقۇچى دىرھەمنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ سورۇندىن ئايرىلسا سودا جايىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى كىشى بەدەللەرنىڭ بىرى نەق، يەنە بىرى نېسى بولۇش شەرتى بىلەن مال سودىسى قىلىشىپ ئايرىلدى»[29]. فەلسنى ياكى دىرھەمنى تاپشۇرۇپ ئېلىش شەرتى ھەر ئىككى بەدەلنىڭ پۇل بولۇش سەۋەبىدىن قويۇلغان. ئەگەر تەرەپلەر ئايرىلماستىن بەدەللەرنىڭ بىرى تاپشۇرۇپ ئېلىنمىغان بولسا ھالال بولمايدۇ، چۈنكى بۇ قەرزنى قەرزگە ساتقانلىق بولىدۇ[30]. ئەينى شەرت فەلسكە ئالتۇن ياكى كۆمۈشنى نېسى تېگىشىشتىمۇ قويۇلىدۇ[31].
شافىئىي مەزھىپىنىڭ قارىشىدا فەلسلەردە ئۆسۈم ئىللەتلىرىدىن ھېچبىرى تېپلمىغانلىقتىن ئۇلارغا ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى نەق ياكى نېسى ئېلىشقا بولىدۇ[32].
زاھىرىي مەزھەپنىڭ قارىشىدا فەلسلەر ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان ئالتە مالدىن بىرىگە كىرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇلارغا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ھەرخىل شەكىلدە سېتىۋىلىنسا بولىدۇ[33].
2-مالىكى مەزھىپى
مالىكىي مەزھىپىدە بىر پۇلنىڭ ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولۇشى ئۈچۈن پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى يۇقىرى نىسبەتتە ئۇنىڭ جەۋھىرىدە بولۇشى كېرەك. بۇ پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە بولىدۇ. بۇ مەسىلىدە ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە باشقا بىر نەرسىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇ مالىكىي مەزھىپىنىڭ مەشھۇر كۆزقارشىدۇر. بۇنىڭدىن قارىغاندا مالىكىيلار خۇددى شافىئىيلارغا ئوخشاش فەلسكە فەلس ئالغاندا ياكى فەلسكە ئالتۇن-كۈمۈش ياكى دىنار-دىرھەم ئالغاندا ئالاھىدە بىر شەرت قويمايدۇ.
بۇ مەزھەپنىڭ مەشھۇر بولمىغان بىر قارىشىدا بىر نەرسىنىڭ پۇل سۈپىتى بىلەن بازاردا ئىستېمال قىلىنىشى ئۇنىڭ ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە ماۋزۇ بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر[34]. بۇنىڭغا ئاساسەن قەغەز پۇل بىلەن قوشۇپ پۈتۈن پۇللار ئۆسۈملۈك مۇئامىلىگە ماۋزۇ بولىدىغان ماللاردۇر. ئىمام مالىكنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:
«بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە سېتىش جايىز ئەمەس. فەلسلەرگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى دىنارلارنى تېگىشكەندە ئاغىنە بىر كېچىكتۈرۈش جايىز بولمايدۇ»[35].
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: فەلسكە فەلس ئېلىش كۆز چېنى بىلەنمۇ، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا تارتىش بىلەنمۇ، كەمچەنلەش بىلەنمۇ بولمايدۇ. بۇ شەكىلدە نەقمۇ بولمايدۇ، نېسىمۇ بولمايدۇ. بۇ ئىشتا فەلس سان بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ.
«ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا»دا فەلسكە ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئېلىش توغرىسىدا  تۆۋەندىكى مەلۇماتلار زىكىر قىلىنىدۇ:
«دېدىمكى، دىرھەمگە فەلس ئالسام ۋە ساتقۇچى بىلەن بىر-بىرىمىزگە بەدەللەرنى بەرمەستىن ئايرىلساق قانداق بولىدۇ؟
دېدىكى: مالىكنىڭ قارىشىدا توغرا بولمايدۇ، فاسىتتۇر (بۇزۇقتۇر). مالىك فەلسلەر توغرىسدا ماڭا مۇنداق دېگەن: فەلسلەرنى ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە تېگىشكەندە تاپشۇرۇشنى ئازغىنە ۋاقىت بولسىمۇ كېچىكتۈرۈشتە ياخشىلىق يوقتۇر. ئەگەر ئىنسانلار بېسىلغان بولۇپ مۇئەييەن بىر قىممەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان تېرە پارچىلىرىنى پۇلغا ئوخشاش بازاردا ئايلاندۇرسا، ئۇلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئالغاندا بەدىلىنى بىر ئانلىق كېچىكتۈرۈشنىمۇ مەكرۇھ ھېسابلايتتىم.
دېدىمكى: بىر كۈمۈش ئۈزۈكنى ياكى ئالتۇن ئۈزۈكنى ياكى زىخچە ئالتۇننى فەلسكە سېتىۋالساممۇ ئىككى تەرەپ بەدەللەر تاپشۇرۇپ ئالماستىن ئۇ يەردىن ئايرىلساق مالىكنىڭ قارىشىدا جايىز بولامتى؟
دېدىكى: مالىكنىڭ قارىشىدا بۇ جايىز ئەمەس. چۈنكى مالىك مۇنداق دېگەن: ‹فەلسلەرگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى دىنارلارنى تېگىشكەندە بەدەللەرنى كىچىككىنە بىر كېچىكتۈرۈشمۇ جايىز بولمايدۇ›.
«ئەلمۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرادا»دا تابىئىنلاردىن[36] يەزىد ئىبىن ئەبى ھەبىب (53-128 ھ/673-746 م)، ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئەبى جەئفەر (ۋاپاتى: 99 ھ/718 م)، يەھيا ئىبىن سەئىد (ۋاپاتى: 144 ھ/761 م) ۋە رابىئە (ۋاپاتى: 136 ھ/753)نىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان ماددىلارنى دىنار ۋە دىرھەملەرگە ئوخشاش پۇل دەپ ھېسابلىغانلىقى زىكىر قىلىنىدۇ.
لەيس ئىبن سەئد (94-175 ھ/713-791 م)، يەھيا ئبىن سەئىد ۋە رەبىئەنىڭ مۇنۇ قارىشىنى نەقىل قىلىدۇ : «فەلسنى فەلسكە تېگىشكەندە ئارتۇقلۇق ياكى كېچىكىش مەكرۇھتۇر. چۈنكى فەلس دىنار ۋە دىرھەملەرگە ئوخشاش بېسىلغان پۇلغا ئايلانغان».
يەھيا ئىبىن ئەييۇب يەھيا ئىبىن سەئىدنىڭ مۇنۇ قارىشىنى نەقىل قىلىدۇ: «دىرھەمگە فەلسنى تېگىشكەن بولساڭ ھەممىنى ئالماستىن ئايرىلما».
لەيس ئىبىن سەئد (94-175 ھ/713-791 م)، يەزىد ئىبىن ئەبى ھەبىبنىڭ ۋە ئۇبەيدۇللاھ ئىبىن ئەبى جەئفەرنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى نەقىل قىلىدۇ: ئۇستازلىرىمىزنىڭ ھەممىسى فەلسكە دىنار ۋە دىرھەم ئېلىشنى مەكرۇھ ھېسابلايتتى. قولدىن-قولغا نەق بولسا ئۇنىڭغا رۇخسەت قىلاتتى[37].

[1]– بەقەرە 2/275.

[2]– مۇسلىم، مۇساقات 103 – (1596).

[3]– دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 42.

[4]– مۇسلىم، مۇساقات 104، ئىبىن ماجە، تىجارەت 49.

[5]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا 3/396-397.

[6]– ئابدۇللاھ يۇسۇفزەيلەئى، نەسبۇررايە، قاھىرە 1357، 4- جىلد، 40- بەت

[7]– ئەھمەد ئىبىن ئابدۇللاھ قارىي، مەجەللەتۇلئەھكامىششەرئىييە، جىددە 1401/1981، 474-484 ماددىلار، 191-193 بەتلەر.

[8]– ئابدۇلھەمىد شىرۋانى، تۇھفە ھاشىيەسى، 4/279.

[9]– ئىبىن ھەزم، مۇھەللا، 7/439.

[10]– مەھمۇد ئىبىن مەۋدۇد مەۋسىلى، ئىختىيار، 2//31.

[11]– ئىبىن رۇشد، مۇقەددىمات، 3/49-51.

[12]– پەيغەمبىرىمىزنىڭ ساھابىلىرىنى كۆرگەن مۇسۇلمانلار تابىئىن دەپ ئاتىلىدۇ.

[13]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 3/396.

[14]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 4/115.

[15]– مەھمۇد ئىبىن مەۋدۇد مەۋسىلى، ئىختىيار، 2//31.

[16]– كاسانى، بەدائىئ، بۇيۇئ 5/185.

[17]– تەيىن قىلىش بىلەن مۇئەييەنلىشىش مەسىلىسى «پۇلنىڭ ھوقۇقى ئالاھىدىلىكلىرى» دا تەتقىق قىلىندى.

[18]– كاسانىي، بەدائىئ، بۇيۇئ، 5/185.

[19]– ھىدايە، بېيرۇت، 7/21.

[20]– ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ بىر كىتابى.

[21]– مۇھەممەد ئىبىن مەۋدۇد مەۋسىلى، ئىختىيار، 2/31.

[22]– ئالائىددىن ھەسكەفىي، دۇررۇل مۇختار، مىسىر 1386/1966، 5- جىلد، 272- بەت.

[23]– مۇھەممەد ئىبىن مەۋدۇد مەۋسىلى، ئىختىيار، 2/31.

[24]– مۇھەممەد ئىبىن مەۋدۇد مەۋسىلى، ئىختىيار، 2/31.

[25]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت، 12/21.

[26]– ئىبىن ئابىدىن، رەددۇلمۇختار، 5/180.

[27]– ئالتۇن-كۈمۈش تارتىش بىلەن، فەلسلەر ساناش بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ.

[28]– ئەھمەد ئىبىن ئابدۇللاھ قايرى، مەجەللۇتۇل ئەھكامىششەرئىييە، ئەلبەيئۇ بىننەسىئەتى ۋەتتەئجىل، 162- بەت، 367- ماددا.

[29]– كەمالۇددىن ئىبىن ھۇمام، فەتھۇلقەدىر، 7/157.

[30]– مۇھەممەد ئىبىن مەۋدۇد مەۋسىلى، ئىختىيار، 2/31؛ ئىبىن ئابىدىن، رەددۇلمۇختار، 5/180، رىبا، «تەنبىھ»نىڭ ئاستىدا، 5/180.

[31]– ئىبىن ئابىدىن، رەددۇلمۇختار، 5/180، رىبا، «تەنبىھ»نىڭ ئاستىدا، 5/180.

[32]– ئەھمەد ئىبىن ھەجەر، تۇھفە ۋە ئىككى ھاشىيەسى، 4/279.

[33]– ئەلى ئىبىن ئەھمەد ئىبىن ھەزم (ۋاپاتى: 456 ھ)، مۇھەللا، 7/401-…

[34]– ئەلى ئەدەۋى، ھاشىيە ئەلەلخەرەشى ئەلا مۇختەسەرى سەيدى خەلىل، بېيرۇت، 5/56.

[35]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 3/395-396.

[36]مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 3/395-396.

[37]مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، 3/396.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر