باش بەت > پەتىۋالار > ھەج  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
سوئال:
ھەج ئىبادىتى باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئىتىدىمۇ بارمىدى؟ پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ھەج قىلغانمۇ؟
جاۋاب:
ھەئە، ھەج ئىبادىتى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ دىنىدا بار ئىدى. چۈنكى «ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا دىن ئىسلامدۇر»[1]، شۇڭا ئاللاھ تائالا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە ئىسلامنى نازىل قىلغان، ھەج بولسا ئەنە شۇ ئىسلامنىڭ بەش ئەركانىدىن بىرىدۇر[2].
ئاللاھ تائالانىڭ مەككىنى يەر يۈزىنىڭ ئانا كەنتى قىلىشى[3]، كەبىنى بولسا ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئىبادەتگاھى، ئۆرە تۇرۇش ۋاسىتىسى[4]، ئالەملەر ئۈچۈن بەرىكەت ۋە ھىدايەت مەنبەسى قىلىشى[5] قاتارلىقلارمۇ بۇنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى كەبە تۇنجى ئىبادەتگاھ بولسا، كەبىنىڭ ئەتراپىدا قىلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئىبادەت بولغان ھەجمۇ تۇنجى ئىنسان ئادەم (ئە.س) بىلەن باشلانغان بولىدۇ. لېكىن كەبە نۇھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن توپان بالاسىدا يىقىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ ئىبادەت توختاپ قېلىپ، تاكى ئىبراھىم (ئە.س) كەبىنى يېڭىدىن سالغاندىن كېيىن قايتا باشلانغان.
دېمەك، ھەج ئىبادىتى يەر يۈزىگە ئىنسان ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ مەۋجۇت. لېكىن ھەر پەيغەمبەرنىڭ شەرىئىتىدە ھەجنىڭ بەزى ئەھكاملىرى پەرقلىق بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن: ئاخىرقى پەيغەمبەر مۇھەممەد (ئە.س)نىڭ شەرىئىتىدىكى ھەج ئىبادىتىنىڭ «سەئيى[6]» قىسمىنىڭ ئىبراھىم (ئە.س)نىڭ ئايالى ھاجەر ئانىمىزنىڭ بالىسى ئىسمائىلغا سۇ ئىزدەپ مەزكۇر ئىككى تاغنىڭ ئارىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈشىدىن قالغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ[7].
مۇناسىۋەتلىك بىر رىۋايەت مۇنداق:
ئۇرۋە ئىبىن زۇبەير[8] مۇنداق دەيدۇ: ماڭا مۇنۇ خەۋەر يەتتى:
«بەيتۇللاھ ئادەم (ئە.س) ئۈچۈن ئىبادەتگاھ قىلىپ بېكىتىلدى، ئادەم ئۇنى تاۋاپ قىلاتتى، ئۇنىڭ يېنىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلاتتى. نۇھ (ئە.س) توپان بالاسىدىن ئىلگىرى بەيتۇللاھنى ھەج قىلغان، ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەن، ئۇنى ھۆرمەتلىگەن. ئاللاھ توپان بالاسى بىلەن نۇھ (ئە.س)نىڭ قەۋمىنى ھالاك قىلغاندا بەيتۇللاھمۇ مۇسىبەتكە ئۇچراپ، ئورنى تونۇلىدىغان قىزىل بىر تۆپىلىككە ئايلىنىپ قالغان. ئاندىن ئاللاھ ھۇد (ئە.س)نى ئاد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇ قوۋمىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بەيتۇللاھنى ھەج قىلالماي ۋاپات بولدى. ئاندىن ئاللاھ سالىھ (ئە.س)نى سەمۇد قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتى، ئۇ مۇ قەۋمىنىڭ ئىشى بىلەن بولۇپ كېتىپ ھەج قىلالماي ۋاپات بولدى. ئاندىن ئاللاھ بەيتۇللاھنى ئىبراھىم (ئە.س)غا ماكان قىلىپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئىبراھىم (ئە.س) بەيتۇللاھنى ھەج قىلدى، ھەج پائالىيەتلىرىنى ئۆگەتتى ۋە ئۇنى زىيارەت قىلىشقا چاقىردى. ئاندىن ئاللاھ ئىبراھىم (ئە.س)دىن كېيىن ئەۋەتكەن ھەر پەيغەمبەر بەيتۇللاھنى ھەج قىلدى»[9].

[1]– ئال ئىمران 3/19.

[2]مۇناسىۋەتلىك ھەدىس: ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەن: «ئىسلام دىنى بەش ئەركان ئۈستىگە قۇرۇلغان. بىرىنچىسى ‹ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئاللاھنىڭ ئەلچىسى› دەپ گۇۋاھلىق بېرىش، ئىككىنچىسى ناماز ئوقۇش، ئۈچىنچىسى زاكات بېرىش، تۆتىنچىسى ھەج قىلىش، بەشىنچىسى روزا تۇتۇش»- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

[3]– ئەنئام 6/92؛ شۇرا 42/7.

[4]– يەنى، ئاللاھ تائالا ھەجنىڭ ۋاقتى بولغان زۇلقەئدە، زۇلھەججە ۋە مۇھەررەم ئايلىرىدا ئۇرۇش قىلىشنى ھارام قىلدى، بۇ ئايلارنىڭ ھۆرمىتىگە، ھاجىلارغا، ھاجىلارنىڭ قۇربانلىقلىرىغا ۋە بۇ قۇربانلىقلارنىڭ بۇيۇنلىرىغا ئېسىپ قويۇلغان نەرسىلەرگە چېقىلىشنى ھارام قىلدى. ھەج ئىبادىتى بىرقانچە كۈنلۈك بىر ئىبادەت بولسىمۇ ھەجنىڭ مەۋسۇمىنى 3 ئاي قىلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ۋاقىت ئىچىدە تىجارەت قىلىشىغا يول قويدى، ھەتتا بۇنىڭغا تەرغىب قىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆرسىتىدۇكى، ئاللاھ تائالا كەبىنى ھەج ئىبادىتىنىڭ مەركىزى قىلىش بىلەن بىرگە، ھاجىلارنىڭ يىلدا بىر قېتىم مەككىدە يەرمەنكە ئېچىپ مال ئېلىم-سېتىمى ۋە زاكالەت ئېلىم-بېرىمى قىلىش ئارقىلىق مال ۋە ئىشنىڭ ئايىغىنى چىقىرىشى، بىلىم ۋە پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسى ئېچىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ زامانىۋىيلىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى، سىياسىي، ھەربىي ۋە مەدەنىي ساھەلەردە توختام تۈزۈشۈش ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقىنى ھەقىقىي مەنىدە ھاسىل قىلىشى قاتارلىقلارغا شارائىت ياراتقان. مانا بۇ ئاللاھ تائالانىڭ كەبىنى «قىيامەن لىنناس (قياما للناس) يەنى ئىنسانلار ئۈچۈن تۇرۇش ۋاسىتىسى» قىلغانلىقىدۇر. دېمەككى، ئاللاھ تائالا كەبىنى مۇسۇلمان ئىنسانلارنىڭ ھەر جەھەتتىن ئۆرە تۇرۇشىغا، ھەقىقىي مەنىدە جانلىق تۇرۇشىغا، باشقا ئىنسانلارنىڭ ئالدىدا قەددىنى رۇسلاپ ئۆرە تۇرۇشىغا سەۋەب ۋە ۋاسىتە قىلغان.

[5]– ئال ئىمران 3/96؛ مائىدە 5/97.

[6]– سەفا بىلەن مەرۋە ئارىسىدا مېڭىش پائىلىيىتى.

[7]سەھىھۇل بۇخارى، ئەنبىيا، 3364.

[8]– ئەبۇ ئابدۇللاھ ئۇرۋە ئىبىن زۇبەير ئىبىن ئاۋۋام (ۋاپاتى: 94 ھ). بۇ كىشى تابىئىنلاردىن بولۇپ ھەدىسچى، تارىخچى ۋە مەدىنەدىكى يەتتە فەقىھنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاقىتتا ھاممىسى ئائىشە (ر.ئە)دىن كۆپ ھەدىس رىۋايەت قىلىغۇچىلارنىڭ بىرىدۇر.- ئىبىن كەسىر (774 ھ)، بىدايە ۋە نىھايە 12/476. 

[9]– ئەبۇل ۋەلىد مۇھەممەد ئىبىن ئابدۇللاھ ئەزرەقىي (ۋاپاتى: 250 ھ)، ئەخبارۇ مەككە ۋەما فىيھا مىنەل ئاسار 1/72؛ ئەھمەد ئىبىن ھۇسەين بەيھەقىي (ۋاپاتى: 458 ھ)، ئەسسۇنەنۇل كۇبرا5/288.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ