مۇسۇلمانلار

ئۇلار ۋە بىز

قۇرئاندىكى مۇسۇلمانلار ۋە بىز
ئايەتسىز شەكىللەنگەن «ئىسلام»نىڭ «مۇسۇلمان»لىرىنىڭ قۇرئاندا تەرىپلەنگەن مۇسۇلمانلارغا ۋەدە قىلىنغان ئىلاھى رەھمەتتىن مەھرۇم قېلىشقا مەھكۇم بولۇشى سۈننەتۇللاھ (ئاللاھنىڭ ئۆزگەرمەس قانۇنى)نىڭ تەقەززاسىدۇر. ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى شېرىكتىن، ئىبادىتىنى بىدئەتتىن، تەسەۋۋۇرىنى خۇراپاتتىن، مۇئامىلىسىنى ھارامدىن ۋە ئەخلاقىنى ناچارلىقتىن پاكلىماستىن ئوقۇغان ئۇزۇن «مۇڭلۇق ۋە رىتىملىق دۇئالار»ىنىڭ ھۇزۇرى ئىلاھىدا قوبۇل قىلىنماسلىقى ئەنە شۇ مەھرۇملۇقنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتىدۇر.
قۇرئان كەرىمدە پەيغەمبەرلەرنىڭ دۇئالىرى بىرەر ئايەت ياكى يېرىم ئايەتتۇر، شۇنداقتىمۇ ھەممىسى ئىجابەت قىلىنغان. زامانىمىزدا جۈمە ۋە ھېيت نامازلىرىنىڭ خۇتبىلىرىدا، رامىزاندا ۋىتىر نامىزىنىڭ ئاخىرلىرىدا ئوقۇلغان دۇئالار بىر ئۈنئالغۇ لىنتىسىگە لىق كېلىدۇ، يېزىلسا بىر كىتابچە بولىدۇ. لېكىن ئىجابەت بولمايۋاتىدۇ. دېمەك، دۇئا قىلغۇچى قوللىرىنى ئاللاھقا ئېچىشتىن بۇرۇن ھەقىقىي مەنىدە مۇسۇلمان بولۇشى، تىلىگەن نەرسىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇ قوللار بىلەن قىلغىلى بولىدىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغان بولۇشى ۋە دۇئانى تىلى بىلەن ئوقۇشتىن بۇرۇن دىلى بىلەن ئاللاھقا يۈزلەنگەن بولۇشى شەرتتۇر.    
كۈنىمىزدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بەزى «قارىمچاق»لارنىڭ ئاللاھقا ئۆزلىرى دۇئا قىلىشنىڭ ئورنىغا بەزى ئەرەب قارىلارنىڭ، بولۇپمۇ ھەرەم ئىماملىرىنىڭ ئوقۇغان دۇئالىرىنى ئەينەن دوراپ ئوقۇپ، ئۇلارنىڭ «كۆپەيتمە نۇسخا»سى بولۇشتا ئۆزئارا رىقابەتلىشىۋاتقانلىقى دۇئانىڭ «ئاللاھ تائالاغا يېلىنىپ ئۆزى ۋە باشقىسى ئۈچۈن ياخشىلىق تىلەش» دېگەن مەنىسىدىن نەقەدەر يىراقلاشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئىسلامىي ۋىجدانىنى ۋە ئۇيغۇرى زوقىنى يوقىتىۋەتمىگەن كىشىلەرنى يىرگەندۈرىدۇ.
يا ئەرھەمەرراھىمىن! بىز ئۇيغۇرلارنى غەپلەتتىن ئويغۇنۇش نېمىتىڭدىن مەھرۇم قىلما! ئى ئالەملەرنىڭ رەببى مېھرىبان ئاللاھ! ئارىمىزدىكى ئەقىلسىزلەرنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن بىزنى ھالاك قىلما! ئامىن!

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر