مۇسۇلمانلار

سەرف ھەققىدىكى ئىختىلاپلار

يۇقىرىدىكى ھەدىسلەرنىڭ سەۋەبىدىن مەشھۇر تۆت مەزھەپ ۋە زاھىرىي مەزھىپى تۆۋەندىكى مەسىلىدە ئىتتىپاقلىشىدۇ:
ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشكەندە، نۆكچىسى بولسۇن، بۇيۇمى بولسۇن، بېسىلغان پۇلى بولسۇن بەدەللەرنىڭ تەڭ ۋە نەق بولۇشى كېرەك، بولمىسا جازانىخورلۇق مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى قولىدىكى 10 دانە رەشاد ئالتۇنىغا زەرگەردىن بىلەزۈك سېتىۋالماقچى بولسا، ئالتۇنلار تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە، بىلەزۈكلەر يەنە بىر پەللىسىگە قويۇلىدۇ. ئىككىسى ئەينى ئېغىرلىقتا بولغاندا ئالتۇنلارنى زەرگەر، بىلەزۈكلەرنى خېرىدار ئالىدۇ. بىلەزۈكلەر ئۈچۈن ئىشچىلىق ھەققى تەلەپ قىلغىلى بولمىغاندەك، ئالتۇنلار ئۈچۈنمۇ ئارتۇق بىر نەرسە تەلەپ قىلغىلى بولمايدۇ. ئەكسى تەقدىردە جازانىخورلۇق مەيدانغا كېلىدۇ.
كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشكەندىمۇ ئەھۋال مۇشۇنداقتۇر. قولىدىكى كۈمۈشلەرگە بىر كۈمۈش كەمەر سېتىۋالماقچى بولغان كىشى مۇئامىلىنى ئەنە شۇ شەكىلدە ئېلىپ بارىدۇ.
ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشىشنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرت. بەدەللەردىن بىرىنىڭ كېيىن تۆلىنىشى جازانىخورلۇق ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن: بىر كىشى ئالتۇن بىلەزۈككە كۈمۈش كەمەر ئالماقچى بولسا كەمەرنى ئالغاندا بىلەزۈكنى بېرىشى كېرەك. بەدەللەرنىڭ بىرى ئالتۇن، بىرى كۈمۈش بولغانلىقى ئۈچۈن ئېغىرلىقلىرى پەرقلىق بولسا بولىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچبىرى كېيىن بېرىشكە قېلىپ قالسا بولمايدۇ. ئەكسى تەقدىردە ھەر ئىككى تەرەپ جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ.  
مەزھەپلەرنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى پەرقلىق كۆزقاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- ھەنەفىي مەزھىپى
1- ئالتۇننى ئالتۇنغا، ئالتۇننى كۈمۈشكە ۋە كۈمۈشنى كۈمۈشكە تېگىشكەندە ئىككى تەرەپنىڭ بىرىگە مۇئەييەن بىر مۇددەتلىك شەرتلىك ئىختىيار (خىيارى شەرت) بېرىشكە بولمايدۇ، ئەكسى تەقدىردە سودا فاسىد (بۇزۇق) بولىدۇ. بۇ شەرت دەرھال شۇ يەردىلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا سودا سەھىھ (توغرا) بولىدۇ ۋە بەدەللەرنىڭ ئۆزئارا تاپشۇرۇپ ئېلىنىشى بىلەن مۇئامىلە ئاخىرلىشىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ كۆرۈش ئىختىيارى (خىيارى رۇئيەت) بىلەن كەمچىلىك ئىختىيارى (خىيارى ئەيىب ) داۋاملىشىدۇ[1].
پۇل سۈپىتىدە بېسىلغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە كۆرۈش ئىختىيارى بولمايدۇ. چۈنكى بۇلار تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمىگەنلىكى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىش بىلەن سودا بۇزۇلمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا ئورنىغا ئوخشىشىنى ئېلىش كېرەك.
2- ئالتۇنغا كۈمۈشنى ياكى كۈمۈشكە كۈمۈشنى تېگىشكەندە بەدەللەرنىڭ ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولغانلىقىنى ئىككى تەرەپنىڭ بىلىشى لازىم. بەدەللەر ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولسىمۇ ئىككى تەرەپ بۇنى بىلمىسە سودا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
3- ئېلىنغان پۇللارنىڭ بىر قىسمى تۆۋەن پىرسەنتلىك چىققانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىلسە، سودىنىڭ ئۇ قىسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى بۇزۇلغان بولىدۇ. مەسىلەن: 100 دىنار بېرىپ 1200 دىرھەم سېتىۋالغان كىشى كېيىن دىرھەملەردىن 240 دانىسىنىڭ تۆۋەن پىرسەنتلىك بولغانلىقىنى بايقىسا، پەقەت بۇ 240 دانە دىرھەمنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ بەدىلى بولغان 20 دىنارىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. ياكى 22k لىك 10 دانە بىلەزۈك ئالغان كىشى كېيىن بىلەزۈكلەردىن ئىككىسىنىڭ 18k لىك بولغانلىقىنى بايقىسا پەقەت بۇ ئىككى بىلەزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ، قالغان بىلەزۈكلەرنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ.
4- سەرف يولى بىلەن سېتىۋېلىنغان ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى تاپشۇرۇۋالماستىن ئۇنىڭ بىلەن باشقا مۇئامىلە قىلغىلى بولمايدۇ: ھىبە قىلغىلى بولمايدۇ، ساتقىلى بولمايدۇ ۋە سەدىقە بەرگىلى بولمايدۇ.
5- ئالتۇنغا ئالتۇننى ياكى كۈمۈشكە كۈمۈشنى تېگىشكەندە بىرىنىڭ يېنىغا باشقا بىر نەرسە قويۇلسا، يەنە بىرى ئۇنىڭدىن ئېغىر بولۇشى لازىمكى، ئارتۇقى نېرىقىنىڭ يېنىدىكى نەرسىنىڭ بەدىلى بولسۇن. ئىككىسى تەڭ ياكى ئاز بولسا ۋە ياكى مىقدارلىرى بىلىنمىسە سودا باتىل بولىدۇ. بۇ تەقدىردە ئىككى تەرەپ بەدەللەرنى بىر-بىرىگە قايتۇرۇشى شەرت.
ئالتۇنغا كۈمۈش ئالغاندا بەدەللەرنىڭ نەق بولۇشىلا شەرت قىلىنىدۇ. مەسىلەن: كۈمۈش بىلەن زىننەتلەنگەن بىر قىلىچنىڭ ئۈستىدىكى كۈمۈشلەر 50 دىرھەمچىلىك بولسا، قىلىچ 50 نەق، 50 نېسى بولۇش شەرتى بىلەن 100 دىرھەمگە سېتىلسا، ئېلىنغان 50 دىرھەم قىلىچتىكى كۈمۈشنىڭ بەدىلى، قالغان 50 دىرھەم قىلىچنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ ۋە سودا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. قىلىچ تاپشۇرۇلماستىن ئىككى تەرەپ ئايرىلسا قاراش كېرەك: ئەگەر قىلىچنىڭ ئۈستىدىكى كۈمۈش زىننەتلەرنى قىلىچقا بىرەر زىيان يەتكۈزمەستىن چىقارغىلى بولسا سودىنىڭ كۈمۈش زىننەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى باتىل، قىلىچ بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇلارنى قىلىچقا بىر زىيان يەتكۈزمەستىن چىقارغىلى بولمىسا سودا تامامەن باتىل بولىدۇ.
6- دىنارغا ياكى دىرھەمگە كۈمۈش قاچا سېتىۋالغان كىشى بەدەلنىڭ ھەممىسىنى تۆلىمەستىن سودا قىلىشقان يەردىن ئايرىلسا، قاچىنىڭ بەدىلى تۆلەنگەن قىسمىغا ساتقۇچى بىلەن شېرىك بولىدۇ. ئۇ كىشى بەدەلنى تولۇق تۆلىمەسلىكتىن ئىبارەت كەمچىلىكنى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن يېنىۋېلىش ئىختىيارىغا ئىگە بولمايدۇ. لېكىن ئۇ كىشى قاچىنى ئالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ باشقىسىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا ياندۇرۇپ بەرسە بولىدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە ئۇنىڭ بىر كەمچىلىكى يوق. ئەگەر ھەق ئىگىسى بولغان تەرەپ قازىنىڭ سودىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئىلگىرى رازىلىق كۆرسەتسە سودا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
7- بىر نۆكچە ئالتۇننى ياكى بىر نۆكچە كۈمۈشنى سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ باشقىسىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇنىڭ بەدىلى تۆلەنگەن قىسمىدا سودا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئالغۇچى قالغان قىسمىنىمۇ بەدىلىنى تۆلەپ سېتىۋالىدۇ. بۇ ھەقتە ئۇنىڭ ئىختىيارى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ نۆكچىنىڭ ئۇ قىسمىنى ئېلىش بىلەن ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ. ھەق ئىگىسى، سېتىۋالغۇچى نۆكچىنى ساتقۇچىدىن تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقسا مۇشۇنداق بولىدۇ. ئەمما ھەق ئىگىسى ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئوتتۇرىغا چىقسا خېرىدار نۆكچىنىڭ مەزكۇر قالغان قىسمىنى ئېلىپ ئالماسلىقتا ئىختىيارلىق بولىدۇ. دىنار ۋە دىرھەم سودىلىرىدىمۇ ئەھۋال ئوخشاشتۇر.
8- ئىككى دىرھەم بىلەن بىر دىنارنى، بىر دىرھەم بىلەن ئىككى دىنارغا سېتىشقا بولىدۇ. بۇ سودىدا بىر دىرھەم بىر دىرھەمنىڭ، بىر دىنار بىر دىنارنىڭ بەدىلى، قالغان بىر دىرھەم بىلەن بىر دىنار بىر-بىرىنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، 11 دىرھەمنى، 10 دىرھەم بىلەن بىر دىنارغا سېتىشقا بولىدۇ. بۇ سودىدا 10 دىرھەم نېرىقى 10 دىرھەمنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. قالغان 1 دىرھەم بولسا بىر دىنارنىڭ بەدىلى بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ.
9- دىرھەم قەرزى بولغان كىشى ئۇنىڭ ئورنىغا دىنار بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: 10 دىرھەم قەرزى بولغان كىشى ئۇنىڭ ئورنىغا 1 دىنار بەرسە بولىدۇ. بۇ ئىشتا ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا رازىلىقى شەرتتۇر.
10- باشقا مېتال قوشۇپ پىرسەنتى چۈشۈرۈلگەن دىرھەم ۋە دىنارلاردا كۈمۈش ۋە ئالتۇننىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا، ئۇلار ساپ ئالتۇن ۋە ساپ كۈمۈشكە ئوخشاش مۇئامىلە كۆرىدۇ. بۇلارنى ساپ ئالتۇنغا ياكى ساپ كۈمۈشكە تېگىشكەندە ياكى بىر-بىرى بىلەن تېگىشكەندە ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولۇشى شەرت. ئەگەر ئۇلاردا ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئاز بولسا، بۇ تەقدىردە ئۇلار باشقا ماللارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ. ساپ ئالتۇن ۋە ساپ كۈمۈشنى ئۇلار بىلەن تېگىشكەندە قاراش كېرەك: ئەگەر ساپ بولغىنىنىڭ مىقدارى ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارىدىن ئارتۇق بولسا بۇ سودا جايىز بولىدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە ئارتۇق بولغان قىسىم قوشۇلغان ماددىنىڭ بەدىلى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ساپ بولغىنىنىڭ مىقدارى نېرىقىنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن ۋە كۈمۈشچىلىك بولسا ياكى ئۇنىڭدىن ئاز بولسا ۋە ياكى مىقدارلىرى بىلىنمىسە سودا جايىز بولمايدۇ. چۈنكى ئاۋۋالقى ئىككى ئەھۋالدا ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدۇ. ئۈچىنچىسىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىش ئېھتىمالى بولىدۇ. ئالتۇن بىلەن كۈمۈشنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشكەندە ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭ ئېغىرلىقتا بولۇشى شەرت ئەمەس. لېكىن تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشى شەرت.
11- مەغشۇش، يەنى ئىچىدىكى قوشۇلغان ماددا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ئاز بولغان تىللا ۋە تەڭگىلەر ئىستېمالدا بولسا، تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلەشمەيدۇ. ئىستېمالدىن قالغان بولسا تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىدۇ[2]. بۇ پۇللار تارتىش بىلەن، ساناش بىلەن، ھەم تارتىش ھەم ساناش بىلەن مۇئامىلە كۆرسە بولىدۇ.
12- يېرىمى ئالتۇن ياكى كۈمۈش، قالغان يېرىمى باشقا مېتاللارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ياسالغان پۇللار ئېلىم-سېتىمدا ياكى ئۆتنە-يېرىمدە ئالتۇن ياكى كۈمۈشى كۆپ بولغان پۇللارغا ئوخشاش ھېسابلىنىدۇ ۋە پەقەت تارتىش بىلەنلا مۇئامىلە كۆرىدۇ. لېكىن بۇلار سەرفتە مەغشۇش پۇل ھېسابلىنىدۇ. يەنى، ساپ دىنار (تىللا) بېرىپ، قوشۇلغان ماددىسى يېرىمىغا تەڭ كېلىدىغان دىنار ئېلىنماقچى بولسا، ساپ دىنارنىڭ ئېغىرلىقى نېرىقىنىڭ يېرىمىنىڭ ئېغىرلىقىدىن بىرئاز ئارتۇق بولۇشى كۇپايە قىلىدۇ. مەسىلەن: 7 گىرام ئېغىرلىقىدا بولۇپ يېرىمى قوشۇلغان ماددا بولغان بىر دىنارنى 4 گىرام ئېغىرلىقىدىكى ساپ بىر دىنارغا ئېلىشقا بولىدۇ.
13- ئىستېمال قىلىنىۋاتقان فەلسلەرگە ياكى مەغشۇش پۇللارغا بىر نەرسە سېتىۋېلىنغان بولۇپ، تېخى پۇلنى تۆلىمەستىن ئۇ پۇللار ئىستېمالدىن قالسا ياكى بازاردىن تارتىلىپ كەتسە ۋە ئۇ پۇلنى تېپىپ تۆلىگىلى بولمايدىغاندەك بولسا، ئەبۇ ھەنىفەنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ سودا باتىل بولىدۇ. ئەبۇ يۇسۇف، ئىمام مۇھەممەد، ئىمام شافىئىي ۋە ئەھمەد ئىبىن ھەنبەللەرنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ سودا باتىل بولمايدۇ. ئەبۇ يۇسۇفنىڭچە بۇ پۇللارنىڭ سودا قىلىنغان كۈندىكى قىممىتىنى، ئىمام مۇھەممەدنىڭچە ئىستېمالدا بولغان ئاخىرقى كۈندىكى قىممىتىنى تۆلەش كېرەك[3].
2- شافىئىي مەزھىپى
ھەدىسلەر بىلەن قويۇلغان چەكلىمىلەرگە شافىئىيلار بەزى چەكلىمىلەرنى قوشىدۇ. ئۇلار تۆۋەندىكىچە:
1- قەرزنى قەرزگە تېگىشىش جايىز ئەمەس. چۈنكى بۇ بىر قەرزنى يەنە بىر قەرزنىڭ بەدىلىگە ساتقانلىق ھېسابلىنىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) قەرزنى قەرزگە سېتىشتىن مەنئى قىلغان[4].
2-ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش تېگىشكەندە بەدەللەردىن بىرىنىڭ تېخىمۇ قىممەتلىك ياكى ئىشلەنگەن بولۇشىغا ئەمەس، ئەينى ئېغىرلىقتا بولۇپ بولمىغانلىقىغا قارىلىدۇ.
3- رىبەۋى مال باشقا بىر مال بىلەن بىرلىكتە سېتىلماقچى بولسا قاراش كېرەك: ئەگەر تۆلىنىدىغان بەدەل يەنە ئەينى جىنستىن رىبەۋى مال ياكى رىبەۋى مال بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر مال بولسا بۇ سودا باتىل بولىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن:
ئا- ئوخشاش ئالاھىدىلىكتە بولغان ئارىلاش ماللارنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كەمچەن ئەجۋە خورمىسى بىلەن بىر دىرھەمنى يەنە بىر كەمچەن ئەجۋە خورمىسى بىلەن بىر دىرھەمگە سېتىشقا بولمايدۇ.
ئە- پەرقلىق مىقدارلاردا بولغان رىبەۋى ماللارنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كەمچەن خورما بىلەن بىر دىرھەمنى ئىككى كەمچەن خورمىغا ياكى ئىككى دىرھەمگە سېتىشقا بولمايدۇ.  
ب- ئەينى جىنستىن ۋە پەرقلىق ئالاھىدىلىكتە بولغان ئارىلاشما رىبەۋى ماللارنى بىر-بىرى بىلەن تېگىشىشكە بولمايدۇ. مەسىلەن: تىللا ۋە باشقا ئالتۇن پۇللارنى تىللاغا ياكى باشقا ئالتۇنغا ياكى ھەر ئىككىسىدىن تەركىب تاپقان بىر بەدەلگە سېتىشقا بولمايدۇ.
بۇ سودىلارنىڭ باتىل بولۇشىنىڭ سەۋەبى پەيغەمبىرىمىزنىڭ مونچاق ۋە ئالتۇندىن تەركىب تاپقان بىر بۇلاپكىنى ئالتۇنلىرىنى ئايرىماستىن ئالتۇنغا سېتىشتىن مەنئى قىلىشىدۇر. چۈنكى بەدەللەرنىڭ بىرىدە ئىككى تۈرلۈك مال بولغاندا يەنە بىرى ئۇنىڭ قىممىتىگە تەخمىنى ھالدا بۆلۈنىدۇ. تەخمىندە خاتالىق بولۇشى مۇمكىن بولىدۇ. ھەر ئىككى دىرھەم ئەينى يەردە بېسىلغان ۋە ھەر ئىككى خورما ئەينى كەمچەن بىلەن كەمچەنلەنگەن تەقدىردىمۇ بۇ مۇئامىلە بەدەللەردىن بىرىنىڭ ئارتۇق بولۇشىغا ياكى بەدەللەرنىڭ تەڭلىكىنىڭ ئېنىق بولماسلىقىغا يول ئاچىدۇ.
بەدەللەر پەرقلىق بولسا سودا جايىز بولىدۇ. مەسىلەن: مارجان ۋە ئالتۇندىن تەركىب تاپقان بىر بۇلاپكىنى كۈمۈشكە سېتىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ بىرلا شەرتى بەدەللەرنىڭ نەق تۆلىنىشىدۇر[5].
3- مالىكىي مەزھىپى
 مالىكى مەزھىپىنىڭ ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋە ئالتۇنغا كۈمۈش سېتىش ھەققىدىكى پەرقلىق قائىدىلىرى تۆندىكىچە:
 1- بۇنداق بىر سودىدا بەدەللەرنىڭ تۆلىنىشىدە بىر كېچىكىش بولماسلىق لازىم. ئىمام مالىكتىن مۇنداق بىر سوئال سورالغان ئىدى:
بىر كىشى دىرھەم ئېلىش ئۈچۈن سەرراپقا دىنار بەرسە، سەرراپ ئۇنى تارتىپ ساندۇقىغا قويسا، ئاندىن دىرھەملەرنى خېرىدارغا بەرسە قانداق بولىدۇ؟ مالىك مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«مەن بۇنى يامان كۆرىمەن، دىرھەملەرنى تارتمىغۇچە دىنارغا قول تەگكۈزمىسۇن، ئاندىن دىنارنى ئېلىپ دىرھەملەرنى بەرسۇن»[6].
سەرف مۇئامىلىسىدە كېچىكتۈرۈش تۆۋەندىكى ئۈچ شەكىلدە بولىدۇ:
ئا- سەرف كېلىشىمى تەرەپلەردىن بىرىنىڭ بەدەللەردىن ئاز بولسىمۇ بىر نەرسىنى كېچىكتۈرۈشى شەرتى بىلەن قىلىنىدۇ. بۇنداق بىر كېلىشىم تۈزۈلسە سەرف كېلىشىمىنىڭ تامامى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ بۇزۇقلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان.
ئە-سەرف كېلىشىمى نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن تۈزۈلىدۇ. ئاندىن ئىككى تەرەپنىڭ بىرى يەنە بىرىگە سەرف قىلىشقان نەرسىدىن بىر نەرسىنى بېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ. بۇ ئەھۋالدا سودا كېلىشىمنىڭ كېچىكتۈرۈلگەن نەرسە بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىسمى بۇزۇلىدۇ. ئەگەر كېچىكتۈرۈلگەن نەرسە بىر دىناردىن ئاشسا ئىككى دىنارلىق سەرف كېلىشىمى بۇزۇلىدۇ. بۇزۇلۇش بۇ ئاساسقا قارىتا بولىدۇ. كېلىشىمىنىڭ تاماملانغان قىسمىدا كېلىشىمىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇپ بولماسلىقىدا ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بار:
1) بۇ كېلىشىم جايىز بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ئەھۋالدا ئىككى تەرەپ بەدەلنى كېچىكتۈرۈش شەرتى بىلەن سەرف كېلىشىمى تۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىدۇ. بۇ ئىبنى قاسىمنىڭ مۇدەۋۋەنەدە ئۆتكەن كۆزقارىشىدۇر. مۇھەممەد ئىبىن مەۋۋازمۇ بۇ كۆزقاراشتا.
2) بۇ كېلىشىم جايىز بولىدۇ. بۇ ئىبىن قاسىمنىڭ ئىبىن مەۋۋازنىڭ كىتابىدىكى كۆزقارىشىدۇر.
ب- سەرف كېلىشىمى بەدللەرنىڭ نەقمۇنەق بولۇشى شەرتى بىلەن تۈزۈلىدۇ، لېكىن ئۇنتۇپ قېلىش ياكى سەۋەنلىك ياكى ئوغرىلىق ۋە ياكى باشقا بىر سەۋەب تۈپەيلى بەدەللەردىن بىر نەرسە كېچىكتۈرۈلسە، بۇ ئەھۋالدا سەرف كېلىشىمىنىڭ نەقمۇنەق بولغان قىسمى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر قارشى تەرەپ كەم چىققان نەرسىنى كەچۈرۈۋەتسە سەرف كېلىشىمىنىڭ بەدەللەرنىڭ كېچىككەن قىسمىدا كۈچكە ئىگە بولۇپ بولماسلىقىدا ئىختىلاپ قىلىنغان. مەسىلەن: دىنار دىرھەمگە سەرف قىلىنسا (تېگىشتۈرۈلسە) دەرھەملەردىن بىر دىرھەم كەم چىقسا، دىنارنىڭ ئىگىسى: «مەن ئۇنى كەچۈرۈۋەتتىم» دېسە، بۇ سەرف كېلىشىمىدىن ھېچ بەرسە بۇزۇلمامدۇ؟ بۇ ھەقتە ئىككى تۈرلۈك كۆزقاراش بار: ئىبىن قاسىمنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ جايىز بولمايدۇ ۋە سەرف كېلىشىمىنىڭ بىر دىنارلىق قىسمى بۇزۇلىدۇ. ناۋادا كەم چىققان دىرھەم بىر دىنارنىڭ بەدىلىدىن ئارتۇق بولسا ئىككى دىنارلىق قىسىم بۇزۇلىدۇ. بۇزۇلۇش مۇشۇ بويىچە بولىدۇ. ئەشھەبنىڭ كۆزقارىشىچە ئالىدىغان تەرەپ كەم چىققان نەرسىنى كەچۈرۈۋەتسە سەرف كېلىشىمى جايىز بولىدۇ ۋە بۇ كېلىشىمنىڭ ھېچبىر قىسمى بۇزۇلمايدۇ[7].
2- سەرفتە بەدەلنىڭ تامامى تاپشۇرۇپ بېرىلمىسە كېلىشىم باتىل بولىدۇ:
ئا- زىننەت بۇيۇمى سودىسىدا ئېلىنغان نەرسىلەرنىڭ بەدىلىنىڭ بىر قىسمى بېرىلمىسە سودا باتىل بولىدۇ.
ئە- 100 دىنار قەرزنىڭ 1000 دىرھەم بىلەن تۆلىنىشى ئۈچۈن ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بولسا، ئاندىن قەرزدار 900 دىرھەم بېرىپ كەتسە كېلىشىم باتىل بولىدۇ. تۆلىگەن 900 دىرھەمىنى قايتۇرۇپ ئالىدۇ ۋە 100 دىنارلىق قەرزى تۇرۇۋېرىدۇ.
ب- نېسى سودىدىن ھاسىل بولغان مىڭ دىنارلىق قەرزنىڭ ئورنىغا بىر ئالتۇن تاج بېرىش ئۈچۈن ئىككى تەرەپ كېلىشكەن بولسا ۋە تاج تاپشۇرۇلماستىن ئىككى تەرەپ ئايرىلىپ كەتسە كېلىشىم باتىل بولىدۇ.
پ- ئىككى تەرەپ بىر دىنارى 20 دىرھەمگە بەدەل بولۇش شەرتى بىلەن 100 دىنارنى سەرف قىلىش (تېگىشىش) ئۈچۈن كېلىشكەن بولسا ۋە دىنارلارنىڭ ئىگىسى بۇنىڭ 50 دىنارىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن ئىككى تەرەپ ئايرىلغان بولسا سودىنىڭ تامامى باتىل بولىدۇ، ئۇنىڭ 50 دىنارنىڭ بەدىلىنى ئېلىشى جايىز بولمايدۇ.
3- بەدەللەر تاپشۇرۇلغاندىن كېيىن بايقالغان بىر كەمچىلىك سودا كېلىشىمىنىڭ تامامىنى بىكار قىلىۋەتمەيدۇ. مەسىلەن: 100 دىنارغا 2000 دىرھەم سېتىۋېلىنغاندىن كېيىن دىنارلاردىن 50 دانىسىنىڭ تۆۋەن قىممەتتە بولغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىپ قايتۇرۇپ بېرىلسە سودىنىڭ پەقەت شۇ 50 دىنارلىق قىسمى بىكار بولىدۇ. چۈنكى بۇ سودا يۇقىرىدىكى سودىغا ئوخشىمايدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان. بۇ سودىدا قارشى تەرەپ خالىسا ئۇ 50 دىنارنى تۆۋەن قىممەتتە بولۇشىغا قارىماي قايتۇرۇپ بەرمىسە بولىدۇ.
4- دىنار سودىسىدا يېرىمىنىڭ بەدىلىگە دىرھەم، يېرىمىنىڭ بەدىلىگە فەلس بېرىشنى شەرت قىلىشقا بولىدۇ.
5- ئالتۇن بىلەن رەخت قوشۇلۇپ دىرھەمگە سېتىلسا ۋە دىرھەملەر كەم بېرىلىپ ئىككى تەرەپ ئايرىلسا سودا باتىل بولىدۇ. ئىمام مالىكنىڭ قارىشىچە رەخت بىلەن ئالتۇننىڭ قىممىتى بەك ئاز بولسا بۇ مۇئامىلىنى قىلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە ئۇ سودا سەرف ھېسابلانمايدۇ. لېكىن ئالتۇن كۆپ بولسا بەدەلنىڭ تامامىنى تاپشۇرسىمۇ بۇ ئىشتا ياخشىلىق بولمايدۇ[8].
4- ھەنبەلىي مەزھىپى
ھەنبەلىي مەزھىپىنىڭ ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋە ئالتۇنغا كۈمۈش سېتىش ھەققىدىكى پىرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- سەرف سودىسى قىلغان كىشى بەدەلنىڭ بىر قىسمىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىن ئايرىلىپ كەتسە سودىنىڭ تاپشۇرۇپ ئالغان قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى سەھىھ، قالغىنى باتىل بولىدۇ. مەسىلەن: بىر سەرراپ 2 دىنارغا 20 دىرھەم سېتىۋالغاندىن كېيىن دىرھەملەردىن 10 دانىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ ئايرىلسا سودىنىڭ پەقەت 10 دىرھەملىك قىسمى سەھىھ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن دىنارنىڭ 1 دانىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىشى كېرەك.
2- ئالاھىدىلىكلىرى مەلۇم بولغان ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى، ئىككى تەرەپ ئايرىلماستىن بەدەللەرنى تاپشۇرۇشۇش شەرتى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن سورۇنغا ھازىر قىلماستىن سېتىشقا بولىدۇ. مەسىلەن: يېنىدا بولمىغان 1 دىنارنى 10 دىرھەمگە ساتقاندىن كېيىن قەرز ئېلىش ياكى بىرىنى ئەۋەتىپ ئەكەلدۈرۈش ۋە ياكى دىنار بولغان يەرگە بىرلىكتە بېرىش شەكلىدە بەدەللەرنى بىر-بىرىگە تاپشۇرسا سودا سەھىھ (توغرا) بولىدۇ.
3- خېرىدار پۇلنى تونۇسا مەغشۇش پۇلنى ئۆز جىنسى بىلەن ياكى باشقا جىنستىكى پۇل بىلەن سەرف قىلىشقا بولىدۇ. تونۇمىسا سەرف قىلىشقا بولمايدۇ.
4- سەرف مۇئامىلىسى شۇ دىنارلارنى شۇ دىرھەملەرگە دېگەندەك مۇئەييەن ئىككى جىنس ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلسا، ئاندىن بىر كەمچىلىك ئوتتۇرىغا چىقسا قاراپ كېرەك:
ئا- كەمچىلىك ئۇلارنىڭ بىرىدە ئاز بولسىمۇ باشقا جىنستىن بىر نەرسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن بولغان بولسا سودا باتىل بولىدۇ. قوشۇلغان نەرسە بەدەلنىڭ ھەممىسىدە ئەمەس پەقەت بىر قىسمىدا بولسا سودىنىڭ پەقەت شۇ قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى باتىل بولىدۇ. قالغان قىسمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمى سەھىھ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ قىسمىنىڭ بەدىلى تاپشۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: 2 دىنار بېرىپ 20 دىرھەم ئالغاندىن كېيىن دىرھەملەرنىڭ 10 دانىسى ئەيىبلىك چىققانلىقى ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىلسە قالغان 10 دىرھەم بىلەن مۇناسىۋەتلىك سودا كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
ئە- بەدەلنىڭ بىر كەمچىلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا ئالغۇچى ئىختىيارلىق بولىدۇ: خالىسا سودىنى بۇزىدۇ، خالىسا ساغلىمى بىلەن ئارىسىدىكى پەرقنى باشقا جىنستىن ئېلىش شەرتى بىلەن بەدەلنى تۇتۇپ قالىدۇ. مەسىلەن: 1 دىنار بېرىپ 10 دىرھەم ئالسا، كېيىن دىرھەملەرنىڭ قىيىلغانلىقى ياكى ئېكەكلەنگەنلىكى بايقالسا خېرىدار خالىسا سودىنى بۇزىدۇ، خالىسا ساغلام دىرھەم بىلەن ئارىدىكى پەرقنى باشقا بىر جىنس پۇلدىن ئالىدۇ. پەرق ئالتۇن ياكى كۈمۈش جىنسىدىن بولمىسا كېيىن ئالسىمۇ بولىدۇ.
5- بىر-بىرىگە پەرقلىق پۇل جىنسىدىن قەرزى بولغان ئىككى كىشى ئۆزئارا ئېلىشىنى بېرىشىگە ھېسابلاشسا بولمايدۇ. مەسىلەن: بىرىنىڭ يەنە بىرىگە ئالتۇن قەرزى بولسا، ئۇنىڭ بۇنىڭغا كۈمۈش قەرزى بولسا، ئۇلار بۇ قەرزلەرنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرسا توغرا بولمايدۇ.
6- قەرزنىڭ پەرقلىق جىنستىن بولغان پۇل بىلەن تۆلىنىشى جايىزدۇر. مەسىلەن: دىنار قەرزى بولغان كىشى بۇ قەرزىنى دىرھەم بىلەن تۆلىسە بولىدۇ. قەرز مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلىنىدىغان بولسا ھەر مۇددەتتىكى تۆلەم ئايرىم بىر كېلىشىم ھېسابلىنىدۇ. ھەر قېتىمدا قەرزنىڭ قانچىلىكىنىڭ تۆلەنگەنلىكى ئېنىق بولۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىنماي ھېساب ئاخىرغا قالدۇرۇلۇپ سەرف كېلىشىمى ئىشنىڭ ئاخىرىدا قىلىنسا جايىز بولمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا تەرەپلەردىن ھەر بىرى يەنە بىرىگە قەرزدار ھېسابلىنىدۇ. ھېساب قىلىنغان كۈن بەدەللەردىن بىرىنىڭ ھازىر قىلىنىشى ۋە دىرھەملەرنىڭ تۆلەش كۈنىدىكى قىممىتى بىلەن ئەمەس، ئۇ كۈندىكى قىممىتى بىلەن قوبۇل قىلىنىشى كېرەك[9].
5- زاھىرى مەزھىپى
زاھىرى مەزھىپىنىڭ ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋە ئالتۇنغا كۈمۈش سېتىش ھەققىدىكى پىرىنسىپلىرى تۆۋەندىكىچە:
1- بىر ئالتۇن بىلەن بىرلىكتە باشقا بىر نەرسە بولسا مەيلى بۇ نەرسە ئۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، مەيلى ئۇنىڭغا قوشۇلغان بولسۇن، مەيلى دىنارلارنىڭ ياكى باشقا ئالتۇن پارچىلىرىنىڭ ئارىسىغا قويۇلغان بولسۇن، ئۇ ئالتۇننى ئالتۇنغا سېتىش جايىز بولمايدۇ. بېرىلگەن ئالتۇن يەنە بىرىدىن ئېغىر بولسىمۇ، يېنىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولسىمۇ ئوخشاشلا جايىز بولمايدۇ. يەنە بىر ئالتۇن قوشۇمچىسىدىن ئايرىلىپ ساپلاشتۇرۇلمىغىچە بۇ سودىنى قىلىشقا بولمايدۇ.
كۈمۈشتىمۇ ئەھۋال ئوخشاشتۇر. بىر كۈمۈشكە تۇچ، ئالتۇن ياكى باشقا بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلغان ياكى قوشۇلغان ۋە ياكى ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە قويۇلغان بولسا، ئۇ مەيلى دىرھەم شەكلىدە بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ئۇنى كۈمۈشكە سېتىشقا قەتئىي بولمايدۇ. بېرىلگەن كۈمۈش يەنە بىرىدىن ئېغىر بولسىمۇ، يېنىڭ بولسىمۇ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولسىمۇ ئوخشاشلا جايىز بولمايدۇ. يەنە بىر كۈمۈش قوشۇمچىسىدىن ئايرىلىپ ساپلاشتۇرۇلمىغىچە بۇ سودىنى قىلىشقا بولمايدۇ. سېتىلىدىغان نەرسە مەيلى زىننەتلەنگەن بىر قىلىچ، مەيلى زىننەتلەنگەن قۇرئان، مەيلى كۆز قويۇلغان ئۈزۈك، مەيلى ئالتۇن ھەل بېرىلگەن كۈمۈش، مەيلى ئىچىگە كۈمۈش ياكى تۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان دىنار، مەيلى قانداقلا بىر ئارىلاشمىسى بولغان دىرھەم بولسۇن ئوخشاشتۇر.
بۇ ھۆكۈملەر ئارىلاشمىدا ئارىلاشتۇرۇلغان نەرسە مەلۇم بولسا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئەگەر ئۇ نەرسە مەلۇم بولمىسا ۋە كۆرۈنمىسە مەزكۇر ئالتۇن ياكى كۈمۈش ساپ ئالتۇن ياكى ساپ كۈمۈش ھۆكمىدە بولىدۇ. چۈنكى ئىسىملار پەرقلەرنى كۆرسىتىدىغان ئالاھىدىلىكلەرگە قاراپ قويۇلىدۇ.
بۇنىڭ دەلىلى: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولمىسا ئالتۇننى ئالتۇنغا ۋە كۈمۈشنى كۈمۈشكە سېتىشتىن چەكلىگەن. ئەگەر ئۇلاردىن بىرىگە بىر نەرسە ئارىلاشتۇرۇلسا ياكى قوشۇلسا، ئۇلارنىڭ ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولغانلىقىنى بېكىتىشكە ئىمكان قالمايدۇ.
ئالتۇن بىلەن بىرلىكتە بولغان نەرسە كۈمۈش بولمىسا، ئۇنى نەق بولۇش شەرتى بىلەن كۈمۈشكە سېتىشقا بولىدۇ. ئەينى شەكىلدە كۈمۈش بىلەن بىرلىكتە بولغان نەرسە ئالتۇن بولمىسا، ئۇنى نەق بولۇش شەرتى بىلەن ئالتۇنغا سېتىشقا بولىدۇ.
2- يۇقىرىدىكى ھۆكۈملەر ئارىلاشمىسى بولغان نەرسىنىڭ ساپ ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە بەدەل قىلىنغان ئەھۋال بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئىچىگە باشقا بىر ماددىنىڭ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان (مەغشۇش) دىنار ۋە دىرھەملەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئارىلاش بولغان جىنسلەرگە سېتىلىشى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بىلەن ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ: مەسىلەن: تۇچ ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان دىرھەمدىكى كۈمۈش يەنە بىرىدىكى تۇچقا بەدەل، يەنە بىرىدىكى كۈمۈش بۇنىڭدىكى تۇچقا بەدەل قىلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالدا مەيلى بەدەللەردىن بىرى يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولسۇن، مەيلى تەڭ بولسۇن، مەيلى بىرى ياكى ھەر ئىككى تەخمىن بىلەن ئۆلچەنگەن بولسۇن ئوخشاشتۇر. چۈنكى تۇچنى كۈمۈشكە سېتىش جايىزدۇر.
ئىچىگە كۈمۈش ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان (مەغشۇش) دىنارلار ئەينى ئالاھىدىلىكتىكى دىنارغا سېتىلسا بۇنىڭدىكى كۈمۈش يەنە بىرىدىكى ئالتۇنغا بەدەل، ئۇنىڭدىكى ئالتۇن بۇنىڭدىكى كۈمۈشكە بەدەل قىلىنىدۇ. مەيلى بەدەللەردىن بىرى يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولسۇن، مەيلى تەڭ بولسۇن، مەيلى بىرى ياكى ھەر ئىككىسى تەخمىن بىلەن ئۆلچەنگەن بولسۇن ئوخشاشتۇر. لېكىن بۇ يەردە تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشى شەرت. چۈنكى بۇ سودىدا ئالتۇنغا سېتىلغان نەرسە كۈمۈشتۇر[10].
3- دىنار قەرزى بولغانلار قەرزلىرىنى دىرھەم بىلەن، دىرھەم قەرزى بولغانلار دىنار بىلەن تۆلىسە يۈزدەيۈز ئۆسۈم مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. چۈنكى پەيغەمبىرىمىز بۇلارنى تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشىنى شەرت قىلغان. ئۇنداق بىر مۇئامىلە نەق ئېلىم-سېتىم ھېسابلانمايدۇ.
4- ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش سېتىلىپ، تەرەپلەردىن بىرى تېخى ئايرىلماستىن ئالغان نەرسىسىدە بىر ئەيىب بايقىسا ئىختىيارلىق بولىدۇ: خالىسا بۇ سودىنى بۇزىدۇ، خالىسا ئەيىبلىك بولغان نەرسىنى ئالماشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى بۇ تەقدىردە ئېلىم-سېتىم تېخى تاماملانغان بولمايدۇ.
ئەيىب تەرەپلەر ئايرىلغاندىن كېيىن بايقالسا ۋە باشقا بىر نەرسىنىڭ ئارىلىشىش ئەيىبى بولسا ئېلىم-سېتىمنىڭ تامامى بۇزۇلىدۇ. ئېلىنغان نەرسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ باشقىسىغا ئائىت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا سودا كېلىشىمىنىڭ تامامى بۇزۇلىدۇ.
ئەگەر ئەيىب سېتىۋېلىنغان نەرسىنىڭ ئۆزىدە بولسا، مەسىلەن ئۇ نەرسىنىڭ سۇنۇق بولۇشى ياكى تەبىئىي ھالدا قىممىتى تۆۋەن بىر جىنس ئالتۇن ياكى كۈمۈش بولۇشى بولسا قاراش كېرەك: ئەگەر سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن ئەسنادا بەدەللەرنىڭ بۇ خىل ئەيىبلەردىن خالىي بولۇشى شەرت قوشۇلغان بولسا، سودىنىڭ تامامى بۇزۇلىدۇ. بۇنداق بىر شەرت قوشۇلمىغان بولسا مۇناسىۋەتلىك تەرەپ ئىختىيارلىق بولىدۇ: خالىسا ھېچ نەرسە تەلەپ قىلماستىن بەدەلنى قوبۇل قىلىدۇ، خالىسا سودىنىڭ تامامىنى بۇزىدۇ[11].

[1]خىيارى شەرت ئالغۇچى بىلەن ساتقۇچىدىن بىرىنىڭ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ مۇئەييەن بىر مۇددەت ئىختىيارلىق بولۇشى دېمەكتۇر. خىيارى ئەيب سېتىلغان مالنىڭ ئاسان يوق قىلغىلى بولمايدىغا كەمچىلىكى ئوتتۇرىغا چىققان تەقدىردە ئېلىش ئالماسلىق ھەققىدە خېرىدارغا بېرىلگەن ئىختىياردۇر. خىيارى رۇئيەت كۆرمەستىن سېتىۋالغان مالنى كۆرگەندە ئېلىش ئالماسلىق ھەققىدە خېرىدارغا بېرىلگەن ئىختىياردۇر.   

[2] تەيىنلەش بىلەن مۇئەييەنلىشىش مەسىلىسى «پۇلنىڭ ھوقۇقى ئالاھىدىلىكلىرى»دە ئىزاھلانغان.

[3]– ئالائۇددىن ھەسكەفىي، دۇررۇل مۇختار، مىسىر 1386/1966، 5- جىلد، 257-272- بەتلەر.

[4]– ئابدۇللاھ ئىبىن يۇسۇف، نەسبۇررايە لىئەھادىسىل ھىدايە، قاھىرە 1357، 4- جىلد، 40- بەت.

[5]– ئەھمەد ئىبىن ھەجەر، تۇھفە ۋە ھاشىيەلىرى، 4/279…

[6]– مالىك ئىبىن ئەنەس، مۇدەۋۋەنەتۇل كۇبرا، 3/396-397.

[7]– ئىبىن رۇشد، مۇقەددىمات، 3/60-67.

[8]– مالىك ئىبىن ئەنەس، مۇدەۋۋەنە كۇبرا، 3/395.

[9]– ئەھمەد ئىبىن ئابدۇللاھ قارى، مەجەللەتۇل ئەھكامىششەرئىييە، جىددە 1401/1981، 474-484 ماددىلار، 191-193 بەتلەر.

[10]– بۇ يەردە دىققەت جەلب قىلغان مۇھىل بىر مەسىلە بار. مەغشۇش دىنار ۋە دىرھەم تەرىپ قىلىنغاندا «ئارىلاشتۇرۇلغانلىقى مەلۇم بولغان» دېگەن ئىپادە زىكىر قىلىندى. ھالبۇكى، ھەنەفىي مەزھىپى ئارىلاشمىسى يېرىمىدىن ئاز بولغانلارنى ساپ ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە ئوخشاش دەپ قوبۇل قىلىدۇ، شۇنداقلا بۇ مۇئامىلىنى پەقەت ئارىلاشمىسى يېرىمى ياكى يېرىدىن ئارتۇق بولغانلار ئۈچۈن كۈچكە ئىگە دەپ ھېسابلايدۇ.  

[11]– ئەلى ئىبىن ھەزم، مۇھەللا، 7/439-466.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر