باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە دېدەكلەر
ئەسىرلەرنى قۇل ياكى چۆرە قىلىش ۋە چۆرىلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش قۇرئانغا خىلاپتۇر. بۇ توغرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ئوچۇق بولۇشىغا قارىماي، ئۇلارنى خاتا چۈشىنىش نەتىجىسىدە ئەسىرلەرنى قۇل قىلىشقا ۋە چۆرىلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشقا بولىدىغانلىقى سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىنىڭ ئورتاق كۆزقارىشى ھالىتىگە كەلگەن.
ئا-ئەسىرلەرنىڭ قۇل قىلىنىشى
مۇسۇلمانلار ئۆزلىرىنى ئەمەس، بەلكى ئاللاھنىڭ دىنىنى ھاكىم قىلىش ئۈچۈن تېرىشىدۇ. بۇ تىرىشچانلىق سەۋەبىدىن جەمئىيەتتە داۋالغۇش باشلىغاندا قارشىلىق كۈچىيىدۇ، ھەتتا قارشى تەرەپ بەزىدە ئۇرۇش ئاچىدۇ. ئەگەر ئۇرۇشقا ئۇرۇش بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىلمىسە ئاقىۋەت بەك يامان بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
َقَاتِلُواْ فِي سَبِيلِ اللّهِ الَّذِينَ يُقَاتِلُونَكُمْ وَلاَ تَعْتَدُواْإِنَّ اللّهَ لاَ يُحِبِّ الْمُعْتَدِينَ}
«سىلەرگە ئۇرۇش ئاچقانلارغا قارشى سىلەر ئاللاھ يولىدا ئۇرۇشۇڭلار. لېكىن تاجاۋۇز قىلماڭلار، چۈنكى ئاللاھ تاجاۋۇز قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرمەيدۇ»- بەقەرە 2/190.
مۇسۇلمانلار تۇنجى ئۇرۇشىنى بەدىردە قىلدى. ئاللاھ بۇ ئۇرۇشتىن ئىلگىرى مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى:
{فَإِذا لَقِيتُمُ الَّذِينَ كَفَرُوا فَضَرْبَ الرِّقَابِ حَتَّى إِذَا أَثْخَنتُمُوهُمْ فَشُدُّوا الْوَثَاقَ فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ وَإِمَّا فِدَاء حَتَّى تَضَعَ الْحَرْبُ أَوْزَارَهَا}
«جەڭ مەيدانىدا كافىرلار بىلەن ئۇرۇش قىلغان چېغىڭلاردا ئۇلارنى قىرىپ تاشلاڭلار. ئاخىرى ئۇلارنى يېڭىپ، قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرگەن چېغىڭلاردا ئۇلارنى ئەسىر ئېلىپ چىڭ تۇتۇڭلار. ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار»- مۇھەممەد 47/4.
ئەسىرلەرنى قۇيۇپ بېرىش دۈشمەننىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى يوقىتىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىنىئۆزگەرتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارشى قايتا ئۇرۇش ئاچمايدىغان بولىدۇ.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلَا تَسْتَوِي الْحَسَنَةُ وَلَا السَّيِّئَةُ ادْفَعْ بِالَّتِي هِيَ أَحْسَنُ فَإِذَا الَّذِي بَيْنَكَ وَبَيْنَهُ عَدَاوَةٌ كَأَنَّهُ وَلِيٌّ حَمِيمٌ}
«ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوخشاش بولمايدۇ. يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن دەپئى قىلغىن، دۈشمىنىڭ خۇددى سەمىمىي دوستۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ» فۇسسىلەت41/34
بەدىر ئۇرۇشىدا، پەيغەمبىرىمىز دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ، ھەيۋىسىنى يوقاتماي تۇرۇپ ئەسىر ئالغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ تائالانىڭ قاتتىق كايىشىغا ئۇچرىغان ئىدى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
{مَا كَانَ لِنَبِيٍّ أَن يَكُونَ لَهُ أَسْرَى حَتَّى يُثْخِنَ فِي الأَرْضِ تُرِيدُونَ عَرَضَ الدُّنْيَا وَاللّهُ يُرِيدُ الآخِرَةَ وَاللّهُ عَزِيزٌ حَكِيمٌ (67) لَّوْلاَ كِتَابٌ مِّنَ اللّهِ سَبَقَ لَمَسَّكُمْ فِيمَا أَخَذْتُمْ عَذَابٌ عَظِيمٌ (68) فَكُلُواْ مِمَّا غَنِمْتُمْ حَلاَلاً طَيِّبًا وَاتَّقُواْ اللّهَ إِنَّ اللّهَ غَفُورٌ رَّحِيمٌ (69}
«ھېچبىر نەبىينىڭ ئۇرۇشتا دۈشمىنىنى يېڭىپ قارشىلىق كۆرسىتەلمەيدىغان ھالەتكە كەلتۈرمەي تۇرۇپ، ئەسىرلىرىنىڭ بولۇشى توغرا ئەمەس ئىدى. سىلەر دۇنيانىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئەتىنى ئىرادە قىلىسىلەر. ئاللاھ ئاخىرەتنى ئىرادە قىلىدۇ. ئاللاھ غالىب كەلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
ئەگەر ئاللاھنىڭ بۇرۇن يازغان بىر ھۆكمى بولمىسا ئىدى، ئالغان فىديەڭلەر تۈپەيلىدىن ئەلۋەتتە چوڭ بىر ئازابقا دۇچار بولاتتىڭلار. ئالغان غەنىمەتلىرىڭلارنى ھالال ۋە پاك بىلىپ يەڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» ئەنفال 8/67-69.
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4-ئايىتىگە ئەمەل قىلىپ بەدىر ئەسىرلىرىنىڭ بىر قىسمىنى بەدەلسىز،يەنە بىر قىسمىنى فىدىيە (كېپىللىك پۇلى) ئېلىپ قۇيۇپ بەردى.
خەندەك ئۇرۇشىدا مۇسۇلمانلار بىلەن بىر سەپتە تۇرسىمۇ، ئۇرۇش جەريانىدا دۈشمەن بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن بەنى قۇرەيزە يەھۇدىلىرىنى  پەيغەمبىرىمىز ئۇرۇشتىن كېيىن جازالاپ كۈچىنى يوقاتتى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
{وَأَنزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا (26) وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَؤُوهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا (27)}
«ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» ئەھزاب/26/27.
بەنى قۇرەيزە مۇھاسىرىدە ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ، قالغانلار ئەسىر ئېلىندى. يۇرتلىرى ۋە ماللىرى مۇسۇلمانلارغا قالدى. ئايەتتىكى «ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى، يۇرتلىرىنى ۋە ماللىرىنى سىلەرگە بەردى» دېگەنئىپادىلەر ئەسىرلەرنىڭ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ يا ئۇرۇشقىچىلىك ھالى يا فىدىيە بېرىشكە ماللىرى قالمىغان ئىدى. خەيبەر بىلەن بەنى مۇستەلىق ئەسىرلىرىگە ۋە باشقا بارلىق ئەسىرلەرگە قىلىنغان مۇئامىلە يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئايەتنىڭ ھۆكمىگە قارىتا بولغان. قۇرئاننىڭ ئۇچۇق ھۆكمى بار يەردە پەيغەمبىرىمىزنىڭ باشقا بىر ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4-ئايىتىدە ھۆكۈم ئۇچۇق بولسىمۇ سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئۇرۇش ئەسىرلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى ۋە قۇل قىلىشنى بۇ ئايەتنىڭ ھۈكمىدەك كۆرسەتكەن.
ئەبۇبەكرى ئەلجەسساسنىڭ «ئەھكامۇل قۇرئان» دېگەن كىتابىدا بۇ ئايەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ ئىزاھاتلار زىكىر قىلىنىدۇ:
{فَإِمَّا مَنًّا بَعْدُ، وَإِمَّا فِدَاءً} فَجَعَلَ اللَّهُ النَّبِيَّ وَالْمُؤْمِنِينَ فِي الْأُسَارَى بِالْخِيَارِ، إنْ شَاءُوا قَتَلُوهُمْ، وَإِنْ شَاءُوا اسْتَعْبَدُوهُمْ، وَإِنْ شَاءُوا فَادُوهُم.
«ئاندىن ئۇلارنى يا بەدەلسىز قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قۇيۇپ بېرىڭلار» دېگەن ئايەت بىلەن ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە مۇئمىنلارنى ئەسىرلەر مەسىلىسىدە ئىختىيارىغا قويدى. خالىسا ئۇلارنى ئۆلتۈرىدۇ، خالىسا قۇل قىلىدۇ، خالىسا ئۇلاردىن فىدىيە ئىلىپ قۇيۇپ بېرىدۇ»مۇھەممەد 47/4.
ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن بۇ مەسىلىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ:
«ئۇرۇش نەتىجىسىدە ئېلىنغان ئەسىرلەر ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگان تۈۋەندىكىلەردىن بىرنى قىلىشتا ئىختىيارلىقتۇر: خالىسا مۇسۇلمانلارنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەسىرلەرنىڭ ئۇرۇشچى قىسمىنى ئۆلتۈرۈپ بۇزغۇنچىلىقنى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ، خالىسا يامانلىقلارنى يوق قىلىش ئۈچۈن پەقەت قۇل ياكى دېدەك قىلىش بىلەن كۇپايىلىنىدۇ، خالىسا زىممىي قاتارىغا كىرگۈزۈپ مۇسۇلمانلارنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ھۆرىيەت بېرىدۇ. خالىسا ئۇلارنى مۇسۇلمان ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرىدۇ[5].
جەئفەرى مەزھىپىگە مەنسۇپ <تاباتابائى>نىڭ تەپسىرىدە بۇ مەسىلىگە مۇنداق چۈشەنچە بېرىلگەن:
«ئاللاھنىڭ «ئاندىن ئۇلارنى بەدەلسىز ياكى فىدىيە ئېلىپ قۇيۇپ بېرىڭلار» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچە: ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار. ئاندىن يا بەدەلسىز قۇيۇپ بېرىڭلار ياكى قۇل قىلىڭلار ياكى مال ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار ۋە ياكى دۈشمەننىڭ قولىدىكى ئەسىرلەر بىلەن ئالماشتۇرڭلار»[6].
كۆرگىنىمىزدەك سۈننىيلەر ۋە شىئەلەر ئايەتتە بولمىغان قۇل قىلىشنى  ئايەتنىڭ ھۆكمىدەك ئوتتۇرىغا قويدى.
داۋامى بار…
كۆرگىنىمىزدەك سۈننىيلەر ۋە شىئەلەر ئايەتتە بولمىغان قۇل قىلىشنى  ئايەتنىڭ ھۈكمىدەك ئوتتۇرىغا قويدى.
ب-ئايال ئەسىرلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش
سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرى ئەسىرلەرنى قۇل قىلىشنى قۇرئاننىڭ ھۆكمى دەپ ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن نىسا سۈرىسىنىڭ 24-، مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 5- ۋە 60، ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50- ئايەتلىرىنىڭ كەلىمىلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە دىققەت قىلماستىن ئايال ئەسىرلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشنىمۇ قۇرئاننىڭ ھۆكمى قىلىپ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئايەتلەرنى بىر-بىرلەپ كۆرۈپ باقايلى:
1-نىسا سۈرىسىنىڭ 3-ئايىتى:
َإِنْ خِفْتُمْأَلاَّ تُقْسِطُواْ فِي الْيَتَامَى فَانكِحُواْ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاء مَثْنَى وَثُلاَثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْأَلاَّ تَعْدِلُواْ فَوَاحِدَةًأَوْ مَا مَلَكَتْأَيْمَانُكُمْذَلِكَأَدْنَى أَلاَّ تَعُولُوا}
«ئەگەر يېتىم قىزلارنى نىكاھىڭلارغا ئالغان تەقدىردە ئۇلارغا ئادىل مۇئامىلىدە بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىدىن، ئۈچتىن ۋە تۆتتىن ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر» نىسا 4/3.
ئايەتنىڭ دەلىل ئالغان قىسمى مۇنداقتۇر:
{فَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ تَعْدِلُواْ فَوَاحِدَةً أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ ذَلِكَ أَدْنَى أَلاَّ تَعُولُواْ}
ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى ياكى قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار. بۇ زۇلۇم قىلماسلىقىڭلارغا يېقىندۇر.» نىسا 4/3.
بۇ ئايەتنى سۈننىيلەر مۇنداق چۈشەندۇرىدۇ:
فإن خفتم أن لا تعدلوا … فواحدة انكحوهاأواقتصروا على ما ملكت أيمانكم
«بىردىن كۆپ خوتۇن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل مۇئامىلە قىلىشتىن قورقساڭلار بىرلا خوتۇننى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار ياكى قول ئاستىڭلاردىكى بىلەن كۇپايىلىنىڭلار».
ئايەتكە جەئفەرىلەرنىڭ قىلغان تەپسىرى مۇنداق:
فأن خفتم أن لا تعدلوا فواحدة أي فانكحوا واحدة … أو ما ملكت أيمانكم وهى الاماء …كان المراد بذكر ملك اليمين الاكتفاء باتخاذهن وإتيانهن بملك اليمين دون نكاحهن بما يبلغ العدد
(بىردىن كۆپ خوتۇن ئالغىنىڭلاردا) ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورقساڭلار بىرلا خوتۇننى نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار ياكى قول ئاستىڭلاردىكى چۆرىلەر… ئايەتتە چۆرىلەرنىڭ زىكىر قىلىنىشى سانى قانچىگە چىقسا چىقسۇن پەقەت ھاكىمىيىتى ئاستىدا ئاستىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشقا بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇ بىر يەردە بولۇش بىلەن كۇپايىلىنىشكە بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ[8].
بۇ ئايەتتىن بۇنداق مەنا چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى «ما مەلەكەت ئەيمانۇكۇم- قول ئاستىڭلاردىكىلەر» دېگەن سۆز «ۋاھىدەتەن-بىرنى» دېگەن سۆزگە باغلىنىدۇ. باغلانغۇچى بىلەن باغلىغۇچى سۆزنىڭ ئامىللىرى ھەرگىزمۇ پەرقلىق بولمايدۇ، بەلكى بىر نەرسە بولىدۇ. ۋاھىدەتەن-بىردىن» دېگەن سۆزنىڭ ئامىلى «ئىنكىھۇ- نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق پېئىلى بولسا «مامەلەكەت ئەيمانۇكۇم- قول ئاستىڭلاردىكىنى» دېگەن سۆزنىڭ ئامىلىمۇ «ئىنكىھۇ- نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق پېئىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئايەت بىردىن كۆپ خوتۇن ئالغان تەقدىردە ئادىل مۇئامىلە قىلالماسلىقتىن قورققانلارغا ئازاد بىر ئايالنى ياكى چۆرە بىر ئايالنى نىكاھىغا ئېلىشنى بۇيرۇماقتا.
ئەرەبچە بىلمىگەنلەرگە بۇنى مۇنداق ئۇسۇلدا چۇشەندۈرىمىز: «بىر ئايال ياكى قول ئاستىڭلاردىكى بىرنى» دېگەن ئايەتنىڭ يوشۇرۇن ئامىلى ئايەتنىڭ بىرىنچى جۈملىسىدىن بىلىنىپ تۇرغان «نىكاھىڭلارغا ئېلىڭلار» دېگەن بۇيرۇق پېئىلىدۇر. «ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسى بىلەن بىر-بىرىگە باغلانغان ئىككى سۆزنىڭ ئامىللىرى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمما بۇ ئالىملار جۈملىنىڭ شەكلىنى بۇزۇپ ئىككىنچى سۆزنىڭ ئالدىغا «كۇپايىلىنىڭلار» دېگەن سۆزنى قويغان. بۇ، ئايەتنى ئۆزگەرتىشتىن باشقا بىر ئىش ئەمەس.
بىز ئېرىشەلىگەن تەپسىر كىتابلىرىمنىڭ كۆپىنچىسىدە بۇ خاتالىق بار. تۈركىيە دىنى ئىشلار باشقارمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «قۇرئان يولى » ناملىق تۈركچە تەپسىردە بۇ تېما مۇنداق چۈشەندۈرۈلگەن ئىدى.
ئەگەر ئۇ ئاياللىرىڭلار ئارىسىدا ئادىللىق قىلالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار، بىر خوتۇن ئېلىڭلار ياكى ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇۋاتقان دېدەكلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار.
تەپسىر: «ئىگىدارچىلىقىڭلاردا بولغان دېدەكلەر بىلەن كۇپايىلىنىڭلار» دېگەن تەۋسىيە يېتىملەرنىڭ ۋە ئاياللارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىش شەرتىگە باغلانغان. بۇنىڭدا پەقەت دېدەكلەرنىڭ مەنپەئەتى بار. … يېتىملەرنىڭ ۋە ئازاد ئاياللارنىڭ ھەقلىرىگە رىئايە قىلىشتىن قورققانلىقىمدىن، ئىلكىدىكى دېدەكلەر بىلەن نىكاھلانغاندەك ياشايدىغان مۇئمىننىڭ مەنپەئەتى، دېدەكلەرنىڭ ھەقلىرى ھۈر ئاياللارنىڭ ھەقلىرىگە تۆۋەن بولۇشىدۇر.[9].
ھازىرقى زامان «قۇرئان يولى» تەپسىرىنىڭ خاتالىققا قانداق ئىگە چىققانلىقى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈنمەكتە.
2-نىسا سۈرىسىنىڭ 24-ئايىتى
نىسا سۈرىسىنىڭ 22-ئايىتىدىن باشلاپ نىكاھقا ئېلىش ھارام قىلىنغان ئاياللار زىكىر قىلىنىدۇ ۋە 24-ئايەتتە مەسىلە مۇنداق داۋاملىشىدۇ:
َالْمُحْصَنَاتُ مِنَ النِّسَاء إِلاَّ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ}
«قول ئاستىڭلاردا بولغان (ئۇرۇش ئەسىرلىرى)دىن باشقا ئېرى بار ئاياللارنى نىكاھىڭلارغا ئېلىشىڭلارمۇ ھارام قىلىندى».
بۇ ئايەت ئېرى بار ئاياللار ئەسىرگە چۈشۈپ قالسا، ئەسىرگە چۈشۈش بىلەن ئۇلارنىڭ نىكاھىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى يەنى ئۇلارنىڭ ئەرلىرىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ھېسابلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يەردە ئۇرۇش ئەسىرى بولغان ئەرلىك ئاياللار بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ ھۆكمى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ مەزھەپلەر ئايەتنىڭ بۇ ئىپادىسىنى ئەسىرگە چۈشكەن ئەرلىك ئاياللار بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشقا دەلىل قىلغان . تەپسىر ئالىم، ئەشئەرى كالام ئالىمى، شافىئىي مەزھىپىنىڭ فەقىھى ۋە قازى بولغان ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر بىن مۇھەممەد ئەلبەيداۋى (ۋاپاتى: 685/1286) تەپسىرىدە بۇ ئايەتنى مۇنداق تەپسىر قىلىدۇ:
والمحصنات من النساءإلا ما ملكت أيمانكم {يريد ما ملكت أيمانكم من اللاتي سبين ولهن أزواج كفار فهن حلال للسابين والنكاح مرتفع بالسبي}
«ئىگىدارچىلىقىڭلاردا بولغانلاردىن باشقا ئەرلىك» دېگەن مەنىدىكى ئايەتتە ئاللاھنىڭ ئىرادە قىلغىنى شۇدۇر: قول ئاستىڭلاردىكى ئەسىر ئاياللاردىن كاپىر ئەرلىرى بولغانلار، ئۇلارنى ئەسىرگە ئالغانلارغا ھالالدۇر. ئۇلارنىڭ كاپىر ئەرلىرى بىلەنكى نىكاھى ئەسىرگە چۈشۈشى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ»10.
جەئفەرى مەزھىپىگە مەنسۇپ تاباتابانىڭ تەپسىرىدە بۇ مەسىلە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :
قوله “إلا ما ملكت أيمانكم" رفعا لحكم المنع عن محصنات الاماء على ما ورد في السنة أن لمولى الامة المزوجة أن يحول بين مملوكته وزوجها ثم ينالها عن استبراء ثم يردها إلى زوجها.
ئاللاھنىڭ «قول ئاستىڭلاردىكىدىن باشقا» دېگەن سۆزى سۈننەتتىمۇ كەلگەندەك كۆرسىتىدۇكى، ئەرلىك دېدەكنىڭ خوجايىنى ئۇنىڭ بىلەن ئېرى ئارىسىغا كىرەلەيدۇ. دېدەكنى چاقىرىپ، ئۇنىڭ ھامىلىدار ئەمەسلىكىنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە بولىدۇ، ئاندىن ئېرىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ11.
بۇ يەردە كىتابنىڭ ۋە سۈننەتنىڭ نەقەدەر چوڭ يامانلىققا ۋاسىتە قىلىنىغانلىقى ئاشكارا كۆرۈنمەكتە.
دىيانەت ئىشلىرى باشقارمىسى نەشر قىلغان «قۇرئان يولى » تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىرىدە بۇ مەسىلە مۇنداق ئىزاھلىنىدۇ:
نىكاھلىنىش ھارام قىلىنغان ئاياللارنىڭ ئىچىدىكى «مۇھسەن ئاياللار»دىن مەقسەت ئەرلىك ئاياللاردۇر. … «قول ئاستىڭلاردا بولغانلار مۇستەسنا» دېگەن جۈملە بىلەن دېدەكلەرنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىدا ئالىملار ئارىسىدا پىكىر بىرلىكى بار. قۇللۇق ئوموملاشقان كونا جەمئىيەتلەردە خوجايىننىڭ ئۆز  دېدىكى بىلەن بىر يەردە بولۇشى (ئىستىفراش) ھاياتنىڭ بىر ئەمەلىيىتى ئىدى. بۇ مەسىلىنى ئىسلام ئالىملىرى-قۇللۇق ۋەزىيىتىنىڭ ئەمەلىيىتى، نەسەب ھۆكۈملىرى ۋە ئىسلامنىڭ قۇللۇقنى ئازايتىش ۋە تەدرىجىي ھالدا يوق قىلىش نىشانى ئاستىدا- مۇئەييەن پىرىنسىپلارغا باغلاشقا تىرىشقان. ئىسلام ئۆتمۈشتىن تاپشۇرۇۋالغان ۋە زامان ئىچىدە يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان قۇللۇق تۈزۈمىگە ئائىت بۇ ھۆكۈملەر تارىخقا يۆتكەلگەن12.
بۇ تەپسىردىكى خاتالىقلار مەسىلىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋەتكەن. ئاللاھ تائالا ئەڭ ئاخىرى نازىل قىلغان ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:
{اليوم أكملت لكم دينكم وأتممت عليكم  نعمتي ورضيت لكم الاسلام دينا}
«بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا تاللىدىم» مائىدە 5/3.
ئەگەر قۇللۇق «ئىسلام ئۆتمۈشتىن تاپشۇرۇۋالغان ۋە زامان ئىچىدە يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان» بىر تۈزۈم بولىدىغان بولسا، بۇ كىتابتا چۈشەندۈرۈلگەن ئىسلام يۇقىرىدىكى ئايەتتە چۈشەندۈرۈلگەن ئىسلام ئەمەستۇر. چۈنكى بۇ تەپسىرنى يازغانلار تىخى پىشمىغان ۋە مۇكەممەل بولمىغان بىر دىندىن سۆز ئېچىۋاتىدۇ. ئەگەر «…قۇللۇق تۈزۈمگە ئائىت بولغان بۇ ھۆكۈملەر تارىخقا يۆتكەلگەن» بولسا، ئۇلارنىڭ بۇ يېڭى دىننىڭ پەيغەمبىرىنىڭ قاچان كەلگەنلىكىنىمۇ بايان قىلىشى كېرەك. چۈنكى ئاللاھ مۇكەممەل قىلىپ تاماملىغان ئىسلامغا بىر نەرسە قوشقىلى ۋە ئۇنىڭدىن بىر نەرسە چىقارغىلى بولمايدۇ.
3-مۇئمىنۇن سۈرىسىنىڭ 5- ۋە 6- ئايەتلىرى
مەككىدە نازىل بولغان بۇ ئايەتلەر ئالدى ۋە كەينى بىلەن تۆۋەندىكىچە:
{قَدْ أَفْلَحَ الْمُؤْمِنُونَ (1) الَّذِينَ هُمْ فِي صَلَاتِهِمْ خَاشِعُونَ (2) وَالَّذِينَ هُمْ عَنِ اللَّغْوِ مُعْرِضُونَ (3) وَالَّذِينَ هُمْ لِلزَّكَاةِ فَاعِلُونَ (4) وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ (5) إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ فَإِنَّهُمْ غَيْرُ مَلُومِينَ (6) فَمَنِ ابْتَغَى وَرَاء ذَلِكَ فَأُوْلَئِكَ هُمُ الْعَادُونَ (7) وَالَّذِينَ هُمْ لِأَمَانَاتِهِمْ وَعَهْدِهِمْ رَاعُونَ (8) وَالَّذِينَ هُمْ عَلَى صَلَوَاتِهِمْ يُحَافِظُونَ (9) أُوْلَئِكَ هُمُ الْوَارِثُونَ (10) الَّذِينَ يَرِثُونَ الْفِرْدَوْسَ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ (11)}
«مۇئمىنلار ئەلۋەتتە مۇرادىغا يېتىدۇ .ئۇلار نامىزىدا ئۆزلىرىنى تۆۋەن تۇتقۇچى ۋە ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرگۈچى كىشىلەردۇر. ئۇلار بىھۇدە سۆز- ھەرىكەتلەردىن يۈز ئۆرۈگۈچى كىشىلەردۇر. ئۇلار زاكات ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار فەرجلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر.
پەقەت ئۆز جورىلىرىدىن ياكى ئۆز چۆرىلىرىدىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ، چۈنكى ئۇلار بۇ تەقدىردە ئەيىبلەنمەيدۇ. بۇنىڭ سىرتىغا چىققانلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر. ئۇلار ئامانەتلىرىگە ۋە ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار نامازلىرىنى مۇھاپىزەت قىلغۇچى كىشىلەردۇر. ئەنە شۇلار ۋارىس بولغۇچى كىشىلەردۇر. ئۇلار فىردەۋسكە ۋارىس بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە مەڭگۈ قالغۇچى كىشىلەردۇر» مۇئمىنۇن 23/1-11.
مەلۇمكى، بۇ ئايەتلەرنىڭ ھەر بىرى ئەر-ئايال پۈتۈن مۇئمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن مەزھەپلەر 6-ئايەتتىكى «جورىلىرى» دېگەن سۆزنى ئەر-ئايالغا ئورتاق ھېسابلىغان تۇرۇقلۇق «ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسىنى «ۋە»گە ئۆزگەرتىپ «قول ئاستىدىكىلەر»نى دېدەكلەر دەپ چۈشىدۇ ۋە ئايەتنى دېدەكلەرنىڭ ئۆز ئىگىلىرىگە ھالال ئىكەنلىكىگە دەلىل ھېسابلايدۇ. «قۇرئان يولى » تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىردە ئايەتلەرگە شۇ مەنىلەر بېرىلگەن:
 «ئۇلار ئىپپەتلىرىنى ساقلايدۇ. پەقەت ئۆز جورىلىرى ۋە قول ئاستىدىكى دېدەكلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا. ئۇلار بۇلار بىلەن بىر يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنمەيدۇ. كىم بۇنىڭ سىرتىغا چىقماقچى بولسا ئەنە شۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچىلاردۇر»- مۇئمىنۇن 23/5-7.
ئۇلار «جورىلىرى ۋە قول ئاستىدىكى دېدەكلەر» دەپ قىلىنغان تەرجىمىدە «ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسى «ۋە»گە ئالماشتۇرۇلمىغان ۋە توغرا تەرجىمە قىلىنغان بولسا ئىدى، تەرجىمە، «جورىلىرى ياكى قول ئاستىدىكى دېدەكلەر» دېگەن شەكلىدە بولاتتى. بۇ تەقدىردە ئەر كىشى يا ئايالى بىلەن ياكى دېدىكى بىلەن بىر يەردە بولالايتتى. بۇ ئەنئەنە توغرا كۆرىدىغان بىر ھۆكۈم ئەمەس، ئەنئەنە توغرا كۆرىدىغان ھۆكۈم ئەر كىشىنىڭ ھەر ئىككىسى بىلەن بىر يەردە بولالىشىدۇر.
«قول ئاستىدىكى دېدەكلەر» دەپ تەرجىمە قىلىنغان «مامەلەكەت ئەيمانۇھۇم» دېگەن سۆز قۇللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زاتلارنىڭ دېگەنلىرى توغرا دەپ ھېسابلانسا، لېكىن مەنا «دېدەكلەر» دەپ ئۇقۇلمىسا ھۆر ئايالنىڭ ئۆز قۇلى بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشىنىمۇ قوبۇل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. ھالبۇكى، بۇنى قوبۇل قىلىش مۇمكىن ئەمەس.
ئايەتلەرنىڭ ئەر-ئايال پۈتۈن مۇئمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. 6-ئايەتتە « ۋە مامەلەكەت ئەيمانۇكۇم» قىسمىنىڭ ئەرلەرگە خاس بولۇشىنى زۆرۈر قىلىدىغان ھېچبىر ئامىل يوق.
ئا-تىل خاتاسى
يۇقىرىدىكى تەرجىمىدە كەچۈرگۈسىز ئىككى خاتا ئۆتكۈزۈلگەن.
1) ئىستىسناغا خاتا مەنا بېرىلگەن
ئايەتلەرنىڭ تېكىستى مۇنداق:
َالَّذِينَهُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ  . إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْأوْ مَا مَلَكَتْأَيْمَانُهُمْ}
«ئۇلار فەرجلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر. پەقەت ئۆز جورىلىرىدىن ياكى قول ئاستىدىكىلەردىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ».
ئەبۇ بەكىر ئەلجەسساس بۇ ئايەتلەرنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
فأما قوله: {إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أَوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ} استثناء من الجملة المذكورة لحفظ الفروج وإخبار عن إباحة وطء الزوجة وملك اليمين.
«جورىلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن سۆز فەرجلەرنىڭ ساقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جۈملىدىن ئىستىسنادۇر ۋە بىر كىشىنىڭ ئايالى ۋە دېدەكلىرى بىلەن بىر يەردە بولۇشىنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر[13].
ئايەتكە جەئفەرىيلەر قىلغان تەپسىر مۇنداق:
 وقوله: "إلا على أزواجهم أو ما ملكت أيمانهم فإنهم غير ملومين" استثناء من حفظ الفروج، والازواج الحلائل من النساء، وما ملكت أيمانهم الجواري المملوكة فإنهم غير ملومين في مس الازواج الحلائل والجواري المملوكة.
«جورىلىرى ۋە قول ئاستىدىكىلەر بۇنىڭدىن مۇستەسنا» دېگەن سۆز فەرجلەرنىڭ ساقلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جۈملىدىن ئىستىسنادۇر. ئەر كىشى ئۆزىگە ھالال بولغان ئاياللاردىن نىكاھىغا ئالغان ئاياللار بىلەن ۋە قول ئاستىدىكى دېدەكلىرى بىلەن بىر يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلەنمەيدۇ[14].
بۇ كۆز قاراشتىكىلەر ئايەتلەرگە شۇ مەنىلەرنى بەرگەن بولىدۇ:
«ئۇ ئەر-ئاياللار فەرجلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر. (ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەرلەر) پەقەت ئاياللىرىغا ۋە قول ئاستىدىكى دېدەكلىرىگە فەرجىلىرىنى ئاچسا بولىدۇ.
ھېچبىر ئىستىسنا جۈملىسىگە مۇنداق بېرىلمەيدۇ. ئايەتتە ئەرلەر دېگەن سۆز ئوچۇق ئىپادىلەنگەن ۋە جۈملە شۇ بويىچە تۈزۈلگەن بولسا ئىدى، يۇقىرىدىكى مەنىنى قوبۇل قىلىشقا بولاتتى. بۇ تەقدىردە ئەر كىشى ئۇياتلىق يەرلىرىنى ئايالىغا ۋە دېدىكىگە ئاچسا بولاتتى، لېكىن ئايال كىشى ئېرىگە، دېدەك خوجايىنىغا ئاچسا بولمايتتى.
2)- باغلاش ۋاسىتىگە خاتا مەنا بېرىلگەن
ئالتىنچى ئايەتتىكى «ئەۋ- ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسىگە «و-ۋە» مەنىسى بېرىلگەن. «ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسى، ئىككى تاللاشتىن پەقەت بىرىنىڭ بولۇشىنى، «ۋە» بولسا ھەر ئىككىسىنىڭ بولۇشىنى ئىپادىلىگەنلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بولغاچقا ئۇ تەرجىمە ئايەتنىڭ مەنىسى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن. توغرا مەنا مۇنداق بولىدۇ:
«پەقەت خوتۇنلىرىغا ياكى قول ئاستىدىكىلەرگە فەرجلىرىنى ئاچسا بولىدۇ»- (مۇئمىنۇن 23/6).
ئىستىسنا جۈملىسىگە بېرىلگەن خاتا مەنا توغرا دەپ قوبۇل قىلىنسا، لېكىن باغلاش ۋاسىتىسىنىڭ مەنىسى ئۆزگەرتىلمىگەن بولسا ئىدى، ئۇ تەقدىردە بىر ئەر كىشىنىڭ ئۇياتلىق يەرلىرىنى يا ئايالىغا  ياكى دېدىكىگە كۆرسىتەلەيدىغانلىقى مەنىسى چىقاتتى. بۇ مەنىمۇ ئەنئەنە خالايدىغان مەنا ئەمەس. بىرىنچى خاتالىقنىڭ كەينىدىن ئىككىنچى خاتالىقنى ئۆتكۈزۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن «ياكى» دېگەن باغلاش ۋاسىتىسىگە «ۋە» مەنىسى بېرىلگەن.
ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا ئايەتلەردىمۇ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇكى، ئەر بولسۇن، ئايال بولسۇن، بىر مۇسۇلماننىڭ جورا يا ھۆر ئايال ياكى ئەسىر ئايال بولىدۇ. بۇلارنىڭ قايسىسى بىلەن نىكاھلانغان بولسا فەرجلىرىنى پەقەت شۇنىڭغا كۆرسىتەلەيدۇ.
ب-باشقا ئايەتلەرگە ئېتىبار قىلماسلىق
ئىسلامدا بىر ئايالنىڭ بىردىن ئارتۇق جورىسى بولسا بولمايدۇ، ئەمما ئەرنىڭ بولسا بولىدۇ. ئەرنىڭ جورىسىنىڭ ھۆر بولۇشى مۇمكىن بولغاندەك ئەسىر بۇلىشىمۇ مۇمكىن بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَلاَ تَنكِحُواْ الْمُشْرِكَاتِ حَتَّى يُؤْمِنَّ وَلأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ وَلاَ تُنكِحُواْ الْمُشِرِكِينَ حَتَّى يُؤْمِنُواْ وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ أُوْلَـئِكَ يَدْعُونَ إِلَى النَّارِ وَاللّهُ يَدْعُوَ إِلَى الْجَنَّةِ وَالْمَغْفِرَةِ بِإِذْنِهِ وَيُبَيِّنُ آيَاتِهِ لِلنَّاسِ لَعَلَّهُمْ يَتَذَكَّرُونَ}.
«مۇشرىك ئاياللار ئىمان ئېيتمىغىچە ئۇلارنى نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بىر دېدەك مۇشرىك بىر ئايالدىن ياخشىدۇر، بۇ مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىك ئەرلەر ئىمان ئېيتمىغىچە مۇئمىن ئاياللارنى ئۇلارغا نىكاھلاپ بەرمەڭلار. شۈبھىسىزكى، مۇئمىن بىر قۇل مۇشرىك بىر ئەردىن ياخشىدۇر، بۇ مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلىۋالغان تەقدىردىمۇ. مۇشرىكلار دوزاخقا چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئوچۇق بىلدۈرۈشى بىلەن جەننەتكە ۋە مەغپىرەتكە چاقىرىدۇ. ئاللاھ ئىنسانلارغا ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئالسۇن دەپ ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ» بەقەرە 2/221.
ئەسىر ئەر بىلەن نىكاھلانماقچى بولغان ئايالغا ئالاھىدە شەرت يوق. ئەمما ئەسىر بىر ئايال بىلەن نىكاھلانماقچى بولغان ئەر كىشى ئۈچۈن شەرت بار. ئۇ شەرت بولسا ئۇ ئەرنىڭ ئازاد ئايال بىلەن نىكاھلىنىشقا كۈچى يەتمىگەن بولۇشىدۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلاً أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِن مِّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ وَاللّهُ أَعْلَمُ بِإِيمَانِكُمْ بَعْضُكُم مِّن بَعْضٍ فَانكِحُوهُنَّ بِإِذْنِ أَهْلِهِنَّ وَآتُوهُنَّ أُجُورَهُنَّ بِالْمَعْرُوفِ مُحْصَنَاتٍ غَيْرَ مُسَافِحَاتٍ وَلاَ مُتَّخِذَاتِ أَخْدَانٍ فَإِذَا أُحْصِنَّ فَإِنْ أَتَيْنَ بِفَاحِشَةٍ فَعَلَيْهِنَّ نِصْفُ مَا عَلَى الْمُحْصَنَاتِ مِنَ الْعَذَابِ ذَلِكَ لِمَنْ خَشِيَ الْعَنَتَ مِنْكُمْ وَأَن تَصْبِرُواْ خَيْرٌ لَّكُمْ وَاللّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ}.
«سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن دېدەكلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر. سىلەر بىر-بىرىڭلاردىنسىلەر. ئۇنداقتا ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئېلىڭلار. ئۇلارغا تويلۇقلىرىنى مەئرۇفقا ئۇيغۇن ھالدا بېرىڭلار . ئۇلارنىڭ ئىپپەتلىك بولۇشى، زىنادىن ساقلىنىشى ۋە مەخپىي ئاشنا تۇتماسلىقى لازىم. ئۇلار ياتلىق قىلىنغاندىن كېيىن پاھىشە قىلسا، ئۇلارغا ھۆر ئاياللارغا بېرىلىدىغان ئازابنىڭ يېرىمى بېرىلىشى كېرەك. بۇ سىلەردىن قىيىنچىلىق تارتىشتىن قورققان كىشى ئۈچۈندۇر. سەۋر قىلىشىڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر» نىسا 4/25.
بۇ ئايەتنىڭ مەزمۇنىدىن قارىغاندا ئەر كىشىنىڭ ئايالى يا ئازاد ياكى دېدەك بولىدۇ ، ئىككىسى بىرلا ۋاقىتتا بولسا بولمايدۇ.
ئاللاھ تائالا بىزنى ئازادلارنى ئۆيلەپ قويۇشقا بۇيرۇغاندەك، ئەسىرلەرنى ئۆيلەپ قويۇشقىمۇ بۇيرۇغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
{وَأَنكِحُوا الْأَيَامَى مِنكُمْ وَالصَّالِحِينَ مِنْ عِبَادِكُمْ وَإِمَائِكُمْ إِن يَكُونُوا فُقَرَاء يُغْنِهِمُ اللَّهُ مِن فَضْلِهِ وَاللَّهُ وَاسِعٌ عَلِيمٌ}.
«ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر-ئاياللارنى ۋە لاياقەتلىك بولغان قۇل-دېدەكلىرىڭلارنى نىكاھلاندۇرۇڭلار. ئەگەر ئۇلار پېقىر بولسا ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامدايدۇ. ئاللاھنىڭ پەزلى كەڭدۇر، ئۇ بىلگۈچىدۇر»- نۇر24/32.
بۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن ھۆر بىلەن ھۆر، ئەسىر بىلەن ئەسىر ۋە ئەسىر بىلەن ھۆر نىكاھلانسا بولىدۇ.
بۇلارنى تۆۋەندىكىچە تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ:
ئا-ھۆر ئەر-ھۆر ئايال. (نۇر24/32).
ب-ھۆر ئەر-ئەسىر ئايال. (نىسا4/25).
ج-ھۆر ئايال-ئەسىر ئەر. (بەقەرە2/221).
د- ئەسىر ئەر -ئەسىر ئايال. (نۇر24/32).
 
وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ.  إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِم
ئۇ(ئەر-ئايال)لار فەرجلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر. جۈپتىلىرى
أَوْ
ياكى
مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ
قول ئاستىدىكىلىرى مۇستەسنا.
مۇئمىنۇن 5-6.
فَانكِحُواْ مَا طَابَ لَكُم مِّنَ النِّسَاء مَثْنَى وَثُلاَثَ وَرُبَاعَ فَإِنْ خِفْتُمْ أَلاَّ تَعْدِلُواْ فَوَاحِدَةً
ئۆزۈڭلارغا ياققان ئاياللاردىن ئىككىدىن، ئۈچتىن ۋە تۆتتىن ئالساڭلار بولىدۇ. ئەگەر ئادىل بولالماسلىقىڭلاردىن قورقساڭلار بىرنى 
أَوْ
ياكى
مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُمْ
قول ئاستىڭلاردىكىنى ئېلىڭلار.
نىسا 3.
 
وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلاً أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ
مۇئمىن، ئىپپەتلىك ۋە ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا قۇربى يەتمىگەنلەر
 
فَمِن مِّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ
قول ئاستىڭلاردىكى مۆئمىن چۆرىلەردىن نىكاھىغا ئالسۇن.
نىسا 25
 
{وَلاَ تَنكِحُواْ الْمُشْرِكَاتِ حَتَّى يُؤْمِنَّ
مۇشرىك ئاياللارنى ئىمان ئېيتمىغۇچە نىكاھىڭلارغا ئالماڭلار.
وَلأَمَةٌ مُّؤْمِنَةٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكَةٍ وَلَوْ أَعْجَبَتْكُمْ
ئىمان ئېيتقان ئەسىر ئايال مۇشرىك ئايالدىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. مۇشرىك ئايال سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ.
بەقەرە 221
 
وَلاَ تُنكِحُواْ الْمُشِرِكِينَ حَتَّى يُؤْمِنُواْ
مۇشرىك ئەرلەرگە ئىمان ئېيتمىغۇچە قىز بەرمەڭلار
وَلَعَبْدٌ مُّؤْمِنٌ خَيْرٌ مِّن مُّشْرِكٍ وَلَوْ أَعْجَبَكُمْ
ئىمان ئېيتقان ئەسىر ئەر مۇشرىك ئەردىن ئەلۋەتتە ياخشىدۇر. مۇشرىك ئەر سىلەرنى مەپتۇن قىلغان تەقدىردىمۇ.
بەقەرە 221
كۆرۈپ ئۆتكىنىمىزدەك ھۆر جورا بىلەن ئەسىر جورا داۋاملىق  پەرقلىق ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئايەتتە جورىلار بىلەن قول ئاستىدىكىلەرنىڭ بىر-بىرىگە «ياكى» بىلەن باغلىنىشى بۇنى كۆرسىتىدۇ. ئايەتنى قايتا كۆرۈپ باقايلى:
{وَالَّذِينَ هُمْ لِفُرُوجِهِمْ حَافِظُونَ (5) إِلَّا عَلَى أَزْوَاجِهِمْ أوْ مَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ}
«ئۇلار فەرجلىرىنى ساقلىغۇچى كىشىلەردۇر. – پەقەت ئۆز جورىلىرىدىن ياكى چۆرىلىرىدىن ساقلىمىسىمۇ بولىدۇ» مۇمىنۇن 23/5-6.
4-ئەھزاب 50-ئايەت
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ أَزْوَاجَكَ اللَّاتِي آتَيْتَ أُجُورَهُنَّ وَمَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ مِمَّا أَفَاء اللَّهُ عَلَيْكَ وَبَنَاتِ عَمِّكَ وَبَنَاتِ عَمَّاتِكَ وَبَنَاتِ خَالِكَ وَبَنَاتِ خَالَاتِكَ اللَّاتِي هَاجَرْنَ مَعَكَ وَامْرَأَةً مُّؤْمِنَةً إِن وَهَبَتْ نَفْسَهَا لِلنَّبِيِّ إِنْ أَرَادَ النَّبِيُّ أَن يَسْتَنكِحَهَا خَالِصَةً لَّكَ مِن دُونِ الْمُؤْمِنِينَ قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا}
«ئى نەبىي! بىز، سەن مەھرىلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا فەيئ قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن سەن ئىگە بولغان دېدەكنى، ئاتاڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاتاڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ، ئاناڭنىڭ ئەر قېرىندىشىنىڭ ۋە ئاناڭنىڭ ئايال قېرىنداشلىرىنىڭ سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان قىزلىرىنى، ئۆزىنى نەبىيگە ھەدىيە قىلغان ۋە نەبىي نىكاھىغا ئېلىشنى ئىرادە قىلغان مۇئمىن ئايالنى ساڭا ھالال قىلدۇق. بۇلار مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭىلا ھالالدۇر. بىز مۇئمىنلارغا ئاياللىرى ۋە دېدەكلىرى توغرۇلۇق نېمىلەرنى پەرز قىلغانلىقىمىزنى ئوبدان بىلىمىز. بىز ساڭا بىر ھەرەج بولمىسۇن دەپ شۇنداق قىلدۇق. ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/50.
بۇ ئايەتكە بېرىلگەن خاتا مەنا ۋە شەكىللەندۈرۈلگەن ئاڭ-پىكىرلەرمۇ دېدەكلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇش غايىسىگە توغرىلانغان. ئايەتتىكى ھۈكۈملەرنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىزگە خاس بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ بەك ئاز قىسمىلا ئۇنىڭغا خاس قىلىپ كۆرسىتىلگەن. «قۇرئان يولى تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىر» دە ئايەتكە بېرىلگەن مەنا مۇنداق:
«ئى پەيغەمبەر! بىز ساڭا سەن مېھىرلىرىنى بەرگەن ئاياللىرىڭنى، ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەنلەردىن قول ئاستىڭدا بولغان ئاياللارنى، سەن بىلەن بىللە ھىجرەت قىلغان ، ئاتاڭنىڭ قېرىندىشىنىڭ ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى، ئاناڭنىڭ قېرىندىشىنىڭ ۋە ھەمشىرىسىنىڭ قىزلىرىنى ساڭا ھالال قىلدۇق. شۇنىڭدەك، باشقا مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭا خاس بولۇش شەرتى بىلەن، ئۆزىنى پەيغەمبەرگە مېھىرسىز بەخش ئەتكەن ۋە پەيغەمبەر نىكاھىغا ئېلىشنى خالىغان ئايالنىمۇ (ساڭا ھالال قىلدۇق). مۇئمىنلارغا جورىلىرى ۋە ۋە چۆرىلىرى توغرۇلۇق بىز پەرز قىلغان نەرسىلەرنى بىلمەكتىمىز. بۇلار ساڭا ھېچقانداق ھەرەج بولماسلىقى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەك مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر».
ئايەتنىڭ: «ئې نەبىي!» دەپ باشلانغان قىسمى:….«باشقا مۇئمىنلارغا ئەمەس، پەقەت ساڭىلا ھالال قىلدۇق» دېگەن ئىپادە بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. چۈنكى ئۇ يەردىكى شەرتلەرنىڭ مۇئمىنلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەمەس. ئۇلارنىڭ نىكاھلىنىشى تۆت خوتۇن بىلەن چەكلىكتۇر. بۇ ئايەت پەيغەمبىرىمىز ئۈچۈن بۇنداق بىر چەكلىمىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ يېڭىدىن باشقا بىر خوتۇن بىلەن نىكاھلىنىشى مۇنۇ ئايەت بىلەن چەكلەنگەن:
{لَا يَحِلُّ لَكَ النِّسَاء مِن بَعْدُ وَلَا أَن تَبَدَّلَ بِهِنَّ مِنْ أَزْوَاجٍ وَلَوْ أَعْجَبَكَ حُسْنُهُنَّ إِلَّا مَا مَلَكَتْ يَمِينُكَ وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ رَّقِيبًا}
«ئى مۇھەممەد! بۇندىن ئېتىبارەن باشقا ئاياللارنى ئېلىشىڭ، ئاياللىرىڭنى ئالماشتۇرۇشۇڭ- باشقا ئاياللارنىڭ جامالى سېنى ئەجەبلەندۈرگەن تەقدىردىمۇ- ساڭا ھالال بولمايدۇ. ئىگە بولغىنىڭ مۇستەسنا. ئاللاھ ھەر نەرسىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر»- ئەھزاب 33/52.
ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇئمىنلارنىڭ نىكاھىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن تويلۇقنى بەرگەن بولۇشى كېرەك ئەمەس. (قاراڭ: بەقەرە 2/236) ئۇلارنىڭ ئاتا تەرەپ تاغا-ھاممىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن، ئانا تەرەپ تاغا-ھاممىلىرىنىڭ قىزلىرى بىلەن ئۈچۈن بىرلىكتە ھىجرەت قىلغان بولۇش شەرتىمۇ يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئايەتنىڭ داۋامى مۇنداق:
{قَدْ عَلِمْنَا مَا فَرَضْنَا عَلَيْهِمْ فِي أَزْوَاجِهِمْ وَمَا مَلَكَتْ أَيْمَانُهُمْ لِكَيْلَا يَكُونَ عَلَيْكَ حَرَجٌ وَكَانَ اللَّهُ غَفُورًا رَّحِيمًا}
«مۇئمىنلارنىڭ ئاياللىرى ۋە قول ئاستىدىكىلىرى توغرۇلۇق قايسى ھۆكۈملەرنى بەلگىلىگەنلىكىمىزنى ئەلۋەتتە بىلىمىز. بۇ ساڭا بىر ھەرەج بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر».
بۇ سەۋەبتىن ئايەتنىڭ كېچىك بىر قىسمىنى پەيغەمبىرىمىزگە خاس قىلىپ كۆرسەتكەن مۇنۇ تەرجىمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ:
«شۇنىڭدەك، باشقا مۇئمىنلارغا ئەمەس پەقەت ساڭا خاس بولۇش شەرتى بىلەن، ئۆزىنى پەيغەمبەرگە مېھىرسىز بەخش ئەتكەن ۋە پەيغەمبەر نىكاھىغا ئېلىشنى خالىغان ئايالنىمۇ (ساڭا ھالال قىلدۇق)».
بىر مۇئمىن ئەر بىر ئايال بىلەن مېھىرسىز نىكاھلانسا، نىكاھى كۈچكە ئىگە بولىدۇ. لېكىن پەيغەمبىرىمىزگە بېرىلگەن رۇخسەت ئۇنىڭغا بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇ خوتۇنىغا ھەر جەھەتتىن تەڭ كېلىدىغان بىر ئايالنىڭ تويلۇقىغا ئوخشاش تويلۇق (مېھىر مىسلى) بېرىشى كېرەك، ھەتتا بۇنداق كىشى ئايالىنى بىر يەردە بولماستىن تالاق قىلسا، ئۇنىڭغا مەئرۇف مىقدارلاردا بەزى ماللارنى ئايالىغا بېرىش مەجبۇرىيىتىدە بولىدۇ (قاراڭ: بەقەرە 2/236). بۇمۇ بىر مۇھىم پەرقتۇر.
ئەسلى چوڭ خاتالىق چۆرىلەر توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە ئايەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈمىگە مۇنۇ تەرجىمە بېرىلگەن:
«ئاللاھ ساڭا غەنىيمەت قىلىپ بەرگەنلەردىن قول ئاستىڭدا بولغان ئاياللارنى… ساڭا ھالال قىلدۇق».
بۇ يەردىكى خاتالىقنىڭ سەۋەبى ئايەتتىكى «فەيئ» دېگەن سۆزنىڭ غەنىيمەت دەپ تەرجىمە قىلىنىشىدۇر. فەيئ ئۇرۇش قىلماستىن ئېلىنغان نەرسە، غەنىيمەت ئۇرۇش قىلىش نەتىجىسىدە قولغا كەلگەن نەرسە دېگەن بولىدۇ. فەيئ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
{مَّا أَفَاء اللَّهُ عَلَى رَسُولِهِ مِنْ أَهْلِ الْقُرَى فَلِلَّهِ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ كَيْ لَا يَكُونَ دُولَةً بَيْنَ الْأَغْنِيَاء مِنكُمْ}.
«ئاللاھ يۇرتلارنىڭ ئاھالىلىرىدىن ئېلىپ ئۆز ئەلچىسىگە فەيئ قىلغان ماللار ئاللاھ، رەسۇلۇللاھ، رەسۇلۇللاھنىڭ يېقىنلىرى، يېتىملەر، مىسكىنلەر ۋە يولدا قالغانلار ئۈچۈندۇر. بۇ، ئۇ ماللارنىڭ بايلىرىڭلارنىڭ ئارىسىدا قولدىن قولغا ئۆتۈپ تۇرىدىغان بىر نەرسە بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈندۇر» ھەشىر 59/7.
غەنىيمەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت بولسا مۇنداق:
{وَاعْلَمُواْ أَنَّمَا غَنِمْتُم مِّن شَيْءٍ فَأَنَّ لِلّهِ خُمُسَهُ وَلِلرَّسُولِ وَلِذِي الْقُرْبَى وَالْيَتَامَى وَالْمَسَاكِينِ وَابْنِ السَّبِيلِ إِن كُنتُمْ آمَنتُمْ بِاللّهِ وَمَا أَنزَلْنَا عَلَى عَبْدِنَا يَوْمَ الْفُرْقَانِ يَوْمَ الْتَقَى الْجَمْعَانِ وَاللّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرٌ}
«بىلىڭلاركى، ئالغان غەنىيمەتلىرىڭلارنىڭ بەشتىن بىرى ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا، يېتىملەرگە، مىسكىنلەرگە ۋە يولدا قالغانلارغا خاستۇر، ئەگەر ئاللاھقا ۋە ھەق بىلەن باتىل ئايرىلغان كۈنى، يەنى ئىككى قوشۇن بەدرىدە توقۇنۇشقان كۈنى بىز بەندىمىزگە چۈشۈرگەن نەرسىلەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر» ئەنفال8/41.
غەنىيمەتنىڭ 4/5 جەڭچىلەرگە بېرىلىدۇ. ئەمما فەيئ ئۇرۇش نەتىجىسىدە قولغا كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭدا جەڭچىلەرنىڭ ھەققى يوق. بۇ سەۋەبتىن ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى مىسىر مۇقەۋقىسى پەيغەمبىرىمىزگە ھەدىيە قىلغان مارىيەنىڭ ئۇنىڭغا ھالال ئىكەنلىكى بىلدۈرىدۇ. بۇ ھۆكۈم ئۇنىڭغىلا خاستۇر. باشقا مۇئمىنلارنىڭ بۇنداق بىر ھوقۇقى يوقتۇر.
ئەمەلىيەتتە ئەسىرلەر فەيئ ئەمەس، غەنىيمەتتۇر. ئۇرۇش نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئەسىرلەرنى فەيئ دائىرىسىگە كىرگۈزۈش، ئاندىن فەيئىگە غەنىيمەت مەنىسىنى بېرىپ مارىيەنىڭ پەيغەمبىرىمىزگە ھالاللىقىنى كۆرسىتىدىغان خۇسۇسىي بىر ھۆكۈمنى ئومۇمىي ھۆكۈم شەكلىگە كىرگۈزۈپ چۆرىلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشنى قۇرئاننىڭ ئىختىلاپسىز بىر ھۆكمىدەك كۆرسىتىش نېمىدېگەن چوڭ گۇناھتۇر!
ج-پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاياللىرى  
پەيغەمبىرىمىز نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا چۆرە يوق. چۈنكى ھۆر ئايال بىلەن ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتكەن مۇسۇلمان چۆرە بىلەن ئۆيلەنسە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلاً أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِن مِّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ}
«سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن دېدەكلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر» نىسا 4/25.
پەيغەمبىرىمىزگە فەيئ قىلىپ بېرىلگەن ۋە ئۇرۇش ئەسىرى بولمىغان مارىيە ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50-ئايىتى بىلەن ھالال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن    پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنگەندەك ياشىغان ئىدى. ئەسىرگە چۈشكەن جۇۋەيرىيە، سەفىييە ۋە رەيھانەلەرنى بولسا ئازاد قىلغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئالغان ئىدى. بۇ تۆت خانىمنىڭ ھاياتى قىسقىچە مۇنداق:
1- مارىيە
پەيغەمبىرىمىز، ھىجرەتنىڭ 7- (628 م) يىلى بىر مەكتۇپ ئەۋەتىش ئارقىلىق مىسىر مۇقەۋقىسى جۈرەيج ئىبىن مىنانى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان ئىدى. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقىدىن تارتىنغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان جۇرەيج پەيغەمبىرىمىزگە ئىچىدە مارىيە بىنت شەمئۇن ئەلقىبتىييە (ۋاپاتى: 16/637)مۇ بولغان ھەدىيەلەر ئەۋەتتى. مارىيە مۇسۇلمان بولدى ۋە ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى بىلەن پەيغەمبىرىمىزگە ھالال قىلىندى. پەيغەمبىرىمىزگە ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
مارىيە گۈزەل بىر خانىم ئىدى، ۋەتىنىدىن يىراقتا ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشى باشقا ئاياللىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئائىشە (ر.ئە)نىڭ كۈنچىلىكىنى قوزغىغان ئىدى. ئىبىن ئابباس (ر.ئە) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۆمەر ئىبىن خەتتابتىن تەھرىم سۈرىسىدە بىر-بىرىگە ياردەمچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىككى ئايالنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدىم، ئۇ: ‹ئائىشە بىلەن ھەفسە» دېدى. پەيغەمبىرىمىز ھەفسەنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۇنىڭ نۆۋىتىدە مارىيە بىلەن بىر يەردە بولغان ئىدى. ھەفسە بۇنى ئاڭلاپ، «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ئاياللىرىڭدىن ھېچبىرىگە قىلمىغىنڭنى مېنىڭ كۈنۈمدە، مېنىڭ نۆۋىتىمدە ۋە مېنىڭ ياتىقىمدا قىلدىڭ› دېدى. پەيغەمبىرىمىز: «ئۇنى ئۆزۈمگە ھارام قىلسام ۋە ئۇنىڭغا ئىككىنچى يېقىنلاشمىسام خۇشال بولامسەن؟» دېدى. ھەفسە: «ھەئە، خۇشال بولىمەن» دېگەن ئىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئۆزىگە ھارام قىلدى ۋە: ‹بۇنى ھېچكىمگە تىنما› دېدى. لېكىن ھەفسە بۇ ئىشنى ئائىشەگە ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پەيغەمبىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى[17]:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ 1قَدْ فَرَضَ اللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَانِكُمْ وَاللَّهُ مَوْلَاكُمْ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ (2) وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَى بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَن بَعْضٍ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنبَأَكَ هَذَا قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ (3) إِن تَتُوبَا إِلَى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا وَإِن تَظَاهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ مَوْلَاهُ وَجِبْرِيلُ وَصَالِحُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمَلَائِكَةُ بَعْدَ ذَلِكَ ظَهِيرٌ (4) عَسَى رَبُّهُ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِّنكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُّؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا}
«ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە كەففارەت بېرىپ قەسەملىرىڭلاردىن چىقىشنى يولغا قويۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا نەبىي ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئاشكارىلىغان چاغدا، نەبىي بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي بۇنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات خەۋەر قىلدى» دېدى. ئى نەبىينىڭ ئىككى ئايالى! ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، قەلبلىرىڭلار ھەقكە يۆنەلگەن بولىدۇ. ئەگەر ئىككىڭلار نەبىيگە قارشى بىر-بىرىڭلارغا يار-يۆلەك بولساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر، جىبرىئىل ۋە مۇئمىنلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈكتۇر. ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى، مۇسۇلمان، مۇئمىن، ئىتائەتكار، تەۋبىكار، ئىبادەتكار، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، چوكان ۋە قىز جۈپتلەرنى بېرىشى مۇمكىن» تەھرىم 66/1-5.
ئىبىن ئابباس (ر.ئە) نىڭ سۆزىنى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تەستىقلايدۇ:
مارىيەنى ھالال قىلغان ئايەت:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ…}
«ئى نەبىي! بىز ساڭا ھالال قىلدۇق»- ئەھزاب 33/50.
            پەيغەمبىرىمىزنىڭ مارىيەنى ئۆزىگە ھارام قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئايەت:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ}
«ئى نەبىي! ئاللاھ ساڭىلا ھالال قىلغان نەرسىنى نېمىشقا ھارام قىلىسەن»- تەھرىم 1-ئايەت
«ساڭىلا» دېگەن سۆز ئايەتلەردىكى «لەكە» سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50-ئايىتى بىلەن تەھرىم سۈرىسىنىڭ 1-ئايىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشىلىق ھەر ئىككى ئايەتنىڭ مارىيە توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2- جۇۋەيرىيە
جۇۋەيرىيە (ۋاپاتى: 56/676)، خۇزائە قەبىلىسىنىڭ بەنى مۇستەلىق جەمەتىنىڭ رەئىسى ھارىس ئىبىن ئەبۇ دىرارنىڭ قىزى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز خەندەك ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى بەنى مۇستەلىقنىڭ  مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنى يەڭدى ۋە كۆپ كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. ئېرى بۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە تېخى يىگىرمە ياشتا بولغان جۇۋەيرىيە ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئۇ سابىت ئىبىن قەيس ئىبىن شەمماسنىڭ ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۈلۈشىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پىدىيەسىنىڭ مىقدارىنى بەلگىلىگەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا باردى، ئۆزىنى تونۇتتى ۋە پىديەسىنى تۆلەشكە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبىرىمىز پىديەسىنى تۆلەپ ئۇنى ئازادلىقىغا ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن ئۆيلىنىش تەكلىپى قويدى. جۇۋەيرىيەدىن نەقىل قىلىنغان باشقا بىر رىۋايەتتە: ئاتىسى ئەسىرگە چۈشكەن قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى ۋە پىديەسىنى تۆلىگەندىن كېيىن ئۇنى پەيغەمبىرىمىزگە نىكاھلاپ بەردى.
جۇۋەيرىيەنىڭ پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلار بەنى مۇستەلىقتىن ئېلىنغان پۈتۈن ئەسىرلەرنى قويۇپ بەردى. بۇ نىكاھ ئوتتۇرىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولدى.[18].
3- رەيھانە
رەيھانە بىنتى شەمئۇن ئىبىن زەيد (ۋاپاتى: 10/632) بەنى نەدىر قەبىلىسىدىن ئىدى. بەنى قۇرەيزەلىك ھەكەم (ئابدۇلھەكەم) دېگەن كىشى بىلەن ئۆيلەنگەن ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بىلەن تۈزىگەن ئەھدىسىنى خەندەك ئۇرۇشىدا بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن دەرھال مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ تارمار قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:
{وَأَنزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا (26) وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَؤُوهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا}
«ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- ئەھزاب 33/26-27.
ئايەتنىڭ «سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ئەسىرلەرنىڭ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىدەك ماجالىمۇ، پىدىيە بەرگۈدەك ماللىرىمۇ قالمىغان ئىدى[19].
بۇ ھادىسىدە رەيھانەنىڭ ئېرى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆزى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئېرى بار خوتۇنلار بىلەن ئۆيلىنىشكە بۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق (قاراڭ: نىسا 4/24). پەيغەمبىرىمىز تەقرىبەن بىر ئاي كېيىن ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولۇش شەرتى بىلەن توي قىلىش تەكلىپى قويدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئازاتلىقىغا ئېرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن  ئۇنىڭغىمۇ باشقا خوتۇنلىرىغا بەرگىنىگە ئوخشاش 12 ئوقىييە كۈمۈش تويلۇق بېرىپ، 5- يىل زۇلھەججىدە (627 ماي) ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندى[20].
4- سەفىييە 
سەفىيە بەنى نەدىر يەھۇدىيلىرىنىڭ رەئىسى ھۇيەي ئىبىن ئەختەبنىڭ قىزى ئىدى. خەيبەر ئۇرۇشىدا ئېرى ئۆلۈپ، ئۆزى ئەسىرگە چۈشتى. بەنى قۇرەيزە ۋە بەنى نەدىرنىڭ ئېسىلزادە خانىمى بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىسىغا بېرىلىشى ئۇيغۇن كۆرۈلمىدى. پەيغەمبىرىمىز بولسا ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولسا نىكاھىغا ئالىدىغانلىقىنى، بولمىسا قۇيۇپ بېرىپ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەفىيە ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئازاد قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ تويلۇقى ھېسابلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندى[21].
خۇلاسە
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويغىنىمىزدەك ئەسىرلەرنى قۇل ياكى دېدەك قىلىشنىڭ ۋە دېدەكلەر بىلەن نىكاھسىز بىر يەردە بولۇشنىڭ ھېچقانداق دەلىلى يوق. مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ مەنىلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئاندىن بۇ ئۆزگەرتىلگەن مەنىنى بۇ ئىشقا دەلىل قىلىش مۇكەممەل بىر «ئىۋەج»دۇر. ئىۋەج بىلىپ تۇرۇپ قىلىنغان ۋە ئاسانلىقچە پەرق ئەتكىلى بولمايدىغان بىر ئەگرى قىلىش ھەرىكىتىدۇر (مەنا ئۆزگەرتىش پائالىيىتىدۇر). ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
{وَوَيْلٌ لِّلْكَافِرِينَ مِنْ عَذَابٍ شَدِيدٍ. الَّذِينَ يَسْتَحِبُّونَ الْحَيَاةَ الدُّنْيَا عَلَى الآخِرَةِ وَيَصُدُّونَ عَن سَبِيلِ اللّهِ وَيَبْغُونَهَا عِوَجًا أُوْلَئِكَ فِي ضَلاَلٍ بَعِيدٍ}
«كاپىرلارنىڭ قاتتىق ئازابتىن تارتقۇلۇقى بار! ئۇلار شۇنداق كىشىلەركى، دۇنيا ھاياتىنى ئاخىرەت ھاياتىدىن بەك ياخشى كۆرىدۇ، ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ ۋە ئۇ يولنى ئەگرى قىلىشقا تىرىشىدۇ. ئەنە شۇلار چوڭقۇر ئازغۇنلۇق ئىچىدىدۇر»- ئىبراھىم 14/2-3.
بەزىلەر تەرىپىدىن قۇللۇق ۋە دېدەكلىك مەسىلىسىدە بولغاندەك نۇرغۇن مەسىلىلەردە ئىۋەج (مەنا ئۆزگەرتىش) يولى بىلەن قۇرئاننىڭ توغرا چۈشىنىلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىنغان. ئەڭ يامىنى قۇرئاننى چۈشىنىش رەھبىرى بولغان ھېكمەت ئۇنتۇلدۇرۇلغان. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرىمىزگە ۋە باشقا پۈتۈن پەيغەمبەرلەرگە كىتاب بىلەن بىرلىكتە ھېكمەتمۇ بەرگەن ۋە ئۇلارنى بۇ ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرگەن. ھېكمەتنىڭ ئۇنتۇلۇشى بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆز ۋە تەتبىقلىرىنىڭ قۇرئاندىن چىقىرىلغان ھېكمەت ئىكەنلىكىمۇ ئۇنتۇلغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسۇلمانلار قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىش ئالاھىدىلىكىنى يوقىتىپ، ئۆزلىرى قىيىنچىلىق مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالغان.
ئەسىرلەر مەسىلىسىدە ئېلىپ بېرىلغان ئىۋەج  شۇنداق كۈچلۈك ۋە دائىمىي بولغانكى، بىز ئېرىشەلىگەن كىتابلاردا ئۇلار ھەققىدە چىقىرىلغان ھۆكۈملەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى يىللاردىن بۇيان قۇرئان قارىخانىلاردا يادلىنىدىغان، لەۋزىنى ئۇقۇپ ساۋاب قازىنىلىدىغان بىر كىتاب بولۇپ قالغان. ئۇستازلار بۇ شەكىلدە يېتىشتۈرۈلگەنلىكى ۋە كەڭ مۇسۇلمانلار بۇنىڭغا كۆندۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن ھېچكىم «دىنى بىلىم» دەپ ئۆگەنگەن بىلىملىرىنىڭ ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆز ۋە تەتبىقلىرىگە ئۇدۇل كەلمەسلىك ئېھتىمالىنى ئويلاپمۇ باقمىغان.
دىن دەپ ئۆگەنگەن نەرسىلىرىنى ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن بىرلەشتۈرەلمىگەنلەرنى ئاللاھ تائالا ئۇممى دەپ ئاتايدۇ. ئۇممىي ئوقۇش-يېزىشنى بىلمەيدىغان كىشى دېمەكتۇر. چۈشىنىش ئۈچۈن ئەمەس، ساۋابقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇقۇلغان كىتاب ئۇقۇلغان بولمايدۇ. ئۇنى چۈشىنىپ ئوقۇمىسىڭىز دىننىڭ ئاساسلىق كىتابىنى ئوقۇمىغان بولىسىز. ئاللاھ يەھۇدىيلار ھەققىدە مۇنداق دەيدۇ:
{وَمِنْهُمْ أُمِّيُّونَ لاَ يَعْلَمُونَ الْكِتَابَ إِلاَّ أَمَانِيَّ وَإِنْ هُمْ إِلاَّ يَظُنُّونَ. فَوَيْلٌ لِّلَّذِينَ يَكْتُبُونَ الْكِتَابَ بِأَيْدِيهِمْ ثُمَّ يَقُولُونَ هَذَا مِنْ عِندِ اللّهِ لِيَشْتَرُواْ بِهِ ثَمَناً قَلِيلاً فَوَيْلٌ لَّهُم مِّمَّا كَتَبَتْ أَيْدِيهِمْ وَوَيْلٌ لَّهُمْ مِّمَّا يَكْسِبُونَ}
«ئۇلارنىڭ بىر قىسمى ئۇممىي بولۇپ كىتابنى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئويدۇرمىلارنى بىلىدۇ ۋە پەقەت تەخمىن يۈرگۈزىدۇ. قوللىرى بىلەن كىتاب يېزىپ، ئاندىن ۋاقىتلىق مەنپەئەت كۆزلەپ: «بۇ ئاللاھ تەرىپىدىندۇر» دەيدىغانلارنىڭ تارتقۇلۇقى بار. ئۇلارنىڭ ھەم يازغان نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن ھەمدە قولغا كەلتۈرگەنمۇ نەرسىلىرى تۈپەيلىدىن تارتقۇلۇقى بار»- بەقەرە 2/78-79.  
سۈننىي ۋە شىئە مەزھەپلىرىنىڭ بارلىق ئالىملىرى بۇ ئايەتلەردە بىلدۈرۈلگەندەك كىتابنى ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئويدۇرمىلارنى بىلىدۇ ۋە پەقەت گۇمان بىلەن ئىش قىلىدۇ. ئۇلارنىڭچە مەزھەپلەرنىڭ ئالىملىرى خاتالاشمايدۇ، قۇرئانغا ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىگە قارشى بىر نەرسە دېمەيدۇ. بولۇپمۇ بىر مەسىلىدە ئىجما قىلسا (يەنى پىكىر بىرلىكىگە بارغان بولسا)، ئۇنىڭ خاتا بولۇش ئېھتىمالى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن كونىلارغا قارىغۇلارچە ئەگەشكەن بۇ كىشىلەر ئۆزلىرىنى ئالىم چاغلايدۇ. بۇلارنىڭ يازغان كىتابلىرىمۇ ئۇ خاتالىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىن باشقا بىر ئىشقا يارىمايدۇ.
بۇ ئالىملار بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ كىتابلارنى يازغان ۋە قىلغان ئىۋەج (مەنىسىنى ئۆزگەرتىش) بىلەن قۇرئان قوبۇل قىلمايدىغان ھۆكۈملەرنى قۇرئاننىڭ ھۆكۈملىرى قىلىپ كۆرسەتلەرنىڭ نىجاتلىققا ئېرىشىشى مۇمكىن كۆرۈنمەيدۇ.
بۇ ئىۋەج (مەنا ئۆزگەرتىش)، بۇ خاتا پىكىر شۇنچىۋالا كۈچلۈك بولغانكى، بۈگۈن ئىراق ۋە سۈرىيەدە بەزى يەرلەرنى ئىشغال قىلىپ دۆلەت قۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان «ئىشىد»نىڭ باشلىقىغا تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەكتۇپنى پەرقلىق دۆلەتلەردىن 126 ئىسلام ئالىمى يازالىغان:
«مۇسۇلمانلار ھەتتا پۈتۈن دۇنيا يۈز يىلدىن ئارتۇق بىر زاماندىن بۇيان قۇل قىلىشنى چەكلەش ۋە جىنايەت ھېسابلاش توغرىسىدا ئىجما قىلماقتا (پىكىر بىرلىكىگە كەلمەكتە). بۇ ئىسلام تارىخىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر. بۇ ئىجمادىن كېيىن قۇل قىلىش ھارامدۇر»[23].
قۇل ۋە چۆرە قىلىشنىڭ سۈرە مۇھەممەتنىڭ 4-ئايىتى بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىنى بىلمىگەن بۇ زاتلارنىڭ كۆز قارىشىدا قۇل قىلىش ۋە چۆرە قىلىش قۇرئان ۋە سۈننەت بىلەن سابىتتۇر. ئۇلار بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان بولسا ئۇلارنىڭ بۇ ئىككى ئاساسقا زىت ھالدا قىلغان ئىجماسى قانداقمۇ دىنى ھۆكۈم بەلگىلىيەلەيدۇ! غەربلىكلەرنىڭ بېسىمى بىلەن قۇل قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر قالغان سىياسىيونلارنىڭ قىلمىشى نېمىگە ئاساسەن ئىجما ھېسابلىنىدۇ! ئىنسانلارنىڭ ئىجما قىلىشى بىلەن ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان بىر دىن قانداقمۇ ئاللاھنىڭ دىنى بولىدۇ!
قوللىرىدىكى كىلاسسىك كىتابلارغىمۇ زىت بولغان نەرسىلەرنى ماقۇللايدىغان كىشىلەر ئۆزلىرىگە ئالىم دېگەن سۈپەتنى قانداقمۇ لايىق كۆرىدىغاندۇ!
بىز كىتاب ۋە ھېكمەتكە ئۇيغۇن ئىلمىي پائالىيەتلەر بىلەن ئۇ چۈشەنچىنىڭ خاتالىقلىرىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ، ھەقىقەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تېرىشقان بولساقمۇ ھېچبىر مەسىلە ھەققىدە مۇنازىرىلەشكىلى يېقىنلاشمىغان كونىلىقچى ۋە يېڭىلىقچى ئىدىيەگە ئىسا (ئە.س)نىڭ مۇنۇ سۆزلىرى بىلەن خىتاب قىلماقچىمەن:
«سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىگە ئېسىلىۋالىدىكەنسىلەر. ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر» (ئىنجىل ماركۇس، 7-بۆلۈم،8- ۋە 9-جۈملىلەر).
ئاللاھقا ئىشەنلەرگە مۇنۇ ئايەت كۇپايە قىلىدۇ:
{يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُواْ عَلَيْكُمْ أَنفُسَكُمْ لاَ يَضُرُّكُم مَّن ضَلَّ إِذَا اهْتَدَيْتُمْ إِلَى اللّهِ مَرْجِعُكُمْ جَمِيعًا فَيُنَبِّئُكُم بِمَا كُنتُمْ تَعْمَلُونَ}.
«ئى مۇئمىنلار! ئۆزۈڭلارنى ساقلاڭلار. سىلەر توغرا يولدا بولساڭلار، ئېزىپ كەتكەنلەر سىلەرگە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ھەممىڭلار ئاللاھنىڭ ھۇزۇرىغا قايتىسىلەر. ئاندىن ئاللاھ سىلەرگە قىلمىشىڭلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ»- مائىدە5 /105.
مەنبە: ئابدۇلئەزىز بايىندىر «ئۇرۇش ئەسىرلىرى ۋە چۆرىلىك»، كىتاب ۋە ھېكمەت ژۇرنىلى، 2015-يىل11-سان، 1-11.
ئىزاھلار ۋە پايدىلانغان مەنبەلەر:
1- مۇسۇلمانلار مەككىدە قىيىن كۈنلەرنى كەچۈرۈۋاتقاندا رىملىقلارنىڭ فىرسىيەلىكلەرگە يىڭىلگەنلىكى خەۋىرى كەلدى. ئۇ ۋاقىتتا نازىل بولغان ئايەتلەردە بىر قانچە يىل ئىچىدە رىملىقلارنىڭ فىرسىيەلىكلەرنى يىڭىدىغانلىقى، ئۇ كۈندە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر زەپەر بىلەن خۇشال بولىدىغانلىقى بېشارەت بېرىلدى. رۇم سۈرىسى (30- سۈرە)نىڭ ئاۋۋالقى 6 ئايىتىگە قاراڭ.
2- مۇھەممەد سۈرىسىنىڭ 4- ئايىتى بەدرى ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى نازىل بولمىغان بولسا پەيغەمبىرىمىزگە بۇ تەنقىدلەر قىلىنمىغان بولاتتى. چۈنكى «ئاللاھ ھېچكىمىنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ» (بەقەرە 2/286).
3- بەنى قۇرەيزە ئەسىرلىرىدىن ئۇرۇش قىلالايدىغانلىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى يەھۇدىيلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر. تەپسىلىي مەلۇمات ئۈچۈن جامال ئەخمەت نەجمنىڭ «غزوة بني قريظة بين الحقائق والأساطير» ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ:  http://www.hablullah.com/?p=2100
4- ئەبۇ بەكرى ئەھمەد ئىبىن ئەلى رازى (ۋاپاتى: 370/981) ئەھكامۇل قۇرئان، ئىستانبۇل 1917، مۇھەممەد سۈرىسى.
5- ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ئىسلام ھوقۇقى ۋە فىقھىي ئىستىلاھلار قامۇسى، ج. 3، 399، ئىستانبۇل.
6- مۇھەممەت ھۆسەيىن تاباتابائىي (1902-1981)،ئەلمازىنىڭ قۇرئان تەپسىرى، ئىران -قۇم.
7- جالالىددىن سۇيۇتى (ۋاپاتى: 911/1505)ۋە جالالىددىن مۇھەممەد ئىبىن ئەھمەد مەھەللى (ۋاپاتى: 864ھ) تەپسىر جەلالەين.
9- خەيرىدىن قارامان، ئىبراھىم كافې دۆنمەز، مۇستاپا چاغىرچى، سەدرىددىن گۈمۈش. قۇرئان يولى تۈركچە تەرجىمە ۋە تەپسىرى، دىن ئىشلىرى جەمئىيىتى تارقاتقان، 2-باسما. نىسا سۈرىسى.
10- ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر بەيزاۋى، ئەنۋارۇت تەنزىل ۋە ئەسرارۇت تەۋىل، دارۇل رەشىد مۇئەسسەسەتۇل ئىمان، دەمەشق –بېيرۇت، 2000، نىسا سۈرىسى.
1-               تاباتاباىي، نىسا سۈرىسى.
2-               قۇرئان يولى ، نىسا سۈرىسى.
3-               جەسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، نىسا سۈرىسى.
4-               تاباتابائىي. مۇئمىن سۈرىسى.
5-               ئاينۇر ئۇرالەر، مارىيە، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.
6-               جالالىددىن سۇيۇتى(ۋاپاتى.911/1505)جامىئۇل ئەھادىس، باب مۇسنەدى ئۆمەر بىن خەتتاب، 28ب. 49(nr.30658
7-               رىزا ساۋاش، جۈۋەيرىيە، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.
8-               بەنى قۇرەيزە ئەسىرلىرىدىن ئۇرۇش قىلالدىغانلېرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى داۋا قىلىنسىمۇ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئويدۇرمىسىدۇر. تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۈچۈن جامال ئەخمەت نەجمىنىڭ<< ئويدۇرما ۋە ھەقىقەتلەر ئارىسىدىكى بەنى قۇرەيزە غازاتى >> ناملىق كىتابقا قاراڭ.
9-               ھاياتى يىلماز، رەيھانە، دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەلىك.
10-         ئاينۇر ئۇرالەر، سەفىيە،دىيانەت ئىسلام ئېنسىكلوپېدىيەسى.
11-         راغىب ئىسفاھانى (ۋاپاتى: 425ھ)، مۇفرادات (سافۋان ئەدنان داۋۇدى) عوجmd. دەمەشق ۋە بەيرۇت، 1412/1992.
 
ئاپتورى : پىروفېسسور دوكتور ئابدۇلئەزىز بايىندىر

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ