باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ج-پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەسىر ئاياللىرى  
پەيغەمبىرىمىز نىكاھىغا ئالغان ئاياللارنىڭ ئارىسىدا چۆرە يوق. چۈنكى ھۆر ئايال بىلەن ئۆيلىنىشكە كۈچى يەتكەن مۇسۇلمان چۆرە بىلەن ئۆيلەنسە بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
{وَمَن لَّمْ يَسْتَطِعْ مِنكُمْ طَوْلاً أَن يَنكِحَ الْمُحْصَنَاتِ الْمُؤْمِنَاتِ فَمِن مِّا مَلَكَتْ أَيْمَانُكُم مِّن فَتَيَاتِكُمُ الْمُؤْمِنَاتِ}
«سىلەردىن مۇئمىن ھۆر ئاياللارنى نىكاھىغا ئېلىشقا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچى يەتمىگەن كىشى، قول ئاستىڭلاردىكى مۇئمىن دېدەكلەردىن ئالسۇن. ئاللاھ ئىمانىڭلارنى ئوبدان بىلگۈچىدۇر» نىسا 4/25.
پەيغەمبىرىمىزگە فەيئ قىلىپ بېرىلگەن ۋە ئۇرۇش ئەسىرى بولمىغان مارىيە ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50-ئايىتى بىلەن ھالال قىلىنغانلىقى ئۈچۈن    پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەنگەندەك ياشىغان ئىدى. ئەسىرگە چۈشكەن جۇۋەيرىيە، سەفىييە ۋە رەيھانەلەرنى بولسا ئازاد قىلغاندىن كېيىن نىكاھىغا ئالغان ئىدى. بۇ تۆت خانىمنىڭ ھاياتى قىسقىچە مۇنداق:
1- مارىيە
پەيغەمبىرىمىز، ھىجرەتنىڭ 7- (628 م) يىلى بىر مەكتۇپ ئەۋەتىش ئارقىلىق مىسىر مۇقەۋقىسى جۈرەيج ئىبىن مىنانى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان ئىدى. ۋىزانتىيە ئىمپېراتورلۇقىدىن تارتىنغانلىقى ئۈچۈن ئىسلامنى قوبۇل قىلمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان جۇرەيج پەيغەمبىرىمىزگە ئىچىدە مارىيە بىنت شەمئۇن ئەلقىبتىييە (ۋاپاتى: 16/637)مۇ بولغان ھەدىيەلەر ئەۋەتتى. مارىيە مۇسۇلمان بولدى ۋە ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50- ئايىتى بىلەن پەيغەمبىرىمىزگە ھالال قىلىندى. پەيغەمبىرىمىزگە ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى.
مارىيە گۈزەل بىر خانىم ئىدى، ۋەتىنىدىن يىراقتا ئىدى. پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ئارتۇقچە كۆڭۈل بۆلۈشى باشقا ئاياللىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئائىشە (ر.ئە)نىڭ كۈنچىلىكىنى قوزغىغان ئىدى. ئىبىن ئابباس (ر.ئە) بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«مەن ئۆمەر ئىبىن خەتتابتىن تەھرىم سۈرىسىدە بىر-بىرىگە ياردەمچى بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىككى ئايالنىڭ كىملەر ئىكەنلىكىنى سورىغان ئىدىم، ئۇ: ‹ئائىشە بىلەن ھەفسە» دېدى. پەيغەمبىرىمىز ھەفسەنىڭ ئۆيىدە ۋە ئۇنىڭ نۆۋىتىدە مارىيە بىلەن بىر يەردە بولغان ئىدى. ھەفسە بۇنى ئاڭلاپ، «ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سەن ئاياللىرىڭدىن ھېچبىرىگە قىلمىغىنڭنى مېنىڭ كۈنۈمدە، مېنىڭ نۆۋىتىمدە ۋە مېنىڭ ياتىقىمدا قىلدىڭ› دېدى. پەيغەمبىرىمىز: «ئۇنى ئۆزۈمگە ھارام قىلسام ۋە ئۇنىڭغا ئىككىنچى يېقىنلاشمىسام خۇشال بولامسەن؟» دېدى. ھەفسە: «ھەئە، خۇشال بولىمەن» دېگەن ئىدى، پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئۆزىگە ھارام قىلدى ۋە: ‹بۇنى ھېچكىمگە تىنما› دېدى. لېكىن ھەفسە بۇ ئىشنى ئائىشەگە ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ پەيغەمبىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىپ مۇنۇ ئايەتنى نازىل قىلدى[17]:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ تَبْتَغِي مَرْضَاتَ أَزْوَاجِكَ وَاللَّهُ غَفُورٌ رَّحِيمٌ 1قَدْ فَرَضَ اللَّهُ لَكُمْ تَحِلَّةَ أَيْمَانِكُمْ وَاللَّهُ مَوْلَاكُمْ وَهُوَ الْعَلِيمُ الْحَكِيمُ (2) وَإِذْ أَسَرَّ النَّبِيُّ إِلَى بَعْضِ أَزْوَاجِهِ حَدِيثًا فَلَمَّا نَبَّأَتْ بِهِ وَأَظْهَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ عَرَّفَ بَعْضَهُ وَأَعْرَضَ عَن بَعْضٍ فَلَمَّا نَبَّأَهَا بِهِ قَالَتْ مَنْ أَنبَأَكَ هَذَا قَالَ نَبَّأَنِيَ الْعَلِيمُ الْخَبِيرُ (3) إِن تَتُوبَا إِلَى اللَّهِ فَقَدْ صَغَتْ قُلُوبُكُمَا وَإِن تَظَاهَرَا عَلَيْهِ فَإِنَّ اللَّهَ هُوَ مَوْلَاهُ وَجِبْرِيلُ وَصَالِحُ الْمُؤْمِنِينَ وَالْمَلَائِكَةُ بَعْدَ ذَلِكَ ظَهِيرٌ (4) عَسَى رَبُّهُ إِن طَلَّقَكُنَّ أَن يُبْدِلَهُ أَزْوَاجًا خَيْرًا مِّنكُنَّ مُسْلِمَاتٍ مُّؤْمِنَاتٍ قَانِتَاتٍ تَائِبَاتٍ عَابِدَاتٍ سَائِحَاتٍ ثَيِّبَاتٍ وَأَبْكَارًا}
«ئى نەبىي! نېمە ئۈچۈن ئاللاھ ساڭا ھالال قىلغان نەرسىنى ئاياللىرىڭنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ ھارام قىلىسەن؟ ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، مەرھەمەت قىلغۇچىدۇر. ئاللاھ سىلەرگە كەففارەت بېرىپ قەسەملىرىڭلاردىن چىقىشنى يولغا قويۇپ بەردى. ئاللاھ سىلەرنىڭ ئىگەڭلاردۇر. ئۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر. ئۆز ۋاقتىدا نەبىي ئاياللىرىنىڭ بىرىگە بىر سۆزنى مەخپىي ئېيتقان ئىدى. ئۇ ئايال بۇ سۆزنى باشقىسىغا خەۋەر قىلغان ۋە ئاللاھ بۇ ئەھۋالنى نەبىيگە ئاشكارىلىغان چاغدا، نەبىي بۇنىڭ بەزىسىنى ئۇ ئايالنىڭ يۈزىگە سالدى، بەزىسىنى يۈزىگە سالمىدى. نەبىي بۇنى ئۇ ئايالغا خەۋەر قىلغان چاغدا، ئۇ ئايال: «بۇنى ساڭا كىم خەۋەر قىلدى؟» دېدى، نەبىي: «ماڭا ھەر نەرسىنى بىلىپ تۇرغۇچى ۋە ھەر نەرسىدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرغۇچى زات خەۋەر قىلدى» دېدى. ئى نەبىينىڭ ئىككى ئايالى! ئەگەر ئىككىڭلار ئاللاھقا تەۋبە قىلساڭلار، قەلبلىرىڭلار ھەقكە يۆنەلگەن بولىدۇ. ئەگەر ئىككىڭلار نەبىيگە قارشى بىر-بىرىڭلارغا يار-يۆلەك بولساڭلار، بىلىڭلاركى ئاللاھ ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر، جىبرىئىل ۋە مۇئمىنلارنىڭ ياخشىلىرىمۇ ئۇنىڭ ياردەمچىسىدۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن پەرىشتىلەرمۇ ئۇنىڭغا يۆلەنچۈكتۇر. ئى نەبىينىڭ ئاياللىرى! ئەگەر ئۇ سىلەرنى قويۇۋەتسە، رەببى ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا سىلەردىن ياخشى، مۇسۇلمان، مۇئمىن، ئىتائەتكار، تەۋبىكار، ئىبادەتكار، ئاللاھ يولىدا سەپەرگە چىققۇچى، چوكان ۋە قىز جۈپتلەرنى بېرىشى مۇمكىن» تەھرىم 66/1-5.
ئىبىن ئابباس (ر.ئە) نىڭ سۆزىنى  مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر تەستىقلايدۇ:
مارىيەنى ھالال قىلغان ئايەت:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ إِنَّا أَحْلَلْنَا لَكَ…}
«ئى نەبىي! بىز ساڭا ھالال قىلدۇق»- ئەھزاب 33/50.
            پەيغەمبىرىمىزنىڭ مارىيەنى ئۆزىگە ھارام قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئايەت:
{يَا أَيُّهَا النَّبِيُّ لِمَ تُحَرِّمُ مَا أَحَلَّ اللَّهُ لَكَ}
«ئى نەبىي! ئاللاھ ساڭىلا ھالال قىلغان نەرسىنى نېمىشقا ھارام قىلىسەن»- تەھرىم 1-ئايەت
«ساڭىلا» دېگەن سۆز ئايەتلەردىكى «لەكە» سۆزىنىڭ مەنىسىدۇر. ئەھزاب سۈرىسىنىڭ 50-ئايىتى بىلەن تەھرىم سۈرىسىنىڭ 1-ئايىتىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئوخشاشىلىق ھەر ئىككى ئايەتنىڭ مارىيە توغرىسىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
2- جۇۋەيرىيە
جۇۋەيرىيە (ۋاپاتى: 56/676)، خۇزائە قەبىلىسىنىڭ بەنى مۇستەلىق جەمەتىنىڭ رەئىسى ھارىس ئىبىن ئەبۇ دىرارنىڭ قىزى ئىدى. پەيغەمبىرىمىز خەندەك ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى بەنى مۇستەلىقنىڭ  مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنى يەڭدى ۋە كۆپ كىشىنى ئەسىرگە ئالدى. ئېرى بۇ ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ۋە تېخى يىگىرمە ياشتا بولغان جۇۋەيرىيە ئەسىرلەرنىڭ ئارىسىدا ئىدى. ئۇ سابىت ئىبىن قەيس ئىبىن شەمماسنىڭ ياكى تاغىسىنىڭ ئوغلىنىڭ ئۈلۈشىگە چۈشكەن ئىدى. ئۇ ئازاد بولۇشى ئۈچۈن پىدىيەسىنىڭ مىقدارىنى بەلگىلىگەندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ يېنىغا باردى، ئۆزىنى تونۇتتى ۋە پىديەسىنى تۆلەشكە ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبىرىمىز پىديەسىنى تۆلەپ ئۇنى ئازادلىقىغا ئېرىشتۈرگەندىن كېيىن ئۆيلىنىش تەكلىپى قويدى. جۇۋەيرىيەدىن نەقىل قىلىنغان باشقا بىر رىۋايەتتە: ئاتىسى ئەسىرگە چۈشكەن قىزىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مەدىنىگە كەلدى ۋە پىديەسىنى تۆلىگەندىن كېيىن ئۇنى پەيغەمبىرىمىزگە نىكاھلاپ بەردى.
جۇۋەيرىيەنىڭ پەيغەمبىرىمىز بىلەن توي قىلغانلىقىنى ئاڭلىغان مۇسۇلمانلار بەنى مۇستەلىقتىن ئېلىنغان پۈتۈن ئەسىرلەرنى قويۇپ بەردى. بۇ نىكاھ ئوتتۇرىدىكى دۈشمەنلىكنى تۈگىتىپ، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولدى.[18].
3- رەيھانە
رەيھانە بىنتى شەمئۇن ئىبىن زەيد (ۋاپاتى: 10/632) بەنى نەدىر قەبىلىسىدىن ئىدى. بەنى قۇرەيزەلىك ھەكەم (ئابدۇلھەكەم) دېگەن كىشى بىلەن ئۆيلەنگەن ئىدى. پەيغەمبىرىمىز بىلەن تۈزىگەن ئەھدىسىنى خەندەك ئۇرۇشىدا بۇزغان بەنى قۇرەيزە يەھۇدىيلىرى ئۇرۇشتىن كېيىن دەرھال مۇھاسىرىگە ئېلىنىپ تارمار قىلىندى. مۇناسىۋەتلىك ئايەت تۆۋەندىكىچە:
{وَأَنزَلَ الَّذِينَ ظَاهَرُوهُم مِّنْ أَهْلِ الْكِتَابِ مِن صَيَاصِيهِمْ وَقَذَفَ فِي قُلُوبِهِمُ الرُّعْبَ فَرِيقًا تَقْتُلُونَ وَتَأْسِرُونَ فَرِيقًا (26) وَأَوْرَثَكُمْ أَرْضَهُمْ وَدِيَارَهُمْ وَأَمْوَالَهُمْ وَأَرْضًا لَّمْ تَطَؤُوهَا وَكَانَ اللَّهُ عَلَى كُلِّ شَيْءٍ قَدِيرًا}
«ئاللاھ ئەھلى كىتابنىڭ ئىچىدىن ئۇلارغا ياردەم بەرگەنلەرنى قورغانلىرىدىن چۈشۈردى ۋە ئۇلارنىڭ قەلبلىرىگە قورقۇنچ سالدى. سىلەر ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئۆلتۈرەتتىڭلار، بىر قىسمىنى ئەسىر ئالاتتىڭلار. ئاللاھ سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى. ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر»- ئەھزاب 33/26-27.
ئايەتنىڭ «سىلەرنى ئۇلارنىڭ يەرلىرىگە، يۇرتلىرىغا، ماللىرىغا ۋە سىلەر دەسسەپ باقمىغان زېمىنغا ۋارىس قىلدى» دېگەن مەنىدىكى قىسمى ئەسىرلەرنىڭ قۇيۇپ بېرىلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۇرۇشقىدەك ماجالىمۇ، پىدىيە بەرگۈدەك ماللىرىمۇ قالمىغان ئىدى[19].
بۇ ھادىسىدە رەيھانەنىڭ ئېرى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۆزى ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن ئېرى بار خوتۇنلار بىلەن ئۆيلىنىشكە بۇلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتكەن ئىدۇق (قاراڭ: نىسا 4/24). پەيغەمبىرىمىز تەقرىبەن بىر ئاي كېيىن ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولۇش شەرتى بىلەن توي قىلىش تەكلىپى قويدى، ئۇ قوبۇل قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئازاتلىقىغا ئېرىشتۈرگەنلىكى ئۈچۈن  ئۇنىڭغىمۇ باشقا خوتۇنلىرىغا بەرگىنىگە ئوخشاش 12 ئوقىييە كۈمۈش تويلۇق بېرىپ، 5- يىل زۇلھەججىدە (627 ماي) ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندى[20].
4- سەفىييە 
سەفىيە بەنى نەدىر يەھۇدىيلىرىنىڭ رەئىسى ھۇيەي ئىبىن ئەختەبنىڭ قىزى ئىدى. خەيبەر ئۇرۇشىدا ئېرى ئۆلۈپ، ئۆزى ئەسىرگە چۈشتى. بەنى قۇرەيزە ۋە بەنى نەدىرنىڭ ئېسىلزادە خانىمى بولغانلىقى ئۈچۈن پەيغەمبىرىمىزدىن باشقىسىغا بېرىلىشى ئۇيغۇن كۆرۈلمىدى. پەيغەمبىرىمىز بولسا ئۇنىڭغا مۇسۇلمان بولسا نىكاھىغا ئالىدىغانلىقىنى، بولمىسا قۇيۇپ بېرىپ ئائىلىسىگە ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. سەفىيە ئىسلامنى قوبۇل قىلدى. پەيغەمبىرىمىز ئۇنى ئازاد قىلغانلىقىنى ئۇنىڭ تويلۇقى ھېسابلاپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆيلەندى[21].

مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ