مۇسۇلمانلار

تاغۇتنىڭ مەنىسى

تاغۇت ئاتالغۇسى قۇرئان كەرىمدە سەككىز يەردە ئۆتىدۇ (بەقەرە 2/256، 257؛ نىسا 4/51، 60، 76؛ مائىدە 60؛ نەھل 16/36؛ زۇمەر 39/17). ئۇ ئايەتلەرگە ئاساسەن تاغۇت تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت:

1- ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنغان ۋە ئىبادەت قىلىنىشىغا رازى بولغان بارلىق شەيئى ۋە شەخسلەر. بۇلارنىڭ بېشىدا شەيتان كېلىدۇ. چۈنكى شەيتان ئىنسانلارنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن توسۇپ ئۆزىگە ئەگىشىشكە دەۋەت قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىبادەت قىلمىغانلار شەيتانغا ئىبادەت قىلغان بولىدۇ (ئەنبىيا 21/29؛ ياسىن 36/60).

2- ئاللاھنىڭ ھۆكمى بىلەن ھۆكۈم قىلىش ئىماكانىيىتى بار تۇرۇپ، باشقا ھۆكۈم بىلەن ھۆكۈم قىلغان ئەمەلدار (نىسا 4/60؛ مائىدە 5/44).

4- غەيىبنى بىلىشنى دەۋا قىلىدىغان كىشى (ئەنئام 6/559؛ جىن 72/26).

5- ئەۋلىيا يەنى كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلەيدۇ، كىشىلەرنىڭ مۈشكۈلاتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرەلەيدۇ، ئاللاھ بىلەن ئىنسانلار ئارىسىدا ۋاسىتە بولالايدۇ، ئۇچالايدۇ، ئىسمىنى تىلغا ئالغان ھامان ھازىر بولالايدۇ، كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا ۋە تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ،… دەپ ئېتىقاد قىلىنىدىغان ۋە بۇنىڭغا رازى بولغان كىشىلەر (بەقەرە 2/257).     

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر