مۇسۇلمانلار

«فىتنە»نىڭ مەنىسى

سوئال:
«فىتنە» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟
جاۋاب
فىتنە كەلىمىسىنىڭ لۇغەت مەنىسى ئالتۇننى ياكى كۈمۈشنى ئوتتا ئېرىتىپ ساپلاشتۇرۇش، بالاغا مۇبتىلا قىلىش، ئىمتىھان قىلىش دېگەن مەنىلەردە كېلىدۇ (مۇفرەداتى ئەلفازىل قۇرئان، تەھزىلۇللۇغە، مەقايىسۇللۇغە، لىسانۇل ئەرەب ف ت ن ماددىسى). بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئىمتىھان (بەقەرە 2/102؛ ئەنئام 6/53؛ ئەنكەبۇت 29/2؛ ئەنبىيا 21/35)،  ئاللاھنىڭ يولىدىن توسۇش (مائىدە 5/49)، قىيناش (بەقەرە 2191؛ نەھل 16/110؛)، بۇزغۇنچىلىق (بەقەرە 193)، ئاسىيلىق قىلىش ۋە مۇناپىقلىق قىلىش (ھەدىد 57/14)، ھەقنىڭ باتىلغا ئوخشاپ قېلىشى (ئەنفال 8/73)، ئازدۇرۇش (مائىدە 5/41)، ئۆلتۈرۈش ۋە ئەسىرگە ئېلىش (نىسا 4/101)، ئىختىلاپ ۋە تەپرىقە (تەۋبە 9/47)، جىن چاپلىشىۋېلىش (نۇن 68/6)، ئوتقا تاشلاپ قىيناش (زارىيات 51/3، 13؛ بۇرۇج 85/10)، قىيىنچىلىققا يولۇقۇش، بالاغا دۇچار بولۇش (مائىدە تەۋبە 9/49؛ يۇنۇس 10/83). بۇ كەلىمە قۇرئان كەرىمدە ئەڭ كۆپ قىيىنچىلىق بىلەن ئىمتىھان قىلىش ۋە قىيناش مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ.  

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر