مۇسۇلمانلار

زاكالەت بېرىشكە بولامدۇ؟

8- زاكالەت ياكى ئالدىن بېرىلگەن پۇل

بەزى ئېلىم-سېتىملاردا يېنىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ساتقۇچى خېرىداردىن زاكالەت ياكى ئالدىن بېرىلگەن پۇل نامى بىلەن بىر مىقدار نەق پۇل ئالىدۇ، ئەگەر خېرىدار يېنىۋالغان تەقدىردە بۇ پۇل ساتقۇچىغا قالىدۇ. بۇ ھەقتە مەزھەپلەرنىڭ پەرقلىق كۆزقاراشلىرى بار.

ھەنەفىيلەرنىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى كۆزقارىشى مۇنداق: توغرا شەكىلدە تۈزۈلگەن ۋە قەتئىيلىشىپ بولغان بىر سودا كېلىشىمىنى پەقەت شۇ كېلىشىمنى تۈزگەن ئىككى تەرەپ ئۆزئارا رازىلىشىپ بۇزالايدۇ ياكى سوتنىڭ قارارى بۇزالايدۇ. ئالغۇچىنىڭ ياكى ساتقۇچىنىڭ ئۆز ئالدىغا كېلىشىمنى بۇزۇش ھوقۇقى يوق. ئالغۇچى ياكى ساتقۇچى ۋە ياكى ھەر ئىككىسى مۇئەييەن بىر مۇددەت تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇش شەرتى بىلەن ئېلىم-سېتىم قىلالايدۇ. تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان تەرەپ بۇ مۇددەت ئىچىدە سودا كېلىشىمىنى بۇزالايدۇ.

مالدا بىر قۇسۇر چىققان ئەھۋالدىمۇ خېرىدار تاللاش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ.[1] لېكىن سودىدا  شەرت قىلىنغان بولسىمۇ، بېرىلگەن زاكالەتنىڭ خېرىدار يېنىۋالغان تەقدىردە ساتقۇچىغا قېلىشى جايىز بولمايدۇ. چۈنكى زاكالەت سوۋغات ياكى سەدىقە بولماستىن، بەدەلسىز ھالدا قولغا كەلگەن نەرسىدۇر. بۇ ھەقسىز پايدا ھېسابلىنىدۇ، شۇنداقلا ساتقۇچىغا ھالال بولمايدۇ[2].

ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچە، بىر سودا كېلىشىمى تۈزۈلۈپ، خېرىدار ساتقۇچىغا زاكالەت نامىدا بىر مىقدار پۇل بېرىپ، «ئەگەر مالنى سېتىۋېلىشتىن ۋاز كەچسەم بۇ پۇل سېنىڭ بولسۇن» دېسە، ئاندىن ۋاز كەچسە، زاكالەت سۈپىتىدە بېرىلگەن پۇل ساتقۇچىغا ھالال بولىدۇ[3].

مالىكىيلار زاكالەتنى جايىز كۆرمەيدۇ. ئىمام مالىك «مۇۋەتتا» ناملىق ھەدىس كىتابىنىڭ «بۇيۇئ» بۆلۈمىنى مۇنۇ ھەدىس بىلەن باشلايدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) «زاكالەتلىك سودىنى مەنئى قىلدى»[4].

ئىمام مالىك بۇ مەسىلىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:

«بىزنىڭچە زاكالەتلىك سودا مۇنداق بولىدۇ: بىر كىشى بىر قۇل ياكى كىچىك بىر چۆرىنى سېتىۋالسا ياكى ھايۋاننى كىراغا ئالسا، ئاندىن ساتقۇچىغا ياكى ھايۋاننىڭ ئىگىسىگە: «ساڭا بىر دىنار ياكى بىر دىرھەم ۋە ياكى ئازدۇر ـ كۆپتۇر بىر نەرسە بېرەي، ئەگەر مالنى ئالسام  ياكى ئۇلاغقا مىنسەم بۇ پۇل مالنىڭ بەدىلىگە ياكى ھايۋاننىڭ كىراسىغا قوشۇپ ھېسابلانسۇن، ئەمما مالنى سېتىۋېلىشتىن ياكى كىراغا ئېلىشتىن ۋاز كەچسەم مەن بەرگەن پۇل سېنىڭ بولسۇن» دېسە، مانا بۇ باتىلدۇر، بىر نەرسىنىڭ بەدىلى ئەمەستۇر[5].

شافىئىي مەزھىپىمۇ زاكالەتلىك سودىنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ مەزھەپنىڭ بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كۆزقارىشى تۆۋەندىكىچە: زاكالەتلىك سودا توغرا بولمايدۇ. بۇ سودىنىڭ شەكلى مۇنداق بولىدۇ: بىر كىشى بىر مالنى سېتىۋالىدۇ ۋە مالنى ئالسام پۇلىغا قوشۇپ ھېسابلانسۇن، ئالمىسام ھەدىيە بولسۇن، دەپ ساتقۇچىغا بىر مىقدار پۇل بېرىدۇ. بۇنىڭ توغرا ئەمەسلىكى مۇنۇ ئىككى سەۋەبكە ئاساسلىنىدۇ:

1- بۇنى مەنئى قىلىدىغان بىر ھەدىس بار. لېكىن ئۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئۈزۈكلۈك بار، رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا تۇتاشمايدۇ.

2- بۇ يەردە سودا كېلىشىمىنى بۇزىدىغان ئىككى شەرت بار: بىرى ھەدىيە شەرتى، يەنە بىرى مالنىڭ قايتۇرۇپ بېرىلىش شەرتى. بولار خېرىدار يېنىۋالغان تەقدىردە بولىدۇ[6].

ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل زاكالەتلىك سودىغا مۇناسىۋەتلىك ھەدىسنىڭ سەنەدىدە ئۈزۈكلۈك بارلىقىنى سەۋەب كۆرسىتىپ ھەدىسنى زەئىف ھېسابلايدۇ ۋە زاكالەتلىك سودىنى جايىز دەپ قارايدۇ.  ئۇنىڭچە، ئۆمەر ئىبىن خەتتاب ۋە ئوغلى ئابدۇللاھ (ر.ز)مۇ زاكالەتلىك سودىنى جايىز كۆرگەن. ھەنبەلىيلەرنىڭ بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقارىشى تۆۋەندىكىچە:

زاكالەتلىك سودا توغرا بولىدۇ. بۇ سودىنىڭ شەكلى مۇنداق بولىدۇ: بىر كىشى بىر مالنى سېتىۋالىدۇ ۋە مالنى ئالسام پۇلىغا قوشۇپ ھېسابلانسۇن، ئالمىسام سېنىڭ بولسۇن، دەپ ساتقۇچىغا بىر مىقدار پۇل بېرىدۇ. بۇ سودا جايىز بولىدۇ، لېكىن سودىدا بۇنداق ئوچۇق بىر شەرت بولمىسا ساتقۇچى زاكالەتكە ئىگە بولالمايدۇ.

ئەمما سودا كېلىشىمى تۈزۈلمەستىن خېرىدار ساتقۇچىغا بىر مىقدار پۇل بېرىپ: «بۇنى باشقىلارغا ساتما، ئەگەر بۇنى مەن ئالمىسام بۇ پۇل سېنىڭ بولسۇن» دېسە، ئاندىن ئۇ مالنى سېتىۋالمىسا، بۇ تەقدىردە ساتقۇچى ئۇ پۇلغا ئىگە بولالمايدۇ. ئۇ پۇل خېرىدارنىڭ بولىدۇ[7].

ئىلاۋە:

ئەرەبلەر زاكالەتنى ئۇربان، ئەربۇن ۋە ئۇربۇن، دەپ ئاتايدۇ. بۇ سۆز ئەسلىدە ئەرەبچە ئەمەس[8]. ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، ھوقۇق فاكۇلتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورلىرىدىن ئىسمەت سۇنگۇربەي (1928-2006) بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا زاكالەتنىڭ يۇنانچىسى ئارھابۇندۇر. رىملىقلار بۇنى ئاررا ياكى ئارھا دەيدۇ. دېمەككى، بۇ سۆز ئەرەبچىگە يۇنانچىدىن كىرگەن[9].




[1] – مەجەللە 300- ماددىدىن 309- ماددىغىچە.

[2] – خەلىل ئەھمەد سەھارەفۇرى، بەزلۇل مەجھۇد فى ھەللى ئەبى داۋۇد، كىتابۇل بۇيۇئ، بابۇل ئۇربان، 15/177، بېيرۇت.

[3] – ئىبىن قۇدامە، شەرھۇل كەبىر 4/58.

[4] – بۇ ھەدىس تۆۋەندىكى ھەدىس كىتابلىرىدىمۇ زىكىر قىلىنىدۇ: ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ، 69/3502؛ ئىبىن ماجە، سۇنەن، تىجارەت 22/2192- 2193.

[5] – مالىك ئىبىن ئەنەس (ئىمام مالىك)، مۇۋەتتا، كىتابۇل بۇيۇئنىڭ باش تەرىپى، 2/609، ئىستانبۇل.

[6] – ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ئەلى ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى، تۇھفەتۇل موھتاج فىي شەرھىل مىنھاج، 4/321-322.

[7] – ئابدۇللاھ ئىبىن ئەھمەد ئىبىن قۇدامە، مۇغنى، 3128- نومۇرلۇق پاراگراف، بەيئۇل ئەربۇن، 4/302-3013؛ ئەھمەد ئىبىن ئابدۇللاھ قارى، مەجەللەتۇل ئەھكامىش شەرئىييە،309- ماددا، تەھقىق: ئابدۇلۋەھھاب ئەبۇ سۇلەيمان ۋە مۇھەممەد ئىبراھىم ئەھمەد ئەلى، جىددە، 1401/1981.  

[8] ئەھمەد ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن ئەلى ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى، تۇھفەتۇل موھتاج فىي شەرھىل مىنھاج، كىتابۇل بۇيۇئ، 4/322.

[9] – يۇنان قەدىمكى گرېتسىيەدۇر.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر