مۇسۇلمانلار

بۇ بىر زىتلىق ئەمەسمۇ؟

سالام
رەئد سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدا ئاللاھنىڭ ھېسابنى تېز ئالىدىغانلىقىدىن سۆز قىلىنىدۇ. ئەمما فاتىر سۈرىسىنىڭ 45- ۋە نەھل سۈرىسىنىڭ 61- ئايىتىدە كېچىكتۈرۈلىدىغانلىقىدىن سۆز قىلىنىدۇ. قايسى توغرا، بۇ بىر زىتلىق ئەمەسمۇ؟
ۋە سالام
مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئەسلا بىر زىتلىق يوق! چۈنكى مۇسۇلمانلار قۇرئان كەرىمدىن قۇسۇر تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىلىم ئۆگىنىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار يالغۇز بىر كەلىمىنى ئەمەس، پۈتۈن بىر ئايەتنى باشتىن ئاخىرغىچە دىققەت بىلەن تەكرار-تەكرار ئوقۇيدۇ، ھەتتا بىر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە ئوقۇيدۇ، نەتىجىدە قۇرئان كەرىمدىن ئىلىم ھاسىل قىلىدۇ.
ئەپسۇس! قەلبىدە كېسەللىك بولغانلار قۇرئان كەرىمدىن زىتلىق تېپىشقا كۈچىنىڭ بارىچە ئۇرۇنىدۇ، لېكىن ھېچ زىتلىق تاپالمايدۇ، قىيامەتكە قەدەر تاپالمايدۇ، خۇددى ئەبۇ جەھل ۋە ئۇنىڭ ھەمنەپەسلىرى تاپالمىغاندەك.
سىزگە كەلسەك، سىزمۇ قۇرئان كەرىمگە مۇسۇلمانلاردەك يېقىنلاشقان بولسىڭىز «ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالىدۇ» بىلەن «ئاللاھ كېچىكتۈرىدۇ» نىڭ ئايرىم-ئايرىم ئىككى مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلەتتىڭىز. بۇلاردىن ھەر بىرى توغرىسىدىكى مۇنۇ ئايەتلەرنى بىرلىكتە ئوقۇغان، شۇنداقلا زىتلىق ئەمەس ئىلاھىي ئىلىم تاپقان بولاتتىڭىز.
بىرىنچى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنىڭ مەنە تەجىملىرى تۆۋەندىكىچە:
«ئىنسانلاردىن شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى: ‹رەببىمىز! بىزگە بۇ دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق بەرگىن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن› دەيدۇ.
ئەنە شۇنداق دېگەنلەرگە قىلمىشلىرىدىن نېسىۋە بار. ئاللاھ ھېسابنى بەك تېز ئالغۇچىدۇر»- بەقەرە 2/201-202.
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ نەزىرىدە دىن ئىسلامدۇر. كىتاب بېرىلگەنلەر ئۆزلىرىگە ئىلىم كەلگەندىن كېيىن، ئارىلىرىدىكى ھەسەت يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. كىم ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە كاپىر بولسا، بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر»- ئال ئىمران 3/19.
«ئەھلى كىتابتىن شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۇلار ئاللاھقا، سىلەرگە نازىل قىلىنغان كىتابقا ۋە ئۆزلىرىگە نازىل قىلىنغان كىتابلارغا ئىشىنىدۇ، ئاللاھقا ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئازغىنە بەدەلگە ساتمايدۇ. ئەنە شۇلار رەببىنىڭ دەرگاھىدا مۇكاپاتلىرىنى ئالىدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېسابنى تېز ئالغۇچىدۇر»- ئال ئىمران 3/199.
«ئى مۇھەممەد‍‍‍! ئۇلار سەندىن ئۆزلىرىگە نېمىلەرنىڭ ھالال قىلىنغانلىقىنى سورايدۇ. ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە پاك نەرسىلەر ۋە سىلەر ئاللاھنىڭ ئۆزۈڭلارغا ئۆگەتكىنىدىن ئۆگۈتۈپ ئوۋچى قىلىپ يېتىشتۈرگەن ھايۋانلارنىڭ سىلەرگە تۇتقان نەرسىلىرى ھالال قىلىندى. ئۇلارنىڭ سىلەرگە تۇتقىنىدىن يەڭلار، ئۇنىڭغا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىڭلار ۋە ئاللاھدىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر›.»- مائىدە 5/4.
«ئۇلار بىزنىڭ زېمىننى ئەتراپىدىن كېمەيتىپ تۇرغانلىقىمىزنى كۆرمەمدۇ؟ ئاللاھ ھۆكۈم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ھۆكمىنى ھېچكىم بىكار قىلالمايدۇ، ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى ناھايىتى تېزدۇر»- رەئد 13/41.
«شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھەر كىشىنى ئۆز قىلمىشى بىلەن جازالايدۇ. بىلىڭلاركى، ئاللاھنىڭ ھېساب ئېلىشى بەك تېزدۇر»- ئىبراھىم 14/51.
«كاپىرلارنىڭ ئەمەللىرى پايانسىز چۆللەردە كۆرۈنىدىغان سەراپقا ئوخشايدۇ. تەشنا ئادەم ئۇنى سۇ دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇ يەرگە بارسا ھېچ نەرسە تاپالمايدۇ. كاپىرمۇ خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش بەزى ئەمەللىرىنى ئەسقاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ. لېكىن ئۇ، ئەمەللىرىمنىڭ پايدىسىنى ئۇچرىتىمەن دەپ ئويلاپ بارغان يېرىدە ئاللاھنى ئۇچرىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭدىن تولۇق ھېساب ئالىدۇ. ئاللاھ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر»- نۇر 24/39.
«ئۇ كۈنى ھەر كىشىگە ئۆز قىلمىشىنىڭ جازاسى ياكى مۇكاپاتى بېرىلىدۇ. ئۇ كۈنى زۇلۇم يوقتۇر. ئاللاھ ھېسابنى ناھايىتى تېز ئالغۇچىدۇر»- مۇئمىن 40/17.
ئىككىنچى مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئايەتلىرىنىڭ مەنە تەرجىمىلىرى تۆۋەندىكىچە:
«ئى مۇھەممەد! زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن ھەرگىزمۇ ئاللاھنى خەۋەرسىز دەپ ئويلىما! شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلاردىن ھېساب ئېلىشنى كۆزلەر چەكچىيىپ كېتىدىغان كۈنگە كېچىكتۈرىدۇ»- ئىبراھىم 14/42.
«ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلغان زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇلار ئۇنى قىلچىلىك ئىلگىرى-كېيىن قىلالمايدۇ»- نەھل 16/61.
«ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن دەرھال جازالاندۇرىدىغان بولسا ئىدى، يەر يۈزىدە ھېچبىر جانلىق قويمىغان بولاتتى. لېكىن ئاللاھ ئۇلارنى بەلگىلەنگەن مۇددەتنىڭ ئاخىرىغا قەدەر كېچىكتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئاللاھ قىلىدىغىنىنى قىلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»- فاتىر 35/45.
ئىبراھىم 14/10 ۋە نۇھ 71/4- ئايەتلەرمۇ بۇ مەنىدە.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر