مۇسۇلمانلار

ھەددىدىن ئارتۇق ئالداش

6- غەبن فاھىش
غەبن ئالدىماق دېگەن بولۇپ، بۇ ئىش بىر كىشىنىڭ بىر مالنى بازار باھاسىدىن يۇقىرى بىر باھادا سېتىۋېلىشى ياكى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بىر باھادا سېتىشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر كىشى مالنىڭ بازاردىكى باھاسىنى بىلىپ تۇرۇپ بۇنداق بىر پەرققە رازى بولغان بولسا، بۇنىڭدا بىر مەسىلە يوق، ئەمما بۇ پەرق ئىككى تەرەپتىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئالدىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن بولسا، بۇنىڭغا قاراپ بېقىش كېرەك: ئەگەر ئالداش دەرىجىسى ھەددىدىن ئارتۇق (فاھىش) بولسا، ئالدىنىپ كەتكەن تەرەپنىڭ سودىنى بۇزۇش ھەققى تۇغۇلىدۇ[1].
ئالداشنىڭ چېكىنى بېكىتىش ئۈچۈن مال، بازارنى ئوبدان بىلىدىغان ۋە ماللارغا باھا پىچىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان كىشىلەرگە كۆرسىتىلىدۇ. مەسىلەن: 10 لىراغا سېتىۋېلىنغان بىر مالغا، بۇ كىشىلەرنىڭ بىرى 5 لىرا، بىرى 6 لىرا، بىرى 7 لىرا باھا پىچسا، ئۇ چاغدا بۇ مالنىڭ ھەددىدىن ئارتۇق يۇقىرى باھادا سېتىلغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ ۋە بۇ غەبن فاھىش (ھەددىدىن ئارتۇق ئالداش) دېيىلىدۇ. چۈنكى بۇ كىشىلەردىن ھېچ بىرى ئۇ مالغا 10 لىرا باھا پىچمىغان. ئەمما ئۇلاردىن بىرى 8، بىرى 9، يەنە بىرى 10 لىرا باھا پىچقان بولسا، مالنىڭ ھەددىن ئارتۇق باھادا سېتىلمىغانلىغى مەلۇم بولىدۇ. ئۇ تەقدىردە بۇ غەبن يەسىر، ئاددىي بىر ئالداش بولىدۇ[2].
نەق باھاسى 1000 لىرا بولغان بىر مالنى بىر يىل قەرەللىك 1600 لىراغا ئالغان بىر كىشى ئالدانغانلىقىنى دەۋا قىلسا، ئۇ مال بازار نەرخىنى بىلىدىغان ۋە ماللارغا باھا پىچىدىغان كىشىلەرگە كۆرسىتىلىدۇ. بۇ كىشىلەردىن بىرى بۇ مالنىڭ بىر يىل قەرەللىك باھاسى 1600 لىرا بولىدۇ دېسە، ئۇ مال ھەددىدىن ئارتۇق باھادا سېتىلغان بولمايدۇ. لېكىن بۇ كىشىلەردىن ھېچبىرى بۇ باھانى قويمىسا، ئۇ تەقدىردە بۇ سودىدا ھەددىن ئارتۇق ئالداش ھادىسىسى مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا بىر مالنىڭ بازار باھاسىنىڭ ئۈستىدە ياكى ئاستىدا سېتىلغانلىقىدىن سۆز ئاچقىلى بولۇش ئۈچۈن باھانىڭ تەرەپلەردىن بىرىنىڭ يەنە بىرىنى ئالدىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن بولۇشى كېرەك. ئېلىم-بېرىمدا ئۇششاق ـ چۈششەك ئالدىنىشلار بولۇش ئېھتىمالى بولغانلىقتىن فاھىش (ھەددىدىن ئارتۇق) بولمىغان دەرىجىدىكى بىر غەبن (ئالداش) سودىنىڭ كۈچكە ئىگە بولۇشىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
مەجەللە[3]نىڭ 165- ماددىسى غەبن فاھىش ئۈچۈن بەزى نىسبەتلەر بەلگىلىنىدۇ. مۇددا تۆۋەندىكىچە: 
«غەبن فاھىش (ھەددىدىن ئارتۇق ئالداش)، تىجارەت ماللىرىدا يۈزدە بەش، ھايۋانلاردا يۈزدە ئون ۋە تۇراقلىق ماللاردا يۈزدە يىگىرمە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئالدانماقتۇر».
ماللارغا باھا پىچىدىغان كىشىلەرنىڭ مال سېتىۋېلىنغان بازار ئۈچۈن بەلگىلىگەن يۇقىرى ۋە تۆۋەن باھا چەكلىرى، يۇقىرىدىكى نىسبەتلەردىن ئېشىپ كەتسە، بىر غەبن فاھىش (ھەددىدىن ئارتۇق ئالداش) بار، دېمەكتۇر. بۇ نىسبەتلەردىن ئېشىپ كېتىش دەرىجىسى ئاز بولسا، بۇ غەبن يەسىر (ئاددىي ئالداش) دېيىلىدۇ. غەبن يەسىر سەۋەبى بىلەن سودا بۇزۇلمايدۇ.
 مەسىلەن: بىر تىجارەت مېلىنى 10 لىراغا سېتىۋالغان بىر كىشى، ئالداپ كېتىلگەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، سودىنىڭ بۇزۇلۇشىنى تەلەپ قىلسا، بۇ مال ئۇ بازارنى بىلىدىغان ۋە ماللارغا باھا پىچالايدىغان كىشىلەرگە كۆرسىتىلىدۇ. ئەگەر بۇ كىشىلەردىن ھېچبىرى بۇ مالغا 9.5 دىن ئارتۇق باھا پىچمىسا، سېتىۋالغۇچىنىڭ %5 نىسبىتىدە ئالدانغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەجەللىگە قارىغاندا بۇ تىجارەت ماللىرى ئۈچۈن سودىنى بۇزۇشقا يېتىدىغان بىر نىسبەتتۇر.
بۇ نىسبەتلەر ئەھۋالغا ۋە شارائىتقا قاراپ ئۆزگەرسە بولىدۇ.

[1]– مەجەللە، 357- ماددا.

[2]– ئىبىن ئابىدىن، رەددۇل مۇختار، 5/142-143.

[3]– قىسقىچە مەجەللە دەپ ئاتىلىدىغان مەجەللەئى ئەھكامى ئەدلىييە، تەنزىماتتىن كېيىن ئەھمەد جەۋدەت پاشانىڭ غەيرىتى بىلەن تەييارلانغان ۋە يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق يۈرگۈزۈلگەن بىر ھوقۇق مەجمۇئەسى بولۇپ، ئومۇمەن تىجارەت ۋە سوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى رەتلىك ھالدا ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (تەنزىمات ئوسمانلى ئىمپېراتورلۇقىدا 1839- يىلى ئىسلاھات ۋە زامانىۋىلىشىش توغرىسىدا پادىشاھ تەرىپىدىن پەرماننامە ئېلان قىلىنغان دەۋر، دېمەكتۇر.- مۇھەررىردىن).

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر