باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
قۇرئاندا شېرىك ۋە مۇشرىكلار
1- مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى
مۇشرىكلارنىڭ ئورتاق ئېتىقادى ئاللاھنىڭ رەب ئىكەنلىكىگە (ئاللاھنىڭ ياراتقۇچى، باشقۇرغۇچى ۋە باققۇچى ئىكەنلىكىگە) ئىمان كەلتۈرمەكتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ مَن يَرْزُقُكُم مِّنَ السَّمَاء وَالأَرْضِ أَمَّن يَمْلِكُ السَّمْعَ والأَبْصَارَ وَمَن يُخْرِجُ الْحَيَّ مِنَ الْمَيِّتِ وَيُخْرِجُ الْمَيَّتَ مِنَ الْحَيِّ وَمَن يُدَبِّرُ الأَمْرَ فَسَيَقُولُونَ اللّهُ فَقُلْ أَفَلاَ تَتَّقُونَ﴾
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ‹سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىۋاتقان كىمدۇر؟ قۇلاق ۋە كۆزلىرىڭلارنى باشقۇرۇۋاتقان كىمدۇر؟ تىرىكنى ئۆلۈكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقىرىۋاتقان كىمدۇر؟ ئىشلارنى پىلانلاۋاتقان كىمدۇر؟›. ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئۇ ھالدا قورقمامسىلەر؟›.»- يۇنۇس 10/31.
﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ وَسَخَّرَ الشَّمْسَ وَالْقَمَرَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ﴾
«ئەگەر ئۇلاردىن: ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، كۈننى ۋە ئاينى بويسۇندۇرغان كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»- ئەنكەبۇت 29/61.
﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّن نَّزَّلَ مِنَ السَّمَاء مَاء فَأَحْيَا بِهِ الْأَرْضَ مِن بَعْدِ مَوْتِهَا لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْقِلُونَ﴾
«ئۇلاردىن ‹ئاسماندىن يامغۇر ياغدۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆلۈك زېمىننى تىرىلدۈرگەن كىمدۇر؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئەلھەمدۇلىللاھ!›. بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى ئەقىللىرىنى ئىشلەتمەيدۇ»- ئەنكەبۇت 29/63.
﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلِ الْحَمْدُ لِلَّهِ بَلْ أَكْثَرُهُمْ لَا يَعْلَمُونَ﴾
«ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئەلھەمدۇلىللاھ!›. بەلكى ئۇلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- لۇقمان 31/25.
﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ قُلْ أَفَرَأَيْتُم مَّا تَدْعُونَ مِن دُونِ اللَّهِ إِنْ أَرَادَنِيَ اللَّهُ بِضُرٍّ هَلْ هُنَّ كَاشِفَاتُ ضُرِّهِ أَوْ أَرَادَنِي بِرَحْمَةٍ هَلْ هُنَّ مُمْسِكَاتُ رَحْمَتِهِ قُلْ حَسْبِيَ اللَّهُ عَلَيْهِ يَتَوَكَّلُ الْمُتَوَكِّلُونَ﴾
«ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە ‹ئاللاھ› دەيدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھنى قويۇپ دۇئا قىلىۋاتقان نەرسىلىرىڭلار توغرىسىدا ئويلىنىپ باقتىڭلارمۇ؟ ئەگەر ئاللاھ ماڭا بىر زىيان يەتكۈزۈشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ زىيىنىنى دەپئى قىلالامدۇ؟ ياكى ئاللاھ ماڭا بىر رەھمەت ئاتا قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇ نەرسىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى توسۇۋالالامدۇ؟›. ئېيتقىنكى: ‹ماڭا ئاللاھ يېتەرلىكتۇر. تەۋەككۈل قىلغۇچىلار ئاللاھقىلا تەۋەككۈل قىلسۇن›.»- زۇمەر 39/38.
﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَ السَّمَاوَاتِ وَالْأَرْضَ لَيَقُولُنَّ خَلَقَهُنَّ الْعَزِيزُ الْعَلِيمُ﴾
«ئەگەر ئۇلاردىن ‹ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار چوقۇم: ‹غالىب ۋە بىلگۈچى زات› دەيدۇ»- زۇخرۇف 43/9.
﴿وَلَئِن سَأَلْتَهُم مَّنْ خَلَقَهُمْ لَيَقُولُنَّ اللَّهُ فَأَنَّى يُؤْفَكُونَ﴾
«ئەگەر ئۇلاردىن ‹سىلەرنى كىم ياراتتى؟› دەپ سورىساڭ، ئۇلار ئەلۋەتتە: ‹ئاللاھ› دەيدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار قانداقمۇ بۇرۇلۇپ كېتىدىغاندۇ؟»- زۇخرۇف 43/87.
2- مۇشرىكلارنىڭ تۈرلىرى ۋە نىيەتلىرى
بىرىنچى خىل مۇشرىك
بۇ مۇشرىك ئاللاھقا ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىدىن بىر كىشىنى ئىبادەتتە ياكى دۇئادا شېرىك قىلىدۇ. بۇ كىشى ئىنسان ياكى پەرىشتە ۋە ياكى جىن بولىدۇ.
ئىبادەتتە
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿مَا تَعْبُدُونَ مِن دُونِهِ إِلاَّ أَسْمَاء سَمَّيْتُمُوهَا أَنتُمْ وَآبَآؤُكُم مَّا أَنزَلَ اللّهُ بِهَا مِن سُلْطَانٍ إِنِ الْحُكْمُ إِلاَّ لِلّهِ أَمَرَ أَلاَّ تَعْبُدُواْ إِلاَّ إِيَّاهُ ذَلِكَ الدِّينُ الْقَيِّمُ وَلَكِنَّ أَكْثَرَ النَّاسِ لاَ يَعْلَمُونَ﴾
«سىلەر ئاللاھنى قويۇپ پەقەت ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئاتىۋالغان ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىۋاتىسىلەر. ئاللاھ ئۇ ئىسىملارغا ئىبادەت قىلىنىشى توغرىسىدا ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن. ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى پەقەتلا ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھ سىلەرنى پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇدى. مانا بۇ توغرا دىندۇر. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى بىلمەيدۇ»- يۇسۇف 12/40.
﴿فَمَن كَانَ يَرْجُو لِقَاء رَبِّهِ فَلْيَعْمَلْ عَمَلًا صَالِحًا وَلَا يُشْرِكْ بِعِبَادَةِ رَبِّهِ أَحَدًا﴾
«كىم رەببىگە مۇلاقات بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن، ياخشى ئەمەل قىلسۇن ۋە ئىبادەتتە رەببىگە ھېچكىمنى شېرىك قىلمىسۇن»- كەھف 18/110.
دۇئادا
﴿وَلاَ تَدْعُ مِن دُونِ اللّهِ مَا لاَ يَنفَعُكَ وَلاَ يَضُرُّكَ فَإِن فَعَلْتَ فَإِنَّكَ إِذًا مِّنَ الظَّالِمِينَ﴾
«ئاللاھنى قويۇپ، ساڭا پايدا- زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە دۇئا قىلمىغىن! ئەگەر ئۇنداق قىلساڭ، ئۇ تەقدىردە سەن چوقۇم زالىملاردىن بولىسەن»- يۇنۇس 10/106.
﴿وَمَن يَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ لَا بُرْهَانَ لَهُ بِهِ فَإِنَّمَا حِسَابُهُ عِندَ رَبِّهِ إِنَّهُ لَا يُفْلِحُ الْكَافِرُونَ﴾
«ھېچبىر دەلىلگە ئاساسلانماستىن ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلغانلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ھېساب بېرىدۇ. كاپىرلار ھەرگىز مۇرادىغا يېتەلمەيدۇ»- مۇئمىنۇن 23/117.
﴿فَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ فَتَكُونَ مِنَ الْمُعَذَّبِينَ﴾
«ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلما! بولمىسا ئازاب قىلىنغۇچىلاردىن بولۇپ قالىسەن»- شۇئەرا 26/213.
﴿وَلَا تَدْعُ مَعَ اللَّهِ إِلَهًا آخَرَ لَا إِلَهَ إِلَّا هُوَ كُلُّ شَيْءٍ هَالِكٌ إِلَّا وَجْهَهُ لَهُ الْحُكْمُ وَإِلَيْهِ تُرْجَعُونَ﴾
«ئاللاھقا قوشۇپ باشقا بىر ئىلاھقا دۇئا قىلما. ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ زاتىدىن باشقا ھەممە نەرسە يوق بولىدۇ. ھۆكۈمنى پەقەتلا ئاللاھ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر»- قەسەس 28/88.
﴿وَأَنَّ الْمَسَاجِدَ لِلَّهِ فَلَا تَدْعُوا مَعَ اللَّهِ أَحَدًا﴾
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: ماڭا يەنە مۇنداق ۋەھىي قىلىندى: مەسچىتلەر ئاللاھنىڭدۇر. شۇڭا ئاللاھقا قوشۇپ ھېچكىمگە دۇئا قىلماڭلار»- جىن 72/18.
﴿قُلْ إِنَّمَا أَدْعُو رَبِّي وَلَا أُشْرِكُ بِهِ أَحَدًا﴾
«ئى مۇھەممەد! ئېيتقىنكى: مەن رەببىمگىلا دۇئا قىلىمەن، ئۇنىڭغا ھېچكىمنى شېرىك قىلمايمەن»- جىن 72/20.
بۇ ئايەتلەردە بەزى ئىنسانلارنىڭ بەزى كىشىلەرنى ئاللاھقا ئىبادەتتە ۋە دۇئادا شېرىك قىلغانلىقى، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارنى بۇ شېرىكتىن توسقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.
بۇ خىل مۇشرىكلار ئۇ كىشىلەر ئۈچۈن ھەيكەل ياساپ، ئۇلارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ كىشىلەرگە ئىبادەت ياكى دۇئا قىلغان بولسا ئۇ ھەيكەللەر سەنەم، دەپ ئاتىلىدۇ.
ئەگەر ئۇلار ئۇ كىشىلەرنىڭ روھلىرىنى بىرەر دەرەختە ياكى بىرەر تاشتا ياكى بىرەر قەبىردە ۋە ياكى قانداقلا بىر نەرسىدە بار، شۇ نەرسىگە چۈشىدۇ، يېنىغا كېلىدۇ، ياكى تۇرغان يېرىمدە چاقىرسام ئالدىمدا ھازىر بولىدۇ… دەپ ئېتىقاد قىلسا، ئۇ روھلارغا ئىبادەت قىلسا، دۇئا قىلسا، ئۇلارنىڭ خىيالىي ھۇزۇرىدا ھۆرمەت بىلەن تەزىمدە تۇرسا، ئۇلاردىن ئەيمەنسە، بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش، ئارزۇ-ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا يېلىنسا، مانا بۇنداق نەرسىلەر ۋەسەن، دەپ ئاتىلىدۇ.
ئاللاھقا مەيلى سەنەمنى شېرىك قىلسۇن، مەيلى ۋەسەننى شېرىك قىلسۇن ئۇلار ئوخشاشلا مۇشرىك ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق مۇشرىكلارنىڭ نىيىتى، مەقسىتى، غايىسى ۋە ئارزۇسى تۆۋەندىكى تۆت ئىشنىڭ بىرى بولىدۇ:
1- ئاللاھقا يېقىنلىشىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَلَا لِلَّهِ الدِّينُ الْخَالِصُ وَالَّذِينَ اتَّخَذُوا مِن دُونِهِ أَوْلِيَاء مَا نَعْبُدُهُمْ إِلَّا لِيُقَرِّبُونَا إِلَى اللَّهِ زُلْفَى إِنَّ اللَّهَ يَحْكُمُ بَيْنَهُمْ فِي مَا هُمْ فِيهِ يَخْتَلِفُونَ إِنَّ اللَّهَ لَا يَهْدِي مَنْ هُوَ كَاذِبٌ كَفَّارٌ﴾
«بىلگىنكى، ساپ دىن ئاللاھنىڭدۇر. ئاللاھدىن غەيرىينى ئۆزلىرىگە ھامىي قىلىۋالغانلار: ‹بىز ئۇلارغا بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرسۇن، دەپ ئىبادەت قىلىمىز› دەيدۇ. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلار ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسە ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ. ئاللاھ يالغانچىنى ۋە تۇزكورنى ھىدايەت قىلمايدۇ»- زۇمەر 39/3.
2- ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارنىڭ شاپائىتىگە نائىل بولۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَيَعْبُدُونَ مِن دُونِ اللّهِ مَا لاَ يَضُرُّهُمْ وَلاَ يَنفَعُهُمْ وَيَقُولُونَ هَؤُلاء شُفَعَاؤُنَا عِندَ اللّهِ قُلْ أَتُنَبِّئُونَ اللّهَ بِمَا لاَ يَعْلَمُ فِي السَّمَاوَاتِ وَلاَ فِي الأَرْضِ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يُشْرِكُونَ﴾
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ئۆزلىرىگە پايدىمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان، زىيانمۇ يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىدۇ ۋە: ‹بۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا بىزنىڭ شاپائەتچىلىمىزدۇر!› دېيىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ‹ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھ بىلمەي قالغان بىر نەرسە بولۇپ، سىلەر ئاللاھقا ئۇنى ئېيتىپ بېرەمسىلەر؟› ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- يۇنۇس 10/18.
3- ئۆزئارا دوستلۇق ئورنىتىش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَالَ إِنَّمَا اتَّخَذْتُم مِّن دُونِ اللَّهِ أَوْثَانًا مَّوَدَّةَ بَيْنِكُمْ فِي الْحَيَاةِ الدُّنْيَا ثُمَّ يَوْمَ الْقِيَامَةِ يَكْفُرُ بَعْضُكُم بِبَعْضٍ وَيَلْعَنُ بَعْضُكُم بَعْضًا وَمَأْوَاكُمُ النَّارُ وَمَا لَكُم مِّن نَّاصِرِينَ﴾
«ئىبراھىم ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ‹سىلەر ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغا چوقۇنۇۋاتىسلەر. بۇنى، بۇ دۇنيا ھاياتىدا ئاراڭلاردىكى دوستلۇقنى دەپلا قىلىۋاتىسىلەر. ئاندىن قىيامەت كۈنى بىر-بىرىڭلارنى ئىنكار قىلىسىلەر، بىر-بىرىڭلارغا لەنەت ئوقۇيسىلەر. سىلەرنىڭ بېرىپ ئورۇنلىشىدىغان يېرىڭلار دوزاختۇر. سىلەرگە ھېچ ياردەمچى يوقتۇر›.»- ئەنكەبۇت 29/25.
4- ئىززەت-ھۆرمەتكە ئېرىشىش. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَاتَّخَذُوا مِن دُونِ اللَّهِ آلِهَةً لِّيَكُونُوا لَهُمْ عِزًّا﴾
«ئۇلار ئىززەت تاپىمىز دەپ ئاللاھنى قويۇپ بىر قىسىم ئويدۇرما ئىلاھلارغا چوقۇندى»- مەريەم 19/81.
ئىككىنچى خىل مۇشرىك
ئالىم-ئۆلىمالارنى ۋە ئىشان-سوپىلارنى رەب (پەرۋەردىگار) قىلىۋالغان مۇشرىكلار. بۇ خىل مۇشرىكلار ئۆزلىرىنىڭ موللىسى ياكى پىرى نېمە دېسە شۇنىڭغا مۇتلەق مەنىدە بويسۇنىدۇ. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە توغرىلاپ باقمايدۇ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئەسلەتكەنلەرگە ئۆز موللىسىنىڭ ياكى ئۆز پىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ ئۆز پىكرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ.
بۇ خىل مۇشرىكلارنىڭ مەقسىتى ئاللاھ نازىل قىلغان دىنىنى ئۈستۈن بولۇشتىن توسۇش، تارقىلىشىغا، تەرەققىي قىلىشىغا ۋە گۈللىنىشىگە توسالغۇ بولۇش، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «دىن» ىنى راۋاج تاپقۇزۇش، خالاس.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿اتَّخَذُواْ أَحْبَارَهُمْ وَرُهْبَانَهُمْ أَرْبَابًا مِّن دُونِ اللّهِ وَالْمَسِيحَ ابْنَ مَرْيَمَ وَمَا أُمِرُواْ إِلاَّ لِيَعْبُدُواْ إِلَهًا وَاحِدًا لاَّ إِلَهَ إِلاَّ هُوَ سُبْحَانَهُ عَمَّا يُشْرِكُونَ. يُرِيدُونَ أَن يُطْفِؤُواْ نُورَ اللّهِ بِأَفْوَاهِهِمْ وَيَأْبَى اللّهُ إِلاَّ أَن يُتِمَّ نُورَهُ وَلَوْ كَرِهَ الْكَافِرُونَ﴾
«ئۇلار ئاللاھنى قويۇپ ھاخاملىرىنى ۋە راھىبلىرىنى رەبلىرى قىلىۋالدى. مەريەم ئوغلى مەسىھنىمۇ شۇنداق قىلدى. ھالبۇكى، ئۇلار پەقەت بىر ئىلاھقىلا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان. ئاللاھدىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوق. ئاللاھ ئۇلار شېرىك قىلغان نەرسىلەردىن پاكتۇر. ئۇلار ئاللاھنىڭ نۇرىنى ئېغىزلىرى بىلەن ئۆچۈرمەكچى بولىدۇ. كاپىرلار يامان كۆرۈپ تۇرسىمۇ ئاللاھ نۇرىنى چوقۇم تاماملايدۇ.»- تەۋبە 9/31-32.
ئۈچىنچى خىل مۇشرىك
جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلغان مۇشرىكلار. بۇلارنىڭ مەقسىتى قورقۇنچلاردىن خاتىرجەم بولۇش ۋە جىنلاردىن پايدىلىنىش.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَجَعَلُواْ لِلّهِ شُرَكَاء الْجِنَّ وَخَلَقَهُمْ وَخَرَقُواْ لَهُ بَنِينَ وَبَنَاتٍ بِغَيْرِ عِلْمٍ سُبْحَانَهُ وَتَعَالَى عَمَّا يَصِفُونَ﴾
«ئۇلار جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلدى. ھالبۇكى، جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان. ئۇلار ھېچبىر بىلىمگە ئاساسلانماستىن ‹ئاللاھنىڭ ئوغۇللىرى ۋە قىزلىرى بار› دېگەن يالغاننى ئويدۇرۇپ چىقتى. ئاللاھ ئۇلارنىڭ بوھتانلىرىدىن پاك ۋە ئۈستۈندۇر»- ئەنئام 6/100.
﴿وَيَوْمَ يِحْشُرُهُمْ جَمِيعًا يَا مَعْشَرَ الْجِنِّ قَدِ اسْتَكْثَرْتُم مِّنَ الإِنسِ وَقَالَ أَوْلِيَآؤُهُم مِّنَ الإِنسِ رَبَّنَا اسْتَمْتَعَ بَعْضُنَا بِبَعْضٍ وَبَلَغْنَا أَجَلَنَا الَّذِيَ أَجَّلْتَ لَنَا﴾
«ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەھشەرگە يىغقان كۈندە: ‹ئى جىنلار جامائەسى! ئىنسانلاردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردۇڭلار› دەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: ‹رەببىمىز! بىز بىر-بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق ۋە سەن بىزگە بەلگىلىگەن مۇددەتنىڭ ئاخىرىغا يەتتۇق› دەيدۇ»- ئەنئام 6/128.
﴿وَيَوْمَ يَحْشُرُهُمْ جَمِيعًا ثُمَّ يَقُولُ لِلْمَلَائِكَةِ أَهَؤُلَاء إِيَّاكُمْ كَانُوا يَعْبُدُونَ. قَالُوا سُبْحَانَكَ أَنتَ وَلِيُّنَا مِن دُونِهِم بَلْ كَانُوا يَعْبُدُونَ الْجِنَّ أَكْثَرُهُم بِهِم مُّؤْمِنُونَ﴾
«ئۇ كۈنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىدۇ، ئاندىن پەرىشتىلەرگە: ‹شۇلار سىلەرگە چوقۇنغانمىدى؟› دەيدۇ. پەرىشتىلەر مۇنداق دەيدۇ: ‹بىز سېنى ئۇلۇغ دەپ بىلىمىز، بىزنىڭ ۋەلىيىمىز ئۇلار ئەمەس، سەندۇرسەن. ئۇلار بىزگە ئەمەس، جىنلارغا چوقۇناتتى. ئۇلارنىڭ تولىسى جىنلارغا ئىمان كەلتۈرگەن ئىدى›.»- سەبەئ 34/40-41.
﴿وَأَنَّهُ كَانَ رِجَالٌ مِّنَ الْإِنسِ يَعُوذُونَ بِرِجَالٍ مِّنَ الْجِنِّ فَزَادُوهُمْ رَهَقًا﴾
«بىر قىسىم ئىنسانلار بىر قىسىم جىنلارغا سېغىنىپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ھەددىدىن ئاشۇرۇۋېتىپتۇ»- جىن 72/6.
تۆتىنچى خىل مۇشرىك
ئاللاھقا ئۆزىنىڭ نەپسى خاھىشىنى، كۆڭۈل ئارزۇسىنى ۋە ھاۋايى-ھەۋىسىنى شېرىك قىلىدىغان مۇشرىكلاردۇر. بۇلارنىڭ بۇ شېرىكتىن مەقسىتى ئۆزلىرىنى ئىسلامنىڭ ئەمىر-پەرمانلىرىدىن ئازاد ھېس قىلىش ۋە بۇ دۇنيادا خالىغىنىچە ياشاشتىن ئىبارەت.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ أَفَأَنتَ تَكُونُ عَلَيْهِ وَكِيلًا. أَمْ تَحْسَبُ أَنَّ أَكْثَرَهُمْ يَسْمَعُونَ أَوْ يَعْقِلُونَ إِنْ هُمْ إِلَّا كَالْأَنْعَامِ بَلْ هُمْ أَضَلُّ سَبِيلًا﴾
«نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ! سەن ئۇ ئادەمنى توغرا يولغا كەلتۈرەلەمسەن؟ ياكى سەن ئۇلارنىڭ تولىسىنى ئاڭلايدۇ ياكى چۈشىنىدۇ، دەپ ئويلامسەن؟ شۈبھىسىزكى، ئۇلار تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلار بىلەن ئوخشاشتۇر، بەلكى ئۇلار تېخىمۇ تۆۋەندۇر»- فۇرقان 25/43-44.
﴿أَفَرَأَيْتَ مَنِ اتَّخَذَ إِلَهَهُ هَوَاهُ وَأَضَلَّهُ اللَّهُ عَلَى عِلْمٍ وَخَتَمَ عَلَى سَمْعِهِ وَقَلْبِهِ وَجَعَلَ عَلَى بَصَرِهِ غِشَاوَةً فَمَن يَهْدِيهِ مِن بَعْدِ اللَّهِ أَفَلَا تَذَكَّرُونَ. وَقَالُوا مَا هِيَ إِلَّا حَيَاتُنَا الدُّنْيَا نَمُوتُ وَنَحْيَا وَمَا يُهْلِكُنَا إِلَّا الدَّهْرُ وَمَا لَهُم بِذَلِكَ مِنْ عِلْمٍ إِنْ هُمْ إِلَّا يَظُنُّونَ﴾
«ئى مۇھەممەد! نەپسى خاھىشىنى ئىلاھى قىلىۋالغان، ئاللاھ بىر ئىلىمگە ئاساسەن ئازدۇرغان، ئاللاھ قۇلىقىنى ۋە قەلبىنى پېچەتلىۋەتكەن، كۆزىنى پەردىلىۋەتكەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟ ئاللاھ ئازدۇرغاندىن كېيىن ئۇنى كىم ھىدايەت قىلالايدۇ؟ ئويلاپ باقمامسىلەر؟
ئۇلار: ‹ھايات بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدىنلا ئىبارەتتۇر. ئۆلىمىز ۋە تىرىلىمىز. بىزنى پەقەت زامان ھالاك قىلىدۇ› دەيدۇ. ئۇلار بۇ سۆزىدە ھېچبىر ئىلىمگە ئاساسلانمايدۇ. ئۇلار گۇمان بىلەنلا گەپ قىلىدۇ»- جاسىيە 45/23-24.
3- خۇلاسە
ئى مۇسۇلمانلار! قانداق باھانە، قانداق نىيەت ۋە قانداق شەكىلدە بولسا بولسۇن ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش ئەڭ چوڭ زۇلۇمدۇر. چۈنكى ئاللاھ تەۋھىدكە ئەمىر قىلغان. ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش  ئۇ ئەمىرگە بويسۇنمىغانلىق، ھەددىدىن ئاشقانلىق، شۇنداقلا زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن لۇقمان ھېكىم ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتىنى ئۇنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن مەنئى قىلىش بىلەن باشلىغان. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿وَإِذْ قَالَ لُقْمَانُ لِابْنِهِ وَهُوَ يَعِظُهُ يَا بُنَيَّ لَا تُشْرِكْ بِاللَّهِ إِنَّ الشِّرْكَ لَظُلْمٌ عَظِيمٌ﴾
«ئۆز ۋاقتىدا لۇقمان ئوغلىغا نەسىھەت قىلىپ مۇنداق دېگەن ئىدى: ئى ئوغۇلچىقىم! ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرمە، چۈنكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش بەك چوڭ زۇلۇمدۇر»- لۇقمان 31/13.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام «قايسى گۇناھ چوڭ؟» دېگەن سوئالغا: «ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ» دەپ جاۋاب بەرگەن[1].
دېمەك، ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش زۇلۇملەرنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشرىكنىڭ ئاخىرەتتىكى جازاسى دوزاخقا تاشلىنىپ مەڭگۈ كۆيۈشتۇر. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿إِنَّهُ مَن يُشْرِكْ بِاللّهِ فَقَدْ حَرَّمَ اللّهُ عَلَيهِ الْجَنَّةَ وَمَأْوَاهُ النَّارُ وَمَا لِلظَّالِمِينَ مِنْ أَنصَارٍ﴾
«كىمكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىكەن، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنىڭغا جەننەتنى ھارام قىلدى. ئۇنىڭ جايى دوزاختۇر. زالىملارنىڭ ھېچ ياردەمچىلىرى بولمايدۇ»- مائىدە 5/72.
ئاللاھ تائالا خالىغان كىشىنىڭ خالىغان گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ، لېكىن شېرىك كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت گۇناھنى ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئايەت مۇنداق:
﴿إِنَّ اللّهَ لاَ يَغْفِرُ أَن يُشْرَكَ بِهِ وَيَغْفِرُ مَا دُونَ ذَلِكَ لِمَن يَشَاء﴾
«ئاللاھ ئۆزىگە كەلتۈرۈلگەن شېرىك گۇناھىنى ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ، بۇنىڭدىن تۆۋەن گۇناھنى خالىغان كىشىگە مەغپىرەت قىلىدۇ»- نىسا 34/48.
كۈنىمىزدە مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا سەنەمگە يەنى جىندىن ياكى پەرىشتىدىن ۋە ياكى ئىنساندىن بىر كىشىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇش يوق. لېكىن ۋەسەنگە چوقۇنۇش، موللا-ئىشانلارنى رەب قىلىۋېلىش، جىنلارغا تېۋىنىش ۋە نەپسى خاھىشىنى ئىلاھ قىلىۋېلىش قاتارلىق شېرىكلەر بار. تۆۋەندە بۇلار ھەققىدە قىسقىچە توختىلىمەن:
1- مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئاللاھقا ئائىت خۇسۇسىيەتلەردىن بىرىنى ياكى بىرقانچىسىنى بىر پەيغەمبەردە ياكى بىر پەرىشتىدە ۋە ياكى بىر ئەۋلىيادا بار دەپ قاراپ، ئاللاھقا قىلىشقا تېگىشلىك ھۆرمەت، ئېھتىرام، ئىتائەت، چوقۇنۇش، تېۋىنىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۇ مەۋجۇداتقا قىلىش بار.  مەسىلەن:
مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا «ئۇلۇغلىرىمىزغا ئامانەت، پىرىمگە تاپشۇردۇم، ئەۋلىيالار يار-يۆلەك بولغاي، داد پىرىم، مازار غوجام ئۇرسۇن، پىر دەستىگىر، مەدەت يا جەيلانىي…» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش، ياتقان ـ قوپقان، چىققان-چۈشكەن، ئولتۇرغان-تۇرغان چاغلىرىدا «پىرىم، يا پىرىم، يا پىرىم مەدەت!»، «غەۋسىلئەزەم ئەلمەدەت!» دېگەندەك سۆزلەرنى قىلىش ئادىتى بار.
شۇنىڭدەك، مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلۇغلارنىڭ روھلىرىنىڭ بەزى جايلاردا بارلىقىنى ۋە بالا-مۇسىبەتتىن قۇتۇلۇش ياكى ئارزۇ-ئارمانغا يېتىش ئۈچۈن شۇ جايلارغا بېرىپ ئۇلارغا ئاتاپ نەزىر قىلىش، مازار-غوجاملارغا بېرىپ قان قىلىش، ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدا تاۋاپ قىلىش، ئوغرىنىڭ بىلىنىشى، رەسۋا بولۇشى ۋە بالا-قازاغا يولۇقۇشىنى تىلەپ مازارلىقتىكى شاخنى يېرىش، پەرزەنت كۆرۈش ئۈمىدىدە مازار-غوجاملارغا بېرىپ ئۇ يەرلەردىكى كونا دەرەخلەرنى قۇچاقلاپ پەرزەنت تەلەپ قىلىش، قىز تىلەپ يىڭنە سانجىش، ئوغۇل تىلەپ پىچاق چوقۇش، ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىش، ئۇلاردىن پايدا كۈتۈش، ئۇلارنىڭ زىيان يەتكۈزۈشىدىن قورقۇش، شەھەرنى ئەۋلىيالار تۇتۇپ تۇرىدۇ، دەپ ئېتىقاد قىلىش، ئۇلۇغلىرىم، چىلتەنلىرىم باي قىلالايدۇ، پېقىر قىلالايدۇ، ئەزىز قىلالايدۇ، خار قىلالايدۇ، ساقايتالايدۇ، كېسەل قىلالايدۇ،… دېگەندەك ئېتىقادلار بار.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿قُلْ مَن رَّبُّ السَّمَاوَاتِ وَالأَرْضِ قُلِ اللّهُ قُلْ أَفَاتَّخَذْتُم مِّن دُونِهِ أَوْلِيَاء لاَ يَمْلِكُونَ لِأَنفُسِهِمْ نَفْعًا وَلاَ ضَرًّا قُلْ هَلْ يَسْتَوِي الأَعْمَى وَالْبَصِيرُ أَمْ هَلْ تَسْتَوِي الظُّلُمَاتُ وَالنُّورُ أَمْ جَعَلُواْ لِلّهِ شُرَكَاء خَلَقُواْ كَخَلْقِهِ فَتَشَابَهَ الْخَلْقُ عَلَيْهِمْ قُلِ اللّهُ خَالِقُ كُلِّ شَيْءٍ وَهُوَ الْوَاحِدُ الْقَهَّارُ﴾
«ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلاردىن ‹ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ رەببى كىم؟› دەپ سورىغىن، ئۇلارغا ‹ئاللاھ!› دەپ جاۋابمۇ بەرگىن. ئاندىن ئېيتقىنكى: ‹ئەھۋال شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر ئاللاھنى قويۇپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن پايدا-زىيانغا ئىگە بولالمايدىغانلارنى ئۆزۈڭلارغا قوغدىغۇچىلار قىلىۋالامسىلەر؟›. ئېيتقىنكى: ‹كور ئادەم بىلەن كۆرگۈچى ئادەم باراۋەر بولامدۇ؟ ياكى قاراڭغۇلۇقلار بىلەن يورۇقلۇق باراۋەر بولامدۇ؟›. ياكى ئۇلار ئاللاھقا، ئاللاھ ياراتقاندەك ياراتقان، ياراتقىنى ئاللاھنىڭ ياراتقىنىغا ئوخشىشىپ كەتكەن نەرسىلەرنى شېرىك قىلدىمۇ؟[2] ئېيتقىنكى: ‹ئاللاھ ھەر نەرسىنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئۇ بىردۇر، چەكسىز قۇدرەتلىكتۇر›.»- رەئد 13/16.
2- مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە شۇنداق كىشىلەرمۇ باركى، سىز ئۇنىڭغا: «ئاللاھ مۇنداق دېگەن» دەپ ئايەت ئوقۇشقا باشلىسىڭىز، ئۇ سىزگە: «پالانى داموللام ئۇنداق دېگەن، پۇستانى غوجام شۇنداق قىلغان، پوكۇنى پىرىم مۇنداق ئېيتقان» دەپ ئۆزىچە سىزگە رەددىيە بېرىشكە باشلايدۇ.
«موللامنىڭ سۆزلىگىنى راست، ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ تۇتقىنى توغرا، ئىشانىمنىڭ دېگىنى ھەقىقەت، خەلپەمنىڭ ئېيتقىنى ھېكمەت» دەپ ئايەتكە قارشى چىقىدۇ. ئەپسۇس! بۇنداقلار جەمئىيەتتە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدۇ.
3- يەنە مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە جىن-ئالۋاستىلارنىڭ يامانلىقىدىن قۇتۇلۇش ۋە ساقلىنىش ئۈچۈن ياكى ئارزۇ-ئارمانلارغا ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن يېتىش ئۈچۈن ئۇلارغا تېۋىنىش، ئۇلارغا ئاتاپ ئىسرىق سېلىش، كېپەك سېلىش، ياغ پۇرىتىش… قاتارلىق ئادەتلەر بار.
4- مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا شۇنداق كىشىلەر باركى، ئۆزلىرىنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى، تىرىكچىلىك يولىنى ۋە ياشاش شەكلىنى ئۆزى خالىغان بويىچە بەلگىلەيدۇ. ئىمان شەرتلىرىگە، ئىسلام ئەركانلىرىغا، ئەخلاق پىرىنسىپلىرىغا ۋە شەرىئەت ھۆكۈملىرىگە پەرۋا قىلمايدۇ. ئۆلىمالارنىڭ ۋەز-نەسىھەتلىرىگە، ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىم-تەربىيەلىرىگە قۇلاق سالمايدۇ. ئۇ ئۆز ئاغزى بىلەن: «ھايات مېنىڭ ھاياتىم، ئۆزۈم چاغلاپ ياشايمەن، ماڭا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ، ياشاش كېرەك، تۆت كۈنلۈك ئالەمدە ھاياتنىڭ كەيپىنى سۈرۈش لازىم، موللام نادان، دادام جاھىل، ئانام قاتمال، دىن كونىلىق» دەيدۇ ياكى بۇنى ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشى ۋە ئىش-ھەرىكىتى بىلەن ئىپادىلەيدۇ. شۇنداقلا ئاغزىغا كەلگەننى دەيدۇ، ئالدىغا كەلگەننى يەيدۇ، ھالال-ھارامنى ئىلغىمايدۇ، ياخشى-ياماننى ئايرىمايدۇ، گۇناھ-ساۋابنى تاللىمايدۇ. بۇنداق كىشىلەر ئەنە شۇ چۈشەنچە ۋە سۆز-ھەرىكەتلىرى بىلەن شەيتانغا مۇرىت، ئۆز نەپسىگە بەندە بولغان بولىدۇ. يەنى بۇنداق كىشى ئۆز نەپسىنى ئۆزىنىڭ ئىلاھى قىلىۋالغان مۇشرىك ئادەم ھېسابلىنىدۇ.
ئى مۇسۇلمانلار! شۇنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىقىمىز لازىمكى:
شىرىككە ھېچقانداق نەرسە باھانە بولالمايدۇ. بىر قېتىم مۇسۇلمان بولغان كىشى ھەر دائىم مۇسۇلمان قالىدۇ، ھېچقاچان مۇشرىك بولمايدۇ، دەپ بىر قائىدە يوق. مۇشرىك تەۋبە قىلمىسا دۇنيادا مەغپىرەتكە، ئاخىرەتتە جەننەتكە ئېرىشەلمەيدۇ.

 


[1]– بۇخارى، 4207، مۇسلىم، 86.

[2]– ياق، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بىر قىسىم ئىبادەتلىرىنى ئاللاھدىن غەيرىيگە قارىتىشى، مەسىلەن ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن غەيرىيگە دۇئا قىلىشى، ئاللاھدىن غەيرىيدىن مەدەد تىلىشى ۋە ئاللاھدىن غەيرىيدىن شاپائەت تىلىشى… ئاللاھدىن غەيرىيدە خالىقلىق كۆرگەنلىكى ئۈچۈن ئەمەس. بەلكى ھەددىدىن زىيادە دېۋەڭلىكى ۋە ئەقىللىرىنى ھېچ ئىشلەتمىگەنلىكى ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق مۇشرىكتىن «ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇنىڭ ئارىسىدىكى مەخلۇقاتلارنى كىم ياراتتى؟ رىزىق بېرىش، يامغۇر ياغدۇرۇش، ئۆلتۈرۈش، تىرىلدۈرۈش ۋە كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئىشلارنى كىم قىلىدۇ؟» دەپ سورالسا، ھېچ ئىككىلەنمەستىن «ئاللاھ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇلارنىڭ بىلىشى لازىمكى، بۇ جاۋاب ئۇلارنى مۇسۇلمان قىلىشقا يەتمەيدۇ. پەيغەمبەرلەرمۇ ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن كەلمىگەن، چۈنكى ئاللاھنىڭ خالىقلىقىنى ھەر ئىنسان بىلىدۇ. پەيغەمبەرلەر ئىبادەت قىلىشقا ۋە ياردەم تىلەشكە ئاللاھدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ۋە ھېچنېمىنىڭ لايىق ئەمەسلىكىنى ئىنسانلارغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن. تەۋھىد كەلىمىسىنىڭ مەنىسىمۇ بۇنى كۆرسىتىدۇ. 


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ