مۇسۇلمانلار

مۇجتەھىدلەرنىڭ دەۋرى سەككىزىنچى قىسىم

ھەنبەلىي مەزھىپى

ھەنبەلىيلەرنىڭ كۆزقارىشىچىمۇ مەنپەئەت ئېلىپ كەلگەن ھەرقانداق قەرز ھارامدۇر. قەرز ئالغۇچىنىڭ قەرز بەرگۈچىنى ئىجارە تەلەپ قىلماستىن ياكى تۆۋەن ئىجارە بىلەن ئۆيىدە ئولتۇرغۇزۇشى، ئىشلىتىۋالسۇن دەپ ھايۋىنىنى ئۇنىڭغا ئارىيەتكە بېرىشى، قەرز ئالغان نەرسىسىدىن ياخشىراقىنى قايتۇرۇشى ياكى قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرز ئالغۇچى گۆرۈگە قۇيۇپ قويغان مالدىن پايدىلىنىۋېلىشى ياكى ئۇنىڭ ئېتىزلىقىغا زىرائەت تېرىپ پايدىلىنىۋېلىشى ۋە ياكى نورمال ئىش ھەققى سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بىر ئىش ھەققى بىلەن ئۇنى ئىشقا سېلىۋېلشى قاتارلىق شەرتلەر بىلەن قەرز مۇئامىلىسى قىلىش توغرا بولمايدۇ، لېكىن ئالدىن قوشۇلغان بىر شەرت ياكى كېلىشىم بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قەرزدار قەرزنى تۆلەپ بولغاندىن كېيىن بۇنداق ئىشلارنى قىلسا ياكى قەرزگە ئالغىنىدىن ياخشىراقى ۋە ياكى ئارتۇقراقى بىلەن قەرزىنى تۆلىسە بۇنىڭ بىر زىيىنى يوق. ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەدىيە بېرىشىش ئادىتى بولمىغان ئەھۋالدا قەرزدارنىڭ قەرزنى تۆلىمەي تۇرۇپ قەرز بەرگۈچىگە ھەدىيە بېرىشگىمۇ بولمايدۇ. ئەگەر ھەدىيە بەرگەن بولسا، ئۇنىڭ مىقدارىنى قەرزدىن چۈشۈرۈۋېتىش لازىم[1].

1- ھەنبەلىي مەزھىپىدە ئۆسۈم ئىللەتلىرى

ئۆسۈم ئىللىتى توغرىسىدا ئەھمەد ئىبىن ھەنبەلدىن ئايرىم-ئايرىم ئۈچ كۆزقاراش نەقىل قىلىنىدۇ. ئۇلاردىن بىرىنچىسى ھەنەفىي مەزھىپىگە ماس، ئىككىنچىسى شافىئىي ۋە مالىكىي مەزھەپلىرىگە يېقىن، ئۈچىنچىسى ئۇلاردىن تولۇق پەرقلىق. بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسلىق كۆزقارىشى ھەنەفىي مەزھىپىگە ماس كېلىدىغان كۆزقاراشتۇر.

ئا- ھەنەفىي مەزھىپىگە ماس كېلىدىغان كۆزقاراش

ئەھمەد ئىبىن ھەنبەلدىن نەقىل قىلىنغان ئۈچ رىۋايەتنىڭ ئەڭ مەشھۇرىغا ئاساسەن، ئۆسۈم ئىللىتى ئىككىدۇر: بىرى جىنس، يەنە بىرى قەدىر (ۋەزىن ۋە كەيل). بۇ مەزھەپنىڭ ئاساسلىق كۆزقارىشى بولۇپ، كىچىك تەپسىلاتلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ھەنەفىي مەزھىپىگە تامامەن ماس كېلىدۇ. بۇ كۆزقاراش مۇنۇ رىۋايەتلەرگە ئاساسلىنىدۇ:

ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېدى:

«بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە، بىر سانى ئىككى ساغا ساتماڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ جازانىخورلۇققا كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن».

شۇنىڭ بىلەن بىر كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ: يارەسۇلەللاھ! بىر ئاتنى بىر قانچە ئاتقا، ياخشى بىر تۆگىنى نورمال بىر تۆگىگە ساتسا قانداق بولىدۇ؟ دەپ سورىغان ئىدى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «قولدىن قولغا (نەقمۇنەق) بولسا بولىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى[2].

ئەنەس ئىبىن مالىكدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:

«تارتىلىدىغان نەرسىلەر ئەينى جىنستىن بولسا، تېگىشكەندە مىسلى مىسلىگە (ئوخشىشى ئوخشىشىغا) بولۇشى كېرەك. كەمچەنلىنىدىغان نەرسىلەرمۇ تېگىشكەندە ئاشۇنداق بولۇشى كېرەك»[3].

بۇ سودىدا  ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭ بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. تەڭلىكنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدە كەمچەن، تارازا ۋە جىنس قاتارلىق ئامىللار ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. چۈنكى كەمچەن ۋە تارازا تاشقى كۆرۈنۈشتىكى تەڭلىكنى ساقلايدۇ، جىنس ئىچكى ماھىيەتتىكى تەڭلىكنى ساقلايدۇ.

ھەنبەلىيلەرنىڭ ھەنەفىي مەزھىپىگە ماس كەلمەيدىغان كۆزقاراشلىرى تۆۋەندىكىچە:

1- ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولىدىغان بىر نەرسىنى ئۆز جىنسىگە تېگىشكەندە ئۇلاردىن بىرىنىڭ ياكى ھەر ئىككىسىنىڭ يېنىغا باشقا بىر نەرسە قوشۇش جايىز بولمايدۇ. مەسىلەن: بىر كەمچەن ئەجۋە خورمىسى بىلەن بىر دىرھەمنى، يەنە بىر كەمچەن ئەجۋە خورمىسى بىلەن بىر دىرھەمگە سېتىش جايىز بولمايدۇ. بىر دىنار بىلەن بىر دىرھەمنى ئىككى دىنارغا سېتىشمۇ جايىز بولمايدۇ. بۇ جازانىخورلۇقنىڭ يىلتىزىنى قۇرۇتۇش ئۈچۈندۇر.

2- بازاردا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان فەلسلەرگە ئالتۇن ياكى كۈمۈش سېتۋېلىنماقچى بولسا ھۇلۇل ۋە تەقابۇز شەرت قىلىنىدۇ. يەنى ھەر ئىككى بەدەلنىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن جايغا ھازىر قىلىنغان بولۇشى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ سودا مەيدانىدىن ئايرىلماي تۇرۇپ ئۆز ئېلىشلىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى شەرت قىلىنىدۇ، لېكىن بەزى ھەنبەلىي ئالىملىرى بۇ كۆزقاراشنى قوبۇل قىلمايدۇ[4].

3- بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە سېتىشقا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئەسلى ماددىسىنىڭ مۇئامىلىسى تارتىپ قىلىنىدۇ[5]. ھەنبەلىي فەقىھلىرىنىڭ كۆپچىلىكى بۇ كۆزقاراشنى قوبۇل قىلمايدۇ[6].

ئە- مالىكىي ۋە شافىئىي مەزھەپلىرىگە يېقىن كۆزقاراش

 ئەھمەد ئىبىن ھەنبەلدىن نەقىل قىلىنغان ئىككىنچى رىۋايەت مالىكى ۋە شافىئىي مەزھەپلىرىگە يېقىن كېلىدۇ. بۇ كۆزقاراشقا ئاساسەن، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە ئۆسۈم ئىللىتى سەمەنىيەتتۇر (پۇل بولۇش ئالاھىدىلكىدۇر). بۇ ئالاھىدىلىكنىڭ يۇقىرى نىسبەتتە مالنىڭ جەۋھىرىدە تېپىلىشى لازىم بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دائىرىگە پەقەت ئالتۇن بىلەن كۈمۈشلا كىرىدۇ.

باشقا تۆت ماددىدا ئۆسۈم ئىللىتى تۇئمىيەتتۇر (غىزا بولۇش ئالاھىدىلىكىدۇر). مەئمەر ئىبىن ئابدۇللاھنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) يېمەكلىكنى (تائامنى) ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا سېتىشتىن مەنئى قىلغان[7].

يېمەكلىك مۇھىمدۇر، چۈنكى بەدەن ئۇنىڭ بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ. پۇلمۇ مۇھىمدۇر، چۈنكى ئىقتىسادى ھايات ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى نەرسىنى (تۇئمىيەت ۋە سەمەنىيەتنى) ئۆسۈم ئىللىتى دەپ ھېسابلاش كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە ئۆسۈم ئىللىتى تارتىش (ۋەزىن) بولسا ئىدى، مۇئامىلىسى تارتىپ قىلىنىدىغان ماللارنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە نېسى ئېلىش جايىز بولمىغان بولاتتى. چۈنكى نېسىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۆسۈمنىڭ ئىككى ئىللىتىدىن بىرىنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلىدۇ.

يېمەكلىك بولۇش جەھەتتە گۈرۈچ، قوناق ۋە ئارپىخان(سۇلۇ)غا ئوخشاش ئاساسلىق غىزا ماددىلىرى، گۆش، سۈت ۋە سەي-كۆكتاتقا ئوخشاش قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، مېۋە-چېۋە ۋە دورىلار ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق[8]. بىز ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندەك مالىكى مەزھىپى دورىلارنى غىزا ماددىسى قاتارىدا ھېسابلىمايدۇ ۋە ساقلىغىلى بولمايدىغان غىزا ماددىلىرىنى نەق تېگىشىشتە ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭ بولۇشىنى شەرت قىلمايدۇ.

ب- ئۈچىنچى (تولۇق پەرقلىق) كۆزقاراش

ئەھمەد ئىبنى ھەنبەلدىن نەقىل قىلىنغان ئۈچىنچى رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا يېمەكلىك ماددىسىنىڭ ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇنىڭ تارازا ياكى كەمچەن بىلەن سېتىلىدىغان نەرسە بولۇشى لازىم. تۇخۇم ۋە تاۋۇزغا ئوخشاش سان بىلەن سېتىلىدىغان يېمەكلىكلەرنىڭ مۇئامىلىسىدە ئۆسۈم مەيدانغا كەلمەيدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ:

«ئۆسۈم پەقەت كەمچەنلىدىغان ياكى تارتىلىدىغان يېمەك-ئىچمەكلەردە مەيدانغا كېلىدۇ».

بۇ ھەدىسنى تەكشۈرۈپ چىققان دارەقۇتنى مۇنداق دەيدۇ: بۇ سۆز سەئىدنىڭ سۆزىدۇر، ئۇنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا نىسبەت بەرگەنلەر خاتالاشقان بولىدۇ[9].

2- ھەنبەلىلىيلەرنىڭ كۆزقارىشىنىڭ تەنقىدى

باشقا ئۈچ مەزھەپ ئۈچۈن قىلىنغان تەنقىدلەر ھەنبەلىيلەر ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. بۇ يەردە ئۇلارنىڭ تۆۋەندىكى سۆزىنى قايتا زىكىر قىلىش پايدىلىق بولىدۇ:

«ئەگەر ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە ئۆسۈم ئىللىتى تارتىش (ۋەزىن) بولسا ئىدى، مۇئامىلىسى تارتىپ قىلىنىدىغان ماللارنى ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە نېسى ئېلىش جايىز بولمىغان بولاتتى. چۈنكى نېسىنىڭ ھارام بولۇشى ئۈچۈن ئۆسۈمنىڭ ئىككى ئىللىتىدىن بىرىنىڭ بولۇشى كۇپايە قىلىدۇ»[10].

بۇنىڭدىن قارىغاندا ۋەزىن ئۆسۈم ئىللىتى بولالمايدۇ، ۋەزىن بولالمىغان يەردە كەيلمۇ بولالمايدۇ، شۇنداقلا ھەنبەلىيلەرنىڭ ئۆزلىرىگە ئاساس قىلغان ئۆسۈم پىرىنسىپى بىكار بولۇپ كېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەم بۇنى سۆزلەپ ھەم ۋەزىن ۋە كەيلنى ئۆسۈم ئىللەتلىرى، دەپ ھېسابلىشى ھەقىقەتەن بىر زىتلىقتۇر.

3- تۆت مەزھەپكە قارىتىلغان ئورتاق تەنقىد

بۈگۈنكى قەغەز پۇل، تۆت مەزھەپ بېكىتىپ چىققان ئۆسۈم پىرىنسىپىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئوتتۇرىغا قويماقتا. چۈنكى ئەگەر ئۆسۈمنى بۇ مەزھەپلەرنىڭ پىرىنسىپىغا ئاساسەن چۈشىنىدىغان بولساق ئۆسۈم چەكلىمىسىدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ كېتىش مۇمكىن. مەسىلەن:

شافىئىي ۋە مالىكى مەزھەپلىرىگە ئاساسەن، ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللاردىن باشقا پۇللارنى ئۆز جىنسلىرى بىلەن نەق ياكى نېسى تېگىشىشتە ئۆسۈم مەيدانغا كەلمەيدۇ. يەنى ئۇ ئىككى مەزھەپنىڭ كۆزقارىشى بويىچە بىر مىليون لىراغا ئىككى مىليون لىرانى نېسى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپتە بۇ مۇئامىلە جازانىخورلۇق، دەپ قارالمايدۇ. پەقەت ئىمام مالىكنىڭ مەزھەپ تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان بىر كۆزقارىشىغا ئاساسەن بۇ ئىش جازانىخورلۇق ھېسابلىنىدۇ.

ھەنەفىي ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرىنىڭ كۆزقارىشىچە قەغەز پۇل ئۆز جنسى بىلەن نەق تېگىشتۈرۈلگەندە مىقدارلارنىڭ تەڭ بولۇشى شەرت ئەمەس. بىز ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەندەك، بىر مىليون لىراغا ئېھتىياجى بولغان بىر كىشى ئالدى بىلەن بانكىدىن 1.100.000 لىرا قەرز ئالىدۇ. ئاندىن ئۇنى شۇ بانكىغا 1.000.000 لىراغا نەق ساتىدۇ. بۇ كىشى بانكىدىن ئايرىلىپ چىققاندا قولىدا 1.000.000 لىراسى بولغان تۇرۇقلۇق، بانكىغا بىر يىل قەرەللىك 1.100.000 لىرا قەرزى بولىدۇ. بۇ مۇئامىلە تۆت مەزھەپنىڭ تۆتىلىسىدە جازانىخورلۇق ھېسابلانمايدۇ.

شۇنىڭدەك، بۇ تۆت مەزھەپتە پەرقلىق جىنستىن بولغان قەغەز پۇللارنى ھېچبىر رەسمىيەتكە باغلىق بولماستىن تېگىشكىلى بولىدۇ. مەسىلەن: 1000 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ بۈگۈنكى قىممىتىگە تەڭ كېلىدىغان مىقداردا تۈرك لىراسى بېرىپ بىر يىل قەرەللىك 1200 ئامېرىكا دوللىرى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ مۇئامىلە پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى ئاستىدا بولغان بىر دۆلەتتە جازانىخورلارنىڭ ئىشىنى تېخىمۇ ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. تۆت مەزھەپنىڭ تۆتىلىسى قوبۇل قىلغان بۇ پىكىرنى ھېچبىر ئاق كۆڭۈل مۇسۇلمان قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئىقتىسادى ھاياتىدا يولغا قويمايدۇ. چۈنكى ئەقىل ۋە فىترەت بۇنى تەقەززا قىلىدۇ.


[1] – ئەلى ئابدۇلھەمىد بالتاجى، مۇھەممەد ۋەھبى سۇلەيمان، ئەلمۇئتەمەد فى فىقھىل ئىمامى ئەھمەد، (ئابدۇلقادىر ئىبىن ئۆمەر ئەششەيبانىنىڭ نەيلۇل مەئارىب بىشەرھى دەلىلىتتالىب ناملىق ئەسىرى بىلەن ئىبراھىم ئىبىن مۇھەممەد ئىبىن دىيياننىڭ مەنارۇسسەبىل فى شەرھىددەلىل ناملىق ئەسىرى جەملىنىپ تەييارلانغان)، بابۇلقەرد، 1991/1412، 1- جىلد، 447-448.

[2] – ئەھمەد ئىبىن ھەنبەل، مۇسنەد 2/109.

[3]  ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/136-137.

[4]  ئەلى ئابدۇلھەمىد بالتاجى، مۇھەممەد ۋەھبى سۇلەيمان، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، بابۇ ئەھكامىررىبا، 1/ 429-430.

[5] – ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/140.

[6]ئەلى ئابدۇلھەمىد بالتاجى، مۇھەممەد ۋەھبى سۇلەيمان، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، بابۇ ئەھكامىررىبا، 1/، 426.

[7]مۇسلىم، مۇساقات 93 (1592) ھەدىس بىر پۈتۈن ھالدا يۇقىرىدا ئۆتتى. بۇ يەردە مۇلاھىزىنىڭ ئاسان بولۇشى ئۈچۈن رىۋايەتنى تەكرارلايمىز: مەئمەر ئىبىن ئابدۇللاھ خىزمەتچىسىگە «بۇنى سېتىپ پۇلىغا ئارپا ئال» دەپ بىر سا بۇغداي بېرىپ، ئۇنى بازارغا ئەۋەتتى. خىزمەتچى كەتتى ۋە بىر سادىن ئارتۇقراق ئارپا ئېلىپ قايتتى. مەئمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ بارغىن، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگىن، ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ئالما. چۈنكى مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم: «تائامغا تائام ئوخشىشى ئوخشىشىغا سېتىلىدۇ». مەئمەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن تائامىمىز ئارپا ئىدى». ئۇنىڭغا «بۇغداي ئارپىنىڭ ئوخشىشى ئەمەسقۇ!» دېيىلگەن ئىدى، «ئوخشاپ قېلىشىدىن قورقىمەن» دېدى.

[8] – ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/139.

[9] – ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/133-138.

[10]ئىبىن قۇدامە، مۇغنى 4/138.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر