مۇسۇلمانلار

مۇجتەھىدلەرنىڭ دەۋرى يەتتىنچى قىسىم

مالىكى مەزھىپى
مالىكىيلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى ئېلىم-سېتىم بۆلۈمىنىڭ كىچىك بىر ماۋزۇسى سۈپىتىدە تەتقىق قىلىدۇ ۋە فىقىھنىڭ كىتابۇلبۇيۇئ (ئېلىم-سېتىم كىتابى) بۆلۈمىدە بابۇررىبا (ئۆسۈم بابى) دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا قەلەمگە ئالىدۇ مالىكىيلارنىڭ ئۇلاردىن پەرقى ئۆسۈم ئىللەتلىرىگە تۇتقان يولىدۇر.
1- مالىكىي مەزھىپىدە ئۆسۈم ئىللىتى
مالىكىيلارمۇ شافىئىيلارغا ئوخشاش سەمەنىيەتنى ۋە تۇئمىيەتنى ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى ھېسابلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بەزى يول پەرقلىرى بار.
ئا- سەمەنىيەت
مالىكىيلار «سەمەنىيەت» ئاتالغۇسىنىڭ ئورنىغا «غەلەبەتۇسسەمەنىيەت» ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىدۇ، يەنى بىر پۇلنىڭ ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولۇشى ئۈچۈن پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىنىڭ كۈچلۈك بولۇپ ئۇنىڭ جەۋھىرىدە بولۇشى لازىم، بۇ پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىلا بولىدۇ، بۇ ھەقتە ئالتۇن ۋە كۈمۈشكە باشقا نەرسىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، شافئىيلارمۇ بۇ كۆزقاراشتا.
بۇ مالىكىيلارنىڭ مەشھۇر كۆزقارىشىدۇر. ئۇلارنىڭ مەشھۇر بولمىغان كۆزقارىشىچە، بىر نەرسىنىڭ پۇل سۈپىتىدە بازاردا ئىستېمال قىلىنىشى (مۇتلەقۇسسەمەنىيەت) ئۇنىڭ ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولۇشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولىدۇ[1]. بۇنىڭغا ئاساسەن قەغەز پۇل بىلەن قوشۇپ پۈتۈن پۇللار ماللاردۇر. ئىمام مالىكنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى مۇنداق نەقىل قىلىنىدۇ:
«فەلسلەرنى ئالتۇن ياكى كۈمۈشكە تېگىشكەندە تەرەپلەرنىڭ كېلىشىم تۈزۈلگەن يەردىن بەدەللەرنى تاپشۇرۇۋالماستىن ئايرىلىپ كېتىشىدە ياخشىلىق يوق. ئەگەر ئىنسانلار ئۆز ئارىسىدا، مۇئەييەن بىر قىممەتكە ۋەكىللىك قىلسۇن دەپ بېسىلغان تېرە پارچىلىرىنى پۇلغا ئوخشاش ئىشلەتسە، ئۇ تېرە پارچىلىرىغا ئالتۇن ۋە كۈمۈش ئالغاندا تاپشۇرۇشنى بىر لەھزە بولسىمۇ كېچىكتۈرۈشنى مەكرۇھ ھېسابلايمەن».
«بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە سېتىش جايىز ئەمەس. فەلسلەرنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە يا دىنارلارغا تېگىشكەندە ئازغىنە بىر كېچىكتۈرۈش جايىز بولمايدۇ»[2].
ئىمام مالىك ئېيتىدۇكى، فەلسكە فەلس ئېلىش نە كۆز چېنى بىلەن، نە ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا تارتىش بىلەن، نە ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا كەمچەنلەش بىلەن توغرا بولمايدۇ. بۇنىڭ نېقىمۇ بولمايدۇ، نېسىسىمۇ بولمايدۇ. فەلس سان بىلەن مۇئامىلە كۆرىدۇ.
ئىمام مالىك يەنە مۇنداق دەيدۇ: بىر فەلسنى ئىككى فەلسكە تېگىشىشتە ياخشىلىق يوق. چۈنكى فەلسلەر پەقەت سان بىلەن سېتىلىدۇ. ئۇنى تارتىپ ساتقاندا ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچى بىر-بىرىگە زىيان يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن فەلسلەرنى كۆز چېنى بىلەن سېتىش جايىز بولمايدۇ. مالىك بۇنىڭ ئۈچۈن بىر پاتمان فەلسنى ئىككى پاتمان تۇچقا سېتىشنى مەكرۇھ ھېسابلىغان[3].
مالىكىيلارنىڭ كۆزقارىشىچە، يۇقىرى ئۆلچەملىك بىر پۇلنى تۆۋەن ئۆلچەملىك، لېكىن ئۆزىدىن ئېغىر بىر پۇلغا تېگىشىش مەنئى قىلىنىدۇ[4]. چۈنكى بۇ يەردە ھەر ئىككى تەرەپتە ئارتۇقلۇق بار. شۇڭا يۇقىرى ئۆلچەملىك پۇلنىڭ ئىگىسى تۆۋەن ئۆلچەملىك پۇلنىڭ ئېغىرلىقىغا، تۆۋەن ئۆلچەملىك پۇلنىڭ ئىگىسى يۇقىرى ئۆلچەملىك پۇلنىىڭ ساپلىقىغا قىزىقىدۇ.
ئالتۇن ياكى كۈمۈش پۇللاردىن بىرىنىڭ بېسىلىشى ياخشى، لېكىن ۋەزنى ئاز، يەنە بىرىنىڭ ۋەزنى تولۇق، لېكىن بېسىلىشى ناچار بولسا ئۇ پۇللارنى ئۆزئارا تېگىشىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى تەرەپتە ئارتۇقلۇق بار.
ساپلىق نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى ياكى بېسىلىشى تېخىمۇ ياخشى بىر پۇلنىڭ ئېغىرلىقى باشقا بىر پۇلنىڭ ئېغىرلىقى بىلەن تەڭ ياكى ئارتۇقراق بولسا، بۇ ئىككى پۇلنى نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن تېگىشىشكە بولىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ئارتۇقلۇق پەقەت بىر تەرەپتىلا بار[5].
ئە- تائام (ئىنسان يېمەكلىكى)
تائام پەقەت ئاساسلىق غىزا ماددىسى بولۇپ، ساقلىغىلى بولىدىغان ياكى تاماقلارغا تەم كىرگۈزىدىغان نەرسىلەردۇر. چۈنكى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان ئارپا، بۇغداي، خورما ۋە تۇز بۇ ئالاھىدىلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ماددىلارنى ئۆز جىنسىغا تېگىشكەندە تېگىشىشنىڭ نەق ۋە مىقدارلارنىڭ تەڭ بولۇشى كېرەك. پەرقلىق جىنستىكى ماللارغا تېگىشكەندە بولسا مىقدارلارنىڭ تەڭ بولۇشى كېرەك ئەمەس، پەقەت تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشى شەرت.
شۇنىڭدەك، ساقلىغىلى بولسۇن، ساقلىغىلى بولمىسۇن بىر غىزا ماددىسىنى يەنە بىر غىزا ماددىسىغا نېسى تېگىشىشكە بولمايدۇ.
دورىلار غىزا ماددىسىغا بېرىلگەن تەرىپنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ[6] (يەنى دورا غىزا ماددىسى قاتارىغا كىرمەيدۇ). بۇنىڭدىن باشقا ھەر تۈرلۈك نەرسىنى ئۆز جىنسىغا، بىرنى ئىككىگە نېسى تېگىشىش جازانىخورلۇق دائىرىسىگە كىرىدۇ[7].
يېمەكلىككە يېمەكلىكنى ياكى پۇلغا پۇلنى تېگىشكەندە بولاردىن بىرىسىگە ياكى ھەر ئىككىلىسىگە باشقا بىر مال قوشۇپ نېسى ئالماشتۇرۇش جايىز بولمايدۇ. ئىمام مالىكتىن مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن ئېلىنىدىغان رەخت ۋە ئارپا بەدىلىگە نەق يېسسىمۇق سېتىش مەسىلىسى سورۇلغان ئىدى، «بۇ توغرا بولمايدۇ» دەپ جاۋاب بەردى. يەنى يېسسىمۇقنى ئالىدىغان كىشى ساتىدىغان كىشى بىلەن يېسسىمۇقنىڭ بەدىلىگە كېيىن بىر پارچە رەخت بىلەن بىر مىقدار ئارپا بېرىش ئۈچۈن  كېلىشكەن بولسا، ئىمام مالىك بۇ سېتىشنى جايىز كۆرمەيدۇ.
دىنار ۋە دىرھەملەردىمۇ ئەھۋال يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش. بىر كىشى دىنار بېرىپ دىرھەم ئالسا، دىرھەملەرنىڭ يېنىغا بىر پارچە رەخت ياكى باشقا بىر مال قوشسا، دىنار ۋە دىرھەملەرنى نەق تېگىشىپ مالنى نېسىگە قالدۇرۇپ قويسا بۇ توغرا بولمايدۇ. لېكىن ھەممە نەرسە نەقمۇنەق بولىدىغان بولسا، ھېچقانداق زىيىنى يوق[8].
مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن تاپشۇرۇۋالىدىغان تائامنىڭ بەدىلىگە بىر تائامنى نەق بېرىش جايىز ئەمەس، لېكىن بىر تائامنى كېيىن ئەينى جىنستىن ۋە ئەينى مىقداردا قايتۇرۇۋېلىش شەرتى بىلەن ئۆتنە بېرىشكە بولىدۇ، كېيىن ئالىدىغىنى ھازىر بەرگىنىدىن ياخشى بولسىمۇ بولمايدۇ، ناچار بولسىمۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە ئۆتنە بەرگۈچى ئۆتنە ئالغۇچىنىڭ مەنپەئەتىنىلا كۆزلىشى لازىم. مۇئەييەن بىر مۇددەتكە قەدەر مۇشۇنداق ئۆتنە بەرسە، بۇ توغرا بولىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن باشقا يېمەكلىكلەرنىڭ بىرىنى يەنە بىرىگە نېسى تېگىشىش توغرا ئەمەس[9].
2- مالىكىيلارنىڭ كۆزقاراشلىرىنىڭ تەنقىدى
مالىكىيلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنى ئايرىمىغان. ئۆزلىرىنىڭ جازانىخورلۇق توغرىسىدىكى پىرىنسىپىنى مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك مالنىڭ ئېلىم-سېتىمىنى تۈزەشتۈرىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ۋە ئۆزلىرىنىڭچە ئىللەتلەر بەلگىلەپ جازانىخورلۇق بولمىغان نۇرغۇن مۇئامىلىنى جازانىخورلۇق دائىرىسىگە كىرگۈزگەن.  
بىز شافىئىيلارنىڭ كۆزقاراشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلغان تەنقىدلەرنىڭ زور بىر قىسمى مالىكىيلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۈچۈنمۇ كۈچكە ئىگە. بۇلارمۇ جازانىخورلۇق ئۈچۈن تۇئمىيەت ۋە سەمەنىيەتتىن ئىبارەت بولغان ئىككى ئىللەت بەلگىلىگەن، شۇنداقلا پىرىنسىپىنى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرغان.
بىز ھەنەفىي ۋە شافىئىيلارنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن نەقىل قىلغان ئەرىييە ھەدىسى مالىكىيلارنىڭ پىرىنسىپىنى بىكار قىلىپ تاشلاشقىمۇ يېتىدۇ. مادامىكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل خورمىنى يەردىكى ھۆل ياكى قۇرۇق خورما بىلەن تېگىشىشكە ئىجازەت بەرگەن ئىكەن، تېگىشىشنىڭ نەق ۋە مىقدارلارنىڭ تەڭ بولۇشىنى شەرت قىلمىغان ئىكەن، تۇئمىيەت ئۆسۈم ئىللىتى بولالمايدۇ. تۇئمىيەت بولالمىسا سەمەنىيەتمۇ بولالمايدۇ. بۇ شافىئىيلارنىڭ پىرىنسىپىنى بىكار قىلىپ تاشلىغاندەك، مالىكىيلارنىڭ پىرىنسىپىنىمۇ بىكار قىلىپ تاشلايدۇ.
مالىكىيلار ئۆزلىرىنىڭ جازانىخورلۇق پىرىنسىپى بىلەن ھاياتنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرگەن. ئۇلار مەيلى ساقلىغىلى بولسۇن مەيلى ساقلىغىلى بولمىسۇن بىر غىزا ماددىسىنى باشقا بىر غىزا ماددىسىغا نېسى تېگىشىشنى جازانىخورلۇق ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن قوشنىسىدىن پىياز ئېلىپ ئورنىغا كېيىن شوخلا بېرىش ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە جازانىخورلۇق بولىدۇ. توخۇلىرىنىڭ تۇخۇملىرىدىن ھەر كۈنى قوشنىسىغا بېرىپ كېيىن ئورنىغا بەرەنجە ئالغان كىشى جازانىخورۇلۇق قىلغان بولىدۇ.
مالىكىيلارنىڭ ئىككىنچى ئۆسۈم ئىللىتى سەمەنىيەت يەنى پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ ئالاھىدىلىك پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە بار. باشقا پۇللار بازاردا ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئۇ قاتارغا كىرمەيدۇ[10]. ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى بانكىلار ئىنسانلارغا قەرز بەرگەندە قەرز ياكى كىرېدىت ، دېگەن سۆزلەرنى ئەمەس، «ساتماق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە جازانىخورلۇق قىلغان بولمايدۇ.

[1]– ئەلى ئەدەۋى، ھاشىيە ئەلا خەراشى ئەلا مۇختەسەرى سەيدى خەلىل، بېيرۇت، 5/56.
[2]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، مىسىر، 1323، 3- جىلد، 395-396- بەتلەر.
[3]مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، مىسىر، 1323، 4- جىلد، 115- بەت.
[4]– بۇ يەردىكى پۇل ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن بېسىلغان پۇلدۇر.
[5]ئەلى ئەدەۋى، ھاشىيە ئەلا خەراشى ئەلا مۇختەسەرى سەيدى خەلىل، بېيرۇت، 5/50.
[6]– ئەلى ئەدەۋى، ھاشىيە ئەلا خەراشى ئەلا مۇختەسەرى سەيدى خەلىل، بېيرۇت، 5/56-67.
[7]– ئىبىن رۇشد، مۇقەددىمات 3/49-51.
[8]– مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا 4/25-26.
[9]مالىك ئىبىن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا 4/27.
[10]ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/279.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر