باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
شافىئىي ئۆلىمالاردىن رۇيانى[1] ئۆسۈم مۇئامىلىسىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
«ئۆسۈم مۇئامىلىسى مەخسۇس ماللارنى تەڭپۇڭلۇقى كېلىشىم ئەسناسىدا شەرئى ئۆلچەم بىلەن بىلىنمەستىن نەق يا بەدەللەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى ياكى بىرى نېسى بولۇش شەرتى بىلەن تېگىشىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن كېلىشىمدۇر»[2].
ئىزاھتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «مەخسۇس ماللار» ئۆسۈم ئىللىتىگە (سەۋەبىگە) ئىگە بولغان ماللاردۇر. بۇلار رىبەۋى ماللار (بەزى مۇئامىلىسىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدىغان ماللار)، دەپ ئاتىلىدۇ. «شەرئى ئۆلچەم» بولسا، ھەنەفىيلەردە بولغاندەك ۋەزىن (تارازا) ۋە كەيل (كەمچەن)دۇر. ئىزاھنىڭ باشقا نۇقتىلىرى شافىئىيلار ئۆسۈم مۇئامىلىسى، دەپ ھېسابلايدىغان ئېلىم-سېتىم شەكىللىرىدۇر.
1- شافىئىي مەزھىپىدە ئۆسۈم ئىللەتلىرى
شافئىيلارنىڭ كۆزقارىشىچە ئۆسۈم بىر شەكىلدە يېيىلىدىغان يا ئىچىلىدىغان ماللار بىلەن ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە مەيدانغا كېلىدۇ[3]. بۇلار رىبەۋى ماللاردۇر.
ئالتۇن، كۈمۈش، ئارپا، بۇغداي، خورما ۋە تۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان «ئوخشىشى ئوخشىشىغا ۋە قولدىن قولغا» بولۇش شەرتى بۇ ماللاردىكى قىممەتنى ۋە خەتەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خۇددى نىكاھتا گۇۋاھچىلارنىڭ شەرت قىلىنىشىغا ئوخشايدۇ. شۇڭلاشقا بەلگىلىنىدىغان ئۆسۈم ئىللىتى (سەۋەبى) ئۇ قىممەتكە ۋە ئۇ خەتەرگە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم.
ئارپا، بۇغداي، خورما ۋە تۇز قاتارلىقلار ئىنسان يېمەكلىكى (تۇئم) بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولغان. چۈنكى ئىنساننىڭ ھاياتى يېمەكلىككە باغلىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «تائامغا تائام ئوخشىشى ئوخشىشىغا (ئېلىپ-سېتىلىدۇ)» دېگەن[4].
تائام «تۇئم» دېگەن سۆزدىن تۈرلەنگەن. بىر ھۆكۈمنىڭ تۈرلەنگەن بىر سۆزگە باغلىنىشى ئۇ سۆزنىڭ يىلتىزى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ[5]. بۇ يەردە سۆز يىلتىزى «تۇئم» بولغانلىقى ئۈچۈن تۇئم ئىللىتى (تائام بولۇشتىن ئىبارەت سەۋەب) تېپىلىدىغان ھەر مال ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولىدۇ.
 ئالتۇن ۋە كۈمۈش بولسا پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى سەۋەبىدىن ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولغان. چۈنكى ئېھتىياجلارنى قاندۇرىدىغان ماللارنىڭ ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن پۇل كېرەك[6].
يىغىپ ئېيتقاندا بىر مالدا تائام ياكى پۇل بولۇشتىن ئىبارەت بولغان ئىككى ئىللەتتىن بىرى تېپىلسا، ئۇ مال رىبەۋى مال، يەنى ئۆسۈمگە ماۋزۇ مال بولىدۇ. تۆندە بۇ ئىللەتلەرنىڭ ئۈستىدە بىرئاز توختىلىمىز:
ئا- تۇئم، تائام ئىنسان يېمەكلىكى دېمەكتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم خۇسۇسىيىتى ئىنسان يېمەكلىكى بولغان ياكى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ئورتاق يېمەكلىكى بولغان ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر. ئۇلاردىن بۇزۇلماي تۇرىدىغان ۋە يىغىپ ساقلىغىلى بولىدىغان يېمەكلىكلەر بىلەن بۇزۇلماي تۇرالمايدىغان ۋە يىغىپ ساقلىغىلى بولمايدىغان يېمەكلىكلەر ئوخشاشتۇر[7].
يېمەكلىكلەر يا ئىقتىيات ياكى تەفەككۇھ ۋە ياكى تەداۋى ئۈچۈن قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.
ئىقتىيات بىر نەرسىنى ئوزۇقلۇق بولسۇن، دەپ قولغا كەلتۈرمەكتۇر. بۇغداي، نوقۇت ۋە مىنېرال سۇ بۇ نەرسىدىن ھېسابلىنىدۇ.
تەفەككۇھ بىر نەرسىنى مېۋە، تاتلىق–تۇرۇم، سالات، قوشۇمچە يېمەكلىك ۋەھاكازا بولسۇن، دەپ قولغا كەلتۈرمەكتۇر. خورما، ئۈزۈم ۋە ئەنجۈرگە ئوخشاش پۈتكۈل مېۋىلەر، بارلىق تاتلىق-تۇرۇم ۋە ئاچچىق-چۈچۈك قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، شاتارى ۋە پىىننىگە ئوخشاش پۈتۈن ئوتياشلار بۇنىڭغا كىرىدۇ.
يېمەكلىك تەداۋى (داۋالىنىش) ئۈچۈنمۇ قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.  بۇ خىل يېمەكلىك تۇز، قۇرۇتۇپ يانجىپ يېمەكلىكلەرگە قاتىدىغان ئوتياشلارنى، دورا-دەرمەكتەك يېمەكلىكلەرگە تەم كىرگۈزىدىغان نەرسىلەرنى، زەپىران، سوقمونىيا، گىلى ئەرمىنى ۋە گىلى مەختۇمغا ئوخشاش دورىلارنى، فەرپىيۇن، گۈل ۋە گۈل يېغىدەك نەرسىلەرنى، ئاچچىق تاۋۇز ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەردە غىزالارغا بىرەر مىسال كەلتۈرۈلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدىن تۇزنىڭ غىزاغا تەم كىرگۈزۈش ۋە ئۇنى ساقلاش ئالاھىدىلىكى بار. ئۇنىڭ بىلەن بەدەننى ياخشىلايدىغان ۋە مۇھاپىزەت قىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرق يوق، چۈنكى غىزا ساقلىقنى ساقلاش، دورا ساقلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر.  
  يېيىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەرسە تائام دېيىلىگەنلىكى ئۈچۈن فەرپىيۇن، گۈل، گۈل سۈيى، ئۇد، سەندەل، ئەنبەر، ئىپار قاتارلىقلار، سېرىقچېچەك، زىغىر ۋە بېلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنىڭ ياغلىرى، زىغىر دېنى، ھۆل چېغىدا يېيىلىدىغان ئۆتياشلارنىڭ ۋە بىدىنىڭ قۇرۇقى، ئۈزۈم ساپىقى، سۆڭەككە ئوخشاش جىن يېمەكلىكى، تولا چاغدا ھايۋان يېمەكلىكى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەر تائام قاتارىغا كىرمەيدۇ[8].
 
ئە- سەمەنىيەت
سەمەنىيەت پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكى، دېگەن بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىمام شافىئىي مۇنداق دەيدۇ: «ئالتۇن ۋە كۈمۈش ھەر نەرسىدىن پەرقلىقتۇر، چۈنكى ئۇلار ھەر نەرسىنىڭ بەدىلى (سەمەنى) بولالايدۇ. ئۇلارغا نە يېمەكلىك، نە باشقا بىر نەرسە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ»[9]. ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇل سۈپىتىدە بېسىلمىغان بولسىمۇ پۇل ھېسابلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولۇشى ئۆزلىرىدىكى پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن بولغان. بۇ ئالاھىدىلىك ئۇلارنىڭ تەبىئىتىدە بار بولۇپ، «جەۋھەرىيەتۇسسەمەن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا بۇنداق بىر ماددا بولمىغانلىقى ئۈچۈن بازاردا ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ فەلسلەردە ئۆسۈم مەيدانغا كەلمەيدۇ[10]. فەلس ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن باشقا بىر مېتالدىن بېسىلغان پۇل، دېمەكتۇر.
بەدەللەر ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇق بۇغداي، سۈت، شىرنە ۋە سۇيۇق ياغقا ئوخشاش كەمچەن (كيل) بىلەن ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان ماللاردا كەمچەن بىلەن، ئالتۇن، كۈمۈش، ھەسەل ۋە سېرىق مايغا ئوخشاش تارازا (وزن) بىلەن ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان ماللاردا تارازا بىلەن تەڭشىلىدۇ. كەمچەن بىلەن ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان ماللارنى تارازا بىلەن، تارازا بىلەن ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان ماللارنى كەمچەن بىلەن ئېلىپ ـ سېتىشقا بولمايدۇ. بىر مالنىڭ تارازا بىلەن سېتىلىدىغان مال ياكى كەمچەن بىلەن سېتىلىدىغان مال بولۇشى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ھايات چاغدىكى ھىجازلىقلارنىڭ ئادىتىگە قاراپ بېكىتىلىدۇ. ئۇلار ئۇ مالنى شۇ دەۋردە كۆپىنچە قانداق ساتقان بولسا شۇ بويىچە سېتىلىدۇ. بۇ بىلىنمىسە سودا كېلىشى تۈزۈلگەن چاغدىكى ھىجازلىقلارنىڭ ئادىتى ئاساس قىلىنىدۇ[11]. ئىمام شافىئىينىڭ بۇ مەسىلە توغرىسىدىكى ئىپادىلىرى مۇنداق:
«بىز (ھەدىستە زىكىر قىلىنغان) يېمەكلىكلەر كەمچەن بىلەن ئۆلچەنسىمۇ تارازا بىلەن ئۆلچەنسىمۇ ئۇلارنىڭ ئەينى مەنىدە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، چۈنكى ھەر ئىككىلىسى يېيىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئىچىلىدىغان نەرسە كەمچەن بىلەن ئۆلچەنسىمۇ تارازا بىلەن ئۆلچەنسىمۇ ئەينى مەنىدىدۇر. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى: تارتىش ئىشى ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ سودىسى بولغان نەرسىنىڭ مىقدارىنى بىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆلچەش ئىشىمۇ شۇنداق. بەلكىدە تارتىش مىقدارنى تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭدا كەمچەندىكى پەرق بولمايدۇ.
تېگىشتۈرۈلمەكچى بولغان ئىككى نەرسە يەيدىغان نەرسە بولۇشتا، ئىچىدىغان نەرسە بولۇشتا، مىقدارلىرى كەمچەن بىلەن ياكى تارازا بىلەن بىلىنىپ سودىسى قىلىنىشتا ئوخشاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنىسى بىر بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز بۇ ئىككىسى ئۈچۈن بىر ھۆكۈم قويدۇق. بۇ ھۆكۈم ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ ھۆكمىگە ئوخشايدۇ. چۈنكى ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، ئۇرۇقى بار خورما (ئۇرۇقسىز خورما بۇزۇلۇپ قالىدۇ) ۋە تۇز قاتارلىق ماللاردىكى ھالاللىق ۋە ھاراملىق سەۋەبى بىردۇر، پەرقلىق ئەمەستۇر. بىز بۇلارنىڭ ھۆكۈملىرى ئوتتۇرىسىدا پەرق كۆرمەيمىز، مىقدارى كەمچەنلەپ ياكى تارتىپ ئۆلچىنىدىغان ھەر يېمەكلىك ۋە ھەر ئىچىملىككە قىياس بىلەن ئەينى ھۆكۈمنى ئىجرا قىلىمىز، چۈنكى ھەر ئىككىسىدە ئوخشاش ئىللەت تېپىلىدۇ.   
   بىزنىڭچە، ساناپ سېتىلىدىغان يېمەك-ئىچىملىكلەرنىڭ ھەممىسى بۇ ھۆكۈمدە بولىدۇ. چۈنكى بىز كۆرۈۋاتىمىزكى، ئۇلارنىڭ تولىسى بىر شەھەردە تارتىلىدۇ يەنە بىر شەھەردە تارتىلمايدۇ. مەككىدە ھۆل خورمىلارنىڭ ھەممىسى سېۋەتلەردە تەخمىن بىلەن سېتىلىدۇ. پۈتۈن گۆشلەر تەخمىن بىلەن سېتىلىدۇ. بەدەۋىلەر گۆش ۋە سۈت ساتقاندا پەقەتلا تەخمىن بىلەن ساتىدۇ. سېرىق ماي، ھەسەل، قايماق ۋە باشقىلىرىنىمۇ شۇنداق ئېلىپ-ساتىدۇ، لېكىن باشقىلار بۇ ماللارنى تارتىپ سېتىشى مۇمكىن. مېلىنى تەخمىن بىلەن ساتقان كىشى تارتىشتىن ياكى كەمچەنلەشتىن باش تارتمايدۇ. بىزنىڭچە، تەخمىن بىلەن ياكى ساناش بىلەن سېتىلغان يېمەك ـ ئىچمەك بىلەن كەمچەنلەپ ياكى تارتىپ سېتىلغان يېمەك-ئىچمەك ئوخشاشتۇر[12].
ئەسلىدە بۇغداي كەمچەن بىلەن كەمچەنلەپ ئېلىپ ـ سېتىلىدۇ. كەمچەن بىلەن كەمچەنلىنىپ ئېلىپ ـ سېتىلىدىغان نەرسىنى ئۆز ئوخشىشىغا ھەر ئىككى بەدەلنى تارتىپ ياكى بىرىنى تارتىپ، يەنە بىرىنى كەمچەنلەپ سېتىشقا بولمايدۇ[13].
2- ئەينى جىنستىن بولغان ماللارنى تېگىشىش
ئۆسۈم ئىللىتىگە (يەنى پۇل بولۇش ياكى تائام بولۇش ئالاھىدىلىكىگە) ئىگە بولغان ئىككى مال يا ئالتۇن بىلەن ئالتۇن، بۇغداي بىلەن بۇغداي بولغاندەك ئەينى جىنستىن بولىدۇ، ياكى ئالتۇن بىلەن كۈمۈش، بۇغداي بىلەن ئارپا بولغاندەك پەرقلىق جىنسلاردىن بولىدۇ.
ئەينى جىنستىن بولغان ئىككى مال بىر-بىرى بىلەن تېگىشتۈرۈلمەكچى بولغاندا ھۇلۇل، مۇماسەلەت ۋە تەقابۇزدىن ئىبارەت بولغان ئۈچ شەرتكە رىئايە قىلىش كېرەك بولىدۇ.
ھۇلۇل تېگىشتۈرۈلىدىغان ئىككى مالنىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن يەرگە  ھازىر قىلىنىشى، دېمەكتۇر. ئۇلارنىڭ بىرى ئۇ يەرگە كېلىشىم تۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن كەلتۈرۈلسە بولمايدۇ. كېلىشىم تۈزگۈچى تەرەپلەر كېلىشىم سورۇنىدىن تېخى ئايرىلمىغان بولسىمۇ بولمايدۇ.
مۇماسەلەت بەدەللەرنىڭ ئوخشاش مىقداردا بولۇشى ۋە بۇنىڭ بىلىنىشى، دېمەكتۇر. ساھابىلەرنىڭ بەزىسى باشتا بۇنىڭغا قارشى چىققان ئىدى، لېكىن ئۇ مۇخالىپلىق تۈگەپ ئاخىرى بۇ توغرىدا ئىجما ھاسىل بولغان[14].
ھۆل خورمىغا ھۆل ياكى قۇرۇق خورما ئېلىشقا بولمايدۇ. شۇنىڭدەك، ھۆل ئۈزۈمگە ھۆل ياكى قۇرۇق ئۈزۈم ئېلىشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى بۇلاردا مۇماسەلەتنى تولۇق بەلگىلىگىلى بولمايدۇ. ئۇننى، تالقاننى ۋە ناننى ئۆزىنىڭ ئوخشىشى بىلەن تېگىشىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا يۇمشاقلىق پەرقى بار، نانلارنىڭ ئۈستىدە ئوتنىڭ تەسىرى پەرقلىق، بۇ سەۋەبتىن ئۇلاردا مۇماسەلەتنى تولۇق بەلگىلىگىلى بولمايدۇ[15].
تەقابۇز ـ ساتقۇچى بىلەن ئالغۇچىنىڭ سودىنى نەقمۇنەق قىلىشىشى، يەنى ساتقۇچىنىڭ پۇلنى، ئالغۇچىنىڭ مالنى سودا قىلىشقان جايدىن ئايرىلىپ كېتىشتىن ئىلگىرى ھەقىقىي مەنىدە تاپشۇرۇۋېلىشى، دېمەكتۇر. ئىمام شافىئىي مۇنداق دەيدۇ: «بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولسىمۇ ۋە ئىسىملىرىدە يۇقىرى-تۆۋەنلىك بولسىمۇ پۈتۈن بۇغدايلار بىر جىنستۇر. مەسىلەن: ئالتۇنلارمۇ پەرقلىق بولىدۇ، ئىسملىرىدە يۇقىرى-تۆۋەنلىك بولىدۇ، لېكىن ئالتۇننى ئالتۇنغا سېتىشقا بولمايدۇ، پەقەت مىسلى مىسلىگە، ۋەزنى ۋەزنىگە ۋە قولدىن قولغا بولغاندىلا سېتىشقا بولىدۇ»[16].
3- پەرقلىق جىنستىن بولغان ماللارنى تېگىشىش
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، بۇغدايغا بۇغداي، ئارپىغا ئارپا، خورمىغا خورما ۋە تۇزغا تۇزنى ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا، تەڭمۇتەڭ، قولدىن قولغا (نەقمۇنەق) سېتىشقا بولىدۇ. تۈرلەر پەرقلىق بولسا نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ».[17]
ھەدىستىكى «نەقمۇنەق» بولۇش شەرتى تەقابۇزنى كۆرسىتىدۇ. تەقابۇزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن ھۇلۇل بولۇشى كېرەك. «مۇسلىم»دا «ئەينەن بىئەينىن– نەقكە نەق» دېگەن ئىپادە قەيت قىلىنغان. بۇ ھۇلۇلنىڭ شەرت ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مۇماسەلەت بولسا پەقەت ئەينى جىنستىن بولغان ماللارنى تېگىشكەندە شەرت قىلىنىدۇ.
تېگىشتۈرۈلمەكچى بولغان ئىككى مالدا ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى تېپىلمىسا يەنى ئۇلار تائام ياكى ئالتۇن-كۈمۈش بولمىسا، ئۇلارنىڭ ئېلىم-سېتىمىدا يۇقىرىدىكى ئۈچ شەرت تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئالتۇنغا بۇغداي ياكى رەخت ئېلىش، ھايۋانغا ھايۋان ئېلىش مۇشۇنداقتۇر. بۇ خىل ئەھۋالدا ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى خالىغانچە ئىش قىلسا بولىدۇ[18].
 
4- ئۆسۈمنىڭ تۈرلىرى
شافىئىيلار ھەنەفىيلەرگە ئوخشاش ئۆسۈمگە ئېنىقلىما بەرگەندە قەرزدىن كىرىم قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسىگە ئورۇن بەرمىگەن. ئىمام شافىئىي ئۈچ تۈرلۈك ئۆسۈم توغرىسىدا گەپ قىلىدۇ: رىبا يەد، رىبا فەدل ۋە رىبەننەسىئە.
ئا- رىبا يەد
بۇ نەق مۇئامىلە ئۆسۈمى بولۇپ، ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى (سەۋەبى) تېپىلىدىغان ئىككى مالنى تېگىشكەندە تەرەپلەردىن بىرىنىڭ ئۆز مېلىنى تاپشۇرۇپ بېرىپ يەنە بىر مالنى تاپشۇرۇپ ئالماستىن سودا مەيدانىدىن ئايرىلىپ كېتىشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلەن: بۇغداي بېرىپ ئارپا ئالغان كىشى، ئارپىنى تاپشۇرۇۋالماستىن سودا مەيدانىدىن ئايرىلسا، بۇ يەردە رىبا يەد مەيدانغا كېلىدۇ. ئىمام شافىئىي مۇنداق دەيدۇ: «بۇغداينى ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ۋە قولدىن قولغا سېتىشنىڭ بىر زىيىنى يوق. لېكىن سودىلاشقۇچى تەرەپلەر ماللارنى بىر-بىرىدىن تاپشۇرۇۋېلىشماستىن سودا مەيدانىدىن ئايرىلسا بولمايدۇ. ئەگەر ئايرىلسا بۇ سودا خۇددى ئالتۇنغا ئالتۇن سودىسىدا بولغاندەك كۈچكە ئىگە بولمايدۇ»[19]. چۈنكى ئۇ رىبا يەد بولىدۇ.
ئە- رەبا فەدل
بۇ ھەنەفىيلەر رىبەلفەدل دېگەن نەرسە بولۇپ، ئۆسۈم ئىللىتىگە ئىگە بولغان بىر مالنى ئۆز جىنسىغا تېگىشكەندە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. مەسىلەن: بۇ يىلنىڭ بۇغدىيىنى، ئۆتكەن يىلنىڭ بۇغدىيىغا تېگىشكەندە بەدەللەردىن بىرى ئارتۇق بولسا رىبەلفەدل مەيدانغا كېلىدۇ. ئىمام شافىئىي بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«كەمچىنى بىر دىنار بولغان سۈپەتلىك بۇغداينى كەمچىنى بىر دىنارنىڭ ئالتىدىن بىرى بولمايدىغان ناچار بۇغدايغا، يېڭى بۇغداينى كونا بۇغدايغا، ئاق سۈزۈك بۇغداينى قارا سەت بۇغدايغا، مىسلى مىسلىگە (ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا)، كەمچىنى كەمچەنگە ۋە قولدىن قولغا بولۇش، شۇنداقلا سودىلاشقۇچى تەرەپلەر ماللىرىنى تاپشۇرۇۋالماستىن سودا مەيدانىدىن ئايرىلماسلىق شەرتى بىلەن تېگىشىشكە بولىدۇ»[20].
قەرز ئۆسۈمى بۇ خىل ئۆسۈمدىن يەنى رىبالفەدلدىن ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئۆسۈم قەرز مۇئامىلىسىدە قەرز بەرگۈچىگە بىر مەنپەئەتنىڭ شەرت قىلىنىشى بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ. مانا بۇ جاھىلىيەت ئۆسۈمىدۇر. گۆرۈگە قويۇش ۋە كېپىل قىلىشتەك ئىشلار بۇ مەنىدە بىر مەنپەئەت ھېسابلانمايدۇ.
ب- رىبىننەسىئە
بۇ ھەنەفىيلەر رىبەننەسىئە، دېگەن نەرسە بولۇپ، ئۆسۈم ئىللىتىگە ئىگە بولغان بىر مالنى ئۆز جىنسىغا تېگىشكەندە ئۇلارنىڭ بىرىنى كېيىن تاپشۇرۇپ بېرىشنى شەرت قىلىش بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ[21].
ئىمام شافىئىينىڭ ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بەزى كۆزقارىشى مۇنداق:
مىسلى مىسلىگە (ئوخشىشى ئوخشىشىغا) ۋە قولدىن قولغا بولمىسا سېتىشقا بولمايدىغان ئىككى نەرسىنىڭ بىرىگە باشقا بىر نەرسە قوشۇپ، يەنە بىرىگە سېتىش ياخشى ئەمەس. مەسىلەن: تائامغا تائام بولۇپ قالمىسۇن، دەپ بىر كەمچەن ئەجۋە خورمىسىنىڭ يېنىغا بىر دىرھەم قويۇپ، ئۇلارنى ئىككى كەمچەن ئەجۋە خورمىسىغا سېتىش ياخشى ئەمەس. شۇنىڭدەك، بىر كەمچەن قارا بۇغداي بىلەن بىر دىرھەمنى ئىككى كەمچەن مەھمۇلە بۇغدىيىغا سېتىشمۇ ياخشى ئەمەس[22]. يەنى بۇلار جايىز بولمايدۇ.
تەركىبىدە باشقا ئارىلاشمىسى بولغان ياكى يېنىدا باشقا بىر نەرسە بولغان ئالتۇننى ساپ ئالتۇنغا ئېلىش جايىز ئەمەس. ئالتۇنغا ئارىلاشقان نەرسە ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن ئوخشاشلا جايىز ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز شۇنىڭدىن ئىبارەت: ئالتۇنغا ئالتۇن ساتقاندا ساپ ئالتۇننىڭ مىقدارىنىڭ نامەلۇم بولۇشى ياكى بىرىنىڭ يەنە بىرىدىن ئارتۇق بولۇشى چەكلىنىدۇ (ھارام). كۈمۈشكە كۈمۈش سېتىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، لېكىن ئالتۇن بېرىپ مارجان ئارىلاش كۈمۈش سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. چۈنكى بۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولىدۇ[23].
بىر كىشى سەرراپتىن مەلۇم مىقداردا دىرھەم ئېلىپ، دىرھەملەرنى تاپشۇرۇۋېلىپ ئايرىلغاندىن كېيىن دىرھەملىرىنى ئۇ كىشىگە ئامانەت قويۇپ قويسا بۇنىڭدا بىر گۇناھ يوق[24].
بىر كىشى باشقا بىر كىشىگە دىنار ياكى دىرھەم ئۆتنە بەرسە، ئۆتنە ئالغۇچى ئۆتنىنى قايتۇرۇغاندا بىر ئاز ئارتۇق قايتۇرسا بۇنىڭدىمۇ بىر گۇناھ يوق. بۇ ئىش مەيلى ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن بولسۇن ياكى بولمىسۇن ھۆكۈم ئوخشاش، يەنى گۇناھ يوق.
بىر كىشىنىڭ ئىككىنچى بىر كىشىدە دىرھەم ئېلىشى ۋە ئىككىنچى كىشىنىڭ بىرىنچى كىشىدە دىنار ئېلىشى بولسا، قەرزلەرنىڭ مۇددىتى توشسۇن توشمىسۇن ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىپ ئېلىشلىرىنى قەرزلىرىگە ھېسابلاشسا جايىز بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قەرزنى قەرزگە ساتقانلىقتۇر[25]. مەسىلەن: ئەلىنىڭ ئەھمەتتە 10 دىنار، ئەھمەدنىڭ ئەلىدا 100 دىرھەم ئېلىشى بولسا، ئۇلار ئۆزئارا كېلىشىپ ئېلىشلىرىنى قەرزلىرىگە ھېسابلاشسا بولمايدۇ.  
بىر كىشى بىر دىنار قەرزى بار بىر كىشىگە مەلۇم مىقداردا دىرھەم بەرسە، دىرھەملەر ئۇنىڭ يېنىدا بىرىكىپ بىر دىنار قىممىتىگە يەتكەندىن كېيىن، قەرز بەرگۈچى دىرھەملەرنى قەرزگە ھېسابلىسا ياخشى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قەرزنى قەرزگە تېگىشكەنلىك بولىدۇ[26].
5- شافىئىيلار كۆزقاراشلىرىنىڭ تەنقىدى
شافىئىيلارمۇ ھەنەفىيلەرگە ئوخشاش ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنى ئايرىمىغان، ئۆزلىرىنىڭ جازانىخورلۇق توغرىسىدىكى پىرىنسىپىنى مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك مالنىڭ ئېلىم-سېتىمىنى تۈزەشتۈرىدىغان ھەدىسلەرنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ۋە ئۆزلىرىنىڭچە ئىللەتلەر بەلگىلەپ جازانىخورلۇق بولمىغان نۇرغۇن مۇئامىلىنى جازانىخورلۇق دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. ئۇلارنىڭ پىرىنسىپىدا جازانىخورلۇق چۈشەنگىلى ۋە ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان. چۈنكى ئۇلارمۇ ھەنەفىيلەرگە ئوخشاش مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرگە ۋە ھەدىسلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىغا ئېتىبار بەرمىگەن.
 شافىئىيلارنىڭ كۆزقاراشلىرى ئۆز ئىچىدىمۇ زىتلىق تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلارنىڭچە رىبا كەلىمىسى مۈجمەل يەنى چۈشىنىكسىز بولۇپ، ئۇنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بايان قىلغان[27].
جازانىخورلۇق قۇرئاننىڭ ئەڭ ئېغىر چەكلىمىلىرىدىن بىرى تۇرۇقلۇق، ئۇنى قۇرئاننىڭ ئۆزى بايان قىلماي (ئېنىق چۈشەندۈرمەي)، شۈبھىلەردىن خالىي بولالمىغان ھەدىسلەرنىڭ بايان قىلىشى ئەقىلگە سىغامدۇ؟ ئەمەلىيەت شۇكى، قۇرئان بايان قىلىدۇ، ھەدىسلەر قۇرئاندىكىنى بىزگە كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: 
«ئاللاھ سىلەرگە نېمىنى ھارام قىلغان بولسا ئۇنى ئۆزى سىلەرگە ئۇچۇق بايان قىلدى، لېكىن سىلەر چارىسىزلىقتىن يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا»- ئەنئام 6/119.
ئۇلارنىڭ بايان دېگىنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە تۇز قاتارلىقلارنىڭ ئېلىم-سېتىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلىرىدۇر. بۇ ھەدىسلەر ئۆسۈمگە ئېنىقلىما بەرمەستىن، بەلكىدە ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈم چەكلىمىسىنى ئاياغ ئاستى قىلماقچى بولغانلارنىڭ ئالدىنى توسىدۇ.
ئۇلار ئەگەر «ئۆسۈم پەقەت نېسىدە بولىدۇ»[28]، دېگەن ھەدىسنى ئاساس قىلسا ئىدى، ئايەتلەرگىمۇ بويسۇنغان بولاتتى، شۇنداقلا ئالتە تۈرلۈك مال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنىڭ پەقەت ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا جازانىخورلۇق قىلىشنى توسقانلىقىنى كۆرەلەيتتى. ئىمام شافىئىي نېمىشقا ئۇنداق قىلغانلىقىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
«بىز باشقا ھەدىسلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ‹ئۆسۈم پەقەت نېسىدە بولىدۇ› دېگەن ھەدىسنى تەرك ئەتتۇق ۋە دېدۇقكى، ئۆسۈم ئىككى يەردە: نېسى سودىدا ۋە نەق سودىدا بولىدۇ، چۈنكى ئۆسۈم نەق سودىدا كەمچەن ياكى تارازىدىكى ئارتۇقلۇق بىلەن، نېسى سودىدا مۇددەت ئارتۇقلۇقى بىلەن بولىدۇ. بەزەن مۇددەت بىلەن بىرلىكتە مىقداردىكى ئارتۇقلۇق سەۋەبى بىلەنمۇ بولىدۇ»[29].
يۇقىرىدا شافىئىيلاردىن رۇيانىنىڭ ئۆسۈمگە بەرگەن ئېنىقلىمىسىنىڭ نە قەدەر مۇرەككەپ ۋە چۈشىنىكسىز ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. ئىمام شافىئىينىڭ ئىپادىلىرى شافىئىي مەزھىپىدىكى پىكىر چۇۋالچاقلىقىنىڭ ئۇنىڭغا تايانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
شافىئىيلار ئېيتىدۇكى، «ئۆسۈم چوڭ گۇناھلارنىڭ ئەڭ چوڭىدۇر. ھېچبىر شەرىئەتتە ئۆسۈمنىڭ ھالال قىلىنمىغان. ئاللاھ ئۆز كىتابىدا ئۆسۈم يېگۈچىدىن باشقا بىر گۇناھكارغا جەڭ ئېلان قىلمىغان. ئۆسۈمنىڭ ھاراملىقى تەئەببۇدىيدۇر، ئۆسۈمنىڭ ئىللىتى سۈپىتىدە كۆرۈنگەن ھەر نەرسە ئۇنىڭ ئىللىتى ئەمەس، پەقەت ھېكمىتىدۇر، خالاس»[30].
تەئەببۇدىي ئىللىتى (ئەسل سەۋەبى) بىلىنمىگەن، لېكىن بەندە بولۇشنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئادا قىلىنغان ئەمىر ياكى تەرك ئېتىلگەن چەكلىمە دېمەكتۇر[31]. ئىللىتى بىلىنمىگەن بىر نەرسىگە باشقا نەرسىنى قىياس قىلغىلى بولمايدۇ. لېكىن ئۇلار خۇددى بۇ سۆزنى ھېچ سۆزلىمىگەندەك ئۆسۈم ئۈچۈن تۇئمىيەت (تائام بولۇش) ۋە سەمەنىيەت (پۇل بولۇش)[32] دىن ئىبارەت بولغان ئىككى ئىللەتنى بەلگىلىگەن ۋە پىرىنسىپىنى بۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرغان.
ئى شافىئىيلار! سىلەرنىڭ بۇ مەنتىقىڭلارنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن قىيىن. ئۆسۈمنىڭ ھاراملىقى تەئەببۇدىي بولىدىغان بولسا، بۇ ئىللەتلەرنى نەدىن چىقاردىڭلار؟ ئىللەتلەر بار بولسا نېمىشقا تەئەببۇدىي دەيسىلەر؟ يەنە كېلىپ سىلەر قۇرئان-سۈننەتتە ئىللەت سۈپىتىدە بەلگىلەنمىگەن بىر نەرسىنى ئىللەت ھېسابلاپ ئۆسۈمنى مۇناسىۋەتسىز بىر ساھەگە تارتىپ ئاپىرىسىلەر! چۈنكى سىلەر بۇ ھالىتىڭلار بىلەن جازانىخورلۇق بولمىغان نۇرغۇن مۇئامىلىلەرنى جازانىخورلۇققا، جازانىخورلۇق بولغان نۇرغۇن مۇئامىلىلەرنى ھالالخورلۇققا ئايلاندۇرىسىلەر.
ئۇلار ئۆسۈم ئىللىتى، دەپ ھېسابلىغان نەرسىلەرنىڭ بىرى تۇئم (يەنى ئىنسان يېمەكلىكى) بولۇشتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى ئىنسان يېمەكلىكى بولغان ياكى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ئورتاق يېمەكلىكى بولغان ھەر نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىدۇر، يەنى ئىنسان يېمەكلىكى ياكى ئىنسان بىلەن ھايۋاننىڭ ئورتاق يېمەكلىكى بولغان ھەر نەرسە ئۆسۈمگە ماۋزۇ بولىدۇ[33]. دورىلارمۇ شۇ قاتاردا ھېسابلىنىدۇ[34].
شۇنىڭ ئۈچۈن تۇئم (يېمەكلىك) بولغان ئىككى مال ئەينى جىنستىن بولسا، مەسىلەن: ئەجۋە خورمىسىغا باشقا بىر خىلدىكى خورما سېتىۋېلىنماقچى بولسا، ھەر ئىككى خورمىنىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن يەرگە كەلتۈرۈلگەن بولۇشى، ھەر ئىككىسىنىڭ ئەينى كەمچەندە بولۇشى ۋە تەرەپلەرنىڭ ئايرىلماستىن ماللىرىنى بىر-بىرىدىن ھەقىقىي مەنىدە تاپشۇرۇۋېلىشى لازىم، بولمىسا بۇ مۇئامىلە جازانىخورلۇق مۇئامىلىسى بولىدۇ[35]. خورمىلارنىڭ بىرى ھۆل، يەنە بىرى قۇرۇق بولسا يەنە شۇنداق جازانىخورلۇق بولىدۇ[36].
بىز ھەنەفىيلەرگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن نەقىل قىلغان ئەرىييە ھەدىسىنى بۇ يەردىمۇ تەكرارلاش كېرەك: زەيد ئىبىن سابىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ھۆل خورمىنى قۇرۇق خورما بىلەن تېگىشىشنى چەكلىگەندىن كېيىن ئائىلىسىگە يېگۈزۈش ئۈچۈن دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل خورمىنى يەردىكى ھۆل ياكى قۇرۇق خورمىغا تېگىشىشكە رۇخسەت قىلغان[37]. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) نە تېگىشىشنىڭ نەق بولۇشىنى، نە مىقدارلارنىڭ تەڭ بولۇشىنى شەرت قىلمىغان. شافىئىيلارنىڭ كۆزقارىشىچە بۇنىڭ ئۆسۈم مۇئامىلىسى بولۇشى لازىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ رۇخسەت قىلغانلىقىغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئۆسۈم مۇئامىلىسى توغرىسىدىكى پرىنسىپىىدا خاتالىق بار. ئۇلارنىڭ بۇنى بايقىشى كېرەك ئىدى.
شافئىيلار ئەگەر مەسىلىنى ئېلىم-سېتىم دائىرىدە ئەمەس، ئۆسۈملۈك قەرز دائىرىسىدە تەھلىل قىلسا ئىدى، مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىنىڭ ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈملۈك قەرزنى مەنئى قىلغانلىقىنى كۆرگەن بولاتتى.
ئائىلىسىگە يېگۈزۈش ئۈچۈن دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل خورمىنى يەردىكى ھۆل ياكى قۇرۇق خورما بىلەن تېگىشكەن كىشىنىڭ بۇ ئىشنى ئۆسۈملۈك قەرزگە ۋاسىتە قىلىشى تەسەۋۋۇر قىلىنمايدۇ. بۇ سەۋەبتىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ كىشىگە رۇخسەت بەرگەن.
شافئىيلار ئۆزلىرىنىڭ جازانىخورلۇق پىرىنسىپى بىلەن ھاياتنى ياشىغىلى بولمايدىغان ھالغا كەلتۈرگەن. مەسىلەن: بۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە، ئۇننى، تالقاننى ۋە ناننى ئۆز ئوخشىشىغا ياكى ئەسلىگە تېگىشىشكە بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا يۇمشاقلىق پەرقى بار، نانلارنىڭ ئۈستىدە ئوتنىڭ تەسىرى پەرقلىق. بۇ سەۋەبتىن ئۇلاردا مۇماسەلەتنى تولۇق بەلگىلىگىلى بولمايدۇ[38]. بۇلارنىڭ جازانىخورلۇق بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟
پەرقلىق ئىككى تائام (يېمەكلىك)نى تېگىشكەندە ئۇلارنىڭ سودا كېلىشىمى تۈزۈلگەن يەردە نەق بولۇشى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ ئۇ يەردىن ئايرىلماستىن ماللىرىنى تاپشۇرۇۋېلىشى كېرەك، بولمىسا جازانىخورلۇق مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن، چارۋىچىلىق بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقان بىر كىشى باغۋەنچىلىك قىلىۋاتقان قوشنىسىدىن كېيىن بېرىدىغان سۈت، قېتىق، پىشلاق ۋە ھاكازا بەدىلىگە نەق مېۋە ئالالمايدۇ، ئالسا جازانىخورلۇق بولىدۇ. بۇ ئاللاھ ھالال قىلغان ئېلىم-سېتىمنى جازانىخورلۇق ۋە ھارام، دەپ ھېسابلىغانلىقتىن باشقا بىر مەنىگە كەلمەيدۇ[39].
شافىئىيلارنىڭ ئىككىنچى ئۆسۈم ئىللىتى سەمەنىيەت يەنى پۇل بولۇش ئالاھىدىلىكىدۇر. ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە بۇ ئالاھىدىلىك پەقەت ئالتۇن ۋە كۈمۈشتە بار. باشقا پۇللار بازاردا ئايلىنىۋاتقان بولسىمۇ ئۇ قاتارغا كىرمەيدۇ[40].
ئۇنداق بولسا، بۈگۈنكى بانكىلار ئىنسانلارغا قەرز بەرگەندە قەرز ياكى كرېدىت، دېگەن سۆزلەرنى ئەمەس، «ساتماق» دېگەن سۆزنى ئىشلەتسە شافىئىيلارنىڭ كۆزقارىشىچە جازانىخورلۇق قىلغان بولمايدۇ. يەنى 100.000 لىرانى %15 ئۆسۈم بىلەن بىر يىللىق قەرز بەردىم، دېسە جازانىخورلۇق بولىدۇ، چۈنكى بۇ مەنپەئەت كەلتۈرگەن قەرزدۇر. ئەمما ئۇنداق دېمەي 100.000 لىرانى 115.000 لىراغا بىر يىللىق نېسى ساتتىم، دېسە جايىز بولىدۇ. بۇ نېمىدېگەن چوڭ خاتالىقتۇر!

[1]– ئابدۇلۋاھىد ئىبىن ئىسمائىل رۇيانى (ۋاپاتى: 502/1108)، تەبەرىستان ۋە رۇيان قازىلىقىنى قىلغان. ئەلبەھر ناملىق بىر ئەسىرى بار.- (خەيرۇددىن قارامان، باشلانغۇچتىن زامانىمىزغا قەدەر ئىسلام ھوقۇقى تارىخى، ئىستانبۇل، 1975، 139- بەت).

[2]– ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى (909-974 ھ/1504-1567 م)، تۇھفەتۇل موھتاج فى شەرھىل مىنھاج 4/272.

[3]– ئىمام شافىئىي، مۇھەممەد ئىبىن ئىدرىس (ۋاپاتى: 204)، ئەلئۇمم، 3- جىلد، بېيرۇت، 1413/1993، 29- بەت.

[4]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 93 (1592).

[5]ئىبىن ھەجەر ھەيتەمى (909-974 ھ/1504-1567 م)، تۇھفەتۇل موھتاج فى شەرھىل مىنھاج 4/276.

[6]– ھىدايە ۋە فەتھۇلقەدىر، 6/5-6. بۇلار ھەنەفىي مەزھىپىنىڭ فىقىھ كىتابلىرىدۇر، لېكىن بۇ ئىزاھلار ھەم قانائەتلىنەرلىك بولغانلىقى ھەمدە شافىئىي مەزھىپىنىڭ كۆزقارىشىنى توغرا شەكىلدە نەقىل قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىندى.  

[7]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم 3/25.

[8]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/276-277.

[9]ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم 3/25.

[10]ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/279.

[11]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/278.

[12]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/25.

[13]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/27.

[14]– بۇ يەردە ئابدۇللاھ ئىبىن ئابباس (ر.ز) نىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى مەلۇم. ئۇنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆزقارىشى «ساھابىلەرنىڭ جازانىخورلۇق چۈشەنچىسى» دېگەن سەرلەۋھە ئاستىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

[15]ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/281. ئەرىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئىمام شافىئىينىڭ بۇ يەكۈنىنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ.

[16]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/27.

[17]مۇسلىم، مۇساقات 81 (1583.

[18]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/273-، 274 ۋە 279- بەتلەر.

[19]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/27.

[20]ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/28.

[21]ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/272-، 273.

[22]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/28.

[23]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/28-39.

[24]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/39.

[25]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/40.

[26]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/41.

[27]– فەخرۇررازى ئىسمى يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر 7/99.

[28]بۇخارى، بۇيۇئ 79؛ مۇسلىم، مۇساقات 101 (1596).

[29]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/25.

[30]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/272-، 278.

[31]– قاراڭ: شىرۋانى، تۇھفەتۇلمۇھتاج ھاشىيەسى 4/272، رىبا بابىنىڭ بېشى.

[32]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/273.

[33]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/25.

[34]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/276-277.

[35]– ئىمام شافىئىي، ئەلئۇمم، 3/27.

[36]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/281.

[37]– بۇخارى، بۇيۇئ 82.

[38]ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/281. ئەرىيە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىس ئىمام شافىئىينىڭ بۇ يەكۈنىنى بىكار قىلىپ تاشلايدۇ.

[39]– ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/273-274 ۋە 279.

[40]ئىبىن ھەجەر، يۇقىرىدا زىكىر قىلىنغان ئەسەر، 4/279.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ