باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ھەنەفىي، شافىئىي، مالىكى ۋە ھەنبەلىي مەزھەپلىرى جازانىخورلۇقنىڭ دائىرىسىنى قىياس يولى بىلەن كېڭەيتىدۇ. سەرەخسى بۇنى مۇنداق بايان قىلىدۇ:
بۈيۈك فەقىھلەر، قىياستىن مەنئى قىلىدىغان بىر دەلىل بولمىسىلا نەسلەرگە قىياس قىلىشنى قوبۇل قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆسۈم مەسىلىسىدە قىياس قىلىشنىڭ جايىز بولغانلىقىغا دائىر دەلىل بار. چۈنكى مالىك ئىبىن ئەنەس بىلەن ئىسھاق ئىبىن ئىبراھىم ھەنزەلى ئۆسۈم ھەققىدىكى ھەدىسنى رىۋايەت قىلىپ ئاخىرىدا مۇنداق دېگەن: «مۇئامىلىسى كەمچەنلەش ۋە تارتىش بىلەن بولىدىغان ھەر نەرسە مۇشۇنداقتۇر». بۇ ئىپادە ھەدىستىكى ئۆسۈم ھۆكمىنىڭ باشقا ماللارغىمۇ ئۆتىدىغانلىقىنىنىڭ ئوچۇق دەلىلىدۇر. ئابدۇللاھ ئىبىن ئۆمەر (ر.ز) رىۋايەت قىلغان ھەدىستە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ: «بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە، بىر سا[1]نى ئىككى ساغا ساتماڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ ئۆسۈمگە كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن». رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بۇ يەردە سانىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكىدە مۇئامىلىسى سا بىلەن ئېلىپ-بېرىلدىغان ماللارنى مەقسەت قىلغان. مەسىلەن: بىر كىشى بىر كىشىگە: «شۇ سانى ئال» دېسە، «ئىچىدىكى نەرسىنى ئال» دېيىشنى مەقسەت قىلىدۇ. «پالانىغا بىر سا سوغات قىلدىم» دېسە ئۇ مىقداردا بىر ئاشلىقنى مەقسەت قىلىدۇ.
بىر كۈنى خەيبەرنىڭ ۋالىيسى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا جەنىب خورمىسى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «خەيبەرنىڭ پۈتۈن خورمىلىرى مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ۋالىي: «ياق، يارەسۇلەللاھ! ئەجۋىدىن ئىككى سا بېرىپ بۇنىڭدىن بىر سا ئالدىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:
«جازانە قىلىپسەن! سەن خورماڭنى سېتىپ بەدىلىگە باشقا خورما ئالساڭچۇ!». ئاندىن: «مىزان مانا مۇشۇنداقتۇر[2]». يەنى مۇئامىلىسى جىڭ/تارازا بىلەن تارتىپ قىلىنىدىغان نەرسىمۇ مۇشۇنداقتۇر. بۇ ھەدىسلەر دالالەت قىلىدۇكى، ئالتە تۈرلۈك مال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم باشقا ماللارغىمۇ ئۆتىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەدىستە «ئېلىم-بېرىمىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدىغان مال ئالتىدۇر» دەپ بىر ئىپادە يوق. ھەدىستە پەقەت مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك مال بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈم ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنداقتا مەزكۇر ماللاردا ھۆكۈم ئاساسلانغان ئىللەتنى (سەۋەبنى) تېپىپ چىقىشقا تىرىشىش، ئۇ ماللارنىڭ ھۆكمىنى يوق قىلىۋەتمەيدۇ. مانا بۇ سەۋەبتىن بىز قىياس قىلىشنى توغرا، دەپ قارىدۇق (يەنى ھەدىستە زىكىر قىلىنغان ئالتە تۈرلۈك ماللاردىكى ھۆكۈمنى قىياس قىلىش يولى بىلەن باشقا ماللاغىمۇ تەتبىقلاشنى جايىز كۆردۇق). ھەدىستە مەخسۇس ئۇ ئالتە تۈرلۈك مالنىڭ زىكىر قىلىنىشى ئۇ دەۋردە مۇئامىلىلەرنىڭ تولىسى بۇ ئالتە تۈرلۈك مال بىلەن بولغانلىقى ئۈچۈندۇر، خالاس[3].
سەرەخسىنىڭ دەلىللىرى بۇ ھەقتە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. قولىمىزدىكى ھەدىس مەنبەلىرىدە ئىسھاق ئىبىن ئىسا ھەنزەلىنىڭ «مۇئامىلىسى كەمچەنلەش بىلەن ۋە تارتىش بىلەن بولىدىغان ماللارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقتۇر» ئىپادىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر رىۋايەت بارلىقىغا دائىر بىر مەلۇمات يوق. مالىك ئىبىن ئەنەسنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ ئىپادە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەمەس، سەئىد ئىبىن مۇسەيەييەبنىڭ سۆزىدۇر»[4].
دارەقۇتنى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
بۇ ھەدىس مۇرسەلدۇر. مۇبارەك، مالىك بۇ ھەدىسنىڭ سەنەدىنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغىچە يەتكۈزدى، دەپ خاتالاشتى. بۇ پەقەت سەئىد ئىبىن مۇسەييەبنىڭ سۆزىدۇر[5].
«مىزان مانا مۇشۇنداقتۇر» دېگەن ئىپادىگە كەلسەك، بەيھەقى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
«بۇ ئىپادە پەقەت مۇسلىمدە زىكىر قىلىنىدۇ. ھالبۇكى، ئەينى ھەدىسنى بۇخارى، ئابدۇلئەزىز دەراۋەردى ۋە قەتادە قاتارلىقلارمۇ رىۋايەت قىلغان، لېكىن ئۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە بۇ ئىپادە يوقتۇر.
بەيھەقى مەلۇم بىر زاماندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سۆزنىڭ ئەبۇ سەئىد خۇدرىگە ئائىت ئىكەنلىكى ئېيتىلىدۇ»[6].
بۇ ئىپادە رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا ئائىت بولغان تەقدىردىمۇ ئۇ ھەدىستە سەرەخسى ئېيتقاندەك «مۇئامىلىسى تارتىش بىلەن ئېلىپ ـ بېرىلىدىغان نەرسە[7]» دېگەن مەنىنى ئىپادىلىمەيدۇ. چۈنكى مىزان دېگەن سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى تارازا دېمەكتۇر. بۇ سۆز تارتىش ئەسۋابى، ئادالەت،  تەڭلەشمەك ۋە كۈندۈزنىڭ ئوتتۇرىسى دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ[8].
بۇ يەردە «مىزان مۇشۇنداقتۇر» دېگەن ئىپادىنىڭ مەنىسى «ئادالەت مۇشۇنداقتۇر، تەڭپۇڭلۇقنى بەرپا قىلىش مۇشۇنداقتۇر» دېگەن شەكىلدە بولۇشى لازىم. چۈنكى خەيبەرنىڭ خورمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەدىستە مۇئامىلىسى جىڭ/تارازا تارتىپ قىلىنىدىغان مال ھەققىدە ئەمەس، مۇئامىلىسى كەمچەن بىلەن كەمچەنلەش ئارقىلىق قىلىنىدىغان خورما ھەققىدە سۆز قىلىنماقتا. سەرەخسىنىڭ «پالانىغا بىر سا ھەدىيە قىلدىم دېيىلسە، ئۇ مىقداردا بىر تائام مەقسەت قىلىنىدۇ[9]» دېگەن ئىپادىسىدىكى «تائام» كەلىمىسىنى پۈتۈن يېمەكلىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدىغان بىر مەنىگە ئاپىرىشمۇ توغرا ئەمەس. چۈنكى ھىجاز رايونىدا «تائام» دېيىلسە بۇغداي چۈشىنىلىدۇ[10]. شۇڭلاشقا «بىر سانى ئىككى ساغا ساتماڭلار» دېگەن ھەدىسنى «بىر سا بۇغداينى ئىككى سا بۇغدايغا ساتماڭلار» دەپ چۈشىنىش لازىم. باشقا بىر ھەدىستە ئۆتكەن «ئۇ چاغدا تائامىمىز ئارپا ئىدى»[11] دېگەن ئىپادە تائام كەلىمىسىنىڭ ئارپا مەنىسىدىمۇ ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئارپا ۋە بۇغداي، بەزى مۇئامىلىسىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدىغان ئالتە تۈرلۈك مالنىڭ ئىچىدە بار.
مەزھەپلەر، بەزى مۇئامىلىلىرىدە ئۆسۈم مەيدانغا كېلىدىغان ئالتە تۈرلۈك مالنى ئوخشاش بولمىغان مەنىلەردە چۈشىنىپ، ئوخشاش بولمىغان ئۆسۈم ئىللەتلىرىنى (سەۋەبلىرىنى) بېكىتىپ چىقىدۇ.

[1]– ھەنەفىيە مەزھىپىدە بىر سا تەقرىبەن ئۈچ كىلو (2.920) ئېغىرلىقىدا ئارپا ياكى بۇغداي سىغىدىغان بىر ئۆلچەم قاچىسىدۇر.

[2]– بۇ ھەدىس سەھىھ مۇسلىمدە مۇنداق: خەيبەر ۋالىيسى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا جەنىب خورمىسى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «خەيبەرنىڭ پۈتۈن خورمىلىرى مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ۋالىي: «ياق، ۋەللاھى، يارەسۇلەللاھ! باشقا خۇرمىلاردىن ئىككى سا بېرىپ بۇنىڭدىن بىر سا ئالدىن» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى: «ئۇنداق قىلماڭلار، لېكىن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا قىلساڭلار بولىدۇ. ياكى ئۇنى سېتىپ پۇلىغا بۇنىڭدىن ئېلىڭلار. مىزان مانا مۇشۇنداقتۇر»- مۇساقات 94 (1593).

[3]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت 7/112-113.

[4]– ئىمام مالىك، مۇۋەتتا، بۇيۇئ 16/37.

[5]– ئەلى ئىبىن ئۆمەر دارەقۇتنى (306/385 ھ)، سۇنەنۇدارەقۇتنى، مەدىنە، 1386 ھ/1966 م، 3، 13، بۇيۇئ 39.

[6]– ھەدىس بىر پۈتۈن ھالدا مۇنداق: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئەدىييە ئەنسارىنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنى خەيبەرگە ۋالىي قىلغان ئىدى، بىر كۈنى  بۇ ۋالىي رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا جەنىب دەپ ئاتىلىدىغان خورمىدىن بىر مىقدار ئېلىپ كەلدى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «خەيبەرنىڭ خورمىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ۋالىي : «ياق، ۋەللاھى، يا رەسۇلەللاھ! بۇنىڭ بىر سائىنى يىغىلغان خورمىلاردىن ئىككى سائغا ئالىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) : «ئۇنداق قىلماڭلار، لېكىن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا قىلساڭلار ياكى بۇنى سېتىپ بەدىلىگە ئۇنىڭدىن ئالساڭلار بولىدۇ. مىزان مۇشۇنداقتۇر» دېدى.- بەيھەقى، ئەبۇ بەكىر ئەھمەد ئىبىن ھۇسەين ئىبىن ئەلى (ۋاپاتى: 408 ھ)، ئەسسۇنەنۇلكۇبرا، جىمائۇ ئەبۋابىررىبا، لۇبنان، 1413/1992، 5/285-286.   

[7]– سەرەخسى، مەزكۇر ئەسەر، 7/113.

[8]– ئىبىن مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب، وزن ماددىسى.

[9]– سەرەخسى، مەزكۇر ئەسەر، 7/112.

[10]– تاجۇلئەرۇس دېگەن سۆزلۈك كىتابىدا، تائام كەلىمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ مەلۇماتلار زىكىر قىلىنىدۇ: ھىجاز خەلقى باش-ئاخىرىغا بىر سۆز قوشماي «تائام» دېسە، ئۇنىڭدىن بۇغداينى مەقسەت قىلىدۇ. ئەبۇ سەئىدنىڭ سەدىقە فىترە توغرىسىدا: «تائامدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا…» دېگەن سۆزى بۇ شەكىلدە ئىزاھلانغان.- مۇھەممەد مۇستەفا زەبىدى، تاجۇلئەرۇس، تائام ماددىسى.    

[11]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 93.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ