باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ئاللاھ تائالا ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلدى (بەقەرە 2/275). ئېلىم-سېتىم باشقا، جازانىخورلۇق باشقىدۇر. قىممىتى 100 لىرا بولغان بىر مالنى بىر ئاي قەرەللىك 101 لىراغا ساتقان كىشى بىر ئاي كېيىن سېتىۋالغان كىشىدىن ئۇ مالنى تەلەپ قىلالمايدۇ. ئۇ پەقەت 101 لىرانى تەلەپ قىلىدۇ، بۇ 101 لىرا ئۇ مالنىڭ بەدىلىدۇر. سېتىلغان مالنىڭ باھاسى بىر ئاي كېيىن چۈشۈپ كېتىشىمۇ ياكى ئۆسۈپ كېتىشىمۇ مۇمكىن ، لېكىن بۇخىل ئەھۋال مال ساتقۇچى بىلەن سېتىۋالغۇچى ئوتتۇرىسىكى تىجارەت كېلىشىمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. ساتقۇچى ئۇ مالنىڭ ئوخشىشىنى بىر ئاي كېيىن 101 لىرادىن ئەزان باھادا ئالالىسا پايدا تاپقان بولىدۇ. ئەگەر 101 لىراغا ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بىر باھادا ئالسا، پايدىدىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس. ئايەتتە: «ئېلىم-سېتىم خۇددى ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە ئوخشاشتۇر» دېگۈچىلەرگە قىلىنغان تەھدىت، بۇ ئىككى مۇئامىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى ئوچۇق-ئاشكارا كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لاَ يَقُومُونَ إِلاَّ كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُواْ إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا﴾
«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاش›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان»- بەقەرە 2/275.
ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنىڭ پەرقلىق بولۇشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. كۈنىمىزدە جازانىخور بانكىلار تىجارەت قىلالمايدۇ (تىجارەت قىلىشى چەكلىنىدۇ). ئۇلار پەقەت كىرېدىت (ئۆسۈملۈك قەرز) بېرەلەيدۇ، خالاس. ئەگەر تىجارەت بىلەن جازانىخورلۇق ئوخشاش بولسا ئىدى، ئۇ بانكىلارغا تىجارەت قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەن بولاتتى. ئۆز پرىنسىپى بويىچە ئىش قىلىدىغان جازانىخور ئەمەس بانكىلار بىلەن جازانىخور بانكىلار ئوتتۇرىسىدىكى بىردىنبىر پەرق مانا بۇنىڭدىن ئىبارەتتۇر. ئۇلارنىڭ بىرى تىجارەت قىلىپ، يەنە بىرى جازانىخورلۇق قىلىپ پۇل تاپىدۇ. ئىلگىرى زىكىر قىلىنغان ھەدىسلەردە رەسۇلۇللاھ (ر.س) ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، تۇز ۋە خورمىنىڭ بىر قىسىم سېتىش شەكىللىرىنى جازانىخورلۇق ھېسابلاپ، ئۇلاردىن مەنئى قىلدى. ئۇ ھەدىسلەردىن بىرىنى تەكرار زىكىر قىلايلى:  ئۇبادە ئىبىن سامىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ تِبْرُهَا وَعَيْنُهَا، وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ تِبْرُهَا وَعَيْنُهَا، وَالْبُرُّ بِالْبُرِّ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، فَمَنْ زَادَ أَوِ ازْدَادَ فَقَدْ أَرْبَى، وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الذَّهَبِ، بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ، وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا، وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الْبُرِّ بِالشَّعِيرِ، وَالشَّعِيرُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ، وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا»
«ئالتۇنغا ئالتۇن، نۆكچىسى بولسۇن دىنارى بولسۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، نۆكچىسى بولسۇن دىرھەمى بولسۇن (نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ). بۇغدايغا بۇغداي كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). ئارپىغا ئارپا كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). خورمىغا خورما، كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). تۇزغا تۇز، كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. ئارپىغا بۇغداينى سېتىشتا ئارپىنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ»[1].
1- چەكلىمىنى مەزكۇر ھەدىسلەردىكى ماللار بىلەن چەكلىك، دەپ قارايدىغانلار
بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەر مەزھەپلەرنى ئىككىگە بۆلگەن: بىر قىسىم مەزھەپ ئالىملىرى چەكلىمىنى ھەدىسلەردە زىكىر قىلىنغان ئالتە تۈرلۈك مال بىلەن چەكلىك دەپ قارىغان، بىر قىسمى بولسا بۇ ماللاردا ئۆسۈمگە سەۋەب بولغان خۇسۇسلارنى ئۆزلىرىنىڭچە بېكىتىپ چىقىپ دائىرىنى قىياس[2] يولى بىلەن كېڭەيتكەن. بۇرۇن زىكىر قىلىنغاندەك بۇ ھەدىسلەر ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا ئۆسۈملۈك قەرز ئېلىم-بېرىمى قىلىشتىن توسىدۇ. بۇ توغرىدا قايتا توختىلىمىز.
ئا- ئوسمان بەتتى
قىياسنى دەلىل دەپ قوبۇل قىلىدىغان ئوسمان بەتتى[3] (ۋاپاتى: 145 ھ/760 م) ئۇنى ئۆسۈم مەسىلىسىدە تەتبىقلىمايدۇ. ئۇنىڭچە، قىياس قىلىش ئۈچۈن، قىياسقا ئاساس بولغان ئايەت ياكى ھەدىس (يەنى ئەسل) بەلگىلىگەن ھۆكۈمنىڭ بىر ئىللەتكە (سەۋەبكە) ئاساسلانغانلىقىغا دائىر دەلىل بولۇشى لازىم. بۇ يەردە ئۇنداق بىر دەلىل يوق[4]. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىياس ساننى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ، يەنى ھەدىسلەردە ئالتە تۈرلۈك مال زىكىر قىلىنىدۇ، ئەگەر قىياس قىلىنىدىغان ئىش بولسا سان كۆپىيىدۇ. قەتادە (ۋاپاتى: 117/705)[5] ۋە تائۇس (ۋاپاتى: 106/724)[6] بىلەن ھەنبەلىيلەردىن ئىبىن ئەقىل (ۋاپاتى: 513/1119) لەرنىڭمۇ بۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ[7].
ئوسمان بەتتىنىڭ كۆزقارىشىچە، قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۆسۈم بىلەن ھەدىسلەردىكى ئالتە تۈرلۈك مالنىڭ بەزى سېتىش شەكىللىرىدىن مەيدانغا كەلگەن ئۆسۈمدىن باشقا ئۆسۈم يوق.
ئە- زاھىرى مەزھىپى
زاھىرى مەزھىپى قىياسنى دەلىل دەپ قوبۇل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەت ۋە ھەدىسلەرنىڭ دائىرىسىنى قىياس يولى بىلەن كېڭەيتمەيدۇ. زاھىرى مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىبنى ھەزىم بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:
ئۆسۈم نەق، نېسىي سېتىشتا[8] ۋە قەرزدە مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ ھەقتە ھېچ ئىختىلاپ يوق. نورمال سېتىش ياكى نېسىي سېتىشتا ئۆسۈم پەقەت مەزكۇر ئالتە تۈرلۈك مالدىلا مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇلار خورما، بۇغداي، ئارپا، تۇز ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ئىبارەت[9].
ئىبىن ھەزىم بۇ مەسىلىدە قىياس قىلمىغانلىقىنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:
ئاللاھ تائالا ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغانلىقىغا قارىغاندا ساقلىنىش ئۈچۈن جازانىخورلۇقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىش پەرز بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھ سىلەرگە نېمىنى ھارام قىلغان بولسا ئۇنى ئۆزى سىلەرگە ئۇچۇق بايان قىلدى، لېكىن سىلەر چارىسىزلىقتىن يېيىشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان نەرسە ئۇنىڭدىن مۇستەسنا»- ئەنئام 6/119.
ئاللاھ تائالا ئۆز ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تىلى ئارقىلىق بىزگە «بۇ ئۆسۈم ياكى ھارام» دەپ بايان قىلغان نەرسە ئۆسۈمدۇر، ھارامدۇر. ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلمىغان نەرسە ھالالدۇر. چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ بىر نەرسىنى ھارام قىلىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ ياكى ئەلچىسىنىڭ بايان قىلماسلىقى دەيدىغان بىر نەرسە بولسا ئىدى، ئۇنىڭ مۇنۇ سۆزى يالغان بولاتتى: «ئاللاھ سىلەرگە نېمىنى ھارام قىلغان بولسا ئۇنى ئۆزى سىلەرگە ئۇچۇق بايان قىلدى»- (ئەنئام 6/119)، بۇنى كىم سۆزلىسە ئوچۇق-ئاشكارا كاپىر بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بىر ئەھۋالدا رەسۇلۇللاھمۇ رەببىگە ئاسىيلىق قىلغان بولاتتى، چۈنكى ئاللاھ تائالانىڭ «بايان قىل» دېگەن ئەمرىگە خىلاپلىق قىلغان بولاتتى. بۇنىڭ بولۇش ئېھتىمالىنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ كاپىر بولۇپ كېتىشى قەتئىيدۇر[10].

[1]ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349)؛ نەسائى، بۇيۇئ 4563.

[2]– فەقىھلەرنىڭ چۈشەنچىسىدىكى «قىياس»نىڭ مەنىسى مۇنداق: قىياس (سېىلىشتۇرۇش) شەرىئەت مەنبەلىرىدىن بىرى (قۇرئان، سۈننەت، ئىجمائدىن كېيىنكى تۆتىنچىىس)، قىياستا دەسلەپكى ئىككى مەنبە- قۇرئان ۋە سۈننەتدە بېرىلمىگەن بىرەر ھوقۇقىي مەسىلە ئۇلاردىكى شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە بويىچە بېرىلگەن كۆرسەتمىگە سېلىشتۇرۇش (تەتبىقلاش) يولى بىلەن شەرھىلىنىدۇ.- قىسقىچە ئىسلام لۇغىتى، 132- بەت، (مۇھەررىردىن).

[3]– ئوسمان بەتتى بەسرىلىك فەقىھدۇر، قېلىن كىيىملەرنى سېتىپ تۇرمۇشىنى قامدايتتى، دادىسىنىڭ ئىسمى مۇسلىم ئىدى، ئەسلەم ۋەيا سۇلەيمان ئىكەنلىكىمۇ سۆزلىنىدۇ. ئەسلى كۇفىلىقتۇر. (مۇھەممەد ئىبىن ئەھمەد زەھەبى، سىيەرۇ ئەئلامىننۇبەلا، بېرۇت 1406/1986، 6- جىلد، 148-149- بەتلەر)، ئوسمان بەتتىنىڭ ۋاپات تارىخى ئۈچۈن قاراڭ: خەيرۇددىن قارامان، باشلانغۇچتىن زامانىمىزغا قەدەر ئىسلام ھوقۇق تارىخى، ئىستانبۇل، 1975، 63- بەت.  

[4]– سەرەخسى، مەبسۇت 7/112.

[5]– قەتادە ئىبىن دىئامە تابىئىندىن بولۇپ بەسرىلىك بىر ئالىمدۇر، ئەما تۇغۇلغان، ئەنەس ئىبىن مالىك، ئىبنۇلمۇسەييەب، ھەسەن بەسرى، ئىبىن سىرىن ۋە ئىكرەمە قاتارلىق زاتلاردىن ھەدىس ۋە ئىلىم ئالغان، تەپسىرگە، فىقىھقا ۋە خىلافىيات (مەزھەپلەردىكى ئىختىلاپلارنى تېما قىلغان بىر ئىلىم ساھەسى)قا ئامراق ئىدى.- ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىيە قامۇسى 1/421.

[6]– تائۇس ئىبىن كەيسان تابىئىننىڭ چوڭلىرىدىن ۋە مەشھۇر فەقىھلەردىندۇر. ئەسلى ئىرانلىق بولۇپ، مەككىدە ۋاپات قىلغان.- ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىيە قامۇسى 1/460.

[7]– فەتھۇلقەدىر 7/5.

[8]– بۇ يەردە نېسى دەپ تەرجىمە قىلىنغان سۆز سەلەم دېگەن سۆزدۇر، بۇنىڭ بىلەن ھەدىسلەردىكى ئالتە تۈرلۈك ماللاردىن بىرىنىڭ نەق، بىرىنىڭ نېسىي بولۇشى مەقسەت قىلىنىدۇ. باشقىلار بۇنى رىبەننەسىئە دەپ ئاتايدۇ.  

[9]– ئەلى ئىبىن ھەزم، مۇھەللا 7/402-403.

[10]– ئىبىن ھەزىم، مۇھەللا 7/402-403.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ