باش بەت > تەتقىقاتلار  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
 دىسكونت قىلىش قەرەلى توشماستىن تۆلەش بەدىلىگە قەرزنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرۈپ بېرىش، دېمەكتۇر. ئىلگىرى ساھابە (ر.ز) لەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدۇق، بۇ يەردە فەقىھلەرنىڭ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆزقاراشلىرى بايان قىلىنىدۇ.
1- قەرزنى دىسكونت قىلىش
 بۇ يەردىكى قەرز بىر نەرسىنى سېتىشتىن ياكى ئىجارىگە بېرىشتىن ۋە ياكى بىر ئىش/خىزمەتنى قىلىپ بېرىشتىن مەيدانغا كەلگەن قەرزدۇر. بۇ خىل قەرز تاۋار ئېلىم-سېتىمى ياكى ئىش/خىزمەت كېلىشىمى قىلىشتىن تۇغۇلغان قەرز دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ قەرزلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى سېتىلغان مال ۋە قىلىنغان ئىش/خىزمەتلەرنىڭ باھاسى بېكىتىلگەندە مۇددەت مۇھىم بىر ماددا قىلىپ بەلگىلىنىدۇ.
فەقىھلەرنىڭ زور كۆپچىلىكى قەرزنى مۇددىتىدىن بۇرۇن تۆلەش بەدىلىگە قەرزنىڭ مىقدارىنى كېمەيتىشنى، قەرزنى مۇددىتىدىن كېچىكتۈرۈش بەدىلىگە قەرزنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىشكە ئوخشىتىپ قەرزنى دىسكونت قىلىشنى جازانىخورلۇق قىلغانلىق بولىدۇ، دەپ ھېسابلايدۇ. مەسىلەن: بىر مالنى ئۈچ ئاي قەرەللىك 120 لىراغا سېتىۋالغان كىشى، بىر ئاي كېيىن مالنى ساتقۇچىغا: ـ 110 لىراغا رازى بولساڭ قەرزىڭنى دەرھال تۆلىۋېتەي، ـ دېسە، مالنى ساتقان كىشى بۇنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە قەرزدىن چۈشۈرۈۋېتىلگەن 10 لىرا پۇل قەرزنى كېچىكتۈرۈش بەدىلىگە ئېلىنغان 10 لىراغا ئوخشاشلا ئۆسۈم بولىدۇ.
ئىمام مالىك مۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭچە ئىختىلاپسىز يامان كۆرۈلىدىغان بىر ئىش شۇكى، بىر كىشىنىڭ بىر كىشىدە مۇددىتى توشمىغان بىر ئېلىشى بولۇپ، ئۇنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلەتسە، قەرزدار دەرھال تۆلىسە، بۇ ئىش مۇددىتى توشقان قەرزنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش بەدىلىگە مىقدارىنى كۆپەيتىش بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۆسۈمنىڭ دەل ئۆزى بولىدۇ. بۇنىڭغا شەك يوقتۇر[1].
ھەنەفىيىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆزقارىشى مۇنداق: قەرەللىك مىڭ دىرھەم ئېلىشى بولغان كىشى قەرزدارى بىلەن نەق 500 دىرھەمگە كېلىشسە توغرا بولمايدۇ، چۈنكى نەق نېسىيدىن ياخشى، قەرزنىڭ نەقكە ئۆزگەرتىلىشى ئۇ قەرزنى مەيدانغا كەلتۈرگەن كېلىشىم بىلەن قولغا كەلگەن بىر ھەق بولماستىن، بەلكىدە مۇددەتنى قىسقارتىشنىڭ بەدىلىدۇر، بۇ زامانغا قىممەت بېكىتكەنلىك بولۇپ، پۈتۈنلەي چەكلىنىدۇ[2]، چۈنكى زامان مال ئەمەس[3].
رىبەننەسىئە[4] پەقەت مالنى زامانغا تېگىشكەنلىك شۈبھىسى بولغانلىقتىنلا ھارام قىلىنغان. بۇ مەسىلىدە (قەرزنى دىسكونت قىلىشتا) ئوچۇقتىن-ئوچۇق مالنى زامانغا تېگىشكەنلىك مەيدانغا كەلگەنلىكتىن، بۇ ھارام قىلىنىشقا تېخىمۇ لايىقتۇر[5].
شافىئىي ۋە ھەنبەلىيلەرمۇ قەرزنى دىسكونت قىلىشنى جايىز كۆرمەيدۇ[6].
ھېچ بىر شەرت قوشماستىن قەرزدار قەرزىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسە، قەرز بەرگۈچى كىشىمۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئۇنىڭغا بىر نەرسە بەرسە، بۇ جايىز بولىدۇ. بۇنى پۈتۈن مەزھەپلەر قوبۇل قىلىدۇ.
زاھىرى مەزھىپىمۇ قەرزنى دىسكونت قىلىشنى ئۆسۈم ھېسابلايدۇ. زاھىرى مەزھىپىنىڭ ئاساسچىسى ئىبىن ھەزىمنىڭ بۇ ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى مۇنداق: «قەرزنىڭ قالغان قىسمىنى كەچۈرۈم قىلىش شەرتى بىلەن بىر قىسمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىتىۋېلىش جايىز ئەمەس. ئەگەر بۇنداق ئىش يۈز بەرگەن بولسا، قەرز بەرگۈچىنىڭ ئالغىنىنى قەرزدارغا قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك. چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان بىر شەرتتۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان ھەرقانداق شەرت باتىل (كۈچكە ئىگە ئەمەس)دۇر».
ئەگەر قەرزدار بىر شەرت قوشماستىن قەرزنىڭ بىر قىسىمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسە، ئاندىن ئۇ قەرز بەرگۈچىدىن قەرزنىڭ قېلىپ قالغىنىنى ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تەلەپ قىلسا، قەرز بەرگۈچىمۇ بۇ تەلەپنى قوبۇل قىلسا ياكى قەرزدارنىڭ بىر تەلىپى بولماستىن قەرزنىڭ ھەممىسىنى ياكى بىر قىسمىنى كەچۈرۈۋەتسە جايىز بولىدۇ ۋە ياخشى بولىدۇ، ھەر ئىككى تەرەپكە ئەجىر (ساۋاب) بېرىلىدۇ. چۈنكى بۇ يەردە ھېچقانداق شەرت يوق، لېكىن ئىككى تەرەپتىن بىرى قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەش ئارقىلىق ياخشىلىققا ئالدىرىغان، يەنە بىرى ئۆزىنىڭ ھەققىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشكە ئالدىرىغان بولىدۇ. نەتىجىدە ھەر ئىككىلىسى ياخشىلىق قىلغۇچى كىشىلەر بولىدۇ. ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «ياخشىلىق قىلىڭلار»- (ھەج 22/77)[7].
بىر كىشى بىر مالنى قەرەلى يېتىپ كەلمىگەن ئېلىشىغا ھېسابلاپ، مۇددەتتىن بۇرۇن ئالالايدۇ. ئېلىنغان مالنىڭ قىممىتى ئالىدىغان ئېلىشىدىن ئاز بولسىمۇ بولۇۋېرىدۇ. بۇنى ئىمام مالىك ۋە باشقا پۈتۈن ئالىملار قوبۇل قىلىدۇ[8]. مەسىلەن: بىر كىشىدە 100 لىرا ئېلىشى بولغان كىشى ئۇنىڭ بەدىلىگە 50 لىرالىق بىر مالنى قەرزنىڭ مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئالسا بولىدۇ. بۇ دىسكونت قىلىش دائىرىسىگە كىرمەيدۇ.
ئىبىن قەييىم جەۋزى دىسكونت قىلىشنى جايىز، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭچە، مۇددىتىدىن بۇرۇن تۆلەش بەدىلىگە قەرزنىڭ بىر مىقدارىنى كۆتۈرۈۋېتىش ئۆسۈمنىڭ ئەكسىدۇر. چۈنكى ئۆسۈم مۇددەتنى ئۇزارتىش بەدىلىگە قەرزنى ئارتتۇماقتۇر، دىسكونت بولسا مۇددەتنى قىسقارتىش بەدىلىگە قەرزنى ئازايتماقتۇر. نەتىجىدە ھەر ئىككى تەرەپ پايدىلىنىدۇ. بۇنى ھارام دەپ قارىغۇچىلار ئۆسۈمگە ئوخشىتىدۇ، لېكىن قەرز بەرگۈچىنىڭ قەرزدارغا «قەرزىڭنىڭ مىقدارىنى ئارتتۇغىن ياكى ۋاقتىدا تۆلىگىن» دېگەن سۆزى بىلەن «قەرزىڭنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلە، ساڭا 100نى ھەدىيە قىلىۋېتەي» دېگەن سۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇق پەرقنى كۆرمەستىن كېلىشكە بولمايدۇ. قەرزنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرۈش نەدە، ئارتتۇرۇش نەدە؟ بۇنى ھارام قىلىدىغان نە بىر نەس (ئايەت-ھەدىسنىڭ ئوچۇق ھۆكمى)، نە بىر ئىجمائ، نە بىر قىياس يوقتۇر.
ئىبىن قەييىم بۇ كۆزقاراشنىڭ ئىبىن ئابباسنىڭ كۆزقارىشى ئىكەنلىكىنى، ئەھمەد ئىبىن ھەنبەلدىن كەلگەن ئىككى رىۋايەتتىن بىرىنىڭ مۇشۇ مەنىدە بولغانلىقىنى ۋە ئۇستازى (ئىبىن تەيمىييەنىڭ)مۇ بۇ كۆزقاراشنى قوبۇل قىلغانلىقىنى زىكىر قىلىدۇ[9].
ئىبىن قەييىمنىڭ دېگىنى توغرا. بۇ خىل دىسكونتنى چەكلەيدىغان نە بىر ئايەت، نە ھەدىس يوقتۇر. ئايەت-ھەدىسلەردىكى رىبا (ئۆسۈم) قەرزگە قوشۇلغان ئارتۇقلۇقتتۇر.
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَمَا آتَيْتُم مِّن رِّبًا لِّيَرْبُوَ فِي أَمْوَالِ النَّاسِ فَلَا يَرْبُو عِندَ اللَّهِ﴾
«ئىنسانلارنىڭ ماللىرى ئىچىدە كۆپەيسۇن، دەپ جازانىگە بەرگەن نەرسەڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كۆپەيمەيدۇ»- رۇم 30/39.
﴿يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ﴾
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار»- بەقەرە 2/278.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دەيدۇ:
«كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، ئۆسۈمگە كىرگەن بولىدۇ»[10].
فەقىھلەرنىڭ دېگەنلىرى توغرا: دىسكونت قىلىش قەرەلى توشقان قەرزنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش بەدىلىگە قەرزگە بىر نەرسە قوشۇشقا ئوخشايدۇ. مەسىلەن: مۇددىتىدىن بىر ئاي بۇرۇن تۆلەنگەن قەرزدىن 5% كۆتۈرۈۋېتىش بىلەن بىر ئاي كېيىن تۆلەنگەن قەرزگە 5% قوشۇش ئوتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق بار. بۇنداق بىر ئوخشاشلىق ئېلىم-سېتىم بىلەن ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ئوتتۇرىسىدىمۇ كۆرۈلگەن ۋە «نەق باھاسى 10 لىرا بولغان بىر مالنى بىر ئاي قەرەللىك 11 لىراغا سېتىش ھالال بولىدىغان بولسا، 10 لىرانى بىر ئاي قەرەللىك 11 لىراغا سېتىشمۇ ھالال بولۇشى كېرەك» دېيىلگەن. بۇنىڭ خاتا ئىكەنلىكى يۇقىرىدا بايان قىلىندى. بۇ خىل مەسىلىلەردە ئاساس بولغىنى ئوخشاشلىق ئەمەس، پەرقلىقلىقتۇر. ئايال كىشى بىلەن ئەر كىشىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى پەرق سەۋەبىدىن بىرى ئايال، يەنە بىرى ئەر دېيىلىدۇ. بۇ يەردىمۇ پەرق بار: ئۆسۈم ـ قەرزگە قوشۇشتىن، دىسكونت قەرزدىن چۈشۈرۈشتىن ئىبارەتتۇر. چۈشۈرۈش ئۆسۈم دېيىلمىگەنلىكى ئۈچۈن دىسكونت قىلىشنى ئۆسۈم دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرا بولمايدۇ. ئۇ تەقدىردە بۇنى دىسكونت قىلىش (چۈشۈرۈپ بېرىش) دېيىشنىڭمۇ بىر مەنىسى قالمايدۇ.
2- ئۆتنىنى دىسكونت قىلىش
ئۆتنە مۇئامىلىسى بىلەن مەيدانغا كەلگەن قەرز، بىر مال ياكى بىر ئىش/خىزمەت كېلىشىمىدىن مەيدانغا كەلگەن قەرزگە ئوخشىمايدۇ. كىشى ئالغان ئۆتنىنى ئۆز مېلىغا ئوخشاش ئىشلىتىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئوخشىشىنى تۆلەيدۇ. مەسىلەن: 100 گىرام ئالتۇن ياكى بىر كىلو بۇغداي ئۆتنە ئالغان كىشى ئۇنى ئىشلىتىدۇ، ئاندىن باشقا بىر 100 گىرام ئالتۇننى ياكى باشقا بىر بىر كىلو بۇغداينى تۆلەپ قەرزدىن قۇتۇلىدۇ.
بىر مالنى ياكى بىر ئىش/خىزمەتنى ساتقان كىشى ئۇنىڭ بەدىلىنى ئالىدۇ، بەدەل تۆلەش ۋاقتىغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ، نەق باھاسى 100 لىرا بولغان بىر مال بىر ئاي قەرەللىك 105، ئىككى ئاي قەرەللىك 110 لىرادىن سېتىلىشى مۇمكىن. مالنى ئىككى ئاي قەرەللىك 110 لىراغا ئالغان كىشى پۇلىنى ئىككى ئاي كېيىن تۆلەش ئۈچۈن بۇ باھاغا رازى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بۇ خىل قەرزلەر مۇددىتىدىن بۇرۇن تەلەپ قىلىنمايدۇ. بۇ كىشى قىلىنىدىغان 5 لىرالىق دىسكونت بەدىلىگە قەرزىنى مۇددىتىدىن بىر ئاي بۇرۇن 105 لىرا بويىچە تۆلىسە، بۇ 5 لىرا ئېلىشى بولغان كىشىنىڭ ئۆز پايدىسىدىن چۈشۈرۈپ بەرگەن پۇلدىن ئىبارەتتۇر.
ئۆتنىدە ئەھۋال پەرقلىقتۇر. ئۇنىڭدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن ھەر قانداق كىرىم ئۆسۈم ھېسابلىنىپ چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆتنىنى دىسكونت قىلىش ئۇنىڭ پايدىسىدىن چۈشۈرۈپ بېرىش ئەمەس، ئېلىشى بولغان ئادەمنىڭ قەرزدارغا قىلغان بىر ياردىمى بولىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ مۇددىتىنىڭ ئۆتنە بەرگۈچىنى ساقلىتىپ تۇرۇشىغا ھېچقانداق سەۋەب يوق، ئۇ بانكىدىكى قەرەلسىز ئامانەت پۇلغا ئوخشايدۇ، خالىغان چاغدا تەلەپ قىلىپ ئالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتنىنى دىسكونت قىلىش تۆلەش ۋاقتى يېتىپ كەلگەن بىر قەرزنى دىسكونت قىلغانلىقتۇر. مەبسۇت دېگەن كىتابتا ماۋزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك تۆۋەندىكى ئىپادىلەر قەيت قىلىنغان: «بىركىشى باشقا بىر كىشىگە بىر قانچە دىرھەم قەرز بەرگەن بولسا، مەلۇم مۇددەتتىن كېيىن بەرگۈچى بىلەن ئالغۇچى قەرز بېرىلگەن دىرھەمنىڭ ئېغىرلىقىدىن ئاز بىر مىقداردىكى درھەمگە كېلىشسە بۇ جايىز بولىدۇ». بۇنداق بىر چۈشۈرۈش، مۇددىتى توشقان باشقا قەرزلەردىمۇ ئېلىپ بېرىلسا بولىدۇ[11].
3- قەرز ھۆججىتىنى دىسكونت قىلىش
ئېلىشىنى بەلگىلەيدىغان قەرز ھۆججىتىنى، ئۈستىگە يېزىلغان مىقداردىن ئاز بىر مىقدار بەدىلىگە بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن بۇرۇن سېتىش «ھۆججەتنى دىسكونت قىلىش» ياكى «ھۆججەتنى ئالدىنئالا نەقلەشتۈرۈش» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىككى ئاي قەرەللىك 100 لىرالىق بىر قەرز ھۆججىتىنى نەق 80 لىراغا سېتىش مۇشۇنداق بىر دىسكونت قىلىشتۇر، ھۆججەتنى سېتىۋالغان كىشى ئىككى ئاي كېيىن 100 لىرا ئېلىش ئۈچۈن ھازىر 80 لىرا ئۆتنە بەرگەن بولىدۇ. بۇ ئۆسۈملۈك قەرز مۇئامىلىسىدۇر، جازانىخورلۇقتۇر، ئۇ ھۆججەت بولسا، بېرىلگەن ئۆسۈملۈك قەرزنىڭ بەلگىسىدۇر، چۈنكى ئىككى ئاي كېيىن 100 لىرا ئېلىش ئۈچۈن بۈگۈن 80 لىرا بەرگەن كىشىمۇ قەرز ئالغۇچىدىن 100لىرالىق بىر قەرز ھۆججىتى ئالىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭغا ئىشەنمىسە كېپىل ۋەھاكازالارنى تەلەپ قىلىدۇ. دىسكونت قىلىنغان ھۆججەتتە، قەرزداردىن سىرت باشقا بىرىنىڭمۇ ئىمزاسى بولۇشى قەرز بەرگۈچىگە كۆڭۈل خاتىرجەملىكى ئېلىپ كېلىدۇ. چۈنكى ئۇ قەرز ھۆججىتىنىڭ ئۈستىدە قانچە كىشىنىڭ ئىمزاسى بولسا، ئېلىشىنى شۇنچىلىك كۆپ كىشىدىن تەلەپ قىلالايدۇ.
بانكىلارمۇ قەرز ھۆججىتىنى دىسكونت قىلىش ئىشىنى ئېلىپ بارىدۇ، دىسكونت قىلغان قەرز ھۆججەتلىرىنى مەركىزى بانكىدا تەكرار دىسكونت قىلدۇرىدۇ، بۇ تەكرار دىسكونت قىلىش (reeskontu) دەپ ئاتىلىدۇ. تەكرار دىسكونت قىلىشنىڭ ئۆسۈمى ئادەتتىكى دىسكونت قىلىش ئۆسۈمىدىن ئاز بولىدۇ. بۇ ئىككىسى بانكىنىڭ ئۆسۈم كىرىمى بولىدۇ.

[1]– ئىمام مالىك، مۇۋەتتا 39، 673- بەت. 83- نومۇرلۇق ھەدىسنىڭ شەرھى.

[2]ئەبۇلھەەسن ئەلى ئىبىن ئەبى بەكىر ئىبىن ئابدىلجەلىل مەرغىنانى (ۋاپاتى: 593 ھ/1197 م)، ھىدايە شەرھۇ بىدايەتۇلمۇجتەھىد، شەرھۇ فەتھۇلقەدىر بىلەن بىرلىكتە، 8- جىلد، 426- بەت، ئەسسۇلھۇ فىددەين.

[3]– كاسانى، بەدائىئ، 6- جىلد، 45- بەت، بابۇسسۇلھ.

[4]– رەبەننەسىئە مەسىلىسى تۆۋەندە زىكىر قىلىنىدۇ.

[5]– مۇھەممەد ئىبىن مەھمۇد بابەرتى (786 ھ)، ئەلئىنايە ئەلەلھىدايە، شەرھۇ فەتھۇلقەدىر بىلەن بىرلىكتە، 8- جىلد، 426- بەت، ئەسسۇلھ فىددەين.

[6]– ئىبىن ھەجەر، تۇھفە، 5- جىلد، 192-193، بابۇسسلھ؛ ئىبىن رۇشد، بىدايەتۇلمۇجتەھىد، 2- جىلد، 125- بەت؛ ئىبىن قۇدامە، مۇغنى، 5- جىلد، 24-25- بەت، بابۇسسۇلھ، 3504- ماددا.

[7]– ئىبىن ھەزىم، مۇھەللا 6- جىلد، 356، 1205- مەسىلە.

[8]– ئىبىن رۇشد، بىدايەتلمۇجتەھىد، 2- جىلد، 125- بەت.

[9]– ئىبىن قەييىم جەۋزى، ئەبۇ ئابدۇللاھ مۇھەممەد ئىبىن ئەبى بەكىر (ۋاپاتى: 751 ھ/1350 م)، ئىئلامۇل مۇۋەققىئىن، (تەھقىق، مۇھەممەد مۇھيىددىن ئابدۇلھەمىد)، بېيرۇت، 1407/1987، 3- جىلد، 371- بەت، ئەسسۇلھ ئەنىددەين ببەئزىھى.

[10]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 82 (1584).

[11]– شەمسۇددىن سەرەخسى، مەبسۇت 14/38.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ