باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن كېيىن جازانىخورلۇق
ئاللاھ تائالانىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى بولغان مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن كېيىن جازانىخورلۇق چۈشەنچىسى ئاستا-ئاستا ئۆزگەردى: جازانىخورلۇق بارغانسېرى چۈشەنگىلى، چۈشەندۈرگىلى ۋە ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە بولۇپ قالدى. ئاندىن كېيىن جازانىخورلۇق ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا يېيىلىشقا باشلىدى، شۇنداقلا بۇنىڭ مۇئەسسەسەلىرى شەكىللەندى. ئاخىرى ئۆسۈمسىز بانكىلار دەۋرى باشلاندى. بۇ دەۋر ئىقتىساد ئەتراپلىق تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىشنىڭ ماۋزۇسى قىلىنغان دەۋردۇر. ھازىر ئىسلام ئىقتىسادى ئۈستىگە تارتىلغان مۈجمەللىك پەردىلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلىنىدىغانلىقىغا ۋە قۇرئانغا مۇراجىئەت قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر گۈزەل ئىشارەتلەر كۆرۈنمەكتە.
بۇ بۆلۈم ساھابىلەر دەۋرى، فەقىھلەر دەۋرى ۋە ئۆسۈمسىز بانكىلار دەۋرى بولۇپ ئۈچ ماۋزۇدىن تەركىب تاپىدۇ. فەقىھلەر دەۋرى تۇنجى فەقىھلەر (مۇتەقەددىمۇن) ۋە كېيىنكى فەقىھلەر (مۇتەئەخخىرۇن) بولۇپ ئىككى بۆلۈمدە تەتقىق قىلىنىدۇ.
1- ساھابىلەر دەۋرى
  ساھابە «ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى مۇھەممەت پەيغەمبەرنى كۆرگەن ۋە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭ سۆھبىتىدە بولغان كىشى» دېگەن بولىدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە كۆپلۈك (جەمئ) بولسىمۇ تۈركچىدە (ئۇيغۇرچىدە ) بىرلىك (مۇفرەد) مەنىسىدە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىدۇ.
  ئا- قەرز ئۆسۈمى
ساھابىلەر ئىسلامدىن ئىلگىرىكى جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشىغان كىشىلەردىن تەركىب تاپىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ۋىدا خۇتبىسىدە جازانىخورلۇق ھەققىدە توختالغان چېغىدا ئۇ دەۋرنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:
«جاھىلىيەت ئۆسۈمى بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆسۈمىمىز يەنى تاغام ئابباس ئىبىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆسۈمىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. ئۇنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ»[1].
ئەرافاتقا يىغىلغان يۈز مىڭ ئەتراپىدىكى ساھابە جاھىلىيەت ئۆسۈمىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بۇ سۆزىنى چۈشەنگەن ۋە بۇ ھەقتە بىر سوئال سوراش ئېھتىياجى ھېس قىلمىغان. ئىبن ماجەنىڭ ئېيتىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) يۇقىرىدىكى سۆزىدىن كېيىن مۇنداق دېگەن:
«دىققەت! ئى ئۇممىتىم! تەبلىغ قىلدىممۇ؟»
ئۇلار بىردەك: «ھەئە» دېگەندە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېدى:
«ئى ئاللاھ! گۇۋاھچى بولغىن، ئى ئاللاھ! گۇۋاھچى بولغىن، ئى ئاللاھ! گۇۋاھچى بولغىن»[2].
تەبلىغ بىر مەسىلە توغرىسىدا يېتەرلىك مەلۇمات بېرىشتۇر[3]. دېمەككى، پەيغەمبىرىمىز: «جاھىلىيەت ئۆسۈمى» ئاتالغۇسىنى ئۆسۈمنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك، دەپ قارىغان. جاھىلىيەت ئۆسۈمى قەرزدىن كەلگەن كىرىمدۇر[4]. زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭ (ۋاپاتى: 136 ھ) بىلدۈرىشىچە ئۇ دەۋردە بىر كىشىنىڭ بىر كىشىدە ئېلىشى بولسا قەرەلى توشقاندا: «قەرزىڭنى تۆلەمسەن ياكى ئۆسۈم مىقدارىنى ئارتتۇرامسەن؟» دەيتتى، قەرزدار كىشى تۆلىسە ئالاتتى، تۆلىمىسە ئېلىشىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قەرەلنى ئۇزارتاتتى[5].
ئىمام مالىكنىڭ ئېيتىشىچە بىر كىشى ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر (ر.ز)نىڭ يېنىغا كېلىپ مۇنداق دېدى:
مەن بىر كىشىگە قەرز بەردىم، قايتۇرغاندا ئوبدانراقىنى شەرت قىلدىم. ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر: «بۇ جازانىخورلۇقتۇر» دېگەن ئىدى، ئۇ كىشى:
خوش، مېنى نېمە قىلىشقا بۇيرۇيسەن؟ دەپ سوردى. ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دېدى:
«قەرز ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ: بىرىنچىسىدە: پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيسەن ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىسەن. ئىككىنچىسىدە: قېرىندىشىڭ رازىلىقىنى كۆزلەيسەن، بۇنىڭدا ئۇنىڭ رازىلىقىدىن باشقا بىر نەرسىگە ئېرىشەلمەيسەن. ئۈچىنجىسىدە بولسا: پاك مېلىڭغا پاسكىنا پايدىنى شەرت قوشىسەن، مانا بۇ جازانىخورلۇقتۇر». ھېلىقى كىشى: «خوش، ھازىر نېمە قىلسا بولىدۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى، ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر مۇنداق دېدى:
«قولۇڭدىكى ھۆججەتنى يىرتىۋېتىسەن. كېيىن قەرزدار قەرزىنى ئوخشىشى بىلەن تۆلىسە ئالىسەن. ئۇ بەرگىنىڭدىن ئاز تۆلىسە، سەن قوبۇل قىلساڭ ساۋاب قازىنىسەن. ئەگەر ئۇ كىشى كۆڭۈل رازىلىقى بىلەن سەن بەرگەندىن كۆپراق بەرسە، بۇ ئۇنىڭ ساڭا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ. سەن ئۇنىڭغا پۇرسەت بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساۋابقا ئېرىشىسەن»[6].
يەنە ئىمام مالىكنىڭ ئېيتىشىچە ئابدۇللاھ ئىبن مەسئۇد (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «بىر كىشى قەرز بېرىپ، تېخىمۇ ئوبدىنىنى ئېلىشنى شەرت قىلسا، گەرچە ئۇنىڭ شەرتى بىر تۇتام ئوت-چۆپ بولسىمۇ جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[7].
ساھابىلەردىن ئىبن ئابباس (ر.ز) مۇنداق دەيتتى: «نېسى ئۆسۈمىدىن باشقا ئۆسۈم يوقتۇر»[8]. نېسى قەرەل بەلگىلەش ۋە قەرەللىك قەرز، دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىبن ئابباس (ر.ز)نىڭ سۆزى «قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەن كىرىمدىن باشقا ئۆسۈم يوقتۇر» دېگەن بولىدۇ.
ۋىدا ھەججى ھىجرەتنىڭ 10- يىلىدا بولغان. ۋىدا خۇتبىسى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بۇ ھەج ئەسناسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بۇنىڭدىن ئۈچ ئاي كېيىن ھىجرەتنىڭ 11- يىلى رەبىيەلئەۋۋەل 12- كۈنى دۈشەنبە ئەتىگىنى ۋاپات بولغان[9]. ۋىدا خۇتبىسى ئۇنىڭ ئۈممىتىمگە قىلغان ئاخىرقى نۇتقى بولغان.
 ئىبن ئابباس (ر.ز) جازانىخورلۇقنى قەتئىي بىر شەكىلدە چەكلەيدىغان ئايەتنىڭ ئەڭ ئاخىردا نازىل بولغان ئايەت ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ[10]. بۇنىڭدىن قارىغاندا جازانىخورلۇقنىڭ چەكلىنىشى بىلەن ئىسلام جەمئىيىتى ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى تاماملىغان.
ئە- دىسكونت قىلىش
 دىسكونت قىلىش قەرەلى توشماستىن تۆلەش بەدىلىگە قەرزنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرۈپ بېرىش، دېمەكتۇر. بۇ ھەقتە بىر ئايەت ياكى سەھىھ بىر ھەدىس يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن كىتابتا بۇ يەرگىچە بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختالمىدۇق. ساھابىلەردىن بەزىلىرى دىسكونت قىلىشنى جازانىخورلۇق ھېسابلىغان، بەزىلىرى جائىز، دەپ قارىغان.
بىز مۇراجىئەت قىلغان مەنبەلەردىن قارىغاندا ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر، زەيد ئىبن سابىت ۋە سەئىد ئىبن جۇبەير (ر.ز) دىسكونت قىلىشنى جائىز كۆرمىگەن.
رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەردىن مۇنداق بىر سوئال سورالدى:
«بىر كىشىدە قەرەلى توشمىغان بىر ئېلىشى بولغان كىشى، ئېلىشىنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرۈپ بەرسە ۋە قەرزدار قەرزنى مۇددەتتىن بۇرۇن تۆلىسە بولامدۇ؟».
ئابدۇللاھ ئىبن ئۇمەر بۇنى يامان كۆردى ۋە مەنئى قىلدى[11].
سەففاھنىڭ ئازاد قىلىۋەتكەن قۇلى ئەبۇ سالىھ مۇنداق دەيدۇ: مەن، دارى نەخلىلىكلەرنىڭ بەزىسىگە قەرەللىك رەخت ساتقان ئىدىم. كېيىن كۇفەگە چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئۇلار ماڭا: پۇلنىڭ بىر قىسمىنى تەلەپ قىلمىسام قالغان قىسمىنى نەق تۆلەيدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلدى. مەن بۇنى زەيد  ئىبن سابىتتىن سورىدىم، ئۇ بۇنى يېيىشكىمۇ، يېگۈزۈشكىمۇ بۇيرۇمايمەن، دېدى[12].
سەئد ئىبن جۈبەيرمۇ بۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان[13].
تۆت ساھابىنىڭ بۇنى جائىز كۆرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇلار ئىبن ئابباس، ئۇسامە ئىبن زەيد، زەيد ئىبن ئەرقەم ۋە ئابدۇللاھ ئىبن زۇبەير (ر.ز)[14].
 ئىبن رۇشد ئىبن ئابباستىن شۇنى نەقىل قىلىدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بەنى نەزىر يەھۇدىيلىرىنى مەدىنىدىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇغاندا ئۇلاردىن بىر تۈركۈم كىشى كېلىپ، ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! بىزنى بۇ يەردىن چىقىپ كېتىشكە بۇيرۇدۇڭ. بىزنىڭ كىشلەردە قەرەلى توشمىغان ئېلىشلىرىمىز بار، دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ر.س) ئۇلارغا: «ئېلىشىڭلارنىڭ مىقدارىنى چۈشۈرۈپ بېرىپ (دىسكونت قىلىپ) ۋاقتى كېلىشىتىن بۇرۇن ئېلىڭلار» دېدى[15].
دىسكونت مەسىلىسى كېيىنكى بۆلۈمدە تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تەتقىق قىلىنىدۇ.
ب- ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئاستىدا جازانىخورلۇق
ئۆسۈم قەرزدىن قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئەڭ كۆپ قەرز بېرىلىدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، خورما ۋە تۇزدىن تەركىب تاپقان ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشىشكە، بىردە ئەينى تۈردىن بولغان ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ۋە بۇغداي بىلەن ئارپىنى تېگىشىشكە بىر قانۇن قويغان، شۇنداقلا جازانىخورلۇققا ئېلىم-سېتىم شەكلى بېرىشتىن توسقان. بۇ مەسىلە يۇقىرىدا تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
جازانىخورلۇققا سېتىش شەكلى بېرىش نىيىتىدە بولمىغانلار پەرقلىق ئالاھىدىلىكتە بولمىغۇچە ئوخشاش جىنستىكى ماللارنى تېگىشمەيدۇ. مەسىلەن: دىنارنى[16] ئالتۇن بىلەزۈك بىلەن، ئۇرۇقلۇق بۇغداينى نانلىق بۇغداي بىلەن، دېڭىز تۇزىنى تاش تۇز بىلەن تېگىشىدۇ ۋە بۇنى ئېلىم-سېتىم دەيدۇ. بەدەللەرنىڭ نەق ياكى ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولۇشى لازىملىقىنىمۇ ھېس قىلمايدۇ.
ساھابىلەرنىڭ دەۋرىدە مۇنداق بىر ھادىسە بولغان:
مۇئاۋىيە ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ياسالغان بىر سۇ قاچىسىنى ئېغىرلىقىدىن كۆپراقىغا ساتقان، بۇنى كۆرگەن ئەبۇ دەردائ مۇنداق دېگەن: «رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ بۇنداق مۇئامىلىدىن مەنئى قىلغانلىقىنى، لېكىن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا سېتىشقا بولسا رۇخسەت قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم»[17].
مۇئاۋىيە: «مېنىڭچە بۇنىڭدا چاتاق يوق» دېگەن ئىدى، ئەبۇ دەردائ: «مۇئاۋىيىنى ماڭا قارشى كىم ئاقلايدۇ؟ مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈۋاتىمەن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۆزقارىشىنى سۆزلەۋاتىدۇ. سېنىڭ بىلەن بىر يەردە تۇرمايمەن» دېدى، ئاندىن ئۆمەر ئىبن خەتتاب (ر.ز)نىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئەھۋالنى ئېيتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر (ر.ز) مۇئاۋىيىگە: «ئوخشىشى ئوخشىشىغا ۋە ھەر ئىككى بەدەل ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولمىغۇچە ساتما!» دەپ خەت يازدى[18].
ئەبۇلئەشئەس ئەسسەنئاني مۇنداق دەيدۇ: مۇئاۋىيەنىڭ قۇماندانلىقىدىكى  بىر قىسىم كىشىلەر ئالتۇن ۋە كۈمۈش قاچىلىرىنى ئەتىييە[19] زامانىغىچە نېسى ساتماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇبادە ئىبن سامىت ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، خورمىنى خورمىغا، ئارپىنى ئارپىغا ۋە تۇزنى تۇزغا سېتىشتىن توستى، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ۋە ئوخشاش ئېغىرلىقتىكىنى ئوخشاش ئېغىرلىكتىكىگە سېتىشقا رۇخسەت قىلدى. ۋە: «كىم ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ» دېدى[20].
بۇ مۇنازىرىنى نەقىل قىلغان ئەبۇ قىلابە مۇنداق دەيدۇ: مەن شامدا مۇسلىم ئىبن يەسار بىلەن بىرلىكتە بىر سورۇندا ئىدىم، ئەبۇلئەشئەس يېتىپ كەلدى. سورۇندىكى كىشىلەر: «ئەبۇلئەشئەس. ئەبۇلئەشئەس» دەپ چاقىرىشتى. ئۇ كېلىپ ئولتۇرغان ئىدى، مەن ئۇنىڭغا: «قېرىندىشىم! بىزگە ئۇبادە ئىبن سامىتنىڭ ھەدىسىنى سۆزلەپ بەرگىن» دېدىم. ئۇ: «بولىدۇ» دېدى، «بىز مۇئاۋىيەنىڭ قۇماندانلىقىدا بىر جەڭگە قاتناشقان ئىدۇق. كۆپ غەنىمەتلەرگە ئېرىشتۇق. غەنىمەتلەر ئىچىدە كۈمۈش قاچىلارمۇ بار ئىدى. مۇئاۋىيە بىر كىشىنى ئۇ كۈمۈش قاچىلارنى ئىنسانلارغا غەنىمەت تەقسىم قىلىنغاندا پۇلىنى بېرىشكە (نېسى) سېتىشقا بۇيرىدى. ئىنسانلار بولسا بۇ سودىغا ئالدىراشتى. كېيىن بۇ خەۋەر ئۇبادە ئىبن سامىتقا يەتكەن ئىدى، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، مەن ئاڭلىدىمكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە، بۇغداينى بۇغدايغا، ئارپىنى ئارپىغا، خورمىنى خورمىغا ۋە تۇزنى تۇزغا سېتىشتىن توسقان، لېكىن بۇ ماللاردىن ئوخشاش ئېغىرلىقتىكىنى ئوخشاش ئېغىرلىقتىكىگە ۋە ئۆز ئەينىسىنى ئۆز ئەينىسىگە سېتىشقا رۇخسەت قىلغان ۋە مۇنداق دېگەن: «كىم ئارتۇق بەرسە ياكى ئارتۇق ئالسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ». شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر ئالغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ بېرىشتى.
مۇئاۋىيە بۇنى ئاڭلاپ ئورنىدىن تۇردى ۋە مۇنداق دېدى:
«ھەي!…بۇ ئىنسانلارغا نېمە بولدىكىن، رەسۇلۇللاھتىن ھەدىسلەر رىۋايەت قىلىشىۋاتىدۇ؟ بىزمۇ ئۇنى كۆرگەن، ھەمسۆھبەت بولغان ۋە بۇ ھەدىسلەرنى ئۇنىڭدىن ئاڭلىمىغان ئىدۇق».
مۇئاۋىيەنىڭ سۆزى توختاش بىلەن تەڭ ئۇبادە ئىبن سامىت ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرىدىكى سۆزىنى ئەينەن تەكرارلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز رەسۇلۇللاھتىن ئاڭلىغانلىرىمىزنى مۇئاۋىيە ياقتۇرمىسىمۇ سۆزلەيمىز»[21].
مۇجاھىد مۇنداق دەيدۇ: مەن ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر بىلەن بىرلىكتە ئىدىم. ئۇنىڭ يېنىغا بىر زەرگەر كېلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن ئالتۇننى زىننەت بۇيۇمى قىلىپ ياسايمەن، ئاندىن ياسىغىنىمنىڭ بەزىسىنى ئېغىرلىقىدىن كۆپراق ئالتۇنغا ساتىمەن. يەنى بۇنىڭدىن ئىش ھەققىمنىڭ مىقدارىنى ئارتۇق ئالىمەن».
ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر، بۇ زەرگەرنى بۇنداق قىلىشتىن مەنئى قىلدى. شۇنىڭ بىلەن زەرگەر مەسىلىنى ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەرگە تەكرار سۆزلەشكە باشلىدى. ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەرمۇ ئۇنى مەنئى قىلىۋەردى. بۇ ئەھۋال مەسچىتىنىڭ ئېشىكىگە ياكى مىنىدىغان ئۇلاغنىڭ يېنىغا يېتىپ بارغۇچىلىك داۋاملاشتى. ئاخىرىدا ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر مۇنداق دېدى:
«دىنارنى دىنارغا ۋە دىرھەمنى دىرھەمگە سېتىشتا ئىككى بەدەلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھېچ قانداق بىر ئارتۇقلۇق پەيدا قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ بىزگە قىلغان كەسكىن بۇيرۇقى ۋە بىزنىڭ سىلەرگە قىلىدىغان كەسكىن بۇيرۇقىمىز»[22].
يۇقىرىدىكى رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولىدۇكى، جاھىلىيەت ئۆسۈمىنى ھەر كىشى بىلىدىغان تۇرۇپ، ئالتە مالنىڭ جازانىخورلۇق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ۋە بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنى بىلمەيدىغانلار بار.
پ- سەرف (پۇل تېگىشىش) 
بۇرۇنقى زامانلاردا ئىستېمالدا ئالتۇن ۋە كۈمۈش پۇللار بار ئىدى. بۇ پۇللارنىڭ ئېلىم-سېتىمى سەرف، بۇ ئىشنى قىلغۇچىلار سەرراف، دەپ ئاتىلاتتى. بۇ توغرىدا ساھابىلەردىن بىزگە يەتكەن كۆزقاراشلار تۆۋەندىكىچە:
1-   سەرفنى نورمال سېتىشقا ئوخشاش، دەپ قارايدىغانلار
سەرفنى نورمال سېتىشقا ئوخشاش، دەپ قاراش نەق بولسۇن نېسى بولسۇن پۇلنى ھەر تۈرلۈك سېتىش جائىز، دەپ قارىغانلىقتۇر. ساھابىلەرنىڭ چوڭلىرىدىن ئابدۇللاھ ئىبن ئابباس بىلەن ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر (ر.ز)نىڭ بۇ كۆزقاراشتا ئىكەنلىكى، كېيىن بۇ كۆزقاراشلىرىدىن يانغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ.
ئىبن ئابباس (ر.ز)نىڭ كۆزقارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر مۇنداق:
ئەبۇلجەۋزا مۇنداق دەيدۇ: مەن ئىبن ئابباسنىڭ سەرفكە بۇيرۇغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەمەلىيەتتىمۇ بۇ بۇيرۇق ئۇنىڭدىن نەقىل قىلىپ سۆزلىنەتتى. كېيىن ماڭا ئۇنىڭ بۇ كۆزقاراشتىن يانغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم. بىر قېتىم مەن ئىبن ئابباس بىلەن مەككىدە ئۇچرىشىپ قېلىپ ئۇنىڭغا:
«كۆزقارىشىڭدىن يانغانلىقىڭدىن خەۋەر تاپتىم» دېگەن ئىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى:
«ھەئە شۇنداق، ئۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم ئىدى. ئەبۇ سەئىدنىڭ ئېيتىشىچە، رەسۇلۇللاھ سەرفتىن مەنئى قىلغان ئىكەن»[23].
ئىبن ئابباسنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىمۇ رىۋايەت قىلىنىدۇ:
مەن سەرفنى ھالال، دەپ قارايتتىم. كېيىن ئۆگەندىمكى، رەسۇلۇللاھ ئۇنى ھارام قىلغان ئىكەن. گۇۋاھچى بولۇڭلار، مەنمۇ ئۇنى ھارام، دەپ قارايمەن. ئىلگىرىكى كۆزقارىشىمدىن ئادا-جۇدا بولىمەن ۋە ئاللاھقا سېغىنىمەن»[24].
   ئىبن ئابباستىن بۇنىڭ ئەكسىچە رىۋايەتمۇ بار:
ئەبۇ سالىھ مۇنداق دەيدۇ: ئىبن ئابباس ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولدۇم. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ سەرف بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىكرىدىن ۋاز كەچمىدى. سەئىد ئىبن جۇبەير مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبن ئابباستىن ئۆلۈمىدىن 20 كۈن ئىلگىرى سەرف مەسىلىسىنى سورىغان ئىدىم. ئۇ بۇ ئىشتا بىر گۇناھ بار، دەپ قارىمىدى، ئۇ بۇنىڭغا بۇيرۇيتتى»[25].
ئىبن ئۆمەر (ر.ز)نىڭ كۆزقارىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك رىۋايەتلەر مۇنداق:
ئەبۇ نەدرە مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئىبن ئۆمەر ۋە ئىبن ئابباستىن سەرف مەسىلىسىنى سورىدىم. ھەر ئىككى بۇ ئىشتا چاتاق بار، دەپ قارىمىدى. كېيىن مەن ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭدىنمۇ بۇ مەسىلىنى سورىدىم، «ئارتۇقى ئۆسۈم بولىدۇ» دېدى. مەن ئىبن ئۆمەر بىلەن ئىبن ئابباسنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاچقا ئەبۇسەئىد ئەلخۇدرىنىڭ سۆزىگە قارشى چىقتىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ساڭا پەقەت رەسۇلۇللاھ (ئە.س)دىن ئاڭلىغانلىرىمنىلا سۆزلەۋاتىمەن. رەسۇلۇللاھ خورمىغا مەسئۇل قىلغان كىشى بىر سا[26] ياخشى خورما ئېلىپ كەلگەن ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ خورمىسى باشقا تۈرلۈك خورما ئىدى. رەسۇلۇللاھ خىزمەتچىگە: «بۇ ساڭا نەدىن كەلدى؟» دەپ سورىدى، خىزمەتچى: ئىككى سا خورما بېرىپ، ئۇنىڭغا بۇ بىر سا خورمىنى ئالدىم. چۈنكى ئۇنىڭ بازاردىكى باھاسى ئۇنداق، بۇنىڭ باھاسى بۇنداق» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:
«ئىسىت ساڭا، جازانىخورلۇق قىلىپسەن. بۇنداق قىلماقچى بولساڭ خورماڭنى باشقا بىر مالغا سات. كېيىن مېلىڭغا خالىغان خورمىنى ئال». 
 ئەبۇ سەئىد ئەلخودرى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: خورمىنى خورمىغا سېتىش جازانىخورلۇق بولۇشقا لايىقمۇ ياكى كۈمۈشنى كۈمۈشكە سېتىشمۇ؟.
 ئەبۇ نەدرە ئېيتىدۇكى، مەن ئۇنىڭدىن كېيىن ئىبن ئۆمەرنىڭ يېنىغا كېلىپ سەرف توغرىسىدا سورىدىم، ئۇ مېنى چەكلىدى. لېكىن ئىبن ئابباسنىڭ يېنىغا بارمىدىم. ماڭا ئەبۇسسەھبا ئۆزىنىڭ ئىبن ئابباستىن سەرف توغرۇلۇق مەككىدە سورىغانلىقىنى، ئىبن ئابباسنىڭ بۇنى يامان كۆرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى»[27].
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە ئىبن ئابباسنىڭ ئەبۇ نەدرىگە: «قولدىن قولغىمۇ؟ يەنى ھەر ئىككى بەدەل نەقمۇ؟» دەپ سورىغانلىقى، «شۇنداق» دېسە، «ئۇنداقتا چاتاق يوق» دېگەنلىكى زىكىر قىلىنىدۇ[28].
2- سەرفنى مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا جائىز كۆرىدىغانلار
ساھابىلەرنىڭ كۆپچىلىكى سەرفنى مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا جائىز كۆرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ كۆزقاراشلىرى ئىلگىرى ئۆتكەن ھەدىسلەرگە ماس كېلىدۇ. بۇ ھەقتىكى رىۋايەتلەر مۇنداق:
 ئۆمەر ئىبن ئەلخەتتاب (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «دىنارغا دىنار، دىرھەمگە دىرھەم، ساغا سادۇر. بۇلاردىن بىرى نېسى، يەنە بىرى نەق بولسا سېتىشقا بولمايدۇ»[29].
يەزىد ئىبن ئابدۇللاھ ئىبن قۇسەيت، سەئد ئىبن مۇسەييەبنىڭ ئالتۇننى ئالتۇنغا تارتىپ سېتىۋاتقانلىقىنى يەنى ئۆزىنىڭ ئالتۇنىنى تارازاىنىڭ بىر پەللىسىگە، خېرىدارىنىڭ ئالتۇنىنى تارازىنىڭ يەنە بىر پەللىسىگە تۆككەنلىكىنى، تارازىنىڭ پەللىسى تەڭپۇڭلاشقاندىن كېيىن ئالغانلىقىنى ۋە بەرگەنلىكىنى كۆرگەن»[30].
مۇئاۋىيە رەسۇلۇللاھنىڭ ئالتۇن ۋە كۈمۈش سېتىش ھەققىدىكى چەكلىمىرىنى پەقەتلا پۇل سۈپىتىدە بېسىلغان دىنار ۋە دىرھەملەردە كۈچكە ئىگە، دەپ قارايدۇ. بولمىسا نۆكچىسى بىلەن پۇل سۈپىتىدە بېسىلغىنىنى ياكى ئىشلەنگىنى بىلەن پۇل سۈپىتىدە بېسىلغىنىنى تېگىشىشتە بىر خاتالىق كۆرمەيتتى[31]. دېمەككى مۇئاۋىيە سەرفنى مۇئەييەن شەرتلەر ئاستىدا قىلىششقا بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلاردىن ئىدى.
تىرمىزى، جازانىخورلۇق توغرىسىدا ھەدىس رىۋايەت قىلغان ساھابىلەرنى مۇنداق زىكىر قىلىدۇ: ئەبۇ بەكىر، ئۆمەر، ئوسمان، ئەبۇ ھۇرەيرە، ھىشام ئىبن ئامر، بەرائ ئىبن ئازىب، زەيد ئىبن ئەرقەم، فەدالە ئىبن ئۇبەيد، ئەبۇ بەكرە، ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر، ئەبۇ دەردائ ۋە بىلال[32]. يۇقىرىدا مۇنۇ ساھابىلەرنىڭ رىۋايەتلىرىمۇ ئۆتكەن ئىدى: ئەلى، ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى، ئۇسامە ئىبن زەيد، ئۇبادە ئىبن سامىت، مۇئاۋىيە ۋە مەئمەر ئىبن ئابدۇللاھ. ئۇلار جەمئىي 18 ساھابىدۇر، ئاللاھ ھەممىسىدىن رازى بولسۇن.
ت- جازانىخورلۇقنى ئوبدان چۈشەنمەسلىك  
سەئىد ئىبنى مۇسەييەب مۇنداق دەيدۇ: ئۆسۈم پەقەت ئالتۇندا، كۈمۈشتە، ياكى يېيىلىدىغان، ئىچىلىدىغان نەرسىلەرنىڭ كەمچەنلىنىدىغان ياكى تارتىلىدىغانلىرىدا بولىدۇ[33].
سەئىد، «جازانىخورلۇق پەقەتلا قەرزدە بولىدۇ»[34] دېگەن ھەدىس بىلەن ۋىدا خۇتبىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇناسىۋەتلىك ئىپادىلەرنى ئاساس قىلمىغاندەك تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان نەتىجىلەر مەزھپلەرنى تەتقىق قىلغاندا زىكىر قىلىنىدۇ.
   ج- جازانىخورلۇقنىڭ تولۇق ئىزاھلانمىغانلىقى دەۋاسى
دەۋادىن قارىغاندا ئۆمەر (ر.ز) جازانىخورلۇقنىڭ دائىرىسىنى كەڭ، دەپ چۈشىنىدۇ. ئۇ بۇ سەۋەبتىن مۇنداق دېگەن:
شۈبھىسىزكى، ئەڭ ئاخىرىدا نازىل بولغان ئايەت جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئايەتتۇر. رەسۇلۇللاھ ئۇ ئايەتنى بىزگە تۇلۇق ئىزاھلاپ بەرمەستىن ۋاپات بولغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆسۈمنى ۋە ئۆسۈم شۈبھىسى بولغان نەرسىلەرنى تەرك ئېتىڭلار»[35].
ئۆمەر (ر.ز)گە نىسبەت بېرىلگەن بۇ سۆزدىن: «ئۆسۈم شۈبھىسىمۇ ئۆسۈم ھېساپلىنىدۇ» دېگەن قائىدە چىقىرىلغان. چۈنكى فىقىھ كىتابلىرىدا ئۆسۈمگە ئالاقىدار مۇئامىلىلەردە شۈبھە ئېتىبارغا ئېلىنىدۇ»[36].
ئۆمەر (ر.ز)نىڭ بۇنداق دېيىش ئېھتىمالى يوق. چۈنكى ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿وَقَدْ فَصَّلَ لَكُم مَّا حَرَّمَ عَلَيْكُمْ﴾
«ئاللاھ سىلەرگە نېمىنى ھارام قىلغان بولسا، ئۇنى تەپسىلىي بايان قىلدى»- ئەنئام 6/119.
جازانىخورلۇق ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىق ھېسابلانغۇدەك بۈيۈك بىر ھارام بولغانلىقىغا قارىغاندا ئۇنىڭ ئىزاھلانماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە رەسۇلۇللاھ ۋىدا خۇتبىسىدە مۇنداق دېگەن:
«جاھىلىيەت ئۆسۈمى بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن بىزنىڭ ئۆسۈمىمىز يەنى تاغام ئابباس ئىبىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭ ئۆسۈمىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. ئۇنىڭ ھەممىسى بىكار قىلىنىدۇ»[37].
ئاندىن كېيىن ئۈچ قېتىم مۇنداق دېگەن: «دىققەت! ئى ئۈممىتىم! تەبلىغ قىلدىممۇ؟». ئۇلار بىردەك: «ھەئە» دېگەندە: «ئى ئاللاھ! گۇۋاھچى بولغىن، ئى ئاللاھ! گۇۋاھچى بولغىن، ئى ئاللاھ! گۇۋاھچى بولغىن» دېگەن[38].
جازانىخورلۇق تولۇق ئىزاھلانمىغان بولسا تەبلىغ قىلىنمىدى، دېمەكتۇر. ئۆمەر (ر.ز)مۇ شۇ يەردە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى سورىشى كېرەك ئىدى.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق بىر ھەدىسىمۇ بار:
«ھالالمۇ ئېنىق، ھاراممۇ ئېنىق. ھالال بىلەن ھارامنىڭ ئوتتۇرىسىدا شۈبھىلىك ئىشلار بار. بۇ شۈبھىلىك ئىشلارنى كۆپ كىشىلەر ئۇقالمايدۇ. شۈبھىلىك ئىشلاردىن يىراق تۇرغان ئادەم دىنىنى ۋە نومۇسىنى پاك تۇتقان بولىدۇ. شۈبھىلىك ئىشلارنى قىلغان ئادەم ھارامغا دۇچار بولىدۇ. ئۇ ئادەم چېگرانىڭ چۆرىسىدە پادا باققۇچى پادىچىغا ئوخشايدۇ، پادا چېگراغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن. ھەر پادىشاھنىڭ بىر چېگراسى بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ زېمىندىكى چېگراسى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ ھارام قىلىپ بېكىتكەن ئىشلىرىدىن ئىبارەتتۇر. قۇلاق سېلىڭلار، ئىنساننىڭ بەدىنىدە بىر پارچە گۆش بولىدۇ، بۇ گۆش تۈزەلسە پۈتۈن بەدەن تۈزۈلىدۇ، ئۇ گۆش بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزۇلىدۇ، ئۇ گۆش يۈرەكتىن ئىبارەتتۇر»[39].
جازانىخورلۇقنىڭ ئىزاھلانماسلىقى دىننىڭ چالا قېلىشى، دېمەكتۇر. ھالبۇكى ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
﴿أَكْمَلْتُ لَكُمْ دِينَكُمْ وَأَتْمَمْتُ عَلَيْكُمْ نِعْمَتِي وَرَضِيتُ لَكُمُ الإِسْلاَمَ دِينًا﴾
«بۈگۈن سىلەر ئۈچۈن دىنىڭلارنى كامىل قىلدىم، سىلەرگە ئاتا قىلغان نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلامنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشىغا تاللىدىم»- مائىدە 5/3.
ئۆمەر (ر.ز)گە نىسبەت بېرىلگەن ئۇ سۆز، جازانىخورلۇقنى چۈشىنەلمىگەنلەرنىڭ پاناھگاھى بولغان.

[1]– مۇسلىم، سەھىھ، ھەج 1، 147 (1218)؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 57، ھەدىس نومۇرى: 1905، بۇيۇئ 5، ھەدىس نومۇرى: 3334؛ تىرمىزى، سۇنەن، تەۋبە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى، ھەدىس نومۇرى: 3087؛ دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 3، مەناسىك 34.

[2]– ئىبن ماجە، سۇنەن، مەناسىك، 76، ھەدىس نومۇرى: 3055.

[3]– راغىب ئەلئىسفەھانى، مۇفرەدات ب ل غ ماددىسى.

[4]– ئەبۇ بەكىر ئىبن ئەلى ئەلجەسساس (ۋەپاتى: 370/980)، ئەھكامۇلقۇرئان، ئىستانبۇل، 1335، 1- جىلد، 464-465- بەتلەر (بابۇررىبا).

[5]– ئىمام مالىك (ر.ھ)، مۇۋەتتا، بۇيۇئ 39، 83.

[6]مالىك ئىبن ئەنەس، ئەلمۇدەۋۋەنەتۇلكۇبرا، مىسر، 1323 ھ، 4- جىلد، 133- 134- بەتلەر.

[7]يۇقىرىدىكى ئەسەر، 134.

[8]– رازى، تەپسىىرى كەبىر، 7- جىلد، 91- بەت. بۇ يەرتدىكى نېسى ئۆسۈمىدىن مەقسەت جاھىلىيەت ئۆسۈمىدۇر. چۈنكى بۇ نەقىل رازىدن ئېلىندى، ئۇ نېسى ئۆسۈمىنى جاھىلىيەت ئۆسۈمى، دېگەن مەنىدە ئىشلىتىدۇ.

[9]– سەفىيۇررەھمان مۇبارەكفورى، رەھىقۇلمەختۇم، لۇبنان 1408/1988، 431- بەت.

[10]– بۇخارى، بۇيۇئ 25.

[11]مۇۋاتتائ، بۇيۇئ 39، 82.

[12]– ئىمام مالىك، مۇۋەتتا بۇيۇئ 39، 81.

[13]جەسساس، ئەھكامۇل قۇرئان، 1/467.

[14]– ئىبن قۇدامە، ئەلمۇغنى، 4/134.

[15]– ئەبۇلۋەفا مۇھەممەد ئىبن ئەھمەد ئىبن رۈشد (520-595 ھ)، بىدايەتۇل مۇجتەھىد ۋە نىھايەتۇل مۇقتەسىد، مىسر، 2/124.

[16]– دىنار ئالتۇندىن بېسىلغان پۇل.

[17]– نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 47؛ مۇۋەتتا، بۇيۇئ 16/33.

[18]– ئىمام مالىك، مۇۋەتتا، بۇيۇئ 16/33.

[19]– ئەسكەرنىڭ قولىغا كىرىدىغان مائاش، ھەدىيە ۋە غەنىمەتلەر.

[20]– دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 41.

[21]مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 80 (1587).

[22]– ئىمام مالىك، مۇۋەتتا، بۇيۇئ 16، 31.

[23]– ئىبن ماجە، سۇنەن، تىجارات 49، 2258؛ تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 24.

[24]– رازى، تەپسىرى كەبىر 7- جىلد، 72-73- بەتلەر، بەقەرە 2/275.

[25]– ئىبن قۇدامە، ئەلمۇغنى، بېيرۇت 1404/1984، 4- جىلد، 134- بەت.

[26]– ھەنەفىيە مەزھىپىنىڭ قارىشىچە، بىر سا تەخمىنەن ئۈچ كىلو (2920 گرام) ئېغىرلىقىدا ئارپا ياكى بۇغداي سىغىدىغان بىر ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. بۇ يەردە مەقسەت قىلىنغىنى ھەر ئىككى بەدەلنىڭ ئوخشاش ئېغىرلىكتا بولۇشىنىڭ لازىملىقىدۇر.

[27]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 100 (1595).

[28]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 99 (1594).

[29]– سا توغرىسىدا يۇقىرىدا ئىزاھات بېرىلدى.

[30]– ئىمام مالىك، مۇۋاتتائ، بۇيۇئ 18، 39.

[31]– قۇرتۇبى، مەزكۇر ئەسەر 3/226، بەقەرە 2/275.

[32]– تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 24.

[33]– ئىمام مالىك، مۇۋاتتائ، بۇيۇئ 16، 37.

[34]– دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 42.

[35]– ئىبن ماجە، سۇنەن، تىجارات 58، 2276؛ جەسساس 1/464.

[36]– ئەلمالىلى، ھەق دىنى 1/954.

[37]– مۇسلىم، سەھىھ، ھەج 1، 147 (1218)؛ ئەبۇ داۋۇد، مەناسىك 57، ھەدىس نومۇرى: 1905، بۇيۇئ 5، ھەدىس نومۇرى: 3334؛ تىرمىزى، سۇنەن، تەۋبە سۈرىسىنىڭ تەپسىرى، ھەدىس نومۇرى: 3087؛ دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 3، مەناسىك 34.

[38]– ئىبن ماجە، سۇنەن، مەناسىك، 76، ھەدىس نومۇرى: 3055.

[39]بۇخارى، سەھىھ، بۇيۇئ 2؛ مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 107-108؛ ئەبۇ داۋۇد، سۇنەن، بۇيۇئ 3؛ تىرمىزى، سۇنەن، بۇيۇئ 1؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 2، قۇدات 11؛ ئىبن ماجە، سۇنەن، فىتەن 14؛ دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 1؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 4/267، 269، 271، 275.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ