باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:

خ- بۇ ھەدىسلەر بىلەن تاقىۋېتىلگەن جازانىخورلۇق ئىشىكلىرى

يۇقىرىدىكى ھەدىسلەر جازانىخورلۇق بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئېلىم-سېتىم دائىرىسىدە ئەمەس، قەرز مۇئامىلىسى دائىرىسىدە تەھلىل قىلىش كېرەك. چۈنكى ئاللاھ تائالا ئېلىم-سېتىم بىلەن جازانىخورلۇقنى قەتئىي بىر شەكىلدە ئايرىغان ۋە مۇنداق دېگەن:

«الَّذِينَ يَأْكُلُونَ الرِّبَا لَا يَقُومُونَ إِلَّا كَمَا يَقُومُ الَّذِي يَتَخَبَّطُهُ الشَّيْطَانُ مِنَ الْمَسِّ ذَلِكَ بِأَنَّهُمْ قَالُوا إِنَّمَا الْبَيْعُ مِثْلُ الرِّبَا وَأَحَلَّ اللَّهُ الْبَيْعَ وَحَرَّمَ الرِّبَا فَمَنْ جَاءَهُ مَوْعِظَةٌ مِنْ رَبِّهِ فَانْتَهَى فَلَهُ مَا سَلَفَ وَأَمْرُهُ إِلَى اللَّهِ وَمَنْ عَادَ فَأُولَئِكَ أَصْحَابُ النَّارِ هُمْ فِيهَا خَالِدُونَ»

«ئۆسۈم يەيدىغانلار، شەيتان چاپلىشىۋالغان ساراڭ ئادەم قوپقاندەكلا قوپىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ: ‹ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاشتۇر›، دېگەنلىكى ئۈچۈندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال، جازانىخورلۇقنى ھارام قىلغان»- بەقەرە 2/275.

رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن: «ئۆسۈم پەقەت قەرزدە بولىدۇ»[1].

ئىنسانلار ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، ئارپىغا ئارپا، بۇغدايغا بۇغداي، تۇزغا تۇز ۋە خورمىغا خورما ئېلىش ئېھتىياجى ھېس قىلىپ كەتمەيدۇ، لېكىن ئۇلار ئېلىم-سېتىم ئەركىن قويۇۋېتىلگەن ۋە جازانىخورلۇق چەكلەنگەن بىر يەردە قەرز مۇئامىلىسىنى ئېلىم-سېتىمدەك كۆرسىتىش ئۈچۈن بۇ يولغا باش ئۇرۇشى مۇمكىن. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنۇ سۆزى بىلەن بۇنىڭغا دىققەت تارتقان:

«بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە، بىر سانى[2] ئىككى ساغا ساتماڭلار. ئۆسۈمگە كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن»[3].   

 رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ «ئۆسۈمگە كىرىپ قېلىشىڭلاردىن قورقىمەن» دېگەن سۆزى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆزدۇر. چۈنكى ئالتۇن بېرىپ ئالتۇن بىلەزۈك ئالماق ھەقىقىي بىر ئېلىم-سېتىمدۇر. شۇنىڭدەك، بۇغداي ئۇنىغا ئېھتىياجى بولغان كىشىنىڭ بۇغداي بېرىپ بۇغداي ئۇنى ئېلىشىمۇ، دېڭىز تۇزىغا ئېھتىياجى بولغان كىشىنىڭ ئۇنى تاش تۇزغا ئېلىشىمۇ ھەقىقىي بىر ئېلىم-سېتىمدۇر. بۇنداق بىر سودىنىڭ ئۆسۈملۈك قەرزگە ۋاسىتە قىلىنىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ قەرەللىك بولۇشى ۋە بەدەللەرنىڭ بىر-بىرىدىن پەرقلىق بولۇشى كېرەك. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) قەرز بەرگىلى بولىدىغان بۇ ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشىشنىڭ نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ بولۇشىنى شەرت قىلىش ئارقىلىق بۇ يول بىلەن جازانىخورلۇق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان. جازانىخورلۇققا ۋاسىتە قىلىش ئېھتىمالى بولمىسا رۇخسەت قىلغان. مەسىلەن: ھۆل خورمىنى قۇرۇق خورما بىلەن تېگىشىشنى چەكلىگەن تۇرۇقلۇق ئائىلىسىگە يېگۈزۈش ئۈچۈن دەرەخنىڭ ئۈستىدىكى ھۆل خورمىنى ھۆل ياكى قۇرۇق خورمىغا تېگىشىشنى چەكلىمىگەن[4]. ئەرىييە ۋە ئەرايا دېيىلىدىغان بۇ سودا ئۈستىدە كېيىنچە توختىلىمىز.

مىسل (مسل) دېگەن سۆز ئىككى نەرسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ۋە ئوخشاشلىقنى ئىپادىلەيدۇ. مىسلىنى مىسلىگە تۆلەش زىيادىسى ۋە كېمى بولماستىن تۆلەش، دېمەكتۇر. «لىسانۇلئەرەب» دېگەن لۇغەت كىتابىدا «مىسل» بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇنۇ مەلۇماتلار زىكىر قىلىنىدۇ:

«ئىبن بەررى ئېيتىدۇكى، مۇماسەلەت (ئوخشىماق) بىلەن مۇساۋات (تەڭ بولماق) ئوتتۇرىسىدا مۇنداق پەرق بار: مۇساۋات پەرقلىق جىنسلار ئارىسىدا بولغاندەك ئەينى جىنسلار ئارىسىدىمۇ بولىدۇ. چۈنكى مۇساۋات مىقداردا تەڭ بولماقتۇر. بىرى يەنە بىرىدىن نە ئارتۇق بولمايدۇ، نە كەم بولمايدۇ. ئەمما مۇماسەلەت يەنى مىسلى مىسلىگە بولماق پەقەت ئەينى جىنسلار ئارىسىدىلا بولىدۇ. باش-ئايىغىغا بىر نەرسە قوشمايلا «ئۇ ئۇنىڭ مىسلىدۇر» دېيىش «ئۇ ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ» دېمەكتۇر. «ئۇ شۇ جەھەتتىن ئۇنىڭ مىسلىدۇر» دېيىلسە، ئۇ پەقەت شۇ جەھەتتىنلا ئۇنىڭ ئوخشىشى بولغانلىقى، لېكىن باشقا جەھەتلەردىن پەرقلىق بولغانلىقى چۈشىنىلىدۇ»[5].

ئەرەبچىدە ئىككى نەرسە ئارىسىدىكى ئورتاق نۇقتىلارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان بىرقانچە كەلىمە بار. راغىب ئەلئىسفەھانى بۇ ھەقتە تۆۋەندىكى مەلۇماتلارنى بېرىدۇ:

   نىد (الند) پەقەتلا ماھىيەتتىكى ئورتاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ.

شىبھ (الشبه) پەقەتلا سۈپەتتىكى ئورتاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ.

مۇساۋى (المساوي) پەقەتلا سان ۋە مىقداردىكى ئورتاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ.

شەكىل (الشكل) پەقەتلا ئۆلچەم ۋە كۆلەمدىكى ئورتاقلىقنى ئىپادىلەيدۇ.

مىسىل (المثل) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاللاھ تائالا ھېچبىر نەرسىنىڭ ھېچبىر جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى مىسىل كەلمىسى بىلەن ئىپادىلەپ مۇنداق دەيدۇ:

﴿لَيْسَ كَمِثْلِهِ شَيْءٌ﴾

«ئۇنىڭ مىسلىدەك ھېچبىر نەرسە يوقتۇر»- شۇرا 42/11.

ھەدىسلەر ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا تۇز ۋە خورمىنى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشكەندە تېگىشىشنىڭ مىسلى مىسلىگە ۋە نەقمۇنەق بولۇشىنى شەرت قىلغان. چۈنكى ئىنسانلار ئادەتتە ئالتۇن لىراغا ئالتۇن بىلەزۈك، كۈمۈش لىراغا كۈمۈش كەمەر، ئاشلىق بۇغدايغا نانلىق بۇغداي ۋەھاكازا….ئېلىشقا موھتاج بولىدۇ.

ھەدىسلەر مۇنداق دەيدۇ: بۇ بۇغدايغا شۇ بۇغداينى تېگىشمەكچى بولساڭ، ھەر ئىككى بەدەل تەڭ بولۇش شەرتى بىلەن تېگىشكىن. مېنىڭ بۇغدىيىم سۈپەتلىك، دەيدىغان بولساڭ سېنىڭكىنى پۇلغا سات، ئۇنىڭكىنى پۇلغا ئال. مەسىلەن: سېنىڭ بۇغدىيىڭنى 1 لىراغا سات، ئۇنىڭ بۇغدىيىنى 90 سىنىتقا ئال.

رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىر كىشىنى خەيبەرگە مەسئۇل قىلغان ئىدى. بىر كۈنى ئۇ كىشى ياخشى خورما ئېلىپ كەلدى. رەسۇلۇللاھ (ئە.س): «خەيبەرنىڭ خورمىلىرىنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىغان ئىدى. ئۇ كىشى: «ياق، بىز بۇنىڭدىن بىر سانى باشقا خورمىدىن ئىككى ساغا، ئىككى سانى ئۈچ ساغا ئالىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «ئۇنداق قىلما، سېنىڭ ناچار خورمىلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى دىرھەمگە سات، ئاندىن ياخشى خورمىنى دىرھەمگە ئال»[6].

ئەمدى يۇقىرىدىكى ھەدىسلەر ئېتىۋەتكەن جازانىخورلۇق ئىشىكلىرىنى كۆرۈپ ْئۆتەيلى:

1- ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا نەق تېگىشىش

قەرز بەرگىلى بولىدىغان ماللارنى ئۆز جىنسى بىلەن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا (مىسلىنى مىسلىگە) ۋە نەق تېگىشىشنىڭ شەرت قىلىنىشى جازانىخورلۇققا ئېچىلىش ئېھتىمالى بولغان ئانا ئىشىكنى تاقىۋەتكەن. بولمىسا 10 لىرا قەرز بېرىپ ئورنىغا 11 لىرا ئېلىش جازانىخورلۇق، 10 لىرانى 11 لىراغا نېسى سېتىش جائىز بولاتتى ۋە جازانىخورلۇقنى چەكلەشنىڭ بىر مەنىسى قالمايتتى.

2- ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا (مىسلىنى مىسلىگە) تېگىشىش

جازانىخورنىڭ ئەسلى مەقسىتى، 10 لىرا بېرىپ، ئورنىغا 11 لىرا ئېلىشتۇر. ئۇ بۇ مۇئامىلىنى قانۇنلۇق يول بىلەن ئېلىپ بارالىسا ئۇنى قەرزگە ئايلاندۇرۇشى قېيىن بولمايدۇ. ئۇ ئالدى بىلەن كېرەكلىك گۆرۈلەرنى ئېلىپ  11 لىرا قەرز بېرىدۇ، ئاندىن قەرز ئالغۇچىنىڭ قولىدىكى 11 لىرانى نەق 10 لىراغا سېتىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ قەرز ئالغۇچى كىشى ئۇ يەردىن 10 لىرا بىلەن ئايرىلىدۇ، لېكىن قەرزى 11 لىرا بولىدۇ. بۇ شەكىلدە قەرز بېرىدىغان مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلۇشى مۇمكىن. بىر ئۈستەلدىن قەرەللىك 11 لىرا قەرز ئېلىنىدۇ، ئىككىنچى ئۈستەلدە ئۇ 11 لىرا 10 لىراغا نەق سېتىلىدۇ. ئىشلار بۇ شەكىلدە يۈرۈپ كېتىدۇ. بۇ مۇئامىلە جازانىخورلۇق ھېسابلانمىسا ئىدى، جازانىخورلۇقنى چەكلىگەننىڭ بىر مەنىسى قالمايتتى. قەرز بەرگىلى بولىدىغان بۇ ماللارنى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشكەندە ئوخشىشى ئوخشىشىغا  بولۇشنىڭ شەرت قىلىنىشى بۇ ئىشىكنى ئېتىۋەتكەن.

دەرۋەقە بۇرۇنقى زاماندا قەرز مۇئامىلىلىرىدە قەرز بەرگۈچىگە قانۇنلۇق ھالدا بىر مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئۈچۈن مۇئامەلەئى شەرئىييە (معاملة شرعية) دەپ ئاتىلىدىغان شەكلەن سېتىش ئېلىپ بېرىلاتتى. مەسىلەن: قەرز ئالماقچى بولغان كىشى بىر مالنى، قەرز بەرمەكچى بولغان كىشىنىڭ ئالدىغا قويۇپ «بۇ مالنى ساڭا 10 ئالتۇنغا ساتتىم» دەيتتى، قەرز بەرمەكچى بولغان كىشى ئۇنى سېتىۋېلىپ تاپشۇرۇپ ئالاتتى، پۇلىنى تۆلەيتتى. ئاندىن قەرز ئالماقچى بولغان كىشى قەرز بەرمەكچى بولغان كىشىگە «بۇ مالنى ماڭا پۇلىنى بىر يىلدىن كېيىن تۆلىشىم شەرتى بىلەن 11 ئالتۇنغا سات» دەيتتى ۋە ئۇ كىشىگە ئۇنى ساتاتتى. نەتىجىدە قەرز ئالماقچى بولغان كىشى مېلىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ۋە 10 ئالتۇن ئېلىپ، بىر يىل قەرەللىك 11 ئالتۇن قەرزگە كىرگەن بولىدۇ. بۇنىڭ نۇرغۇنلىغان ئۇسۇلى بار ئىدى.

ئەگەر ئايەتلەر ئاساس، ھەدىسلەر قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلۈكى ئىچىدە تەھلىل قىلىنسا ئىدى، يۇقىرىدىكى مۇئامەلەئى شەرئىييەگە يول چىقمايتتى. بۇ ماۋزۇ كېيىنچە قايتا تەتقىق قىلىنىدۇ.

3- ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن نېسى تېگىشىش

تېگىشىش ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولۇشى بىلەن بىرلىكتە نەق بولمىسا ناچار مالنى ئەينى جىنستىن ياخشى بىر مالغا نېسى تېگىشىش شەكلىدە جازانىخورلۇق قىلىش ئىمكانىيىتى ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن. خەيبەر ۋالىيسى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا جەنىب خورمىسى ئېلىپ كەلگەن ئىدى، رەسۇلۇللاھ: «خەيبەرنىڭ پۈتۈن خورمىلىرى مۇشۇنداقمۇ؟» دەپ سورىدى. ۋالىي: «ياق، ۋەللاھى، يارەسۇلەللاھ! ئۇنىڭدىن ئىككى سا بېرىپ بۇنىڭدىن بىر سا ئالىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېدى:

«لاَ تَفْعَلُوا، وَلَكِنْ مِثْلًا بِمِثْلٍ، أَوْ بِيعُوا هَذَا وَاشْتَرُوا بِثَمَنِهِ مِنْ هَذَا، وَكَذَلِكَ المِيزَانُ»

ئۇنداق قىلماڭلار، لېكىن ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا قىلساڭلار بولىدۇ. ياكى ئۇنى سېتىپ پۇلىغا بۇنىڭدىن ئېلىڭلار. مىزان مانا مۇشۇنداقتۇر»[7].

ئەگەر بۇ چەكلىمە بولمىسا ئىدى، ئېھتىياجلىق كىشىگە ئىككىنچى سۈپەتلىك خورمىدىن 100 كىلو بېرىپ، 100 كىلو جەنىب خورما قايتۇرۇشى شەرت قىلىناتتى. ئىككى خورما ئارىسىدىكى قىممەت پەرقى سەۋەبىدىن ئۇ كىشىدىن %50 ئەتراپىدا ئۆسۈم ئېلىنغان بولاتتى.

4- ئەينى تۈردىن بولغان ماللارنى نېسى تېگىشىش

ئالتۇن بىلەن كۈمۈش، بۇغداي بىلەن ئارپا ئەينى تۈردىن بولۇپ، بىر-بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرالايدىغان ماللار ھېسابلىنىدۇ. بولارنىڭ باھالىرى ئارىسىدا ئۇزۇن مۇددەتكىچە چوڭ ئۆزگىرىش كۆرسەتمەيدىغان نىسبەتلەر تېپىلىدۇ. بۇلارنى نېسى تېگىشىش مۇئامىلىنى جازانىخورلۇق دائىرىسىگە كىرگۈزۈش پۇرسىتى بېرىدۇ.  ھەدىسلەر نېسى تېگىشىشنى چەكلەش ئارقىلىق بۇ ئىشىكنى ئېتىۋەتكەن.

مەسىلەن: 1 دىنار 10 دىرھەم قىممىتىدە بولسا، 1000 دىرھەم 100 دىنار قىممىتىدە بولىدۇ. ئەگەر بۇلارنى نېسى تېگىشىش چەكلەنمىسە جازانىخور قولىدىكى 1000 دىرھەمنى 110 دىنارغا بىر يىللىق نېسى ساتىدۇ ۋە سېتىش پەردىسى  ئارقىسىدا %10 ئۆسۈملۈك قەرز بەرگەن بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال بۇغداي ۋە ئارپىدىمۇ مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. ئىككى كەمچەن بۇغداي، ئۈچ كەمچەن ئارپنىڭ قىممىتىدە بولسا، 400 كەمچەن ئارپىغا 200 كەمچەن بۇغداي بىر يىللىق نېسى بېرىلىدۇ ۋە ئېلىم-سېتىم پەردىسى ئارقىسىدا ئۆسۈملۈك مۇئامىلە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ھەدىسلەر بۇنى سېتىش ئەمەس، جازانىخورلۇق دەپ ھېسابلىغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشىكمۇ ئېتىلگەن.

شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك لىراسى بېرىپ نېسى چەتئەل پۇلى ئېلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بولار بىر ـ بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرالايدىغان نەرسىلەر ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇلارنىڭ جازانىخورلۇققا ۋاسىتە قىلىنىدىغانلىقىنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس. بۇنداق ماللارنى نەق تېگىشىشنىڭ شەرت قىلىنىشى بۇ ئىشىكنى ئېتىۋەتكەن.

5- پۇللارنى كۈندىلىك باھاسى بىلەن تېگىشىش

 ئابدۇللاھ ئىبن ئۆمەر (ر.ز)نىڭ يۇقىرىدا ئۆتكەن ھەدىسىدە دىنار بىلەن دىرھەمنى نەق تېگىشىش يېتەرلىك كۆرۈلمەيدۇ، تېگىشىشنىڭ شۇ كۈننى باھاسى بىلەن بولۇشىمۇ شەرت قىلىنىدۇ. چۈنكى 1 دىنار 10 دىرھەم قىممىتىدە چاغدا، جازانىخور ئالدى بىلەن 11 دىنار قەرز بېرىپ كېرەكلىك گۆرۈلەرنى ئالاتتى، ئاندىن قولىدىكى 100 دىرھەمگە قەرزدارنىڭ قولىدىكى 11 دىنارنى سېتىۋالاتتى، شۇنداقلا %10 ئۆسۈم بىلەن 100 دىرھەم قەرز بەرگەن بولاتتى.

بەدەللەرنى كۈندىلىك باھادا تېگىشىشنىڭ شەرت قىلىنىشى بۇ ئىشىكنى ئېتىۋېتىدۇ. شۇنداق قىلىپ مەزكۇر ھەدىسلەر، ئېلىم-سېتىم كۆرۈنۈشى ئاستىدا جازانىخورلۇق قىلىشقا ئېچىلغان ئىشىكلەرنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى ئېتىپ تاشلىماقتا. باشقا ئىشىكلەرنى بولسا باشقا ھەدىسلەر ئېتىۋەتكەن.

يۇقىرىدىكى ھەدىسلەر بىلەن جازانىخورلۇققا ئېچىلغان ئىشىكلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىلىدۇ، لېكىن بەزى قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا چىققان. مەسىلەن: ھەدىسلەرنىڭ مەزمۇنى بويىچە زەرگەرلەر نۆكچە ياكى ساپ ئالتۇن بېرىپ، ئالتۇن بىلەزۈك ئالماقچى بولسا، بۇ مۇئامىلىنى پەقەتلا بەدەللەرنىڭ ئوخشاش ئېغىرلقتا ۋە نەقمۇنەق بولۇشى شەرتى ئاستىدا ئېلىپ بارالايدۇ. بۇنداق ئىشنى ھېچكىم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار بىلەزۈكلەرنى كۈمۈش ياكى قەغەز پۇلغا ئوخشاش باشقا بىر بەدەلگە سېتىۋېلىش مەجبۇرىيىتىدە قالماقتىدۇر.

ھەدىسلەر بىلەن قويۇلغان چەكلىمە كەلتۈرگەن قېيىنچىلىقلار جازانىخورلۇق ئىشىكلىرىنى مەھكەم ئېتىۋېتىشتەك مۇھىم بىر مەنپەئەتنى ئېلىپ كەلگەن. بۇنداق بىر ئەھۋال چەكلىمىنىڭ سەۋەبى بولۇشقا لايىقتۇر. مەسىلەن: بىر ئايەتتە ھاراق ۋە قىمارنىڭ چەكلىنىش سەۋەبى مۇنداق بايان قىلىنغان:

«ئى مۇھەممەد! ئۇلار سەندىن ھاراق ۋە قىمار توغرىسىدا سورىشىدۇ. ئېيتقىنكى: ھەر ئىككىسىدە چوڭ گۇناھ ۋە ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلار بار، لېكىن ئۇلاردىكى گۇناھ پايدىلىرىدىن چوڭدۇر.»- بەقەرە 2/219.

بۇ ئەھۋال فىقىھتا مۇنداق بىر قائىدە بىلەن ئىپادىلىنىدۇ: «دەفئى مەفاسىد جەلبى مەنافىئدىن ئەۋلادۇر»[8]. يەنى زىيانلىق نەرسىلەرنى دەپئى قىلىش، پايدىلىق نەرسىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئەلادۇر. ئەگەر ھەدىسلەر بۇ چەكلىمىلەرنى قويمىغان بولسا ئىدى، ئۆسۈملۈك قەرزنى پۇل ۋە قىممەت باھالىق مېتال سېتىش، شەكلىدە بېرىدىغان مۇئەسسەسەلەر قۇرۇلاتتى، جازانىخورلۇقنى چەكلىگەننىڭ بىر مەنىسى قالمىغان بولاتتى.


[1] – دارىمى، سۇنەن، بۇيۇئ 42.

[2] – ھەنەفىيە مەزھىپىدە بىر سا تەخمىنەن ئۈچ كىلو (2920 گىرام) ئېغىرلىقتا ئارپا ۋە بۇغداي سىغىدىغان بىر ئۆلچەم بىلىكىدۇ.

[3] – ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 2/109.

[4] – بۇخارى، بۇيۇئ 82.

[5] – ئىبن مەنزۇر، لىسانۇلئەرەب 11/610.

[6] – نەسائى، بۇيۇئ 41.

[7] – مۇسلىم، مۇساقات 94 (1593).

[8] – مەجەللەئى ئەھكامى ئەدلىيە 30 ماددا.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ