مۇسۇلمانلار

مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر

ئالتە مال ئەڭ كۆپ قەرز بېرىلىدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، بۇغداي، ئارپا، تۇز ۋە خورمىدۇر. پەيغەمبىرىمىز بۇلارنى تېگىشىشكە بىر قانۇن قويغان ۋە بۇ قانۇنغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشنى جازانىخورلۇق، دەپ ھېسابلىغان. فىقھ ئالىملىرى بۇ ھەدىسلەرنى ئېلىم-سېتىم دائىرىسىدە تەھلىل قىلىپ جازانىخورلۇقنى ئېلىم-سېتىمنىڭ ئىچىدە بىر ماۋزۇ ھالىتىگە كەلتۈرگەن ۋە بۇ ئەھۋالى بىلەن «ئېلىم-سېتىم خۇددى جازانىخورلۇققا ئوخشاش»[1] دېگەنلەرگە ئوخشاپ قالغان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ قۇرئانغا ئاساسلانماسلىقى ۋە قۇرئان-ھەدىس پۈتۈنلىكىگە دىققەت قىلماسلىقىدۇر. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلار ھەدىسلەرنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئالغان ۋە ئۆزلىرى مەيدانغا كەلتۈرگەن بوشلۇقنى ئۆز ئىجتىھاتلىرى بىلەن تولدۇرغان. شۇنىڭ بىلەن جازانىخورلۇق چۈشەنگىلى، چۈشەندۈرگىلى ۋە ئىچىدىن چىققىلى بولمايدىغان بىر مەسىلە بولغان.
بىز تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەرنى بۆلۈملەرگە ئايرىپ ئوتتۇرىغا قويىمىز:
1- ئالتە مالنى ئۆز جىنسى بىلەن تېگىشىش
ئەبۇ سەئىد ئەلخۇدرى (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
 
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ، وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ، وَالْبُرُّ بِالْبُرِّ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ، مِثْلًا بِمِثْلٍ، يَدًا بِيَدٍ، فَمَنْ زَادَ، أَوِ اسْتَزَادَ، فَقَدْ أَرْبَى، الْآخِذُ وَالْمُعْطِي فِيهِ سَوَاءٌ»
«ئالتۇنغا ئالتۇننى، كۈمۈشكە كۈمۈشنى، ئارپىغا ئارپنى، بۇغدايغا بۇغداينى، تۇزغا تۇزنى ۋە خورمىغا خورمنى تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق سېتىشقا بولىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇ ئىشتا ئالغۇچىمۇ بەرگۈچىمۇ ئوخشاشتۇر»[2].
«لاَ تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ، وَلاَ تُشِفُّوا بَعْضَهَا عَلَى بَعْضٍ، وَلاَ تَبِيعُوا الوَرِقَ بِالوَرِقِ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ، وَلاَ تُشِفُّوا بَعْضَهَا عَلَى بَعْضٍ، وَلاَ تَبِيعُوا مِنْهَا غَائِبًا بِنَاجِزٍ»
«ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلار، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ساتساڭلار بولىدۇ، بەزىسىنى بەزىسىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، ئوخشىشىنى ئوخشىشىغا ساتساڭلار بولىدۇ، بەزىسىنى بەزىسىدىن پەرقلىق قىلماڭلار. بۇلاردىن نېسىنى نەقكە ساتماڭلار»[3].
«لَا تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ، وَلَا الْوَرِقَ بِالْوَرِقِ، إِلَّا وَزْنًا بِوَزْنٍ، مِثْلًا بِمِثْلٍ، سَوَاءً بِسَوَاءٍ»
«ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، لېكىن ئۇلار ئوخشاش ئېغىرلىقتا، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، تەڭمۇتەڭ بولسا ساتساڭلار بولىدۇ»[4].
 ئۇبادە ئىبن سامىت (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ تِبْرُهَا وَعَيْنُهَا، وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ تِبْرُهَا وَعَيْنُهَا، وَالْبُرُّ بِالْبُرِّ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ مُدْيٌ بِمُدْيٍ، فَمَنْ زَادَ أَوِ ازْدَادَ فَقَدْ أَرْبَى، وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الذَّهَبِ، بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ، وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا، وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الْبُرِّ بِالشَّعِيرِ، وَالشَّعِيرُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ، وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا»
«ئالتۇنغا ئالتۇن، نۆكچىسى بولسۇن دىنارى بولسۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، نۆكچىسى بولسۇن دىرھەمى بولسۇن (نەقمۇنەق ۋە تەڭمۇتەڭ سېتىلىدۇ). بۇغدايغا بۇغداي كەمچەنگەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). ئارپىغا ئارپا كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). خورمىغا خورما، كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). تۇزغا تۇز، كەمچەنگە كەمچەن (ۋە نەقمۇنەق سېتىلىدۇ). كىم ئارتترسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. ئارپىغا بۇغداينى سېتىشتا ئارپىنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ»[5].
مۇھەممەد ئىبن سىيرىندىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مۇسلىم ئىبن يەسار بىلەن ئابدۇللاھ ئىبن ئەتىك مۇنداق دەيدۇ: ئۇبادە ئىبن سامىت مۇئاۋىيە بىلەن بىر قۇنالغۇدا تۇرغان چېغىدا مۇنداق دېگەن:  
«نهَانَا رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ بَيْعِ الذَّهَبِ بِالذَّهَبِ وَالْوَرِقِ بِالْوَرِقِ وَالْبُرِّ بِالْبُرِّ وَالشَّعِيرِ بِالشَّعِيرِ وَالتَّمْرِ بِالتَّمْرِ قَالَ أَحَدُهُمَا وَالْمِلْحِ بِالْمِلْحِ وَلَمْ يَقُلْهُ الْآخَرُ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ يَدًا بِيَدٍ وَأَمَرَنَا أَنْ نَبِيعَ الذَّهَبَ بِالْوَرِقِ وَالْوَرِقَ بِالذَّهَبِ وَالْبُرَّ بِالشَّعِيرِ وَالشَّعِيرَ بِالْبُرِّ يَدًا بِيَدٍ كَيْفَ شِئْنَا قَالَ أَحَدُهُمَا فَمَنْ زَادَ أَوْ ازْدَادَ فَقَدْ أَرْبَى»
«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىزنى ئالتۇننى ئالتۇنغا، كۈمۈش كۈمۈشكە، خورمىنى خورمىغا، بۇغداينى بۇغدايغا ۋە ئارپىنى ئارپىغا سېتىشتىن مەنئى قىلدى».
ئۇلارنىڭ بىرى (مۇسلىم ياكى ئابدۇللاھ) «تۇزغا تۇز» ئىپادىسىنى قوشۇپ قويدى.
«لېكىن رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇلار تەڭمۇتەڭ ۋە نەقمۇنەق بولسا سېتىشتىن مەنئى قىلمىدى».
«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىزنى كۈمۈشكە ئالتۇننى، ئارپىغا بۇغداينى ۋە بۇغدايغا ئارپىنى نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرۇدى».
ئۇلارنىڭ بىرى مۇنۇ ئىپادىنى قوشۇپ قويدى: «كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[6].
ئەبۇ ھۇرەيرە (ر.ز)دىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«الْحِنْطَةُ بِالْحِنْطَةِ، وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ، وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ، وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ، كَيْلًا بِكَيْلٍ، وَوَزْنًا بِوَزْنٍ، فَمَنْ زَادَ أَوِ ازْدَادَ، فَقَدْ أَرْبَى، إِلَّا مَا اخْتَلَفَ أَلْوَانُهُ»
 «بۇغدايغا بۇغداي، ئارپىغا ئارپا، خورمىغا خورما ۋە تۇزغا تۇز كەمچىنى كەمچەنگە، ۋەزنى ۋەزنىگە سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا، جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ. رەڭگىرىلىرى[7] پەرقلىق بولغانلار مۇستەسنا»[8].
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ وَزْنًا بِوَزْنٍ مِثْلًا بِمِثْلٍ وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ وَزْنًا بِوَزْنٍ مِثْلًا بِمِثْلٍ فَمَنْ زَادَ أَوْ اسْتَزَادَ فَهُوَ رِبًا»
«ئالتۇنغا ئالتۇن ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا، كۈمۈشكە كۈمۈش ۋەزنى ۋەزنىگە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا سېتىلىدۇ. كىم ئارتتۇرسا ياكى ئارتۇق تەلەپ قىلسا جازانىخورلۇق قىلغان بولىدۇ»[9].
«الدِّينَارُ بِالدِّينَارِ لَا فَضْلَ بَيْنَهُمَا وَالدِّرْهَمُ بِالدِّرْهَمِ لَا فَضْلَ بَيْنَهُمَا»
دىنارغا دىنار[10] ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ. دىرھەمگە دىرھەم[11] ساتقاندا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ»[12].
مالىك ئىبنى ئەۋس مۇندا دەيدۇ: «مەن 100 دىنار ساتماقچى بولۇپ، تەلھە ئىبن ئۇبەيدۇللاھ بىلەن كېلىشتۇق. تەلھە ئالتۇنۇمنى قولىغا ئېلىپ ئۆرۈپ ـ چۆرۈشكە باشلىدى ۋە «بوغالتىرىم ئورمانلىقتىن كەلگۈچە…» دېدى. ئۆمەر (ر.ز) ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ سۆزگە ئارىلاشتى ۋە مۇنداق دېدى: «ۋەللاھى، تەلھەدىن ئېلىشىڭنى ئالغانغا قەدەر ئايرىلما. چۈنكى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ رِبًا إِلَّا هَاءَ وَهَاءَ»
«ئالتۇنغا ئالتۇن سېتىش ئۆسۈملۈك مۇئامىلىدۇر. پەقەت ئالغىن، بەرگىن شەكلىدە بولسا ئۇنداق بولمايدۇ»[13].
فەدالە ئىبن ئۇبەيد مۇنداق دەيدۇ:
«خەيبەردە مارجان ۋە ئالتۇندىن ئىشلەنگەن بىر بۇلاپكا رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا كەلتۈرۈلدى. بۇ بۇلاپكا سېتىشقا چىقىرىلغان غەنىمەتلەردىن ئىدى. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئۇ بۇلاپكىدىكى ئالتۇننى چىقىرىشقا بۇيرۇدى ۋە مۇنداق دېدى:
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ وَزْنًا بِوَزْنٍ»
«ئالتۇنغا ئالتۇن ساتقاندا ھەر ئىككى بەدەلنىڭ تەڭمۇتەڭ بولۇشى كېرەك»[14].
«خەيبەر كۈنى 12 دىنارغا مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىنى سېتىۋالدىم. ئالتۇن بىلەن مارجاننى ئايرىپ، ئۇنىڭدا 12 دىناردىن ئارتۇق ئالتۇن بارلىقىنى بايقىدىم. بۇ ئەھۋالنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا مەلۇم قىلغان ئىدىم،
«لَا تُبَاعُ حَتَّى تُفَصَّلَ»
«ئۇ بۇلاپكا ئايرىلماستىن سېتىلمايدۇ» دېدى[15].
خەيبەر كۈنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىلەن بىرلىكتە ئىدۇق. يەھۇدىيلار بىلەن بازاردا سوداـ سېتىق قىلاتتۇق. بىر ۋۇقىيە (37.3 گىرام ) ئالتۇننى ئىككى ـ ئۈچ دىنارغا ئېلىپ ـ ساتاتتۇق. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېدى:
«لَا تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ إِلَّا وَزْنًا بِوَزْنٍ»
 «ئالتۇنغا ئالتۇن ساتماڭلار، پەقەت ھەر ئىككىسى ئوخشاش ئېغىرلىقتا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ»[16].
خەيبەر كۈنى مارجان ۋە ئالتۇن ئارىلاش بىر بۇلاپكىغا ئېرىشتىم ۋە ئۇنى ساتماقچى بولدۇم. بۇ ئەھۋال رەسۇلۇللاھ (ئە.س)غا مەلۇم قىلىنغان ئىدى،
«افْصِلْ بَعْضَهَا مِنْ بَعْضٍ ثُمَّ بِعْهَا»
«ئۇنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن ئايرىغىن، ئاندىن كېيىن ئۇنى ساتقىن»[17].
ھەنەش مۇنداق دەيدۇ:
بىز بىر ئۇرۇشتا فەدالە ئىبن ئۇبەيد بىلەن بىللە ئىدۇق. دوستلىرىم بىلەن بىرلىكتە بىزنىڭ نېسىۋىمىزگە ئالتۇن، كۈمۈش ۋە جەۋھەردىن ياسالغان بىر بۇلاپكا چۈشتى. مەن ئۇنى سېتىۋالماقچى بولۇپ فەدالە ئىبن ئۇبەيددىن سورىدىم، ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇلاپكىنىڭ ئالتۇنىنى ئايرىپ، ئۇنى تارازىنىڭ بىر پەللىسىگە، سېنىڭ ئالتۇنۇڭنى تارازىنىڭ يەنە بىر پەللىسىگە قوي. ئاندىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ھەرگىز ئالما. شۈبھىسىزكى، مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:
«مَنْ كَانَ يُؤْمِنُ بِاللهِ وَالْيَوْمِ الْآخِرِ، فَلَا يَأْخُذَنَّ إِلَّا مِثْلًا بِمِثْلٍ»
«كىم ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشەنسە، ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ئالمىسۇن»[18].
 ئەبۇل مىنھال مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ بىر شېرىكىم مەلۇم بىر مەزگىلگىچىلىك ياكى ھەج ۋاقتىغىچىلىك نېسى كۈمۈش ساتقاندىن كېيىن، كېلىپ ماڭا خەۋەر قىلدى. مەن بۇ ئىشىڭ توغرا بولماپتۇ، دېگەن ئىدىم. ئۇ: مەن ئۇنى بازاردا ساتتىم، ھېچكىم ماڭا قارشى چىقمىدى، دېدى. كېيىن مەن بەرائ ئىبن ئازىبنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مەدىنىگە كەلگەندە بىز مۇشۇنداق سودا ـ سېتىق قىلىشاتتۇق. ئۇ:
«مَا كَانَ يَدًا بِيَدٍ فَلَا بَأْسَ بِهِ وَمَا كَانَ نَسِيئَةً فَهُوَ رِبًا»
«نەقمۇنەق بولسا بولىدۇ، نېسى بولغىنى ئۆسۈم بولىدۇ» ـ دېگەن ئىدى.
سەن زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭ يېنىغا بار. ئۇ، مەندىن چوڭ سودىگەر، دېدى. مەن زەيد ئىبن ئەرقەمنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن سورىدىم. ئۇ، بەرائىبنى ئازىبقا ئوخشاش جاۋاب بەردى»[19].
ئوسمان (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«لَا تَبِيعُوا الدِّينَارَ بِالدِّينَارَيْنِ وَلَا الدِّرْهَمَ بِالدِّرْهَمَيْنِ»
«بىر دىنارنى ئىككى دىنارغا، بىر دىرھەمنى ئىككى دىرھەمگە ساتماڭلار»[20].
ئەبۇ بەكرە (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«لَا تَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالذَّهَبِ إِلَّا سَوَاءً بِسَوَاءٍ وَالْفِضَّةَ بِالْفِضَّةِ إِلَّا سَوَاءً بِسَوَاءٍ وَبِيعُوا الذَّهَبَ بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةَ بِالذَّهَبِ كَيْفَ شِئْتُمْ»
«ئالتۇننى ئالتۇنغا ساتماڭلار، لېكىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ. كۈمۈشنى كۈمۈشكە ساتماڭلار، لېكىن ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا ساتساڭلار بولىدۇ. ئالتۇننى كۈمۈشكە، كۈمۈشنى ئالتۇنغا خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ[21].
2- ئالتە مالنى پەرقلىق جىنستىكى ماللار بىلەن تېگىشىش
يۇقىرىدىكى ئالتە مالدىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈش بىر جىنس (تۈر)، بۇغداي بىلەن ئارپا بىر جىنس ھېسابلىنىدۇ. تۇز بىلەن خورما باشقىلىرىدىن پەرقلىقتۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«الذَّهَبُ بِالذَّهَبِ وَالْفِضَّةُ بِالْفِضَّةِ وَالْبُرُّ بِالْبُرِّ وَالشَّعِيرُ بِالشَّعِيرِ وَالتَّمْرُ بِالتَّمْرِ وَالْمِلْحُ بِالْمِلْحِ مِثْلًا بِمِثْلٍ سَوَاءً بِسَوَاءٍ يَدًا بِيَدٍ فَإِذَا اخْتَلَفَتْ هَذِهِ الْأَصْنَافُ فَبِيعُوا كَيْفَ شِئْتُمْ إِذَا كَانَ يَدًا بِيَدٍ»
«ئالتۇنغا ئالتۇن، كۈمۈشكە كۈمۈش، بۇغدايغا بۇغداي، ئارپىغا ئارپا، خورمىغا خورما ۋە تۇزغا تۇزنى ئوخشىشى ئوخشىشىغا، تەڭمۇتەڭ ۋە قولدىن قولغا (نەقمۇنەق) سېتىشقا بولىدۇ. تۈرلەر پەرقلىق بولسا نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىڭلارچە ساتساڭلار بولىدۇ»[22].
«وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الذَّهَبِ بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا وَلَا بَأْسَ بِبَيْعِ الْبُرِّ بِالشَّعِيرِ وَالشَّعِيرُ أَكْثَرُهُمَا يَدًا بِيَدٍ وَأَمَّا نَسِيئَةً فَلَا»
«كۈمۈشكە ئالتۇننى نەقمۇنەق سېتىشتا كۈمۈشنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ. ئارپىغا بۇغداينى سېتىشتا ئارپىنىڭ مىقدارى ئارتۇق بولسا ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. لېكىن نېسى سېتىشقا بولمايدۇ»[23].
ئەبۇ مىنھال مۇنداق دەيدۇ: مەن بەرائ ئىبن ئازىب ۋە زەيد ئىبن ئەرقەمدىن پۇلنى پۇلغا سېتىش توغرۇلۇق سورىدىم. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى يەنە بىرى ئۈچۈن: ئۇ مەندىن ياخشى، دېدى ۋە ھەر ئىككىسى مۇنداق دېدى:
«نَهَى رَسُولُ اللَّهِ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ بَيْعِ الذَّهَبِ بِالْوَرِقِ دَيْنًا»
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) ئالتۇننى كۈمۈشكە نېسى سېتىشتىن توستى»[24].
ئەلى (ر.ز)نىڭ رىۋايەت قىلىشىچە رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
«الدِّينَارُ بِالدِّينَارِ وَالدِّرْهَمُ بِالدِّرْهَمِ لَا فَضْلَ بَيْنَهُمَا فَمَنْ كَانَتْ لَهُ حَاجَةٌ بِوَرِقٍ فَلْيَصْطَرِفْهَا بِذَهَبٍ وَمَنْ كَانَتْ لَهُ حَاجَةٌ بِذَهَبٍ فَلْيَصْطَرِفْهَا بِالْوَرِقِ وَالصَّرْفُ هَاءَ وَهَاءَ»
«دىنار دىنارغا، دىرھەم دىرھەمگە سېتىلسا ئىككىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئارتۇقلۇق بولسا بولمايدۇ. كىمنىڭ كۈمۈشكە ئېھتىياجى بولسا، ئۇنى ئالتۇنغا تېگىشسۇن. كىمنىڭ ئالتۇنغا ئېھتىياجى بولسا، ئۇنى كۈمۈشكە تېگىشسۇن. پۇل تېگىشىش ئالغىن، بەرگىن، شەكلىدە بولىدۇ»[25].
ئۇبادە ئىبن سامىت مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَمَرَنَا أَنْ نَبِيعَ الذَّهَبَ بِالْفِضَّةِ وَالْفِضَّةَ بِالذَّهَبِ وَالْبُرَّ بِالشَّعِيرِ وَالشَّعِيرَ بِالْبُرِّ يَدًا بِيَدٍ كَيْفَ شِئْنَا».
«رەسۇلۇللاھ (ئە.س) بىزنى كۈمۈشكە ئالتۇننى، ئارپىغا بۇغداينى، ۋە بۇغدايغا ئارپىنى نەقمۇنەق بولۇش شەرتى بىلەن خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرۇدى»[26].
ئابدۇراھمان ئىبن ئەبى بەكرە دادىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ:
«نَهَى النَّبِيُّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَنْ الْفِضَّةِ بِالْفِضَّةِ وَالذَّهَبِ بِالذَّهَبِ إِلَّا سَوَاءً بِسَوَاءٍ وَأَمَرَنَا أَنْ نَبْتَاعَ الذَّهَبَ بِالْفِضَّةِ كَيْفَ شِئْنَا وَالْفِضَّةَ بِالذَّهَبِ كَيْفَ شِئْنَا. فسأله رجل فقال: يدا بيد؟ فقال: هكذا سمعت».
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈمۈشنى كۈمۈشكە، ئالتۇننى ئالتۇنغا سېتىشتىن مەنئى قىلدى. پەقەت ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولسا سېتىشقا رۇخسەت قىلدى. بىزنى كۈمۈشكە ئالتۇننى خالىغىنىمىزچە، ئالتۇنغا كۈمۈشنى خالىغىنىمىزچە سېتىشقا بۇيرۇدى»[27]. بىر كىشى: قولدىن قولغىمۇ؟ (نەقمۇنەق؟) دەپ سورىغان ئىدى، «مەن شۇنداق ئاڭلىدىم» دېدى[28].
ئىبن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ:
مەن ئالتۇننى كۈمۈشكە ياكى كۈمۈشنى ئالتۇنغا ساتاتتىم. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ يېنىغا كېلىپ بۇ ئىشنى سورىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
«إِذَا بَايَعْتَ صَاحِبَكَ فَلَا تُفَارِقْهُ وَبَيْنَكَ وَبَيْنَهُ لَبْسٌ».
«بىرى بىلەن ئۇنداق سودا قىلىشساڭ سەن بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ھېساب قالسا ئۇنىڭدىن  ئايرىلما»[29].
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك پەقەت ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ۋە بۇغداي بىلەن ئارپا پەرقلىق جىنس ھېسابلىنىدۇ. بۇلار بىر-بىرىنىڭ ئورنىدا تۇرالايدىغان ماللاردۇر. بۇ ھەقتە كېيىنچە تەپسىلىي توختىلىمىز، ئىنشائاللاھ.
3- پۇللارنى كۈندىلىك باھاسى بىلەن تېگىشىش
ئىبن ئۆمەر (ر.ز) مۇنداق دەيدۇ: «مەن بەقىدە[30] تۆگە ساتاتتىم، دىنارغا سېتىپ دىرھەم، دىرھەمگە سېتىپ دىنار ئالاتتىم. بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ يېنىغا كەلدىم، ئۇ ھەفسىنىڭ ئۆيىدە ئىدى، مەن ئۇنىڭغا: يا رەسۇلەللاھ! رۇخسەت قىلىسلا بىر نەرسە سورىماقچى ئىدىم: مەن بەقىدە تۆگە ساتىمەن، دىنارغا سېتىپ دىرھەم، دىرھەمگە سېتىپ، دىنار ئالىمەن، بۇنىڭ ئورنىغا ئۇنى ئالىمەن، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇنى بېرىمەن، دېدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:
«لَا بَأْسَ أَنْ تَأْخُذَهَا بِسِعْرِ يَوْمِهَا مَا لَمْ تَفْتَرِقَا وَبَيْنَكُمَا شَيْءٌ».
«شۇ كۈننىڭ باھاسى بىلەن ئالساڭ بولىدۇ. سېتىۋالغۇچى بىلەن ئارڭلاردا ھېسابتىن بىر نەرسە قويۇپ ئايرىلىپ كەتمىسەڭلارلا بولىدۇ»[31].
3- تائامغا تائام
مەئمەر ئىبن ئابدۇللاھ خىزمەتچىسىگە «بۇنى سېتىپ پۇلىغا ئارپا ئال» دەپ بىر سا[32] بۇغداي بېرىپ، ئۇنى بازارغا ئەۋەتتى. خىزمەتچى كەتتى ۋە بىر سادىن ئارتۇقراق ئارپا ئېلىپ قايتتى. مەئمەر ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «نېمىشقا بۇنداق قىلدىڭ؟ بارغىن، ئۇنى قايتۇرۇپ بەرگىن، ئوخشىشى ئوخشىشىغا بولمىسا ئالما. چۈنكى مەن رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:
«الطَّعَامُ بِالطَّعَامِ مِثْلًا بِمِثْلٍ»
«تائامغا تائام ئوخشىشى ئوخشىشىغا سېتىلىدۇ»
ئۇ كۈن تائامىمىز ئارپا ئىدى. «ئۇ ئۇنىڭ ئوخشىشى ئەمەسقۇ!» دېيىلگەن ئىدى، ئوخشاپ قېلىشىدىن قورقىمەن، دېدى[33].
«تاجۇلئەرۇس»تا دېيىلىشىچە ھىجاز خەلقى «تائام» دېگەن سۆزنى  باش-ئاخىرىغا بىر نەرسە قوشماي سۆزلىسە بۇغداي دېمەكچى بولىدۇ[34]. ئەبۇ سەئىد (ر.ز)نىڭ مۇنۇ ئىپادىسى بۇنى تەكىتلەيدۇ: بىز فىترە سەدىقىسىنى تائامدىن بىر سا ياكى ئارپىدىن بىر سا ياكى خورمىدىن بىر سا ياكى قۇرۇتتىن[35] بىر سا ۋە ياكى قۇرۇق ئۈزۈمدىن بىر سا بېرىپ ئادا قىلاتتۇق[36]. بۇ يەردە تائام دېگەن سۆزدىن بۇغداينىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقى ئېنىقتۇر.   

[1]– بەقەرە 2/275.

[2]– مۇسلىم، مۇساقات 82 (1584).

[3]– بۇخارى، بۇيۇئ 78؛ مۇسلىم مۇساقات 75 (1584)؛ نەسائى، بۇيۇئ 47.

[4]– مۇسلىم، مۇساقات 77 (1585).

[5]– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349)؛ نەسائى، بۇيۇئ 4563.

[6]– نەسەئىي، بۇيۇئ 43.

[7]– رەڭگىلىرى تۈرلىرى، جىنسلىرى، دېگەن بولىدۇ. بۇنى كېيىنكى ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ.

[8]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 83 (1588)، نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 42؛ ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 2/232. تېكىست ئەھمەد ئىبن ھەنبەلنىڭ مۇسنەدىدىن ئېلىندى.

[9]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 84 (1588)؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 45.

[10]– دىنار ئالتۇندىن قۇيۇلغان پۇل.

[11]– دىرھەم كۈمۈشتىن قۇيۇلغان پۇل.

[12]– مۇسلىم، سەھىھ، مۇساقات 84 (1588)؛ نەسائى، سۇنەن، بۇيۇئ 45.

[13]– بۇخارى، بۇيۇئ 76.

[14]– مۇسلىم، مۇساقات 89 (1591).

[15]– مۇسلىم، مۇساقات 90 (1591).

[16]– مۇسلىم، مۇساقات 91 (1591)

[17]– نەسائى، بۇيۇئ 48.

[18]– مۇسلىم، مۇساقات 92 (1591).

[19]– مۇسلىم، مۇساقات 86 (1591)؛ نەسائى، بۇيۇئ 49.

[20]– مۇسلىم، مۇساقات 78 (1585).

[21]– بۇخارى، بۇيۇئ 77.

[22]– مۇسلىم، مۇساقات 81 (1583).

[23]– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 12 (3349).

[24]– بۇخارى، بۇيۇئ 80.

[25]– ئىبن ماجە، تىجارات 78 (2261).

[26]– نەسائى، بۇيۇئ 43.

[27]– بۇخارى، بۇيۇئ 81.

[28]– مۇسلىم، مۇساقات 88 (1590).

[29]– نەسائى، بۇيۇئ 51.

[30]– ھازىر مەدىنە قەبرىستانلىقى بولغان يەر.

[31]– ئەبۇ داۋۇد، بۇيۇئ 14 (3354).

[32]– سا بىر ئۆلچەم بىرلىكىدۇر. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ دەۋرىدە ئىشلىتىلگەن سا 693 دىرھەم ۋە 1/3 دىرھەم ئېغىرلىقىدا بۇغداي سىغىدىغان بىر قاچا ئىدى. بۇنىڭ چوڭلۇقى جايلارغا قاراپ ئۆزگىرىدۇ. سائى ئىراقى دېيىلىدىغان ۋە ھەنەفىيە مەزھىپى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان سا 1040 دىرھەم، يەنى تەخمىنەن ئۈچ كىلو (2920 گىرام) ئېغىرلىقىدا ئارپا ۋە بۇغداي سىغىدىغان بىر ئۆلچەمدۇر. (قاراڭ: ئۆمەر ناسۇھى بىلمەن، ھوقۇقى ئىسلامىي ۋە ئىستىلاھاتى فىقھىيە قامۇسى، ئىستانبۇل 1969، 4/125 ۋە داۋامى).

[33]– مۇسلىم، مۇساقات 93 (1592).

[34]– مۇھەممەد مۇرتەزا ئەززەبىدى، تاجۇلئەرۇس، مىسىر، 1306، تائام ماددىسى.

[35]– قۇرۇت قۇرۇق قېتىق دېگەن بولىدۇ.

[36]– بۇخارى، زاكات 73.

ئاۋات يازمىلار

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكتىمىزنىىڭ يېڭى مەزمۇنلىرىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىقمۇ خەۋەردار بولالايسىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىدا

تور بىكىتىمىزدىكى يېڭىلىقلاردىن ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.

سەھىپىلەر