باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
مەسىلىنى ئوبدان چۈشىنىش ئۈچۈن قەرز ۋە ئۆتنە، ئۆسۈملۈك قەرز، قەرەل پەرقى، پۇل بازىرى ۋە مال بازىرى قاتارلىق تېرمىنلەرنى بىلىش كېرەك.
1- قەرز ۋە ئۆتنە
قەرز (دەين) بىر توختامدىن ياكى بىر تۆلەمدىن زىممىگە يۈكلەنگەن تۆلەش يۈكىدۇر. ئۆتنە (قەرز) ئىشلىتىپ كېيىن ئوخشىشىنى قايتۇرۇش شەرتى بىلەن ئېلىنغان نەرسىدۇر. ھەر ئۆتنە قەرزدۇر، ھەر قەرز ئۆتنە ئەمەستۇر. كېيىن تۆلەش شەرتى بىلەن ئېلىنغان ئىككى كەمچەن بۇغداي ھەم قەرز، ھەم ئۆتنىدۇر. ئۇ بۇغداي ئىككى ئالتۇنغا نېسى ئېلىنسا بۇ ئىككى ئالتۇن قەرزدۇر، ئۆتنە ئەمەستۇر.
كىشى ئالغان ئۆتنىنى ئۆز مېلىغا ئوخشاش ئىشلىتىدۇ، كېيىن ئۇنىڭ ئوخشىشىنى تۆلەيدۇ. مەسىلەن: 100 گىرام ئالتۇن ياكى بىر كىلو بۇغداي ئۆتنە ئالغان كىشى ئۇنى ئىشلىتىدۇ، ئاندىن باشقا بىر 100 گ ئالتۇننى ياكى باشقا بىر بىر كىلو بۇغداينى تۆلەپ قەرزدىن قۇتۇلىدۇ. ئۆتنە ئاساسەن قىيىنچىلىقتا قالغانلارغا بېرىلىدۇ. رەسۇلۇللاھ (ئە.س)نىڭ مۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىدۇ:
«ھەر ئۆتنە سەدىقىدۇر»[1].
«كىم قىيىنچىلىقتا قالغان بىر كىشىنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋەتسە ئاللاھ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ»[2].
ئۆتنە كەم-زىيادە قىلىنماستىن تۆلىنىدۇ. ئۆتنىدىن ھاسىل بولغان قەرزىنى كۆڭلىدىن كېلىپ ئارتۇق تۆلىگەن كىشى ياخشى بىر ئىش قىلغان بولىدۇ. بۇ بىر كېلىشىمگە ئاساسلانمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆسۈم بولمايدۇ. ئۆسۈمسىز ئۆتنە «قەرز ھەسەن» دەپ ئاتىلىدۇ.
2- پۇل بازىرى ۋە مال بازىرى
  تىجارەت مالدا، جازانىخورلۇق ئاساسەن پۇلدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئۈچۈن جەمئىيەتتە پەرقلىق ئىككى بازار شەكىللەنگەن: ئۇلارنىڭ بىرى پۇل بازىرىدۇر، يەنە بىرى مال بازىرىدۇر. پۇل بازىرىدا پۇل، پاي چېكى ۋە ئاكسىيە قاتارلىقلارنىڭ سودىسى قىلىنىدۇ. مال بازىرىدا مال، ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلات ۋە خىزمەت قاتارلىقلارنىڭ سودىسى قىلىنىدۇ. بۇ ئىككى بازاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇئامىلەرنىڭ ئارىسىدا ئوخشاشلىقلار بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىيدىغان نەرسە ئۆسۈمدۇر.
مال بازارلىرى ئۆزگىرىشچان، پۇل بازارلىرى مۇقىم بولىدۇ. باھالار مال بازىرىدا، ئۆسۈم پۇل بازىرىدا شەكىللىنىدۇ. مال بازارلىرىنىڭ ئۆزگىرىشچان بولۇشى ئىشنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئېلىم-سېتىمدا پەرقلىق نەرسىلەر تېگىشتۈرۈلگەنلىكى ئۈچۈن تەرەپلەر ئورتاق نۇقتىدا ئىتتىپاقلىشىشقا تىرىشىدۇ. بۇ ئورتاق نۇقتا باھادۇر. باھا بازارغا قاراپ شەكىللىنىدۇ. بىر يەردە 15 لىرا بولغان بىر مال باشقا بىر يەردە 5 لىرا بولۇشى مۇمكىن.
پۇل بازارلىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىمۇ ئىشنىڭ تەبىئىتىدۇر. چۈنكى ئۆسۈم مۇئامىلىسىدە بەدەللەر ئەينى ئالاھىدىلىكتە بولىدۇ. ئىشچىنىڭ يا سودىگەرنىڭ ۋە ياكى سانائەتچىنىڭ قولىدىكى 100 لىرا بىلەن بانكىنىڭ ساندۇقىدىكى 100 لىرا ئەينىدۇر. بۇ سەۋەبتىن ئۆسۈم مۇئامىلىسى باي مەھەللىسىدە قىلىنسىمۇ، پېقىر مەھەللىسىدە قىلىنسىمۇ ئۆسۈم نىسبىتى ئۆزگەرمەيدۇ.
ئېلىم-سېتىمنىڭ نېقىمۇ بولىدۇ، نېسىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئۆسۈم مۇئامىلىسىنىڭ نېقى بولمايدۇ.
ئىنسانلار بىر قەلەم پۇلىدەك ئاز پۇلنى ئۆسۈم تۆلەپ ئالمايدۇ، بەلكىدە ئۆسۈملۈك قەرزلەر چوڭ مىقدارلاردا بولىدۇ. بانكىلارنىڭ قۇرۇلۇش مەقسەتلىرىنىڭ بىرى ئاز مىقداردىكى پۇللارنى يىغىپ زور مەبلەغلەرنى شەكىللەندۇرمەكتۇر.
سېتىۋېلىنىدىغان مالنىڭ مىقدارى كۆپەيگەنسېرى باھاسى چۈشىدۇ. مەسىلەن: دانىسى بىر لىرادىن سېتىلىۋاتقان قەلەمنىڭ بىر باغلىمىنى 9 لىرادىن ئالغىلى بولىدۇ. سېتىۋېلىنىدىغان قەلەمنىڭ مىقدارى 10 قاپ بولسا دانىسى 8 لىراغا، 100 قاپ بولسا 7 لىراغا چۈشۈشى مۇمكىن. چۈنكى تىجارەتچى قانچىلىك كۆپ مال ساتسا شۇنچىلىك كۆپ پايدا تاپىدۇ. لېكىن ئۆسۈملۈك قەرزدە (كرېدىتتە) ئەھۋال ئەكسىچىدۇر. كىرېدىت مىقدارى كۆپەيگەنسېرى ئۆسۈم مىقدارىمۇ كۆپىيىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇ: كرېدىتنىڭ مىقدارى قانچىلىك كۆپ بولسا قايتۇرۇۋالالماسلىق خەتىرىمۇ شۇنچىلىك چوڭ بولىدۇ.
3- قەرەل پەرقى
قەرەل پەرقى بىر مالنىڭ نەق باھاسى بىلەن نېسى باھاسى ئارىسىدىكى پەرقتۇر. بۇنىڭ ئۆسۈم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. چۈنكى بۇ قەرزدىن كىرىم قولغا كەلتۈرگەنلىك ئەمەس، بەلكىدە بىر ئېلىم-سېتىم تۈرىدۇر. توپ بىلەن پارچە باھا ئارىسىدا قانداق باھا پەرقى بولسا، نەق بىلەن نېسى ئارىسىدىمۇ شۇنداق باھا پەرقى بولىدۇ. ئىشنىڭ شەكلى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ مەسىلە ئايرىم بىر ماۋزۇ ئاستىدا تەتقىق قىلىنىدۇ.
ئېلىم-سېتىم ئاساسەن نەق بولىدۇ ۋە ساتقۇچى ئۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ. لېكىن دەرھال قايتۇرۇلىدىغان قەرزنىڭ ئۆسۈمى بولمايدۇ. قەرزدىن كىرىم قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن قەرز ئالغۇچىغا زامان (قەرەل) بېرىش شەرتتۇر. ساتقۇچى 8 لىراغا ئالغان بىر مالنى دەرھال شۇ يەردە نەق 10 لىراغا سېتىپ 2 لىرا پايدا ئېلىشى مۇمكىن. لېكىن بۇ شەكىلدە بىر جازانىخورلۇق كىرىمى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن بولمايدۇ.

[1]– ئابدۇلئەزىم ئىبن ئابدۇلقەۋى ئەلمۇنزىرى، ئەتتەرغىب ۋەتتەرھىب، قاھىرە، 1356 ھ، 1937 م، 2/163، ھەدىس ھەسەن سەنەد بىلەن رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۇ ھەدىسنى تەبەرانى ۋە بەيھەقىلەرمۇ رىۋايەت قىلىدۇ.

[2]– مۇسلىم، زىكىر 38؛ ئەبۇ داۋۇد، ئەدەب 60؛ تىرمىزى، بىرر 19.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ