باش بەت > تەتقىقاتلار > قۇرئان تەتقىقاتلىرى  يوللىغۇچى: ، ۋاقتى:
ب- جازانىخورلۇق قىلىش ئاللاھقا ۋە رەسۇلۇللاھقا قارشى ئۇرۇش ئاچقانلىقتۇر
ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ:
«يَا أَيُّهَا الَّذِينَ آمَنُوا اتَّقُوا اللَّهَ وَذَرُوا مَا بَقِيَ مِنَ الرِّبَا إِنْ كُنْتُمْ مُؤْمِنِينَ. فَإِنْ لَمْ تَفْعَلُوا فَأْذَنُوا بِحَرْبٍ مِنَ اللَّهِ وَرَسُولِهِ وَإِنْ تُبْتُمْ فَلَكُمْ رُءُوسُ أَمْوَالِكُمْ لَا تَظْلِمُونَ وَلَا تُظْلَمُونَ»
«ئى مۇئمىنلار! ئەگەر مۇئمىن بولساڭلار ئاللاھدىن قورقۇڭلار ۋە قېلىپ قالغان ئۆسۈمنى ئالماڭلار. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى تەرىپىدىن سىلەرگە ئۇرۇش ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ قويۇڭلار. ئەگەر تەۋبە قىلساڭلار ئەسلى ماللىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭدۇر. زۇلۇممۇ قىلمايسىلەر، زۇلۇمغىمۇ ئۇچرىمايسىلەر»- بەقەرە 2/278-279.
ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ھاياتلىق قانۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش دېمەكتۇر. قانۇنلارنى ئاللاھ بېكىتكەنلىك ئۈچۈن ئۇ قانۇنلارنى بىكار قىلىشقا ئۇرۇنۇش ئاللاھقا ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا قارشى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىقتۇر. ئۇرۇشتىن كېلىپ چىقىدىغان يامان ئاقىۋەتلەر بىر ئايەتتە سەبەئ مەلىكىسىنىڭ سۆزى بولۇپ، مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:
«قَالَتْ إِنَّ الْمُلُوكَ إِذَا دَخَلُوا قَرْيَةً أَفْسَدُوهَا وَجَعَلُوا أَعِزَّةَ أَهْلِهَا أَذِلَّةً وَكَذَلِكَ يَفْعَلُونَ»
«ئايال مۇنداق دېدى: شۈبھىسىزكى، پادىشاھلار بىر كەنتكە كىرسە ئۇ يەرنى بۇزىدۇ ۋە ئۇ يەرنىڭ مۆتىۋەر كىشىلىرىنى خار قىلىدۇ. ئۇلارمۇ شۇنداق قىلىدۇ»- نەمل 27/34.
يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغاندەك ئۆسۈم ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى ۋە ئىنسانلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بۇزۇۋېتىدۇ، كىرىم ۋە بايلىقنىڭ تەڭپۇڭسىز تەقسىم قىلىنىشىغا، ئوتتۇرا تەبىقە قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئېرىپ تۈگىشىگە، بايلار بىلەن پېقىرلارنىڭ ئارىسىدا زور پەرقلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەبچى بولىدۇ، بىر تەرەپ قىيىنچىلىقلار ئىچىدە جان تالىشىدۇ، يەنە بىر تەرەپ ئاسان پۇل تېپىشىنىڭ كەيپىنى سۈرىدۇ، جېدەل-ماجىرالار ۋە ئىجتىمائىي داۋالغۇشلار چىقىدۇ، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى ئاجىزلايدۇ، ئاجرىشىشلار كۆپىيىدۇ، ئۆيدىن قاچقان باشباشتاق بالىلار، پاناھسىز ئىنسانلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەخلاق ۋە پەزىلەتنىڭ قىممىتى قالمايدۇ، پېقىرلارغا ئاتىدارچىلىق قىلىدىغان بايلار ئاز قالىدۇ، مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت تۇيغۇلىرى تۈگەيدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قۇرۇلغان مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلىدۇ، ئۈمىدسىزلەرنىڭ ۋە جىنايەتچىلەرنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.
ئۆسۈم مال باھالىرىنى ئۆستۈرۈپ پۇلغا بولغان ئېھتىياجنى ئارتتۇرىدۇ. يۇقىرىدا %5 ئۆسۈم بىلەن بانكىغا پۇل قويغان پۇل ئىگىلىرىنىڭ 7 يىلدا %50 ئەتراپىدا پايدا ئالغاندەك كۆرۈنىدىغانلىقى، لېكىن مال باھالىرى ئۆسۈپ كەتكەنلىكتىن ئەسلىدە %60 ئەتراپىدا زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. پۇلىنى بانكىغا قويمىغانلارنىڭ زىيىنى تېخىمۇ كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن: شېكەرنىڭ كىلوسى 50 سىنت چاغدا 50 لىراغا 100 كىلو شېكەر كېلىدىغان تۇرۇقلۇق، ئۆسۈم سەۋەبى بىلەن 7 يىل كېيىن بىر كىلو شېكەر 195 سىنىتقا چىقىدۇ، شۇنداقلا 50 لىراغا تەخمىنەن 26 كىلو شېكەر ئالغىلى بولىدۇ. چۈنكى پۇل شېكەرنىڭ ئالدىدا %74 ئەتراپىدا قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. پۈتۈن ماللارنىڭ باھالىرى ئەنە شۇنداق ئۆسۈپ كەتسە مال-پۇل تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان بولىدۇ ۋە بازاردا ئەڭ ئاز %74 نىسبىتىدە يېڭى پۇلغا ئېھتىياج ھېس قىلىنىدۇ. ئامبارلارغا مال توشۇپ كېتىدۇ، خەلق  ئېھتىياجلىق تۇرۇقلۇق يېتەرلىك پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئالالمايدۇ. مال ۋە خىزمەتلەر خېرىدارسىز، ئىنسانلار چارىسىز قالىدۇ. خەلقنىڭ پۇلىنى ئۆسۈم يولى بىلەن قولغا كەلتۈرگەنلەر بولسا كرېدىت بېرىدىغانغا ئادەم تاپالمايدىغان بولىدۇ. خەلق ئۇلارنى بۇ قىيىنچىلىقنىڭ جاۋابكارى دەپ چۈشىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئارامچىلىق تاپالمايدۇ. ئۇلار مۇنۇ ئايەت بىلەن ئاگاھلاندۇرۇلغان:
«وَالَّذِينَ يَكْنِزُونَ الذَّهَبَ وَالْفِضَّةَ وَلاَ يُنفِقُونَهَا فِي سَبِيلِ اللّهِ فَبَشِّرْهُم بِعَذَابٍ أَلِيمٍ»
«ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا كەلسەك، ئى مۇھەممەد! سەن ئۇلارغا ئەلەملىك بىر ئازاب بىلەن خۇش خەۋەر بەرگىن»- تەۋبە 9/34.
ئەلەملىك ئازاب ئالدى بىلەن دۇنيادا بولىدۇ. ئىنفاق[1] بولمىغان يەردە ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق، ئانارخىزم ۋەھاكازالار مەيدانغا كېلىدۇ. ئىنسانلار مال ۋە جانلىرىنى قوغداشتا قىينىلىدۇ. ماللىرىدىن ئىنفاق قىلمىغانلارغا ئاخىرەتتىمۇ ئەلەملىك ئازاب بار.
قەغەز پۇل سىستېمىسىدا پۇل بېسىش ئاسان بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەتلەر بۇ ئېھتىياجنى پۇل بېسىپ ھەل قىلىدۇ. يۇقىرىدىكى مىسالىمىزدا ئايلىنىۋاتقان پۇل 2 مىليون، بازارغا تەڭپۇڭلۇقنى قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن 1 مىليون 480 مىڭ لىرا پۇل بېسىش ۋە ئۇنى ئۆسۈمدىن زىيان تارتقان تەبىقىگە تارقىتىش كېرەك، لېكىن ھۆكۈمەت ئۇنداق قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇ پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۆزىگە يېقىن بولغانلارغا مەبلەغ سېلىشقا تەشۋىق قىلىش باھانىسى بىلەن ياكى باشقا باھانىلەر بىلەن تارقىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭپۇڭلۇقلار بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. ھۆكۈمەتكە يېقىن بىرقانچە كىشى قىسقا مۇددەتتە زور بىر سەرمايىگە ھۆكۈم قىلىشقا باشلايدۇ، بەزى سىياسىيونلار ۋە بىيۇروكراتلار ئۇلارنىڭ مەخپىي شېرىكلىرى بولىدۇ.
بايلار پۈتۈن مال ۋە خىزمەتلەرنى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىش ئۈچۈن سىرتتىن كەلتۈرگەن سۈپەتسىز مەھسۇلاتلىرىنى ئەرزان سېتىپ ئۇششاق تىجارەتچىلەرنى ۋە دېھقانلارنى تۈگىتىدۇ. ئىنسانلار ئىش تېپىش ئۈمىدى بىلەن دۆلەتنىڭ ۋە بايلارنىڭ ئىشىكىگە كېلىدۇ. بەك يۇقىرى ۋە بەك تۆۋەن كىرىملىرى بولغان زىت قۇتۇپلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.
بايلار ئىشلەپچىقارغان مال ۋە خىزمەتلىرىنىڭ باھالىرىنى ئۆستۈرىدۇ. بۇ سەۋەب بىلەن مال ئالدىدا پۇل مىقدارىنىڭ كۆپىيىشى (پۇل پاخاللىقى) ئۇلارنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. مەسىلەن: 1000 لىرا قەرزىنى تۆلەش ئۈچۈن 7 يىل ئىلگىرى 2 توننا شېكەر ساتقان بىر باي، ھازىر 513 كىلو ساتسا يېتىدۇ.
بۇنداق شارائىتتا قەرزدار پايدا ئالىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن قەرەلى توشقاندا تۆلەنمىگەن قەرزلەرنىڭ سانى ۋە مىقدارى كۆپىيىدۇ. بۇنىڭدىن ئەڭ كۆپ بانكىلار تەسىرگە ئۇچرايدۇ ۋە ئۆسۈملەرنى ئارتتۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش ناھايىتى قىيىنلىشىپ كېتىدۇ.
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دېگەن:
 «ھالاك قىلغۇچى يەتتە نەرسىدىن ساقلىنىڭلار».
ساھابىلەر: «يا رەسۇلۇللاھ! ئۇلار قايسىلار؟» دەپ سورىدى، رەسۇلۇللاھ (ئە.س) مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:
«ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈش، سېھىرگەرلىك قىلىش، ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش، جازانە يېيىش، يېتىملەرنىڭ مېلىنى يەۋېلىش، ئۇرۇش مەيدانىدىن قېچىش ۋە يامان ئىشتىن بىخەۋەر ئىپپەتلىك مۆمىنەلەرگە بوھتان چاپلاشتۇر»[2].
رەسۇلۇللاھ (ئە.س) يەنە مۇنداق دېگەن:
 «ئاللاھ جازانە يېگۈچىگە ۋە جازانە يېگۈزگۈچىگە لەنەت قىلسۇن!»[3].
«مەن مېراجغا چىققان كېچىلىكتە بىر ئادەمنى كۆردۈم: بىر ئۆستەڭدە ئۈزۈۋاتاتتى ۋە ئۇنىڭغا تاش يۇتقۇزۇلۇۋاتاتتى. ‹بۇ كىم؟› دېدىم، ‹جازانە يېگۈچى› دېيىلدى»[4].
«پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆسۈم يېگۈچىنى، ئۆسۈم يېگۈزگۈچىنى، ئۆسۈم مۇئامىلىسىگە گۇۋاھ بولغۇچىنى ۋە ئۇنى يېزىپ بەرگۈچىنى، مەڭ چېكىپ قويغۇچى ۋە چەكتۈرگۈچى خوتۇنلارنى، سەدىقىگە توسالغۇ بولغۇچىنى، تەلىگە خوتۇن ئالغۇچىنى ۋە تەلىگە خوتۇن بەرگۈچىنى لەنەتلىدى. ئۆلۈكنىڭ ئارقىسىدىن يىغلاشنى مەنئى قىلدى»[5].

[1]– ئاللاھنىڭ يولىدا مال سەرپ قىلىش.

[2]بۇخارى، ۋەسايا 23؛ مۇسلىم، ئىمان 145.

[3]– بۇخارى، بۇيۇئ 25؛ مۇسلىم، مۇساقات 105؛ ئاللاھنىڭ لەنەت قىلىشى رەھمىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشى ۋە ئىنئام قىلماسلىقىدۇر.

[4]– ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 5/10.

[5]– ئەھمەد ئىبن ھەنبەل، مۇسنەد 1/87- ۋە 394- بەتلەر.


مۇسۇلمانلار تورى، ئاللاھ، ئاللا، قۇرئان كەرىم، مۇسۇلمان، مۇسۇلمانلار، قۇرئان، ھەدىس، ئىلىم، دىن، ئۇيغۇر، ئۇيغۇرچە، فېترەت، فىترەت، تەبىئەت، ئادەم، پەيغەمبەر، رەسۇل، نەبى، شېئىر، ئۆلىما، مەزھەپ، پەتىۋا، سۇئال، جاۋاب، ئىلمىي، تەتقىقات، ماقالە، يازمىلار، يازما، ئۇلىنىش، ئالاقىلىشىڭ